مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ARKZAT

Menggutash بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 999
يازما سانى: 1356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107745
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 4409 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 12:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈتاش ئەپەندىنى ئاز بولسىمۇ چۈشنىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ئەجىركارلارغا تەشەككۈر!

مەڭگۈتاش ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت يار بولسۇن!

مەن ئاپامنىڭ ئاپئاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.......

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1981
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12079
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8708 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 01:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  مەڭگۈتاش ئەپەندى. ھەم  ئەركزات  ئەپەندىم.
تولمۇ ئەھميەتىلك  تىما بوپتۇ. مۇنبەر  ئارقىلق.مەڭگۈتاش ئەپەندىم  بىلەن  تونۇشقانلىقىمزىدىن  تولمۇ  خۇشالمەن.
ھەم  مەڭگۈتاش ئەپەندىمىنڭ  بىز  بىلەن  ئىنكاس ئارقلىقىمۇ  ئانچە مۇنچە
پىكر  ئالماشتۇرۇپ  تۇرشىنى  ئۇمۈد  قىلمەن.
شۇنىڭ  بىلەن بىرىگە  ئانسغا  ئۇزۇن  ئۆمۇر  تىلەش  بىلەن  بىرىگە
ئائلسگە  بەخت  تىلەيىمەن.

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 02:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام مۇ ئەلەيكۇم  مەڭگۇ تاش  ئەپەندى   تىرناق ئىچىگە ئالالمىدىم  [s:152]  [s:152]
سىزنىڭ بۇنداق تېتىملىق سۆزقابىلىيىتىڭىز دىن مەن بەكسۇيۇندۇم  راسدەيسىز قۇرۇق چەلەك بەك تاراڭشىيدۇ   بۇكونىلانىڭ بىزگە قالدۇرغان ناھايىتى  توغۇر سۆزى   مەن بۇنى ئەمدى تۇشەنگەندەك بولدۇم   يېشىممۇ 20گە كىردى  لىكىن ئەقل سەۋىيەم  ئويلىسەم  10~11 ياشلىق باللا نىڭكىدەك  ھېسقىپقالدىم  سىزنىڭ بۇ سەيىپىگە قاتناشقانلىقىڭىزدىن  مەن بەك سۇيۇندۇم  مىنىلا ئويغۇتۇپ قويغاندەك بولدىڭىز  سىز گە كوپتەشەككۇر    ئاللاھ دىن تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن   
يانا سىزنىڭ بالا تەربىيىسىگە بولغان كۆزقارىشىڭىز غا مەن بەك قايىل بولدۇم   ھەربىر بالا  تۇغۇلغاندا  ئېگىسىنى تۇنىتىش بىلەن باشلىسا نېمە دىگەن ياخشى   شۇنداق بىر قاراي دىغان بولساق  جەمىيەتتىكى ياش ئاتا ئانىلا غا قاراپ شۇنداق  كۆڭلۇم سۇۋۇيدۇ  بىرە ئويلايمەن مۇشۇ بالا چوڭبولسا قانداق راق ئادەم بۇلۇپ چىقا   ھەي  ئىش بىزگە باقمايدىكەن   ئاللاھ دىن شۇلانىڭ قەلبىگە ئىنساپ بىرىشتىن باشقا  ئامالىم يوق كەن  
بولسا ياش ئاتا ئانانىلا باللىرىڭلاغا ھەدىس شەپ بۇيىچە تەبىلىسەڭلا    مەن بەك سۇيۇنەتتىم   كۆپسۆزلەپ قويدۇم سەۋىيەم چەكلىك بوپقالدى  بولسا مەڭگۇتاش ئەپەندىم بىلەن سۆھپىتىمىز  توختاپ قالمىسا  ئۇمۇدۇم شۇ     [s:173]  [s:173]

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6243 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:09:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۈرمەتلىك تورداشلار. ئىنكاسلار ۋە مەدەتلەردىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. ئەلۋەتتە، بۇ سۆھبەت كۆڭۈل بايانلىرىمنىڭ ئاز قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مىسرانىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشلەر ئەمەلگە ئاشقۇسى.

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10159
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63981
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7999 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەڭگۈتاش ئەپەندى.  قۇمۇلدىن شۇنچە ئېسىل يازغۇچىلار چىقامدۇ ، بىزنىڭ قارامايدىكى قۇمۇللۇق ئارىسلان تالىپكاممۇ تېگى قۇمۇلدىن . تۆۋەندىكى سۆزلىرىڭىز ۋۇجۇجۇدۇمنى تىترەتتى ھەم سىزگە قايىللىقىمنى ئاشۇردى.


تاش چۆككەنسېرى جىمىپ كەتكەندەك، مەنمۇ بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگەنسېرى ئىلىمسىز سۆزلەشنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. يەڭگىلتەكلىك، دەلىلسىز سۆزلەش ئاقىۋەتتە نادامەت ئېلىپ كېلىدۇ.يۈزەكى، ھادىسىۋىي قاتلامدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغانلار كۆپۈك شان- شەرەپنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ساھابىلەر ھاياتىغا نەزەر تاشلىساق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا قارىي، پەتىۋا ئىلمىدا مۇجتەھىد، ئۇرۇشتا ياراملىق قوماندان، كىشىلەر ئارا مۇئامىلىدە ھاتەم ئىدى. ئۇلار زالىم ئالدىدا ھەقنى سۆزلىيەلەيدىغان، ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەيدىغان ،ھەر بىر كۈنىگە ھېساب بېرەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى. گۈزەل ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  كىمىكى ئىككى كالپۇكى بىلەن ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى ئەزالىرىنى باشقۇرۇشقا كېپىللىك بېرەلىسە، جەننەتكە كىرىشىگە كېپىللىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇلارنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت، مەن تېخى ئۈگىنىش باسقۇچىدىمەن. ئويلىماي قىلغان بىر جۈملە خاتا سۆزۈم ئۈچۈن قىيامەتتە  ھېساب بېرىمەن.

كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن . مەن يېقىندا قۇمۇلغا بېرىپ ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تولىمۇ ئاق- كۆڭۈل، بىر- بىرىنى سىلى، دەپ يېقىملىق ، مىھىرلىك سۆزلەشلىرىدىن  تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم .

ئىشلىرىڭىزغا مەڭگۈلۈك ئۇتۇق تىلەيمەن . مۇنبەردىكى ئەسەرلىرىڭىزنى ئڭقۇپ كېلىۋاتىمەن . ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغان تېمىڭىز ، < سول قوۋۇرغىلارغا ئىككى كەلىمە> دىگەن ئەسىرىڭىز بولدى . مۇشۇ تېمىڭىز سەۋەپلىك مەن ، ھاياتلىقتىكى باشقىچە ياشاش ئىستىكىدە ئويغاندىم . دلىمدكى بۇرچنى ھەقىقى ھەم تولۇقى بىلەن ھىس قىلدىم . اللە  سىزگە، ئەجرىڭىزنى بېرىش بىلەن بىرگە ئىككى ئالەملىك سائادەت ئاتا قىلسۇن!


سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7326
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8344
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1453 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 03:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق سۆھبەتلەر بۇلۇپ تۇرغاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35752
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3190
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2011-3-30
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئوغلانىمىزنى تونۇۋالغانلىقىمدىن تولىمۇ بەختلىكمەن . مەڭگۈتاش ئەپەندىگە ئاپېرىنلار بولسۇن ! قەلىمىڭىز يارمىغاي ! تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10819
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 5688 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 04:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەڭگۈتاش ئاكا.
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنىڭ "سول قوۋۇرغىلار""يېرىم دۇنيالار" ھەققىدىكى ماقالىلىرىڭىز نادىر تېما قاتارىدا تۇرغان بولسىمۇ، "يەنىلا شۇ قىز-ئاياللارنىڭ ناچارلىقى سۆزلەنگەن تېما بولىشى مۇمكىن" دېگەن خىيال بىلەن ئوقۇماي قويغانىكەنمەن.قايسى كۈنى بىر كىچىك ئىنىمىزدىن مەڭگۈتاشنىڭ كىملىكىنى سوراش ئارقىلىق يازمىلىرىنىڭ "جېنى بار"لىقىنى بىلدىم، ئاندىن تېمىلىرىڭىزنى ئىزدەپ سوراپ كۆردۈم، كۆردۈمكى، بۇ يازمىلار ئەڭ ئاددىي سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئۆزىنى ئەر،ئەركەك ساناپ يۈرگەن ئاشۇ بىر قىسىم زەيپانىلەرگە،ئۆزىنى بىر قولىدا بۆشۈك ۋە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئۇلۇغلاردىن سانىغان زامانىمىزدىكى بىر قىسىم جاھىلىيەت ئاياللىرىغا ئۇرۇلغان چىرايلىققىنە بىر تەستەك بوپتۇ. "يېرىم دۇنيا"دېگەن نېمە؟ ئۇ قوغدىلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنداقتا قانداق قوغدايمىز؟ زادى قانداق يوسۇندا ئۇلارغا مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا ئاندىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركەكلىكىنى تاپالايمىز؟ دېگەندەك مەزمۇنلار ئەكىس ئەتكەن قۇرلارنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىمدا،تۇيۇقسىز ئەسلىدىكى قائىدىنى بۇزۇپ، ماقالىڭىزنى كەلگۈسىدىكى ئۆيۈمنىڭ تۈۋرىكى بولۇش ئالدىدىكى ئاشۇ ئەركەكنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتۇپ ئاڭلىدىم، مىساللارغا ئالغان ھەدىسلىرىڭىزنى ئوقۇغاندىكى قايىللىقىنى ھېس قىلغىنىمدا خاتالاشمىغانلىقىمنى، مېنىڭ ئائىلىدىكى ۋە بىر ئەركەك ئالدىدىكى ئورنۇمنى، مەجبۇرىيىتىمنى ۋە ھوقوقۇمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن بىلدۈرگىڭىزدىن شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم.شۇ ۋەجىدىن سىزگە بىر قېتىم چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ھەم ئائىلىڭىزگە بەخت-بەرىكەت تىلەيمەن.
پەرزەنت ھەققىدىكى تەربىيىلەشكە بولغان كۆز قارىشىڭىز مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى ئاكا، مەن شۇنداق قاراشتىمەن. گەرچە 23-24يېشىمدا ئاللاھنى تونۇغان بولساممۇ كېچىكمىدىم دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۆلگۈچە بىر قېتىم پۇرسىتىم بار ئىدى ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنى تۇتۇۋالدىم. ئەلھەمدۇلىللاھ. شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن مېنىڭ ئويلىغىنىم كەلگۈسىدىكى پەرزەنتىم بولدى، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ مەن بېسىپ ئۆتكەن شۇ يوللارنى بېسىپ قېلىشىنى خالىمايمەن، چۈنكى ئىنسان تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، كىم تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلمەي ياشاش ئىنساننى ھەر تۈرلۈك چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ بارىدىكەن، ئاللاھنى تونۇغان ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن كىشىگە ھېچقانداق مۇسىبەت چوڭ بىلىنمەيدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئارتۇق چوڭ مۇسىبەت يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ نىشانىم ئەنە شۇنداق بېكىتىلدى: مەن بىر ئانا بولىدىكەنمەن، پەرزەنتىم چوقۇم ئالدى بىلەن "ئانا"نىڭ نېمىلىكىنى بىلىشى، ئۇنىڭ مېھرىگە تويۇنىشى لازىم. ئاندىن ھەممىمىزنىڭ ئاغزىمىزدىكى شوئارىمىز بويىچە پەرزەنت چوقۇم بىرىنجى ئوقۇتقۇچىسى بولمىش ئانىسىدىن ئەڭ مۇھىم تەربىيەنى يەنى ئىسلام تەربىيەسىنى ئېلىش لازىم. "جەننەت ئانىلار ئايىقى ئاستىدا"دېدۇق، ئۇنداقتا زادى قانداق ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا جەننەت بولىدۇ؟ كوچىدا كېتىپ بارغان خالىغان ئايالنىڭ ئايىقى ئاستىدا جەننەت بولامدۇ؟ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ئوردىنلىرىنى جىق قادىۋالغانغىلا شۇنداق بولامدۇ يا؟ مودىنىڭ ئالدىدا ماڭغاننىڭمۇ؟ يولدىشى بىلەن باراۋەر بولالىغانلارنىڭمۇ؟ ياق،ئەكسىنچە يولدىشى بىلەن ئىككى ئالەم بىللە ئۆتۈشكە نىيەت قىلالىغان، پەرزەنتلىرىگە ھەقنى بىلدۈرۈشكە ئىنتىلگەن، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ يولىدا تەربىيىلەپ چىقالىغان، قىسقىسى ھەر ئىشىنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قىلالىغان ئانىلار يەنى مۇسۇلمان ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدىن جەننەتنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. بىراق بىز بۇ ھەقتە يۈزەكىلا شۇ بىر جۈملە سۆزنى ئۆز ئەينى داۋام قىلىپ داۋاملىق بىر "ئانا" بولۇش ۋەزىپىسىنىلا ھاشارغا ئىشلىگەندەك ئادا قىلىپلا كەلدۇق.ئىنشائاللاھ مېنىڭ ھەم جەننەت ئايىقىم ئاستىدا بولىدىغان ئانىدىن بولغۇم بار، ئاللاھ يەتكۈزسۇن،ئامىن! شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، مەن بۇ جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ماتىريال كۆرۈشۈم، ئۆگىنىشىم ھەم ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇشۇم كېرەككەن، بولمىسا ئۆزۈمدە يوقنى بالامغا قانداق بېرەلەيمەن؟
خاتا سۆزلىگەن ھەر بىر ئېغىز سۆزۈم ئۈچۈن ھېسابىنى بېرىمەن دېگەن گېپىڭىز مېنى ھەم بەك خوشال قىلدى ئاكا، چۈنكى مۇنبەردە بەزىدە "يا پىر""يا ھەزرەت"دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتقانلىرىمدا، ۋە ياكى ئاللاھ ئىسمىنى ئېلىپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىشقانلاردا، ۋە ياكى ئۆتكەنكىدەك ئىسىملارغا دىققەت قىلىش توغرىسىدىكى تېمىلارغا چۈشكەن چىۋىندەك ئىنكاسلارغا قارىسام ئىچىم بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ، بەزىلىرىگە رەددىيە بەردىم، بەزىلىرىگە كارىم بولمىدى، ئىسلام قارغۇلارچە ئەگىشىشكە قارشى تۇرىدۇ دەپتىكەن، ئۆزلىرى ئوقۇپ بىلە دەپلا ئولتۇرىدىغان بولدۇم ھازىر، بولمىسا مىجەزىم ئىتتىك تولا سوقۇشۇپ قېلىشتىن خالىي بولالمايمەنچۇ...
جىق سۆزلەپ قاپتىمىنا؟!
خۇلاسە كالام:
ئاكا، يازمىلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايمەن، كۆپىنچە قىززىقىشلىرىمىز ئوخشىشىپ قالىدىكەن، ئاللاھ خالىسا يازمىلىرىڭىزدىن كۆپرەك ئۆرنەك ئېلىپ تۇرىمەن. ئاللاھ مۇبارەك تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت،خاتىرجەملىك،چوڭ ئاپامغا (مەن مۇشۇنداق دەپ كۆنەپ قاپتىمەن،ئاپاڭ داداڭ، ئاپاش داداش دېمەي.) ھەم سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، ئىككى يولداشقا ئىككى ئالەملىك، پەرزەنتلىرىڭىزگە مۇستەھكەم ئىمان ۋە يۈكسەك ئېتىقاد ئاتا قىلسۇن،ئامىن!
مىسرانىمدا مەن كۆرگەن ئەڭ ياخشى زىيارەت، سوئاللارمۇ ئەتراپلىق، جاۋاپقىغۇ ئەسلا گەپ كەتمەيدۇ. زىيارەت قىلغۇچىغا ھەم قىلىنغۇچىغا ئوخشاشلا رەھمەت.
مىسرانىمنى ھېلىھەممۇ ئۆتمۈشتىكى شۇ دىيارىمغا ئوخشىتىمەن.

مەن ئاۋۋال مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنياغا كەلدىم،ئاندىن ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر بولدۇم.شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى،مەن ئۈچۈن بىرىنجىسى ئاللاھ،ئاندىن قالسا مىللىتىم ئەۋزەلدۇر.
ئۆزۈڭنى ئۇيغۇر دېيىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئوبدان ئۆگەن!

ھەقىقەتەن ئاللا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25056
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 05:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم..............
اللە سىزگەئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشنى نىسىپ قىلسۇن. 
باللار بايرىمى دىگەننىڭ ئورنىغا 6-ئاي دىيىلسە سەل مۇۋاپىق بولامدىكىن دىگەننى خىيال قىلىپ قالدىم.

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 05:14:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى زىيارەت بوپتۇ...
مەڭگۈ تاش ئەپەندىگە بولغان قايىللىقىم يەنە بىر پەللە ئاشتى...
ياخشى پەزىلەتلىرىدىن ئۆگىنىشكە تىرىشىمەن...
سەمىمى يۈرەكتە،سەمىمى ھىسلار بۇلىدىكەن...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش