مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 50330|ئىنكاس: 112

Menggutash بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45699
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6563 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 10:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Menggutash بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

[align=justify]

( سۆھبەت خاتىرىسى  )

[align=justify]

[align=justify]ئىلاۋە :

[align=justify]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنىۋىي جەھەتتىكى كامالىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن مىسرانىم تورىنى  ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى، كۆڭۈللۈك ئارامگاھى، دوستلار، پىكىرداشلار ئارا سىردىشىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ، دوستانە ھەمكارلىق ئاساسسىدا پارلاق ھايات مەنزىلىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن مەردانە قەدەم تاشلاپ مېڭىشتىكى يول باشچىسى قىلىپ تاللاپ، مۇنبىرىمىزنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتىلىرى ئارقىلىق خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چوڭقۇر مېھىر، ئۇنتۇلماس دوستلۇق  ۋە ئەبەدىيلىك ئەستلىكلەرگە جۈر بولۇپ كېلىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلار!  مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى كەمىنە ئەركزاتتىن ھەممىلىرىگە ئوتلۇق سالام!
   مۇنبرىمىزدە ئىلگىرى بىر مەزگىل ئەزالار زىيارەت تېمىسى يوللىنىلىپ كەلگەن  بولسىمۇ، كىيىنچە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ پائاليەت  توختاپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم مىسرانىم تورى مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىمىز ئەزالارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، مۇنبىرىمىزدىكى  تۆھپىكار  ئەزالارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش، تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە  مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش مەقسىتىدە، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان  بىر قىسىم كونا-يېڭى ئەزالارنىڭ زىيارەت تېمىسىنى قەرەللىك يوللاپ تۇرۇشنى قارار قىلدۇق. بۇ قېتىم 1-سان زىيارەت تېمىمىزغا تورداشلار زىيارەت قىلىشنى ئىزچىل كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلگەن مۇنبەردىشىمىز menggutashنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەمىسە، دىققىتىڭلار  تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي!


[align=justify]
ARKZAT:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، menggutash ئەپەندى، سىز بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ «ئەزالار زىيارىتى»سەھىپىسى ئارقىلىق تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. سىز يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، ئۆزىڭىزنىڭ«تۇلپارنىڭ كىشنىشى ۋە پاشىنىڭ غىڭشىشى»،«يەر تەۋرەشتىن تۇز پىتنىسىغىچە»،« <سول قوۋۇرغا>لارغا ئىككى كەلىمە»،«تېلېۋىزور، مەھەللەمنى تۆلەپ بەر»،« ئۈرۈمچى، ساڭا سۆزۈم بار»، «پاشىنىڭ غىڭشىشى ۋە تۇلپارنىڭ كىشنىشى»، «ئەي <يېرىم دۇنيا>لار، بىز سىلەرگە قەرزدار»... قاتارلىق ئەھمىيەتلىك نادىر تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا مۇنبەرداشلار ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك ئىجابىي تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقان ئالىي ئەزايىمىز. سىز يەنە كىتابخانلارنىڭ دىلىغا ياقىدىغان ھەر خىل ژانېردىكى  تېتىمىلىق ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق  مەتبۇئاتلاردا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر  قەلەم ساھىبى. شۇڭا جەمئىيىتىمىزدە، جۈملىدىن، تور دۇنياسىدا سىزگە، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا، ھايات مۇساپىڭىز ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت مېۋىلىرىڭىزگە قىزىقىدىغانلارنى خېلىلا كۆپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، مۇشۇ ھەقتە مۇنبەرداشلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز، شۇ ئارقىلىق رېئاللىقتىكى سىز بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى سىز(Menggutash)نى  بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتە بەلگىلىك مەلۇماتلارغا  ئىگە بولىۋالغان بولساق!

Menggutash:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مىسرانىم تورىدىكى ئەزىزلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش سورۇنى يارىتىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن زېھنىنى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان، كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا ئاشۇ تەۋەررۈك ئۇيغۇر ھەرپلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى خەجلەۋاتقان قەدىردان قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.

 چوڭلاردا «ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوق» دېگەن سۆز بار. ئۈچ ئاي ئىچىدىلا مىسرانىمنىڭ يېڭى ئەزاسىدىن ئالىي ئەزالىقىغا، ئاندىن خالايىقنىڭ ئالدىغا «تارتىپ چىقىرىلىش» تەك «قىسمەت» كە قالارىمنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.

ئالدى بىلەن ئۆزۈم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. ئىسىم- فامىلەم- ئوسمان زاھىر. يۇرتۇم : قۇمۇل،  مۆچىلىم : كالا،   قان تىپىم : O ،    يېشىم:38 ياش،  تۇغۇلغان ۋاقتىم:  1973- يىلى 15- ماي.

مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم تالاي قىسمەت،تارىخىي كەچمىشلەرگە ھامىلدار قۇمۇلنىڭ تەكلىماكانغا يانداش خىلۋەت، سۈيى كەمچىل بىر مەھەللىسىدە ئۆتتى. ئانام چۆچەك ئېيتىشنى بىلمىگىنى بىلەن خۇددى باشقا ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئوخشاشلا چۆچەكتەك ساددا، تەكلىماكاندەك قەيسەر بىر ئانا ئىدى. ئاتا ـ ئانام ئىككىسى 6 پەرزەنت ئۈچۈن ئاشۇ قارا تۇپراققا كەتمەن بىلەن توپتوغرا 60 يىل چۆچەك يازدى. لېكىن بۇ ھەقىقىي رېئالىزىملىق چۆچەك ئىدى. تەسەۋۋۇر،فانتازىيە بىلەن ئانا تۇپراقنى ئالدىغىلى بولمايتتى...چەكسىز كەتكەن باياۋان، جىن ـ ئالۋاستىلار ھەققىدىكى ۋەھىمىلىك پاراڭلار،بالىلىق ئويۇنلار،15 قويغا قوماندان بولۇپ ئۆتكەن گىرىمسىز ھايات ،خىلۋەت تۇرمۇش مۇھىتى بالىلىق قەلبىمدە ھاياتقا نىسبەتەن تەسۋىرلىگۈسىز ساددا ھەم مۇقەددەس ھېسلارنى ئويغاتتى. تا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغۇچە ھاياتىم ئاددىي-ساددىلىققا،سەمىمىيەتكە تويۇنغان سەھرادا ئۆتتى. بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق يولىدا بالىلىقتا شەكىللەنگەن خاراكتېرى 70 % رول ئوينايدۇ. سەھرادا يېتىلدۈرگەن ساددا، سەمىمىي خاراكتېرنى ئۈرۈمچىنىڭ بەش يىللىق دولقۇنلۇق قايناملىرى تارتىۋېلىشقا قادىر بولالمىدى. ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا ھەمدۇ-سانالار ئوقۇيمەن.

بالىلىق دەۋرىمدىكى بەزى ئىش- ۋەقەلەر توغرىسىدا «بالىلىق باياۋانىدىن ئادىمىيلىك قەلئەسىگىچە» ناملىق يازمامدا توختىلىپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن تەپسىلىي توختالمايمەن.بۇ ھەقتىكى تېمامنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئۇلىنىش قىلىپ قوياي، قىزىقىدىغان مۇنبەرداشلىرىم كۆرۈپ باقار!

[align=justify]

[align=justify] https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-46641.shtml

بالىلىقىمدا قۇرۇلغان مەنىۋىي ۋەتەننى ئىزچىل قەدىرلەپ كەلدىم. ۋەتەن ھەققىدە كۆپلىگەن يازمىلار يېزىلدى. ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ۋەتەن ئوخشىمىغان سۈپەت ۋە تامغىلارنى ئۆزىگە يۈكلەپ، بىر توپ ئىچىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاپ كەلدى. ھەقىقىي چىن سۆيگۈ داۋراڭسىز بولىدۇ. بىز ۋەتەن قەدرىنى مۇھاجىرنىڭ كۆزلىرىدىكى بېسىپ بولماس پىغان- ھەسرەتتىن، شېھىد كەتكەن ئەركەكنىڭ كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان مەڭگۈلۈك سۈرەتتىن ۋە ياكى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۆز ۋەتىنى بولغان ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، نەۋرىسىنى باغرىغا باسقان ھالەتتە جان ئۈزگەن بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىن غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلىپ كەلدۇق. قۇمۇلدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن دائىم «ھاي، پالانچى، گۆتىنىڭگە كىرىپ كەت»،«ئۇنىڭغىمۇ بىر گۆتەن كېرەك» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان بولساممۇ، ئەمما شۇ كەملەردە مەنىسىنىتازا ئاڭقىرالمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، بۇ« گۆتەن »دەل «ۋەتەن» دېگەن سۆزنىڭ قۇمۇل شېۋىسىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى ئىكەن. مەلۇمكى، قۇمۇل شىۋىسىدە«ۋ» بىلەن «گ» نۆۋەتلىشىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ.«ھاۋا»نى «ھاگا»،«ۋەدىسىدە ۋاپا يوق» دېگەننى«گەدىسىدە گۇپا يوق» ۋاھاكازالار...

ئاتا- بوۋىلىرىمىز ۋەتەننى ئابىستىراكىت مەنىدە ئەمەس، كونكىرت شەكىلدە تونۇپ كەپتىكەن. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىر ئائىلە بىر كىچىك ۋەتەن. بۇ ۋەتەن شۇنچىلىك قەدىرلىككى، ئۇنىڭدىن يېگەن تۇزغا سىز مەڭگۈ قەرزدارسىز. دەرۋەقە، ئاتا- بوۋىلار ۋەتەن ھەققىدە چۈشىنىكسىز شۇئار ئىجاد قىلىپ ئۆزىنى ئالدىمىغان. ۋەتەندىن كەتكەن، لېكىن كەچمىگەن. تۇڭگان يېغىلىقلىرى، قاچ- قاچ، ئۇرۇش- سوقۇش... لارنى يەتكۈچە كۆرگەن ئاتا- بوۋىلار ئىللىق بىر ئائىلىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان. كوئېنلۇن تاغلىرىدەك مەغرۇر قەددى مۇشۇ ۋەتەن ئۈچۈن پۈكۈلگەن. مۇشۇ ۋەتەن بولغاندىلا ،چوڭ دائىرىدىكى ۋەتەننىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئانىلارنىڭ ياغلىقلىرى گىياھسىز چۆللەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئېڭىكىنى چاتقان. ئائىلىنىڭ نومۇسى ئۈچۈن يىپەكتەك يۇمشاق قوللار بازغاندەك قاتقان. مەن چېگرا ھالقىپ باقمىغان، لېكىن مىللەت ئەخلاقى چېگرىدىن ھالقىپ كېتىشكە تەمشەلگەن ئەبجەش زاماننىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئاخىرقى ساقىندىلىرىنى دانىشمەنلەرچە ساقلاپ ياتقان سەھرالاردىكى نىسبىي مۇقىم تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرىمەن. يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ ۋەتەن ئۇقۇمى ئۆزگىرىۋاتاتتى. ئاتا- بوۋىلار ۋەتەن ئورنىدا كۆرۈپ ئەجىر قىلغان بەرىكەتلىك زېمىنلارنى باشقىلارغا سېتىۋاتقان، ئىجارىگە بېرىپ لاغايلاپ يۈرۈشكەن، يەرلىرىدىن كېچىپ يەر بولغان ئەرلەرنى، كىچىك ۋەتىنى بولغان ئائىلىسىنى توزۇتۇپ ۋەتىنىنى يات ئىقلىمدىن ئىزدەپ يۈرگەن ئاۋارىلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم. ئاتا- بوۋىلار ۋەتەن ئۈچۈن قان- ياشلىق كەچمىشلەردىن، ھەسرەتلىك كېچىكلەردىن، ئادەم كاللىلىرىدىن كېچىپ ئۆتكەن ئىدى.

ئاتا ئىزىنى بويلاپ ئۆز ۋەتىنىنى ئىزدەپ يولغا چىققان بىر ئەركەك مۇشەققەتلىك سەپىرىدە تالاي قىسمەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپتۇ. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا ،ئېشەكتەك ئېغىناپ كەيىپ سۈرگەن مۇناپىقلارنى، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلگەن قەھرىماننىڭ ئۆلۈكىنى سازايى قىلىۋاتقان بىنومۇس كىشىلەرنى، ۋەتەن تۇپرىقىنى باغاشلاپ يېتىپ مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمغان سەرگەردانلارنى، ۋەتىنىنى سېتىپ خەجلەۋاتقان پەسەندىلەرنى، ۋەتەن ھەققىدە قەسىدە توقۇپ قويۇپ، ئىشرەت قۇچىقىغا چۆككەن ئەھلى قەلەملەرنى، يۈزىگە ئۇپا- ئەڭلىك سۈرۈپ ،ۋەتىنىگە خېرىدار چاقىرىۋاتقان پاھىشىلەرنى ئۇچرىتىپتۇ. ۋۇجۇدى تىتما-تالاڭ بولغان بۇ ئەر كۆز ئالدىدىكى ئالامانلاردىن ھۇشىنى يوقىتىپتۇ. ۋەتىنىنى ئىزدەش سەپىرىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بوپتۇ- يۇ ، لېكىن كۆز ئالدىدىكى كۆرۈمسىز يانتاقنىڭ زېمىننى باغاشلىغان يىلتىزىنى كۆرۈپ توختاپ قاپتۇ. بۇ يىلتىزلاردىن مەسئۇلىيەت ۋە مۇھەببەت تاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇ يانتاقنىڭ يىلتىزىنى كولاپتۇ. كولاپتۇ، ئۇچىنى تاپالماپتۇ. يىلتىز قانچە چوڭقۇرلىغانسېرى، شۇنچىلىك ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ يانتاقنى يۇلۇش ئۈچۈن قول سوزغان ئىكەن، قولىغا تىكەن سانچىلىپ بىر تامچە قان ئېقىپ چىقىپتۇ. ئۇ شۇندىلا ھەممىنى چۈشىنىپتۇ. ۋەتىنىنى ھەقىقىي سۆيگەن، سۆيگۈسى، مەسئۇلىيىتى چوڭقۇر ئادەمنىڭ ۋەتەندىن ئېرىشىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا،تىكەنگە ئايلىنالمىغان ئادەمنىڭ قەدرى ۋەتەن بىلەن تەڭلا توزۇيدىكەن. ۋەتەن قەسىدە بىلەن ئەمەس، قان بىلەن سۆيۈلىدىكەن. ئۇ يانتاقنىڭ يىلتىزىنى ئېھتىيات بىلەن كۆمۈپ قويۇپ، يەنە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. جەڭگاھلارغا كىرىپتۇ. ئىلىم سورۇنلىرىدا مۇتائىلە قىلىپتۇ. نەدە خەتەر بولسا، شۇ يەردە ئۈنۈپتۇ. ئۇ ۋەتەن تۇيغۇسى خىرەلىشىپ كەتكەن بىغەملەرنىڭ كۈلكىلىرىدە ئاينىپ كەتمەپتۇ. دەرەخ تىكىپ چۆللەرنى بوستان قىلىپتۇ.

ۋەتىنىڭىزدىكى ھەر بىر  تۈپ گىياھ، سىزگە تونۇش ھەر بىر چىراي، سىز ياتقان بۆشۈك، سىز ياتىدىغان تاۋۇت، گۆر ... ھەممىسى ۋەتەننى ئىزاھلاش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. سىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىڭىزنىڭ قولى بىلەن كۆمۈلۈش شەرىپىگە ئېرىشىشىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر يېتەرلىك بەخت. ئۆلۈكۈم تالادا قالغان كۈنى مېنى بىر يەھۇدى ياكى ئېنگلىز دەپنە قىلمايدۇ. ئەنە شۇ بادام دوپپىلىق ، قوللىرى قاپارغان، قوي كۆزلۈك كىشىلەر دەپىن قىلىدۇ.شۇڭا مەن بۇ كىشىلەرنى قەدىرلىشىم كېرەك.

    2000- يىلى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بويتاقلىق تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىپ، ھاياتىمدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولغان تويۇمنى قىلىۋالدىم. تويۇمدا :


كۆڭۈل سىرىڭ ئاقىدۇ شىر- شىر،

تەنھالىقنى تۇغامدۇ شائىر؟

بىر بويتاقنى ئازايتتى خۇدا،

يېشىڭنى سۈرت ئوسمانجان زاھىر
 


[align=justify]
دېگەن مەزمۇندا تەبرىك شېئىرى ئوقۇلغان ئىدى. بويتاقلىق داۋامىدا 13 قېتىم ياتاق كۆچتۈم. 14- قېتىمدا مۇقىم ئۆيۈم بولدى. تالاي كەچمىش- كەچۈرمىشلەر بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق نىكاھ تارىخىمنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتتۈم. بىر ئوغۇل ، بىر قىز پەرزەنتىم بار. ئوغلۇمنىڭ ئىسمى تۇغلۇق، 9 ياشتا. قىزىم نۇرانە  تۆت يېرىم ياشتا.

1995- يىلىدىن 2007- يىلى 9- ئايغىچە «قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىدىم. ھازىر قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىقتىسادىي ئۇچۇر مەركىزىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن.

چاقماق كۆڭلەك كېيىپ، بىر قولىغا كېسەك ئۈنئالغۇنى كۆتېرىپ، شەھەرمۇ- شەھەر يۈرىيدىغان ئەرلەر «لۈكچەك» دەپ قارىلىدىغان شۇ زامانلاردىكى نۇرغۇن ئىشلار كۈلكىلىك ئىدى.  بالىلىقىمدا ئوقۇغان «مايمۇننىڭ تاغدىن چۈشۈشى» ناملىق مەسەل ھازىرغىچە مېڭەمدە مىخلاقلىق تۇرماقتا. شۇنداق، بەزى نەرسىلەر ھەقىقەتەن تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئېسىمدە.  كاللا شۇنداق نەرسە ئىكەن، بەزىدە ئۇنتۇماسلىققا تېگىشلىك نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىپ، ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئەستە ساقلىنىپ قالىدىكەن. بەزى كىشىلەردىن كۆرگەن يامانلىقلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. ياخشىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.

لۈشۈن ئەپەندى ۋەسىيىتىدە بالىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتچى ياكى سەنئەتكار بولۇپ قالماسلىققا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. ھېچكىم ئۆزىنىڭ كىمدىن تۇغۇلۇشىنى تاللىيالمىغاندەك، كېيىن نېمە كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنىمۇ تاللىيالمايدىكەن. بۇ يىل 38 ياشقا كىردىم. بۇ 38 يىلنىڭ كەم دېگەندە 20 يىلى ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. روھىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كەسپ بولۇش سۈپىتى بىلەن  ئەدەبىيات تارىختىن بۇيان، زور كۆپ ساندىكى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلدى. يېزىقچىلىق تارىخىم ئوتتۇرا مەكتەپتە رۇبائىي يېزىشتىن باشلاندى. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى مەجنۇنلارچە ئوقۇدۇم. خىلۋەت سەھرا مۇھىتى، ئائىلەمدىكى تىنچ كەيپىيات، ئاتا- ئانامدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ماڭا ئىچ مىجەزلىكنى،  بىراۋغا قارا سانىماسلىقنى ئۈگەتكەن ئىدى. ئەڭ ئۆچ ئىشىم- دېگىنىگە ئەمەل قىلماسلىق.

ئېيتىلىشىچە، ئۆتكۈر ئەپەندىم 58 يېشىدا ھىدايەتكە قايتقان ئىكەن. بۇ ئۇستازغا چوڭقۇر ھۈرمىتىم بار. شۇنىڭدەك ئېتىقادىنى ساقلاپ، ئىجادىيىتىنى توغرا دۇنيا قاراش ئاساسىدا داۋام ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى يازغۇچىلارغا ھەم ھۈرمىتىم بار. ئادىل تۇنىياز، نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن قاتارلىق دىلىدا ھەق سۆيگۈسى يېلىنجاپ تۇرغان كىشىلەر بىزگە بەكمۇ لازىم. بولۇپمۇ، قەۋم كېلىچەك يول خەرىتىسىنى ئىزدەۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا. ھەق ئۈستىدە تۇرغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىشنى، ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە بىرەر كىشىگە بولسىمۇ، توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشنى شۇنچە ئۈمىد قىلىمەن.

تورغا يېزىلغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە يېڭى يېزىلغانلىرىمۇ، 5-6 يىل بۇرۇن يېزىلغانلىرىمۇ بار. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلغان بەزى يازمىلىرىمدىكى پىكىرلەر بىلەن ھازىر يېڭىدىن يازغان «تۇلپارنىڭ كىشنىشى ۋە پاشىنىڭ غىڭشىشى»،«يەر تەۋرەشتىن تۇز پىتنىسىغىچە» قاتارلىق ماقالىلىرىمدىكى پىكىرلەر خېلىلا پەرقلىق. بۇمۇ بەلكىم دۇنيا قارىشىمنىڭ، مەپكۈرەمنىڭ ئاساسەن شەكىللىنىپ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن مۇنداق بىر قاراشنى ياقلايمەن. 40 ياشقىچە مەپكۈرىسى شەكىللەنمىگەن ئادەمدىن چوڭ ئىشلارنى كۈتۈش قىيىن. كېچىكىپ بولسىمۇ، ياراتقۇچىنى تونۇش نېسىپ بولدى ھەم ئېتىقادى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلغان بىر ئائىلەم بار بولدى.

خاراكتىرىم ئىچ مىجەز، نۇتۇقۇم قەلىمىمدىن ناچار. خىجىلچان. ئىچىم پۇشقان، روھىي بېسىم ھېس قىلغاندا، سەھرالارغا ياكى ئادەمسىز باياۋانغا چىقىپ كۆكسۈمنى تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىشنى ياخشى كۆرىمەن. بالىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشنى، بالىلىق ئويۇنلىرى ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆزىتىشكە ئامراقمەن.

ھاياتىمدا دېڭىزنى، يۇرتىمىز تەۋەسىدە ئۈرۈمچىدىن باشقا ئاقسۇ، كورلا، تۇرپاننى كۆرۈش نېسىپ بولغان. چەتئەل دېگەنغۇ يىراق گەپ. قەدىمىي سېھىرلىك دىيار قەشقەر، خوتەننى كۆرۈش ئارمانىم بار.

تارىخىي كىتابلار بولۇپمۇ، يېقىنقى زاماندىكى بىزگە نامەلۇم تارىخ ھەققىدىكى يازمىلارنى بەكرەك ياقتۇرىمەن. كۆپ قىسىملىق رومانلاردىن «سۇ بويىدا» دىن سىرت «ئانا يۇرت» نى ئوقۇپ باقتىم. كۆپ قىسىملىق فىلىم، كۆپ قىسىملىق كىتابلارنى ئوقۇشقا بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن.  ئاساسلىق  سەۋەب ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن قورقىمەن.

بىرەر يازما يېزىشقا تۇتۇنغاندا، قەلبىم چوڭقۇرلۇقىغا چۆكۈشكە تىرىشىمەن. قەلەم بويسۇنمايدىغان دەرىجىدە ھاياجانلىنىپمۇ قالىمەن. يازمىلىرىم كۆپىنچىسى ھېسسىيلىققا مايىل، ئىلمىيلىكتىن يىراق. بۇ  چوڭ بىر كەمچىلىك. بىلىم قۇرۇلمام جەھەتتە ئالىي مەكتەپكە قارىغاندا كۆپرەك كىتاب، تورلاردىن مەنپەئەتلەندىم. لېكىن سېستىمىلىق بىلىم بولمىغاچ، چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى يېزىشنى ئويلاشمىدىم.

ئارتۇقچىلىقىم، ئۇيغۇر تىلىنى يېزىقتا راۋان ئىشلىتەلەيمەن. ۋاقىت قارىشىم بىر قەدەر كۈچلۈك. خەنزۇچىدىن ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك دەرىجىدە.

ھاياتىم داغدۇغىسىز ئۆتتى. بۇندىن كېيىن ھەم بىراۋغا يامانلىق قىلمىسام، ھەم بىراۋدىن بولۇپمۇ، بىر تىلدىكى قېرىنداشلىرىمدىن خىيانەت كۆرمىسەم دەيمەن.

رېئاللىقتىكى مەڭگۈتاش ئەنە شۇنداق غەمكىن،ئېگىز بويىغا يارىشا، باشقىلارنىڭ غېمىنىمۇ قوشۇپ يەۋالىدىغان، بەزىدە بىراۋغا قارا- قويۇق ئىشىنىپ قالىدىغان، ساددا بىر ئىنسان. ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى رېئاللىقنىڭ ئالامانلىرى ئىچىدە توختاۋسىز چايقىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئائىلىسىدە بىر ئاددىي ئاتا، 80 گە كىرگەن ئانىسى ئالدىدا مەڭگۈ كىچىك بالا.

توردىكى مەڭگۈتاش بارماق دېسكىسىدىكى خام- خۇتا يازمىلىرىنى تورداشلارغا سۇنۇپ تۇرغۇچى. تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن لەززەتلىنىپ ياشىغۇچى بىر ئاددىي تورداش، خالاس.

ARKZAT: سىزنىڭ ئەزا نامىڭىز بولغان «menggutash » ۋە ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئاز-تولا توختىلىپ باقامسىز؟

Menggutash:«مەڭگۈ تاش» دېگەن ئىسىمنى نېمە مۇددىئادا ئىشلەتكەنلىكىمنى تولۇق ئەسلىيەلمەيمەن. بەلكىم،  ئورخۇن دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن يىراق قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىزلىرىنىڭ ئابىدىسى بولغان مەڭگۈتاشلارغا بولغان ھۈرمەت سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. تاش- ئۇيغۇرلاردا سىمۇۋۇللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قاتتىق جىسىم. تاش ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىگەن يازغۇچى ئازمىكىن، دەيمەن. شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «سالغا تېشى»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قاشتېشىغا مەدھىيە»،چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «تاش ياپراق»... دېگەندەك  ئەسەرلىرىمۇ تاشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. قۇم دانچىلىرىنىڭ تاشقا ئايلىنىشى ئۈچۈن تالاي يىللار كەتكەندەك بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك مەنزىللىرىنى بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن ھەم تالاي يىللار ئۆتىدۇ. تاش مۇستەھكەملىكنىڭ ، شۇنىڭدەك بۈگۈنكى شەھەر مەدەنىيىتىدىكى تاشقا ئايلانغان قەلبلەرگە ئىشارە قىلىنغان سىمۋۇللۇق ئوبراز. چۈنكى بىزدە يامان خۇلقلۇق كىشىنى «باغرى تاش» دەپ ئاتايدىغان ئادەت بار. ئۆزۈممۇ ھەم «ئۆت تېشى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە شېئىر يازغان ئىدىم. بۇ شېئىردا تۈگمەن تېشىدىن سالغا تېشىغىچە، قاش تېشىدىن ئۆت تېشىغىچە بولغان تاشقا مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلار ئارقىلىق تارىخ ھەققىدىكى ئاچچىق ھېسلىرىمنى ئىپادىلىگەن ئىدىم. ھازىر مەڭگۈتاش توردىكى ئاساسلىق قوللىنىدىغان ئىسمىم. ھازىرقى مەڭگۈتاشنى ئۆز ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم، دوستلىرىغا مۇلايىم، دۈشمەنلىرىگە قاتتىق بولغان سىمۋۇللۇق ئىسىم سۈپىتىدە ھېس قىلىمەن.

ARKZAT: سىز ئىنتېرنېت دۇنياسىغا قاچان، قانداقلارچە قىزىقىپ قالغان؟ ھازىر ئۆتكۈر رىقابەت، كۈچلۈك خىرسقا تولغان ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا ئىنتېرنېت تورى كۈنسېرى تېخىمۇ كۆپ ئائلىلەردىن ئورۇن ئالماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئىنتېرنېت تورىغا قارىتا خەلقىمىز ئارىسىدا ئوخشاشمىغان قاراش ۋە چۈشەنچىلەر مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟ سىز ئىنتېرنېت تورىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇردىڭىز؟

Menggutash:سىز ئېيتقاندەك ئىنتېرنېت تورى نۇرغۇن ئائىلىلەرگە كىرىشكە باشلىدى. يۈزەكى نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ياخشى يۈزلىنىش بولسىمۇ، خېلى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە تور- بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش سورۇنى، ياكى بىكار بولۇپ قالغان ئاتا- ئانىلارنىڭ كوت- كوت ئارقىلىق سۆزلىشىش سورۇنى بولۇپ قالدى. مومايمۇ قىز كۆرۈنىدىغان بۇ مەۋھۇم دۇنياغا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىپ، ئائىلە كىرىزىسى كېلىپ چىققان ئائىلىلەرمۇ كۆپىيىشىكە باشلىدى. ئىلىم ئۈگىنىش، دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا،خۇددى چىن تۆمۈرنىڭ ئارغىماق ئېتى سۆرەمگە چۈشكەندەك ئىش بولدى.

ھەرقانداق ئىش قوش بىسلىق بولىدۇ. خۇددى پىچاق بىلەن تاماق ئېتىپ يېگىلى ھەم قاتىللىق قىلغىلى بولغاندەك. مەنمۇ ھەم بىر مەزگىل توردىن ھەقىقىي مەنىدە نەپ ئالالمىدىم.  كاللىدىن ئىبارەت ئالىي ئورگانغا قاچىلانغان پىروگىرامما قانداق بولسا، مەشغۇلاتلىرىمىز شۇنداق بولىدۇ. تور- بىر قورال. ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ئىلىم ھاسىل قىلىۋاتقانلار يوق ئەمەس. تورغا چۈشۈپ تىپىرلاپ ياتقان ئاۋارىلەر ھەم ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھېچكىم بۇزۇلاي ياكى ئاشنا تۇتىمەن، دېگەن مەقسەدتە تورغا چىقمايدۇ.

ئۇزۇن يىللىق تورغا چىقىش تارىخىمدا مۇقىملاشقان مەشغۇلاتلىرىم: خەۋەر تۈسىدىكى خەنزۇچە تورلارنى كۆرۈپ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولىمەن.ئىسلام تور بەتلىرىدىكى ئىمان- ئەقىدىگە، ئىسلام تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرىمەن. مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە كىرىپ ماۋزۇسى جەلبكار قويۇلغان تېمىلارنى چېكىمەن. ئىككىنچى قەدەمدە تور دۇنياسىدا قەلىمى كۈچلۈك دەپ قارايدىغان گۈلەن، ئۇيغۇرزادە... گە ئوخشاش تورداشلارنىڭ يازمىلىرىنى ئاقتۇرىمەن. پايدىلىق دېتال ، ئېلكىتابلار بار- يوقلىقىغا دېققەت قىلىمەن. مەن ئادەتتە، ئۇيغۇر قامۇس تورى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، يازغۇچىلار تورى قاتارلىق تورلارغىمۇ دائىم كىرىپ تۇرىمەن. ئالدىنقى قېتىم «يامغۇر» تەخەللۇسلۇق بىر مۇسۇلمان ئايال قېرىندىشىمىزنىڭ « تۆت ئەرەب دۆلىتىگە ساياھەت خاتىرىسى»نى ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇدۇم. بۇ يازمىدا نۇرغۇن بىلىم بولغاندىن سىرت، بىر ئېتىقادلىق يۈرەك بار ئىدى. مىسرانىم تورى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇشۇ خىلدىكى ئەزالارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقسا، دېگەن ئۈمىدتىمەن.

2004- يىللارغۇ، دەيمەن. بىر يۇرتدىشىم ئۆزى قۇرغان ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقىدىكى تورىغا ئەسەر يوللاشقا تەكلىپ قىلدى. تور تارىخىمنى شۇنىڭدىن باشلىغان دېسەممۇ بولىدۇ. شۇندىن تارتىپ، تورغا «مەڭگۈتاش»، «سەركە» دېگەن ناملاردا ئۇششاق يازمىلارنى يوللاپ تۇردۇم. كومپىيۇتېر تېخنىكاممۇ ئۆسۈپ قالدى. ئىنتېرنېتنىڭ قولايلىقلىقى، دەل ۋاقتىدا ئىنكاس كۆرگىلى بولۇشتەك ئالاھىدلىكى ئىجادىيىتىم، پىكىر يوللىرىمنىڭ كۆپ خىللىشىغا كۆپ تەسىر كۆرسەتتى. ماختىسا ھاياجانلىنىپ، تەنقىدلىسە قىزىرىپ دېگەندەك تور دۇنياسىدا لەيلەپ نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدۈم. توردا نوپۇزغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغانلىقى، يۈز – خاتىرە قىلىنمايدىغانلىقى سەۋەبلىك،  تورداشلار ئىچىدە ئارازلىقلار بولۇپ تۇراتتى. لېكىن بۇ بىر توپ قىزغىن ھەم خالىس تورداشلارنىڭ قەلبى شۇنچىلىك پاكىزە ئىدى. ئارىلىقتا «سۇمرۇغ ئەدەبىيات تورى» نى ماكان تۇتتۇم. بۇ جەريان ئىجادىيىتىمنىڭ يۈكسىلىش باسقۇچى ، دەپ بىلىمەن. ھازىر ئۇ تور رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، نۇرغۇن قەلىمى كۈچلۈك تورداشلار بىلەن تونۇشۇش، پىكىرلىشىش سورۇنۇم بولغان ئىدى.

تور ئارقىلىق ئەسەرلىرىمنى «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ، «شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇردۇم. كوت- كوت ئارقىلىق نۇرغۇن پىكىرداش تاپتىم. ھېلىھەم ئەسەرلىرىمنى كوت- كوت ياكى ئېلخەت ساندۇقى ئارقىلىق ئەۋەتىشنى داۋام قىلىۋاتىمەن. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا «رىسالىم» شىركىتى چىقارغان تور ژۇرنىلىغا تەكلىپ بىلەن ماقالە ئەۋەتتىم. بۇ -ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ قەلەم ھەققى تارقاتقان تور ژۇرنىلى ئىدى. بىرنەچچە پارچە ماقالەمگە 500 يۈەندىن ئارتۇق قەلەم ھەققى ئەۋەتتى. ھازىر ئىچكى ئۆلكىلەردە توردا ئەسەر ئېلان قىلىپ پۇل تاپىدىغان تور يازغۇچىلىرى بار. يازغۇچى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىينىمۇ ئەينى چاغدا ئىچكىرىدىكى بىر يانفۇن شىركىتى ئەسەر يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپتىكەن. باشقىلار بازارغا يۈزلىنىپ بولدى. لېكىن ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، تور بەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى بۇ ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

ARKZAT: ھازىر مىسرانىم ئەزالىرى40مىڭغا، جەمئىي تېما سانى 30600نەچچە پارچىغا، جەمئىي يازما سانى 590480 نەچچە پارچىغا يېقىنلاشتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سىزنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىغا، مىسرانىم ئەزالىرىنىڭ سانى، ساپاسى، ئۇلارنىڭ يازما-ئىنكاسلىرىنىڭ مەزمۇنى، سۈپىتى، رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باققان بولساق؟

Menggutash:   «مىسرانىم» مۇنبىرىنى ماكان تۇتۇپ قېلىش سەۋەبىم بىرئاز كۈلكىلىك دېسەممۇ بولىدۇ. تور دۇنياسىدا كېزىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئەسلى«باغداش» تورىغا يوللانغان «چۈمۈلە روھى ۋە ئىقتىساد ئېڭىمىز» ناملىق ماقالەمنى يادىكار ئىسىملىك بىر تورداش مىسرانىم تورىغا يوللاپ قويۇپتۇ. قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ تېما كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار قاتارىغا ئۆتۈپ نۇرغۇن ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە خېلى ۋەزىنلىك ئىنكاسلارمۇ بار ئىدى. «بۇ مۇنبەر بوپقالامدۇ- نېمە؟» دەپ ئەسەر يوللاشنى باشلىدىم. باشتا يوللىغان ئەسەرلىرىمگە «مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەچكە ئۆچۈرۈلدى» دېگەن ئۇچۇر كەلدى. ئىچىم پۇشتى. بۇ قانداق گەپ؟ ئۆزىنىڭ بالىسىنى «بۇ- مېنىڭ بالام » دەپ گۇۋاھلىق بەرگەندەك ئىش بولدى، دەپ ئويلىدىم. ئاخىرى تېما ئوغرىلاش ئەھۋاللىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئويلاپ، بۇمۇ بىر ھېسابتا بوپتۇ، دېدىم. شۇندىن تارتىپ «ئۆز قەلىمىم» دېگەننى ئەسكەرتىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مىسرانىم ئەزالىرى ھەر بىر تېمامغا ئەستايىدىل ئىنكاس يازدى. ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن بىر سەمىمىي يۈرەكنىڭ قېرىنداشلىق ھارارىتىنى سېزىپ كېلىۋاتىمەن.  ئۇلار ماڭا يۇقىرى باھا بەرگەنچە روھىي بېسىمىم ئاشىدۇ. قەلەم ئېلىشتىن شۇنچە قورقۇپ تۇرىمەن. ئەمما، مېنىڭ ئاشۇ تېخى پىشمىغان يازمىلىرىمدىن بىرەر تورداش ئەمەلىي نەپ ئالغان بولسا ، بىرەر ئۈمىدسىز ئىنسانغا ئاز- تولا يول كۆرسىتەلىگەن بولسام، توردا ئۆتكەن ۋاقتىمغا ئۆكۈنمەيمەن.  

مىسرانىمغا نىسبەتەن سىتاژىم ئارانلا ئۈچ ئايلىق بولغاچقا، بۇ مۇنبەرنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالىدىن ئەتراپلىق خەۋەردار ئەمەسمەن. ئەمما يوللانغان تېمىلار، چۈشكەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، يەنىلا ياخشى تېمىلار ، ۋەزىنلىك ئىنكاسلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «تاماق يېسە قورساق تويىدۇ،»، «1- ئايدىن كېيىن 2- ئاي كېلىدۇ» دېگەندەك ئەھمىيەتسىز تېمىلارمۇ يوق ئەمەس. يەنە بىر نۇقتىدىن ئويلىغاندا، مىسرانىم مۇنبىرى ھەر بىر ئەزانىڭ پىكىر بايان قىلىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان مۇنبەر بولغاچقا، ھەممە تېمىغا، ھەممە ئىنكاسقا ئالاھىدە تەلەپ قويىۋېلىشمۇ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولار.

 مەن بۇ مۇنبەردىن يەنە خېلى كۆپ ئۈمىدلىك قەلەمكەشلەرنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى رەسمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن سەۋىيە جەھەتتە قېلىشمايدۇ.

بۇ مۇنبەردە قىيىنچىلىققا يولۇققان بەزى تورداشلارنىڭ مەسلىھەت سوراپ يازغان يازمىلىرىنى كۆرگىنىمدە ھەم ئۇلار ئۈچۈن قېرىنداشلارچە يول كۆرسىتىۋاتقان خالىس تورداشلارنى كۆرگىنىمدە، ۋۇجۇدۇم ئىللىق تۇيغۇلارغا چۆمىدۇ. ھەر جاي، ھەر جايلاردىن تورغا چىقىپ بىر سىم ئارقىلىق ئۇلانغان مېھىرنى بەكمۇ چوڭ بىلىمەن.مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىم خەت ساندۇقۇمغا ئېنىگلىزچە ئۈگىنىش دەرسلىكلىرىنى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بەرگەندە يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندىم. چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىسىمۇ كۈنى ئۆتىۋېرەتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە، ئوخشاش يىپقا باغلانغان ئوخشىمىغان ئىنسانلار تۈركۈمىدە غېرىبلىق ھېس قىلماي ياشاۋاتىمەن. مەن مۇشۇ قەۋمنىڭ تۇزىنى يېگەن، سۈيىنى ئىچكەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنى سۆيۈش مەجبۇرىيىتىم بار. توردا ئىچىمدىكى دەردىمنى ئازادە تۆكەلەيمەن. خۇشاللىقىمنى ئىزھار قىلالايمەن.

 لېكىن ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلە، چ چ توپلىرى قۇرۇق پاراڭ سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىش بەك گەۋدىلىك. قەۋمنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا،  بىزنىڭ ئوينايدىغان، قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان، ئەھمىيەتسىز كۈلىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس. چۈنكى، بوش ۋاقىت بىزگە ئاللاھنىڭ ئامانىتى. ئۇنىڭ ھېسابىنى چوقۇم بېرىمىز.  ئەڭ ئىچىم پۇشىدىغىنى شۇ.

تەكلىپىم: دوست تارتىشىش، گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈش ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن. چۈنكى، ھازىر پىرقىلەرگە بۆلۈنىدىغان ئەمەس، ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋاقتىمىز.

مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشمۇ بىر مۇھىم تەرەپ. باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان يازمىلارنى تەكرار ئېلان قىلىشقا چوقۇم چەك قويۇش كېرەك. ئالاھىدە ياخشى، تەۋسىيىلىك ئەسەرلەر بولسا مەيلى ئىدى.

ARKZAT: پەرزەنتلەر- ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى، پەرزەنتلەر- ئاتا-ئانىلار ئارزۇ-تىلەكلىرىنىڭ ئىجراچىلىرى. شۇنداق بولغاچقا، ئۆز پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرمەيدىغان كىشى يوق. دېمەكچىمەنكى، مۇنبىرىمىزدە ئاتىلارمۇ، ئانىلارمۇ، پەرزەنتلەرمۇ، جۈملىدىن، ھەر قايسى جايلاردا تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ئوخشاشمىغان ياش-قورام ۋە ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى ئەزالارنىڭ ھەر قاندىقى دېگۈدەك تېپىلىدۇ. شۇڭا، سىزدىن سوراپ باقسام: سىز نۆۋەتتىكى پەرزەنتلەر تەربىيەمىزگە قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىز ئاساسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن مۇشۇ تەخىرسىز، سەزگۈر، مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ، پەرزەنتلەر تەربىيەسى ئۈچۈن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەمەلىي قوللىنىشچان  تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىۋالساق؟ 

Menggutash: توغرا ئويلاپسىز. پەرزەنت تەربىيىسى- ئاجايىپ مۇھىم ھەم تەخىرسىز بىر تېما. ئۆزۈم پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىمنى ماقالە شەكلىدە يېزىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ، ئۆزۈمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پەرزەنت تەربىيلىگۈچى، دەپ قارىيالمايمەن. بۇ جەھەتتە تورداشلارغا ۋەزخاھلىق قىلغۇدەك سالاھىيەت مەندە يوق. لېكىن، مېنى بىر نەرسە دېيىشكە تەكلىپ قىلغان ئىكەنسىز ، ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي.

بۈگۈنكى بالا تەربىيىمىزدىكى ناقىسلىقنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا- بوۋىلارنىڭ زامانىدا، پەرزەنتلەر بۈگۈنكىدەك ئاتىلىرىنىڭ، ئانىلىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىيالامتى؟ ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئالدى بىلەن ئىشنى ياراتقۇچىنى تونۇتۇشتىن، ئاتا- ئانىنىڭ ھەققىنى تونۇتۇشتىن باشلىغان. لوقمان ھەكىم ئوغلىغا قىلغان 100 نەسىھەتىنىڭ بىرىنچىسىنى «ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن» دەپ باشلىغان. ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ ھەم بالا  تۆت ياشقا تولغاندا، ئىلىم ئۈگىتىش، ھۈنەر ئۈگىتىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ناھايىتى مۇكەممەل بېجىرگەن. ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغان، ئاتا ئاتىدەك، ئانا ئانىدەك بولغان. بىز ئەنە شۇنداق پەرزەنت تەربىيلەشتە دەستۇرلىرى بولغان بىر قەۋم ئىدۇق. ۋاھالەنكى، بۈگۈنكى ئەھۋال كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىلەرگە سالىدۇ. مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر تونۇشۇم ھەسرەت بىلەن بىر قېتىملىق سىناق داۋامىدا بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بىز بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەل – يۇرتقا داستىخان سېلىپ، چىرايلىق مۇسۇلمانچە، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويىمىز. بۇنىڭ كەينىدىن خاتالىق، ئاسىيلىقلار باشلىنىدۇ. ئايال ئاللاھتائالا بۇيرۇغان ،بالىنى ظىككى يىل تولۇق ئەمگۈزۈشتەك مۇقەددەس بۇيرۇققا بويۇنتاۋلىق قىلىپ، بالىنى سۈتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. كالا سۈتى، تەركىبى ئېنىق بولمىغان بۇلماقلار نارەسىدىنىڭ تومۇرلىرىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ كەمدىكى بالىلىرىمىزنىڭ تىلى چىققاندا «ۋاخاخا» دەپ تىلى چىققىلى تاس قالىدۇ. ئاتا- ئانىنىڭ ئەپتى ھېلىقىدەك، ئائىلىدە ئەقەللىي ئىسلامىي مۇھىت بولمىغانلىقتىن، بالا ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئۆزىنى پىروگىراممىلاشقا باشلايدۇ. يا ئەقىدىسىنىڭ يا ئىلىمىنىڭ تايىنى بولمىغان، ساپاسى تولىمۇ تۆۋەن ئەنە شۇ بالا باققۇچىغا تاشلانغان بالىدىن بىزنى سۆيۈندۈرگۈدەك بالا تەربىيلىنىپ چىقامدۇ؟ يەسلى يېشىغا توشقان بالا ئىككىنچى قېتىملىق بۇزۇلۇش دولقۇنىنى كۈتىۋالىدۇ. ئاتا- ئانا بىلەن دائىم بىللە بولمىغانلىقتىن، يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مېھىر تۇيغۇسى يوقىلىدۇ. كىلون قوزىدەك بۇ بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەسرەتلىرىنىڭ ئوچىقىغا ئايلىنىدۇ.

ئىمام غەززالى مۇنداق دەيدۇ:«بالا ئاتا- ئانىغا ئامانەتتۇر، ئۇ يېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ قەلبى ھېچنېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي خالىي تۇرغان بىر پاك- پاكىز گۆھەردۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆزىگە چېلىققان ياكى تەسىر قالدۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىنى زېھنىدە قالدۇرىدۇ. مايىل قىلىنىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە دىلى مايىل بولىدۇ. نېمىگە ئادەتلەندۈسە، شۇنى ئۈگىنىپ چوڭ بولىدۇ. ياخشىلىققا ئۈگىتىلسە، ياخشىلىق ئۈستىدە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى، تەربىيلىگۈچىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ناۋادا، ئۇ يامانلىق ئۈستىدە كۆندۈرۈلسە ياكى ئۇنىڭغا ھايۋانلار بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىنىپ چوڭ بولسا، ئۇنىڭ تەربىيلىنىشىگە سەل قاراپ، ئۆز ھالىغا قويىۋەتسە، ئاخىرىدا، ئۇ يامان تەبىئەتلىك ئادەم بولۇپ چىقىپ، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھى ئۇنىڭ تەربىيلىنىشىگە مەسئۇل بولغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇڭا : «ھەرقانداق بىر بالا ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىدۇ، يا خىرىستىيان قىلىدۇ ياكى ئاتەشپەرەس قىلىدۇ» دېگەن.

بالا تەربىيىسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئاتا- ئانىلار ئارىمىزدا بار. ئىلگىرى بىر مۇنبەردە ئەزھەر ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى پەرزەنتىنى تەربىيىلەش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئىككى پەرزەنت دىندىلا ئەمەس، پەندىمۇ ئالاھىدە نەتىجە قازانغان بولۇپ، سىنىپتا ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىكەن.

بىزگە ھېچبولمىغاندا، ئائىلىمىزدىكى ۋاقىت غەنىيمەت ۋاقىت. بالىنىڭ نېمىلەرگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى، دوستلىرىنىڭ قانداقراق بالىلار ئىكەنلىكى دىققەت نەزەرىمىزدە بولۇش بىلەن بىرگە، ئەقىدە يىلتىزىمىز بولغان دىنىي ئېتىقاد ۋە گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنىمۇ ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ئاتا- ئانا بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك بولىدۇ. 

 ئاللاھ زىكرى قىلىنغان ئائىلىگە بەرىكەت چۈشىدۇ. ئايال ئۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. ئەر ئائىلىدىكى ھەققىنى ئادا قىلىدۇ. ئەرنىڭ ھەققىنى تونۇغان ئايال مالامەت قىلمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇش ئىچىدە يېتىلگەن بالا ئىتائەتكار، ئاتا- ئانىغا ھېممەت كۆرسەتكۈچى ۋاپادار ، غۇرۇرلۇق بولۇپ يېتىلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە«ئۇلار<ئى پەرۋەردىگارىمىز ! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى (يەنى تەقۋادارلار نىڭ نەمۇنىسى ،ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن >» دەيدۇ.

مەن پەرزەنت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ھەر بىر ئاتا- ئانىغا ساغلام ئەقىدە، سەۋر، سەگەكلىك تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىگەن پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

ARKZAT: مۇنبىرىمىز ئەزالار ئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدا مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، مۇنبەرداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە، سىزنى زىيارەت قىلماقچى بولغىنىمىزدا زىيارىتىمىزنى تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن تەكرار-تەكرار رەت قىلدىڭىز! ئەمما بىز  يەنىلا ئىش-ئىزلىرىڭىزنى تونۇشتۇرۇش ئىستىكىدە سىزنى ئاۋارە قىلىپ تۇرۇپتىمىز.  قارىغاندا، سىز ھەقىقەتەن كەمتەر ئىكەنسىز. ئۇنداقتا، كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئازراق توختالغان بولساق؟

Menggutash: دەرۋەقە، مىسرانىمدىكى تورداشلارنىڭ مېنى زىيارەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلىرىنى كۆرگەن چېغىمدا ھاياجانغا چۆمدۈم. ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى ، ماختىشىنى خالايمەن. لېكىن، مېنىڭ قىلغانلىرىم ئاۋام ئالدىدا كۆتۈرۈپ چىققۇدەك ئىشلارمۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ تېخى مەنزىلدىن يىراق بىر يولۇچى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن. بەلكىم، مەن كۆپ قىسىم تورداش دېمەكچى بولغان، دېيەلمىگەن نەرسىلەرنى يازغاندىمەن.

«ھەي، مەڭگۈتاش، بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرزادە، ئابدۇرېھىم ئابلەتخاندەك ئۆتكۈر قەلەم ئىگىلىرى تۇرۇپ، ساڭا سۆزلەش ياراشمايدۇ» دەپ ئۆزۈمگە ھاي بەردىم. لېكىن، سەمىمىي تەكلىپلەر ۋە «ھەر بىر قەلب- بىر ئالەم» دېگەن ھېكمەت بويىچە، ئۆزۈم ھەققىدە توختىلىشنى توغرا تاپتىم.

تاش چۆككەنسېرى جىمىپ كەتكەندەك، مەنمۇ بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگەنسېرى ئىلىمسىز سۆزلەشنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. يەڭگىلتەكلىك، دەلىلسىز سۆزلەش ئاقىۋەتتە نادامەت ئېلىپ كېلىدۇ.يۈزەكى، ھادىسىۋىي قاتلامدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغانلار كۆپۈك شان- شەرەپنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ساھابىلەر ھاياتىغا نەزەر تاشلىساق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا قارىي، پەتىۋا ئىلمىدا مۇجتەھىد، ئۇرۇشتا ياراملىق قوماندان، كىشىلەر ئارا مۇئامىلىدە ھاتەم ئىدى. ئۇلار زالىم ئالدىدا ھەقنى سۆزلىيەلەيدىغان، ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەيدىغان ،ھەر بىر كۈنىگە ھېساب بېرەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى. گۈزەل ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  كىمىكى ئىككى كالپۇكى بىلەن ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى ئەزالىرىنى باشقۇرۇشقا كېپىللىك بېرەلىسە، جەننەتكە كىرىشىگە كېپىللىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇلارنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت، مەن تېخى ئۈگىنىش باسقۇچىدىمەن. ئويلىماي قىلغان بىر جۈملە خاتا سۆزۈم ئۈچۈن قىيامەتتە  ھېساب بېرىمەن. ھېلىمۇ ئىلگىرى يازغان يازمىلىرىمدىكى كۇفرى ، شېرىك سۆزلەر ئۈچۈن ئۆرتىنىۋاتقان بىر ئىنسانمەن. شۇ ۋەجى ئۆزۈمنى ئىسلاھ قىلىشقا پۇرسەت بېرىڭلار، دېمەكچى ئىدىم. ئېيتقىنىمدەك، مەن پەرزەنتلىرىمنى ھەقىقىي توغرا ئەقىدىگە مايىل قىلالىدىممۇ؟ قېرىنداشلىرىمغا، ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۆز خۇلقۇم، ئەخلاقىم بىلەن قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىدىم؟ ئۆزۈم يازغانغا ئەمەل قىلالىدىممۇ؟ ھەر بىر كۈنۈمدە ئۈزۈمنى ھەم ياراتقۇچىنى رازى قىلغۇدەك ياخشى ئىش قىلالىدىممۇ؟ بۇ سوئاللار ۋەزنى ئېغىر سۇئاللار ئىدى. «بىر ئادەم ئىش ياكى سۆز- ھەرىكەتتە ئەتراپىدىكى ئۈچ ئادەمگە تەسىر كۆرسىتەلمىسە، ئۇ مەۋجۇدلۇقىدىن سۆز ئاچمىسۇن» دېگەن پىكىرنى ياقلايمەن.

 كەمتەرلىك- ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سۈپىتى. ئىلىم ئەھلى بولغان ئادەمنىڭلا، كەمتەرلىك قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. مەن ئىلىم كوچىسىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن بىر ئاۋارىكەش خالاس. مېنىڭ ماختانغۇدەك دەسمايەم بارمۇ يوق؟ دەڭسەپ بېقىشىم كېرەك. شۇ ۋەجى ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈشۈم تېخى بالدۇر، دېگەننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.  دۇنيا مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلىم ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ جەننەت ھېدىنى ھېدلىيالمايدىغانلىقى ھەدىستە بايان قىلىنىدۇ.  دېمەك، بىز ئىلىمنى باشقىلارنىڭ ماختىشى، ئىلىملىككەن، دېگەن تەرىپلىرى ئۈچۈن ئۆگەنگەن بولساق، ئاقىۋىتىمىز خەتەرلىك. ئاز بولسىمۇ، ئەمەل قىلىنغان ئىلىم شۇ كىشىگە مەنپەئەت بېرىدۇ.

يەنە بىرى، مۇشۇ كۈندە ئېتىقادىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ئادەم خۇددى چوغ تۇتۇۋالغاندەك ئەھۋالدا. ھەتتا بىر قورساق قېرىنداشلار ئىچىدىمۇ ھەق ئۈستىدە تۇرغانلارغا، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزمەكچى بولغانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىۋاتقانلار بار. بىر قېتىم چۈشكۈنلەشكەن بىر تورداش «بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم، بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز» دېدى. «سىز ناماز ئوقۇمسىز» دېسەم، «مەن موللام ئەمەس» دېدى. ھەيران بولدۇم. دىن بىزدە مانا مۇشۇنداق چۈشىنىلدى. ئاشۇ تورداش ئېتىقادلىق بىر مۇسۇلماننىڭ چۈشكۈنلۈكتىن خالىي ياشايدىغانلىقىنى، قەلبكە سىڭگەن ئىماننىڭ ھەر بىر مۇسىبەتنى مۇكاپات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى قانداقمۇ ھېس قىلسۇن؟ بىر مۇنبەردە ياراتقۇچىغا تۆھمەت قىلىنغان بىر ئىنكاسقا ئىنكاس يوللىسام، دەرھال ئۆچۈرۈلدى. سۈننەتنى قوغداشقا ئەمەس، بىدئەتنى قوغداشقا چاپان سالىدىغان ئادەملەر بىزدە خېلىلا كۆپ. بەزى مۇنبەرلەردە غەيرى مەقسەتتىكى كىشىلەر دىننى بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ ياكى دىن زىيانكارلىرىنىڭ ئۆز مەقسىدىگە لايىق ئەقىدىلىرى تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ ھەق- ناھەقنى ئايرىش ئۈچۈن تىنماي ئىلىم ئۈگىنىش لازىم بولىدۇ. كېچىكىش بىزگە ئۇدۇم بولىۋەرمىسۇن!

بىر ئارتۇقچىلىقىم، ئۆزىنىڭ ئىلىمسىزلىكىنى ھېس قىلماي شىلتىڭ ئېتىپ يۈرگەن كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆزۈمنىڭ تېخى ئىلىمسىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋالغانلىقىم بولسا كېرەك. ئىنشائاللاھ. ئىگىمىز توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا پايدىلىق ئىلىملەرنى ئېلىشنى نېسىب قىلغاي!.

ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمدە ئۈچ تۈرلۈك نەرسە تېپىلسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممە  نەرسىدىن ئارتۇق سۆيۈش، بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، ئۇنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتۇش، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كۇفرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا كۇفرىغا قايتىشنى تىرىك پېتى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەكرەك يامان كۆرۈش». شۇنداق بولغاندىلا. ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ. ھەربىر نەرسىنىڭ لەززىتى بار،  ئىماننىڭ لەززىتى مانا مۇشۇ ئۈچ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىگە نېسىپ بولىدۇ. ئاخىرىدا، بارلىق تورداشلارغا ئەقىدىسىدىن تەۋرەنمەيدىغان ساپ ئىمان ، ئادىمىيلىك تىلەيمەن!

ARKZAT: سىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالىڭىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولارمۇ؟

Menggutash: ئەدەبىي ئىجادىيىتىمنى ئەسەر ئېلان قىلىشتىن باشلىغان دېيىلسە، 1993- يىلغا سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان، قەلەم بىلەن ئېيتىشىپ كەلدىم. ئاددىي لىرىكىلاردىن بۈگۈنكى بىرقەدەر چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن شېئىر ۋە باشقا ژانېردىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقىچە بولغان 17 يىللىق تارىخىمدا ئاستا- ئاستا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدىم. ئەلۋەتتە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلىقىممۇ مەلۇم جەھەتتە يېزىقچىلىقىمنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىدى. كۆپ خىل ژانىرلاردا ئۆزۈمنى سىناپ باقتىم. بالىلار ئەسەرلىرى، شېئىر، نەسىر، پوبلىستىك ماقالە... قاتارلىقلارنى يېزىپ باقتىم. 40 ياشقا كىرگۈچە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا خېلىلا كۆپ ساندا ئەسەر ئېلان قىلدۇردۇم. ئۈچ پارچە شېئىرىم «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن بولدى. بىرپارچە شېئىرىم خەنزۇچە « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. 2000- يىلى بىر تۈركۈم شېئىرلىرىم قازاقىستاندا چىقىدىغان «دىدار» ژۇرنىلىغا كۆچۈرۈپ بېسىلدى. 2000- يىلى بىر قىسىم شېئىرلىرىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئېرىشتى. ھازىر ئاساسەن ئىجتىمائىي ماقالە، شېئىر ، بالىلار ئەسەرلىرىنى ئىجادىيەت نىشانى قىلىۋاتىمەن. بۇ يىل بالىلار بايرىمىغا ئاللاھ خالىسا «كۆسەي قۇيرۇقنىڭ كەچۈرمىشلىرى» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمىم نەشىردىن چىقماقچى. باشقا تىلغا ئالغۇدەك ئالاھىدە نەتىجەم يوق.

شېئىرغا ئالاھىدە مۇھەببىتىم بار ھەم مەن ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان ژانېرمۇ شېئىر. چۈنكى، تومۇردا ئىسسىق قان ئېقىپلا تۇرىدىكەن، يەر شارىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىنسان قالغۇچە شېئىر داۋاملىشىدۇ. ئۇ قاندا، قۇرۇپ قالغان گۇل بەرگىلىرىدە ، مېھىر تەپچىپ تۇرغان قارا تۇپراقتا ياشاپ، بىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ، ئاشۇ مۇقەددەس تۇيغۇلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت قەدىرلىشىمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

مېنىڭ مۇقىم يېزىقچىلىق ئادىتىم يوق. ئادەتتە بىرەر سۆز، بىرەر مىسرا، بىرەر پارچە شېئىرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە نەچچە سائەت ئولتۇرۇپمۇ، بىرەر پارچە شېئىر يازالماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. لېكىن شېئىرلىرىمدىن ھامىنى بىر كەمتۈكلۈكنى سېزىپ تۇرىمەن. ئادەتتە، سۆز تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن مەيلى يالغۇز بولاي ياكى بىر توپ ئادەم ئىچىدە بولاي، ھامىنى تەنھالىق ئىلكىدە بولىمەن. بەربات بولىۋاتقان ئەخلاق، خىرەلىشىۋاتقان ئاتىلار ئىزلىرى، مەسۈملىكىنى يوقاتقان بالىلىق قەلب مېنى توختىماي قىيناپ تۇرىدۇ. ئېتىقاد بىلەن كۇفرىلىق، ۋىجدان بىلەن نائەھلىلىك ئارىسىدا پۇچۇلىنىمەن. بۇنداق چاغلاردا، قەلەمگە مۇراجىئەت قىلماي ئامال يوق. بەلكىم، مېنى شېئىر يېزىشقا مەجبۇرلاۋاتقان كۈچ شۇ بولسا كېرەك.

بۇندىن كېيىنكى نىشانىمنى كونكىرت يۇسۇندا تۈزمىدىم  ھەم كەلگۈسىدىكى ئىشلار توغرىلىق تەنتەنىلىك سۆزلەرنى قىلغۇم يوق. مۈمكىن بولسا، يازمىلىرىمنى توپلام شەكلىدە چىقىرىش ئويۇممۇ يوق ئەمەس، يەنە بىرى، بالىلار ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىم بار.

ARKZAT: مۇنبىرىمىزدە ئەزالارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشىش ئارقىلىق تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئالماشتۇرۇشۇپ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئاساسىدا مەنىۋىي جەھەتتە ئورتاق  ئىلگىرىلەش ۋە مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلىۋاتقان «ئەزالار زىيارىتى» پائالىيىتىگە  قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە، بۇ زىيارەتتە  قايسى تېمىلارنى گەۋدىلەندۈرگەندە، ئاندىن بۇ  پائالىيەتنى تېخىمۇ كۆپ مۇنبەرداشلارنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشتۈرگىلى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

Menggutash: مىسرانىم تورىنىڭ «ئەزالار زىيارىتى» سەھىپىسى- ياخشى باشلىنىش. بۇ ئارقىلىق تور دۇنياسىدىكى قەلىمى پىشقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ روھىي دۇنياسى، قايغۇ- شادلىقلىرى، ھاياتلىق تەجرىبىلىرى بىلەن تونۇشقىلى ، ئۇلارنىڭ بەزى قىممەتلىك ھاياتلىق تەجرىبىلىرىدىن مەنپەئەتلەنگىلى بولىدۇ.

بۇ سەھىپىدە زىيارەت ئوبيېكتىنى تاللىغاندا، مەلۇم تۆھپە قوشقان ئەزالارنىلا ئەمەس، كەچۈرمىشلىرى ئۆزگىچە، مۇنبەرگە مۇھەببىتى كۈچلۈك ئادەتتىكى ئەزالارنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەكمىكىن، دەيمەن. يەنە بىرى يېزا – قىشلاقلاردا شارائىتى ناچار ئەھۋالدىمۇ تورغا چىقىپ سەمىمىي ئىنكاسلارنى يوللاۋاتقان تورداشلارمۇ يوق ئەمەس. كونكىرتنى ئېيتقاندا، بەزى دېھقان تورداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ھېسسىياتى قاتارلىقلارنى بىلىپ بېقىشقا بولامدۇ- يوق؟ سۆھبەت تېمىسى بىر -ئىككىلا ساھەگە مەركەزلىشىپ قالمىسا، بالىسىنى ياخشى تەربىيەلىگەن بىرەر تورداشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنىمۇ سۆھبەت مەزمۇنى قىلىشقا بولىدۇ.

ئاخىرىدا، مىسرانىم تورىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەيمەن. مۇنبەردىكى ئوت يۈرەكلەر مەڭگۈ ئامان بولسۇن.

سىزگە ھەم كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر! 

 

[align=justify]
 سەمىمىي ئەسكەرتىش:

   بۇ قېتىمقى تۇنجى سان سۆھبىتىمىزنى  مۇشۇ  يەردە ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا، بارلىق مۇنبەرداشلىرىمىزغا سەمىمىي ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىمىز شۇكى، «ئەزالار زىيارىتى»-  مۇنبىرىمىز  تۇپرىقىدا ئەمدىلەتىن بىخلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئۈمىد مايسىسى. ئۇ-ھەممىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە پەرۋىشلىشىگە، ئەجىر-مېھنەتلىرىمىز «سۈيى» بىلەن قاندۇرۇپ،  شېرىن مېۋىلەرگە كىزگۈزۈشىمىزگە تولىمۇ مۇھتاج! بىز بۇ  سەھىپىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇپ، «ئەزالار زىيارىتى»نىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ«ئەزالار زىيارىتى»گە ئالاقىدار   ئەھمىيەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن بىزنى ھەر ۋاقىت تەمىنلەپ تۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ پائاليىتىمىزنىڭ قەرەللىك، سېستىمىلىق ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىشى ئۈچۈن سەھىپىمىزگە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرىنى، تۈرلۈك ئىجادىي قاراشلىرىنى كەڭ-كۇشادە ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
nawa + 100 خوراز!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16252
تۆھپە نۇمۇرى: 964
توردا: 4389 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 01:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم مەڭگۈ تاش ..رەھمەت مىسرانىم .......
قومۇلدىن ھەممىڭلەرغا ئوتلۇق سالام

ناتىرىي خىلور

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 01:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Mana mawu nader tema!!!!
  Manggu tax apandiga bolgan hormitim hassilap axti.  
sizgautuk tilayman.

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام   سىز بىلەن توردۇنياسىدا بولسىمۇ تونۇشقىنىمدىن خۇشالمەن.
   سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

سىزنى بەك ياخشى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33835
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3203
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 5003 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.بارىكاللا! [s:173]  [s:173]  [s:173]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9745
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7137
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 2712 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈ تاش ئەپەندى بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن خوشالمەن [s:173]

گۇناھىم سۆيگىدىن ئۆزگە،نىمەدۇر بىلمىدىم ئەسلا

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13617
تۆھپە نۇمۇرى: 1260
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئىزىنى بويلاپ ئۆز ۋەتىنىنى ئىزدەپ يولغا چىققان بىر ئەركەك مۇشەققەتلىك سەپىرىدە تالاي قىسمەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپتۇ. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا ،ئېشەكتەك ئېغىناپ كەيىپ سۈرگەن مۇناپىقلارنى، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلگەن قەھرىماننىڭ ئۆلۈكىنى سازايى قىلىۋاتقان بىنومۇس كىشىلەرنى، ۋەتەن تۇپرىقىنى باغاشلاپ يېتىپ مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمغان سەرگەردانلارنى، ۋەتىنىنى سېتىپ خەجلەۋاتقان پەسەندىلەرنى، ۋەتەن ھەققىدە قەسىدە توقۇپ قويۇپ، ئىشرەت قۇچىقىغا چۆككەن ئەھلى قەلەملەرنى، يۈزىگە ئۇپا- ئەڭلىك سۈرۈپ ،ۋەتىنىگە خېرىدار چاقىرىۋاتقان پاھىشىلەرنى ئۇچرىتىپتۇ. ۋۇجۇدى تىتما-تالاڭ بولغان بۇ ئەر كۆز ئالدىدىكى ئالامانلاردىن ھۇشىنى يوقىتىپتۇ. ۋەتىنىنى ئىزدەش سەپىرىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بوپتۇ- يۇ ، لېكىن كۆز ئالدىدىكى كۆرۈمسىز يانتاقنىڭ زېمىننى باغاشلىغان يىلتىزىنى كۆرۈپ توختاپ قاپتۇ. بۇ يىلتىزلاردىن مەسئۇلىيەت ۋە مۇھەببەت تاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇ يانتاقنىڭ يىلتىزىنى كولاپتۇ. كولاپتۇ، ئۇچىنى تاپالماپتۇ. يىلتىز قانچە چوڭقۇرلىغانسېرى، شۇنچىلىك ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ يانتاقنى يۇلۇش ئۈچۈن قول سوزغان ئىكەن، قولىغا تىكەن سانچىلىپ بىر تامچە قان ئېقىپ چىقىپتۇ. ئۇ شۇندىلا ھەممىنى چۈشىنىپتۇ. ۋەتىنىنى ھەقىقىي سۆيگەن، سۆيگۈسى، مەسئۇلىيىتى چوڭقۇر ئادەمنىڭ ۋەتەندىن ئېرىشىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا،تىكەنگە ئايلىنالمىغان ئادەمنىڭ قەدرى ۋەتەن بىلەن تەڭلا توزۇيدىكەن. ۋەتەن قەسىدە بىلەن ئەمەس، قان بىلەن سۆيۈلىدىكەن. ئۇ يانتاقنىڭ يىلتىزىنى ئېھتىيات بىلەن كۆمۈپ قويۇپ، يەنە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. جەڭگاھلارغا كىرىپتۇ. ئىلىم سورۇنلىرىدا مۇتائىلە قىلىپتۇ. نەدە خەتەر بولسا، شۇ يەردە ئۈنۈپتۇ. ئۇ ۋەتەن تۇيغۇسى خىرەلىشىپ كەتكەن بىغەملەرنىڭ كۈلكىلىرىدە ئاينىپ كەتمەپتۇ. دەرەخ تىكىپ چۆللەرنى بوستان قىلىپتۇ.  

نېمە دېگەن پاساھەتلىك تەسۋىرلەر بۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك  ئىش بولۇپتۇ...ۋاقىتىم قىس بولۇپ قالدى شۇڭا  ئاۋۋال ئېنكاس يىزىپ ساقلىۋىلىپ ئەستايىدىن ئوقۇي...

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بولىشىنى  ئۈمىد  قىلىپ ئولتۇرغان ..مەڭگۇتاش  ئەپەندىمنىڭ  ئۆتكۇر قەلەملىرىگە  قايىل بولغانمەن ...  ئاپرىن ئاپرىن ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 02:28:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا...شۇنداق ياخشى ئىش بۇپتۇ مۇبارەك بۇلسۇن......

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش