مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: روھزاد

«ئانا» ھەققىدە مۇۋەششەھ (مۇكاپاتلىق ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ـــ رەھىمس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1458
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10327
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 02:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:17-قەۋەت (atabore) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 22قەۋەت روھزاد كە 2011-04-29 10:55 AMئەۋەتىلدى 17-قەۋەت (atabore) نىڭ يازمىسىغا :
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، «ئاتا بۆرە» ئەپەندى.
   ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىزدە قۇرۇق ماختاشلاردىن خالىي بولغان ئىلمىي باھا يېزىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان يەنە بىر تورداش بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ھەم سىزنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تەنقىد ئېلىپ بارغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
   ئەمدى شېئىردىكى بەزى مەسىلىلەرگە بولغان پىكىرلىرىڭىزگە كەلسەم، ئۇنى ئېتىراپ قىلىمەن ھەم شۇ ئاساستا تەھرىرلەپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم. ئەسلىدە ئەسلىي تېمىنى تەھرىرلىۋەتسەم بولاتتى، لېكىن ۋاقىت 300مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا ئامالسىز قالدىم. پەقەت «بىرەر ۋاخ سوغ دېمەي» دېگەن تەكلىپتىن باشقىلىرىنى قۇبۇل قىلدىم.
   ئەمدى تىل ئىشلىتىش  جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلەرگە كەلسەم، ھەربىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولىدۇ. ئەگەر بۇنى باشقىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىۋەرسەك، خاسلىق يەنە مەۋجۇت بولامدۇ؟!
   يەنە بىر مەسىلە، سىز بۇ يەردە «رەنج» سۆزىنى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئەمەس، ئىشلەتسە بولمايدۇ، دەپسىز. سىزگە تەكلىپىم، پۈتۈنلەي ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بىر پارچە ئەسەر يېزىپ بېرىڭ، مەن شۇ چاغدا مىسرانىمدىكى ھەممە ئەسىرىمنى ئۆچۈرىۋېتىمەن. ئەسلىدە سىزگە بۇنداق تەئەددى قىلمىساممۇ بولاتتى، ئەمما سۆز سەل قاتتىقراق بولمىسا ساۋاق ئېسىدە تۇرمايدۇ ئەمەسمۇ. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. قارىغاندا ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر كاللىڭىزدا سەل غۇۋا بوپ قالغاندەك قىلىدۇ.
.......


ئالدى بىلەن ئەرزىمەس ئىنكاسىمنى نەزىرىڭىزگە ئالغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. لىكىن، ئىنكاسىڭىزدىكى بەزى بىر نۇقتىلاردىن دىمەكچى بولغانلىرىمنى خاتا ئىستىمال قىلىۋالغاندەك كۆرىنىسىز. 

 

1- نۇقتا.

« ئەمدى تىل ئىشلىتىش  جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلەرگە كەلسەم، ھەربىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولىدۇ. ئەگەر بۇنى باشقىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىۋەرسەك، خاسلىق يەنە مەۋجۇت بولامدۇ؟! »

 

مەن ئىنكاسىمنى خېلى ئويلىنىپ ئاندىن يازغان. چۈنكى، يەنە شۇنداق گەپنىڭ قايتىلىنىشىدىن ساقلىناي دىگەن. بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا يارىشا ئۇسلۇب ۋە خاسلىقى بولىدۇ. بۇنى مەن نىمە دېسەم شۇنىڭغا ئۆزگەرىت دىيىش ھەققىم يوق. پەقەت ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ۋە ئاخىرىدا ئىزاھات بىرىپ ئۆزىڭىز قايتا بىر ئىشلەپ باقارسىز دىگەن جۈملىنى قوشۇپ قويدۇم.

 

2- نۇقتا.

« يەنە بىر مەسىلە، سىز بۇ يەردە «رەنج» سۆزىنى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئەمەس، ئىشلەتسە بولمايدۇ، دەپسىز. سىزگە تەكلىپىم، پۈتۈنلەي ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بىر پارچە ئەسەر يېزىپ بېرىڭ، مەن شۇ چاغدا مىسرانىمدىكى ھەممە ئەسىرىمنى ئۆچۈرىۋېتىمەن. ئەسلىدە سىزگە بۇنداق تەئەددى قىلمىساممۇ بولاتتى، ئەمما سۆز سەل قاتتىقراق بولمىسا ساۋاق ئېسىدە تۇرمايدۇ ئەمەسمۇ. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. قارىغاندا ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر كاللىڭىزدا سەل غۇۋا بوپ قالغاندەك قىلىدۇ.»

 

مەن بۇ يەردە بولمايدۇ دېمىدىم. چەتنەپ قاپتۇ دېدىم. سىز بەلكىم ئاتاقلىق ئاممىباپ شېئر ئىگىسى < مۇھەممەتجان راشىدىن> ئاكىمىزنى ياخشى بىلىسىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ شېئرلىرىنى نىمە ئۈچۈن خەلىق شۇنچە سۆيۈپ ئوقۇيدۇ؟ سەۋەب بىر ئوقىغان ھەر قانداق كىشى سۆز مەنىسىنى تولىقى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئۇ خەلىقنى تاللىغان ئىدى خەلىقمۇ ئۇنى تاللىدى. باش مەقسەتكە كەلسەك، شېئر يازغۇچى شېئرنى قۇرۇق ھېسياتقا ئەمەس ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان يۈكسەك مەسئولىيەت بىلەن يېزىشى شەرىت. ئەسەرنى بىز يازغان ئىكەنمىز چوقۇم ئۇنىڭغا مەسئول بولىشىمىز كېرەك. بىر پارچە ئەسەرنى يېزىپ سىز خەلىققە سۇنغان ئىكەنسىز خەلىقنىڭ نىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنىمۇ كۆڭۈلدىن يىراق قىلماسلىقىڭىز كېرەك.  بۈگۈنكى زامان ئاممىباب شېئر يېزىلىشىدا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز سۆزلەرنىڭ تاللىشىنى ئاممىباپ بولىشى يەرلىك شىۋە قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشى كېرەك . ئەگەر قەلەم ئىگسى ئۇنىڭغا يول قويۇپ قالغاندا قەلەم سىزنىڭ قولىڭىزدا ئۇنى ئوقۇرمەنگە سۇنۇشتىن ئاۋۋال شۇنداق جايلار بايقاپ ئۇنىڭغا ئىزاھات بېرىلىشى كېرەك. يېزىپ بولۇپ ئوقۇرمەنگە ‹ چۈشنمىگەن سۆزىڭنى لوغەتتىن تېپىۋال› دېسەك مۇشۇ دەمدىن تارتىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى قولىغا لوغەت ئېلىپ ئەسەر ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا قەلەم ئىگىسىنىڭ يۈزى قىزارمىغان بىلەن قەلەم شۇ جايدىلا ئۇجۇقىپ كېتىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك ھېلىقى ‹ ساتىراچخانىدا› دىگەن ئېتوتتىكى « شائېر » دەك يازغان نەرسىنى ئۆزى يىقىپ ساقلىسىلا كۇپايە بوپ قالىدۇ.

 

3- نۇقتا.

« سىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىن «رەنج» سۆزىنى ئاختۇرۇپ بېقىپ ئاندىن بۇ سۆزنىڭ ئاممىباب ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىڭ.»

 

قارىسام سىز ‹ئاممىباب› دىگەن سۆزنىڭ لوغەت مەنىسنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئوخشايسىز. بىر قاراشتىلا چىقىپ تۇرىدكى ‹ ئاممىغا باپ كېلىدىغان يەنى ئامما تەرىپىدىن بىر ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمسە، يۇقۇردىكى ئىنكاسلارغا قاراپ بېقىڭ. نەچچە ئادەم چۈشىنىپ يەنە نەچچىسى چۈشەنمەي گاڭگىراپ قالدى؟

 

4- نۇقتا.

« پەقەت «بىرەر ۋاخ سوغ دېمەي» دېگەن تەكلىپتىن باشقىلىرىنى قۇبۇل قىلدىم.»

 

بۇ يەردە مەن يەنە ئويلىنىپ قالدى. ئاپتۇر تەرىپدىن ئېيتىلغان 3- بىر شەخىسنىڭ سۆزى ئەدىبىياتنىڭ ھەرقانداق ژانىرىدا تىرناققا ئېلىنىدىغىنى ئەقەللىىي قائىدىغۇ!؟ ئەجىبا، سىز ئىشلەتكەن ئۇ بىر جۈملە بۇنىڭ سىرتىدىمۇ؟

 

 

ئاخىردا دەيدىغنىم، بۇ يەردە ھەممەيلەن ئۈگەنگۈچى. بىرسىنىڭ يەنە بىرسدىن ئۈستۈن تۇرشى مۇتلەقلىققە ئىگە ئەمەس. شۇڭا، بولسا پوزىتسىيىدە سوغۇققان بولۇڭ. مەن يازغان نەرسىلىرىمگە ئىگە بوپ كېلىۋاتقان بىر ئاددى بەندە. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق ئاساسىي لوغەت تەركىبىدىن تۈزۈلگەن بىر ئەسەر مەيدانغا كېپ قالسا سىز ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەرلەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلامسىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. دەيدىغاننى دەپ بولۇپ « ئەسلى ئۇنداق دىمىسەم بولاتتى» دېسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈڭ؟! ئەركەكنىڭ ئېغزىدىن چىققان گەپنى قايسى ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇپ ئېلىش مۇمكىنكىن؟ بۇ يەردىكى مەقسەد، بىرسى يەنە بىرسىنى يېڭىۋىلىش ئەمەس. ئورتاقلىشىش، كەم يىرنى تولۇقلاش. تارىختىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھېچبىر مۇنازىرىدە بىرەرسىنىڭ يەنە بىرسىنى يىڭىۋالغانلىقى تاكى بۈگۈنگە قەدەر خەۋەر قىلىنمىدى. چۈنكى. مۇنازىرىدە يېڭىش-يېگىلىش مەۋجۇد ئەمەس. يۇقۇرقىلارنى يەنە خاتا ئىستىمال قىلىۋالماڭ. بۇ بۇيرۇق ئەمەس. پەقەت ئورتاقلىشىش. ئۆز قارىشىڭىزدا چىڭ تۇرسىڭىز ئىلمىي سۆھبەتتە بولساق مەن تەييار. بولمىسا بۇنداق دەتالاشلاردىن مەن بەك بېزار. ئامان بولۇڭ !

 

جاھالەت ئادەمنى نادان قىلىدۇ، نادانلىق ئادەمنى خار ۋە قۇل قىلىدۇ. خارلىقتا، قۇللۇقتا ياشىغان ئادەمنىڭ ۋەتىنى ۋە تارىخى بولمايدۇ.

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35317
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 04:21:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

25-قەۋەت (atabore) نىڭ يازمىسىغا

گېپىمنى تولۇق چۈشەنمەپسىز، ئىنكاسىمنى ئالدىراش ئوقۇپلا جاۋاب يېزىپسىز. تولىمۇ ئەپسۇس.
1. مەن «‹بىرەر ۋاخ سوغ دېمەي› دېگەن تەكلىپتىن باشقىلىرىنى قۇبۇل قىلدىم» دېگەندە ھەرگىزمۇ كۆچۈرمە  قىلىنغان سۆز ياكى پېرسۇناژ سۆزلىرى قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ دېمىدىم، پەقەت سىزنى خاتا بايقاپ قاپتۇ دەپ «بىرەر ۋاخ ‹سوغ› دېمەي» قىلىپ ئۆزگەرتتىم.
2. مېنىڭ سىزنى تولۇق ئوقۇماي ئىنكاس قايتۇرۇپسىز دېگىنىم، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى چوڭ كۆرگەنلىكىم ھەم ئىنكاس ساھىبىنى ھۈرمەتلىگەنلىكىم ئۈچۈن يۇقىرىدا دېيىلگەن نۇقتىنى بىرىگە شېئىرنى قايتا تەھرىرلەش، يەنە بىرىگە سىزگە يازغان ئىنكاس بولۇپ ئىككى قېتىم تەكىتلىسەممۇ، بېشىنى كۆرۈپ ئاخىرىنى كۆرمەيلا ئىنكاس يېزىپسىز. ئەسلىدە مەن سىزنى بۇ ئىنكاسلارنى تولۇق ھەزىم قىلىپ كېتەلەيدۇ دەپ شۇنچە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانىدىم.
3.«رەنج» سۆزى گەرچە ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرمىسىمۇ، لېكىن خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنى چۈشىنەلمەيدىغانلار 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان 10پىرسەنتنى ئىگىلىشى مۇمكىن. ھەممىنى ئاممىباب ئەمەس دەپ، ھەممەيلەن ئاممىبابلاشتۇرۇپ يازغىلى تۇرساق، ئەتە بەك ئەبجەشلىشىپ كەتكەندە يەنە ۋايسايمىز. شۇڭلاشقا ھەممىنى بىراق تاشلىۋەتمەي، ساقلاپ قالغۇدەكلىرىنى ساقلاپ، داۋاملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن.
ئاخىرىدا يەنە بىرى سىزگە شىنجياڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخاننىڭ «تەپەككۇر نامراتلىقى ۋە تىل كېكەچلىكى» ناملىق ماقالىسى بىلەن كېيىنكى سانىغا بېسىلغان، يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورىنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. تىل ئىشلىتىشتىكى چېكىدىن ئاشقان ئاممىبابلىق ۋە كونسىرۋاتىپلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قوللىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر شۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ، مېنى يەنە ئاممىباب ئەمەسكەنسەن دېگىڭىز كەلسە دېسىڭىز بولىدۇ.
   مەن سىز بىلەن بۇ خىل پىكىر نۇقتىلىرىدا ئورتاقلىشىپ سۆھبەتلەشكىنىمدىن تولىمۇ ھوزۇر ھېس قىلدىم. مەنمۇ تالاش-تارتىشقا ئۆچ، بىراق بىر كىشىنىڭ بىلگىنى بىرچە، ئىككىنىڭ ئىككىچە بولىدۇ. ئىلمىي بولغان تەنقىد ھەربىرىمىزگە ئازراق ئىلمىي پايدىلارنى يەتكۈزسە دەيمەن خالاس.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ۋاقىت ـــ رەھىمس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1458
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10327
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 05:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسىمنى تولۇق ئوقۇماپسىز دىگەن سۆزگە سەل نارازى بوپ قالدىم. بولمىسا ئىنكاسىڭىزنى تەھرىرلەشتىن بۇرۇن مەن ئىنكاسىڭىزنى 3 قېتىم ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاسىمنى يازغان ئىدىم. بەلكىم، تەھرىرلىنىپ بولغاندىنكىن ئىنكاسىمنى كۆرۈپ نارازى بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن. يەنە بىر گەپ مىنىڭ ئىنكاسىمدىكى بەزى بىر قوشۇمچىلارنى سىز كۆرمەي ئۆتۈپ كىتىپ قاپسىز...

بولدى تېمىغا كېلەيلى:

دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار. لىكىن مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، ئاممىباب يازغىلى بولىدىغاننى شۇ يۇسۇندا بولمايدىغاننى يەنە ئۆزىگە چۇشلۇن باشقا يۇسۇندا يازسا زىقمۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ. ئوتتۇر يولنى تۇتتۇق دەپ ھەممىنى شۇنداى يازغىلى تۇرساق سىزچە ئەدىبىياتىمىز قانداق بوپ كىتەر؟ كىيىنكىلەرگە يەنە نىمىمۇ قالار؟ خۇددى، رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم ئوتتۇر يولنى تۇتقۇچى موللىلاردەك بىېدئەتنى ۋاقتىدا يوقاتماي ئاستا-ئاستا يوقىتىش پىرىنسىپىدا ماڭساق مىڭ يىللاردىن بۇيان ھازىرغا كەلگىچە دىنىمىزغا چاپلىشىۋالغان نۇرغۇن بىېدئەت سالجىلاردەك ئۇنىڭ ئاخىرىنى يۇغۇشتۇرۇش كىيىنكىلەرگە بەك تەس كېلىدۇ. بەلكىم، يۇغۇشتۇرالماسلىقىمۇ مۇمكىن... يەنە بىر گەپ مەن ئەدەبىياتتىن ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. پەقەت توردىنلا ماتىرىيال كۆرۈشكە قۇربىم يىتىدۇ. تور سىرتىدىكى نەرسىلەرنى ئوقۇشقا كىيىنچە ۋاقىت نىسىپ قىلىپ قالا. شۇڭا، ھازىرچە ئۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ سىزگە باھا بىرىش سالاھىتىم توشمايدۇ.

جاھالەت ئادەمنى نادان قىلىدۇ، نادانلىق ئادەمنى خار ۋە قۇل قىلىدۇ. خارلىقتا، قۇللۇقتا ياشىغان ئادەمنىڭ ۋەتىنى ۋە تارىخى بولمايدۇ.

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35317
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 05:37:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

28-قەۋەت (atabore) نىڭ يازمىسىغا

بەلكىم نارازىلىقىڭىز ئورۇنلۇقتۇ ياكى ئورۇنسىزدۇ، لېكىن بۇ دېگەن ئەركىن دۇنيا. تور دېموكراتىيىسى تەكتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش سالاھىيەت مەسىلىسى بەك گەۋدىلىك ئەمەس. مېنىڭ يازغىنىم ئارۇز ۋەزنى، شۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ئەگەر بارماقتا يازغان بولسام مەنمۇ قەتئىي ئەرەب پارس تىلىدىن كىرگەن، كونا تىل ئېلىمېنتلىرىنى ئىشلەتمىگەن بولار ئىدىم، ھېلىمۇ ئاز ئىشلەتتىم دەپ ئويلايمەن. پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىسەك، ئۆز قارىشىمىزنى ساقلاپ قالساق بولىدۇ.
سىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم. پۇرسەت بولسا يەنە سۆھبەتتە بولارمىز.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32432
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4158
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 07:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 19قەۋەت روھزاد كە 2011-04-29 10:30 AMئەۋەتىلدى :

 

 

«ئانا» ھەققىدە مۇۋەششەھ

(جەننەت ئاچقۇچى ئانىدا)
.......

 
 

  ئىھ ئانام، جەننەت ئانام، كەۋسەر ئانام،

  مېھرىگە جانىم بېرەي، كەۋسەر ئانام.


قىيالمىغۇدەك ھې

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39148
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3248
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2011-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 07:46:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 17قەۋەت kilyang كە 2011-04-29 01:01 PMئەۋەتىلدى :
بۇ نى  ياخشى يوللاپسىز     بىراق   ئانا ھەققىدە مۇۋەششەھ  ئاللا بۇرۇن ئەلكۈيى مۇنبىردە ئىيتىلىپ بولغان     دىمەكچىمەنكى ماۋزۇسىنى تاللىيالماپسىز !
  شېئىرنىڭ پۇرىقى بەك جانسىز ! بىراق يەنىلام  تىرىشىڭ مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن
  شېئىر دىگەن  خالىغانچە تىزىپ قويسا   بولمايدۇ !!
  ئەمما  ئانا ھەققىدە ئويلىغان ھېسلىرىڭىز  بەك ياخشى چىقىپتۇ !
  باشقىلار  يوللاپ بولغان  كونا  تىمىنى يوللاپسىز !  يەنى ماۋزۇسىنى دىمەكچى !  ماۋزۇمۇ بەك  مۇھىم
 
   ئەگەر ئادرېسىنى بىلسىڭىز مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويۇڭ~~كۆپچىلىك ئورتاق كۆرمەمدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39196
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3215
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2011-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز . بارىكاللار.

كۆرەلمەسلە ئىشىنى قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6653
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 07:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش