«ئانا» ھەققىدە مۇۋەششەھ
(جەننەت ئاچقۇچى ئانىدا)
روھزات
جان ئانام چاچ لېچىكى بارچىسى ئاپئاق ئانام،
يۈزلىرى يول-يول نەقىش دىللىرى ساپساق ئانام.
ئەجرىدىن جەننەت بېرىپ قوزىسى پەرزەنتىگە،
ھەر يولۇم قاتراپ ئۆزى پۇتلىرى ئاقساق ئانام.
نەچچە رەت مۈشكۈل جاپا ئەگسىمۇ ساق قەددىنى،
يەنىلا پەرزەنت ئۈچۈن رەنجىگە ئامراق ئانام.
نۇرىدىن مېھىر بېرىپ باقىدۇ ئالەمگىمۇ،
چىن ۋاپا بابى ئۈچۈن ئەبەدىي بايراق ئانام.
ئەسلىدىن پەرى سۈپەت بارساق يېنىغا ئەركىلەپ،
مېھرى بار ئىسسىققىنە سۆزلىرى قايماق ئانام.
تارتسىمۇ كۈرمىڭ جاپا باقتى ھالاللاپ نان بىلەن،
بىر قولى يىڭنە يەنە بىر قولى ئويماق ئانام.
ئاشنىمۇ بىزدىن كېيىن يەيدۇ بىرەر ۋاق سوغ دېمەي،
ئاۋۋىلى بىزگە بېرىپ سالسىمۇ قۇيماق ئانام.
چۆرگىلەر بىر ئۆي پۈتۈن ھەممىگە چاپقان ئۆزى،
ئورمىدا بۇغداي ئورۇپ قولىدا ئورغاق ئانام.
قالمىسۇن سىرتلاردا دەپ تۈن كېچە ئاچقان ئىشىك،
كۈندۈزى ئىشچان يەنە كېچىسى تۇيغاق ئانام.
ئۇخلىماي غەملەر بىلەن كەلسە غەم پەرزەنتىگە،
تۈنلىرى قىلغان دۇئا ئولتۇرۇپ ئويغاق ئانام.
چېچى ئاپئاق قاتارغا قوشقىچە قىز ۋە ئوغۇل،
بارىنى بىزگە بېرىپ يېگىنى تولغاق ئانام.
ئىھ ئانام ئالتۇن ئانام خان ئانام جەننەت ئانام،
سىز بىلەن ھەر كۈنىمىز ئۆتىدۇ قۇۋناق ئانام.
ئارمىنى ئارزۇسىنى كۆرگىچە پەرزەنتىدىن،
ۋايسىماي يۈرگەن يېرى چەت يېزا قىشلاق ئانام.
نەمۇ نە ئۇ ئالدىراش پۇت-قولى تاپماي ئارام،
توخۇسى ئۆرۈپ قازان سۈتلىرى پىشلاق ئانام.
ئىزلىرىم كۆچكەن سەپەر توقىچى سومكامدا لىق،
پۇختىلاپ قىلغان ئىشى ئىنچىكە ئۇششاق ئانام.
دىللىرى دەريا مىسال مېھرى بار ئوتقاش كەبى،
باغرى كەڭ بىزگە ئەبەت بىر گۈزەل يايلاق ئانام.
ئاپىرىپ قايتساقمۇ بىز مەككىگە كۈرمىڭ قېتىم،
ئەجرىنىڭ ئالدىدا ئۇ بىر كىچىك ياپراق ئانام.
«مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى»گە
بۇ مۇۋەششەھ مۇنبىرىمىزدە ئاتا-ئانا توغرىسىدىكى تېمىلارنىڭ ئاز بولۇشى، شۇنداقلا بىر قىسىم تورداشلارنىڭ شۇ خىل تەلىپىگە ئاساسەن يېزىلغان. تۇنجى قېتىم مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىشى، تورداشلارنىڭ باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈشى چەكلىنىدۇ، ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت.
مەنبە: روھزات قەلىمى