ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 32قەۋەت mollam22 كە 2011-03-19 08:56 PMئەۋەتىلدى :
يىغلاش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى.تىما تەسىرلىككەن.ئەمما نادىر تىمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېخى بالدۇر.
ئۆزىنى " موللام" دەپ ئاتىۋالغان تەقسىر : ئۆزلەنىڭ تەرغىپ قىلماقچى بولغانلىرى ، " ئاياللار ئاجىزلىق قىلماسلىقى ، ئېرى بىرنى دىسە ئىككىنى دىيىش " دىگەننى تەرغىپ قىلىشمۇ ؟ ئۇنىداق قىلسا " تالاق " دىگەن پەتىۋالىرى يانلىرىدا تەل تۇرسا، قايسى بىر ئايال ئېرىگە بوي بەرمەسلىككە جۇرئەت قىلالار .
يىغلاش ئاجىزلىقنىڭ بەلگۇسىمۇ ؟ ناۋادا ئاياللارغا " ئاجىز بولماڭلا، يىغلىماڭلا " دەپ تەشەببۇس قىلىپ بېقىڭ ، قانداق ئاقىبەت كىلىپ چىقاركىن.چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاقىبەتلەر :
بىرى ___ ئېرىگە بوزەك بولمايدۇ، بۇنداق ئاياللار بەكمۇ ئاز، تۆۋەنلەردە بىر قىسىم مۇئاشلىق ئاياللار بەلكىم ئېرى بىلەن زاكۇنلىشالىشى مۇنكىن .شۇنداق بولۇپ قالسا ئېرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئىرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئېرىنى باشقا ئاياللارغا تارتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن.
يەنە بىرى ____ ئېرى شۇ زامانلا نۇخۇلىسىنى ئېلىپ قويىدۇ، ئايالىنى ئىت- ئىشەك ئورنىدا تىپىپ ئوينايدۇ، بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ئاياللار ئەڭ كۆپ، بۇ خىل ئاياللار يېزىدا، ۋە يېزا بازار، بەزى شەھەرلەردە كۆپرەك، بۇ خىل ئاياللارنىڭ مۇئاشى ( مۇقىم كىرىمى ) يوق، خۇددى قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا نىمە ئەكىلەلىسە ، ئۇۋىدىكىلەر شۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغىنىغا ئوخشاش، ئېرى ئۆيگە نىمە ئەكىرسە شۇنىڭغا شۇكرى قىلىپ ئولتۇرىدۇ، ئېرىگە بىرەر تەكلىپ، ياكى سۆز ياندۇرۇش ھەددى بولمايدۇ، ناۋادا بۇ چەكتىن ئېشىپلا كەتسە ، ئاشۇ " ا " نى تاياق دەيدىغان، قارا قورساق ئەرلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى "ئەلىپ " دەپ بىرەلەيدىغان ئەرلەرمۇ بۇنداق ئايالنىڭ ئەدىبىنى " كىلىشتۇرۇپ " بىرىپ قويىدۇ، مانا بۇ بىزدە كۆرىلىدىغان ئەڭ ئومۇمى ئەھۋال، مانا شۇ سەۋەپتىن ئاياللىرىمىزنىڭ كۆز يېشى قۇرىمايدۇ.
مېنىڭمۇ چوڭ ئۆيۇم جەنۇپنىڭ بىر يېزىسىدا، يۇرۇتقا ھەر بىر بارغىنىمدا ئاياللارنىڭ بۇنداق يىغىسىنى قەدەمدە بىر ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئۇ يەردە خىزمىتى بار ئايال بىلەن خىزمىتى يوق ئايالنىڭ يىغىسى ئوخشىمايدۇ، خىزمىتى يوق ئاياللارنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۆپ، خىزمىتى بار خېلى كۆپ ئاياللار ھەر ھالدا ئازىراق يىغلايدۇ. بولۇپمۇ يا ، يېزىغا تەۋە ئەمەس، يا ، شەھەر- بازارغا تەۋە ئەمەس بىر قىسىم شەھەر -بازار قىز- ئاياللىرى بار ، ئۇلار ئەينى چاغدا ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، بۇنداقلارنى دىھقانلار تېخى كىلىن قىلمىغان، ئېتىز ئىشىغا پايلىمايدۇ دەپ، شەھەرلىكلەر تېخى كىلىن قىلمىغان، خىزمىتى يوق دەپ، مىڭبىر مۇشاقەتتە ئاران بىر كىلىن بولسا ، ئېرى ياكى قېيىن ئانىسى يىغلىتىۋاتقان، يىغلىماي دىسە كۆزگە ياشلار مۆلدۇرلەپ كىلىۋالغان، بۇنىڭدىن قۇتۇلاي دىسە بەزى ئامىللار ئۇنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ كېلىۋاتقان.
ئاياللارنى ئاجىز بولماسلىققا دەۋەت قىلساق كىلىپ چىقىدىغان يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى : ئېرىگە باش ئەگمەسلىك ، بىرنى دىسە ئىككىنى دەپ تۇرۇش، بۇ خىل ئەھۋالدا يەنىلام ئاياللارغا ياخشى كۇن يوق، ئۇ يا ، " تالاق " قا ئۇچرايدۇ، يا ، ئېرى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دىمەك سىز ، يىغلاشنى ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقى دەپ قارىسىڭىز ، ئاخىر ئاياللارنى يەنىلام يىغلاشقا مەجبۇر قىلىسىز، نۇرغۇن ئەركەكلەر بەلكىم يۇقۇرقى ماقالىنى ئوقىدى، سىلەردىن ئۆتۇنىدىغىنىم : ئاياللارنى يىغلاتمايلى، ئۇلار بىزنىڭ ئانىلىرىمىز بولىشى مۇمكىن، ئىگىچە- سىڭىللىرىمىز بولىشى مۇمكىن، ياكى قىزلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن، ئۇنتۇپ قالمايلى ،ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلار.
بىزنىڭ ئادەملىرىمىز دە " ئاللاھ " نى ئاغزىمىزدىن چۇشۇرمەيمىزيۇ ، ئەمما شەخسىيەتچىلىككە تاقىشىدىغان ئىش بولسا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كىتىمىز، " ئاللاھ " نى ئاغزىمىزدا زىكرى قىلساقلا ھىساپ ئەمەس، ئەمەليىتىمىزدە " ئاللاھ " قا يۇز كىلەلىشىمىز كىرەك، ئاياللار بىزنىڭ ئانىللىرىمىز ، .ئىگىچە- سىڭىللىرىمىز ياكى قىزلىرىمىز ئۇلارنى يىغلاتمايلى ، ئۇلارنى سۆيەيلى .ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قىرىنداشلىرىم، ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن : جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا، ئاياللارنى قەدىرلەيلى