مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4562|ئىنكاس: 95

ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىز ياتقان شۇ بۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26927
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17089
تۆھپە نۇمۇرى: 782
توردا: 875 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ



تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ئاياللار تۇغۇلۇپ 78ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا 12مىڭ سائەتكە يېقىن ۋاقىتنى يىغلاش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ تەخمىنەن 500كۈنگە يېتىدىكەن. يىغلاش سەۋەبى خىلمۇ-خىل بولۇپ، بوۋاق ۋاقىتلىرىدا قورسىقى ئاغرىپ يىغلاش، ياشلىق دەۋردە مۇھەببەت ئۈچۈن يىغلاش، چوڭ بولغاندىن كېيىن تۇرمۇش تىراگىدىيەلىرى ئۈچۈن يىغلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئوخشاش بولمىغان رايۇن، ئوخشاش بولمىغان ئېرىق، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ئاياللىرىنىڭ يىغلاش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدىكەن.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يىغلاش ۋاقتى تېخىمۇ ئۈزۇن، بۇنداق بولۇشى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدىنىيەت ۋە دىنى ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شىمالغا قارىغاندا، جەنۇپنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاياللارنىڭ كۆز ياشلىق كۈنلىرى تېخىمۇ كۆپ.
ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ؟
بەزىلەر «ئاياللار سۇدىن يارالغان شۇڭا تولا يىغلايدۇ» دەپ قارايدۇ. بەزىلەر بولسا «ئاياللارنىڭ باغرى يۇمشاق، ھېسسىياتچان. شۇڭا ئۇلار مەيلى ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ياخشى-يامان ئىشلار ئۈچۈن ئوخشاشلا ياش تۆكىدۇ. ھەتتا بەزى ئاياللار كۆرىۋاتقان تېلىۋىزور، ئوقۇۋاتقان كىتاپلىرى ئىچىدىنمۇ كۆز يېشى تاپىدۇ»دېيىشىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئاياللاردىكى ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ كۆپ يىغلىشىدىكى بىردىن بىر نىگىزلىك تەرەپلەر ئەمەس. خوش، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ كۆپ يىغلىشىدىكى سەۋەبلەر زادى نېمە؟ بىز بۇنى ئاياللارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بەخىتسىزلىكلەر ئىچىدىن ئىزدەيمىز. ئەلۋەتتە، ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزگىچە دەردى بولىدۇ. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى جەڭگە-جىدەل؛ بالىلارنىڭ خاپىلىقى؛ ئۇرۇق-تۇغقان، خۇلۇم-خوشنا، دوست-بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدىكى ئازارلىقلار؛ خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار... ئاياللارنى يىغلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ سالغان زۇلۇمى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن يىغلايدۇ؛ ئەرلەرنىڭ بوشاڭ، نادان، جاھىللىقىدىن يىغلايدۇ؛ ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن، ئۆزلىرىگە ۋاپا، ساداقەت كۆرسەتمىگەنلىكىدىن تەشنا بولۇپ يىغلايدۇ. ئۇلار يىغا ئارقىلىق دەردىنى چىقىرىدۇ، يىغا ئارقىلىق قورسىقىنى بوشىتىدۇ.


ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ؟
بۇ مەن 15يىلدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئويلىنىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. 15يىلدىن بېرى مەن بۇ سۇئالغا جاۋاپ تېپىشقا تىرىشتىم.
15يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ قارا كېچە ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرىكى، پەرزەنتلەرنىڭ تاغدەك يۆلەنچىكى، مىھرىبان ئانىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايى، خوشاللىقى، غەمگۈزارى ئاتىمىزنى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىدى. شۇ كۈندىن تارتىپ ئانىمىزنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمىدى. ئەزەلدىن پەرزەنتلەرگە كۆز يېشىنى كۆرسىتىپ باقمىغان غەيرەتلىك، سۇباتلىق، تۈرگۈن ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان تارام-تارام ياشلار پەرزەنتلەرنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئىزىۋەتتى.
شۇ كۈندىن تارتىپ ئۇ يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدى. يالغۇز قالسىمۇ يىغلايتى، بالىلارنى كۆرسىمۇ يىغلايتى. ئوغلىنى كۆرسە«داداڭغا ئوخشايسەن» دەپ، قىزىنى كۆرسە«داداڭ ئامراقتى» دەپ يىغلايتى. ئۆيدىن چىقسا تېخى، ئۆيگە كىرسە تېخى يىغلايتى. بالىلارنىڭ بەختى ئۈچۈنمۇ يىغلىدى، قايغۇسى ئۈچۈنمۇ يىغلىدى. ياخشى كۈنلەردە« داداڭ بولسا قانچە خوشال بولاتتى»دەپ، يامان كۈنلەردە«شۇ داداڭ بولغان بولسا، ئىشلار بۇنداق بولمايتى» دەپ يىغلايتى. بىز ئالتە بالا ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ھەرقانچە پايپىتەك بولۇپ خىزمىتىنى قىلساقمۇ، ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشساقمۇ، ئۇنىڭ دىلىنى زەررىچە ئاغرىتمىغان بولساقمۇ ئۇ يەنىلا يىغلىدى.
دادىمىز تۈگەپ كېتىپ بەش يىلدىن كېيىن باشقىلار: « ئاناڭلارنىڭ كۆپ يىغلىشى ھەمرايىدىن ئايرىلغانلىقىدىن بولغان، ئۇنىڭغا ياخشىراق بىر ھەمرا تېپىپ بەرسەڭلار، يىغىدىن قالارمىكىن» دەپ مەسلىھەت بەردى. بىز بۇ گەپنى ئانىمىزغا قانداق دېيىشنى بىلەلمىدۇق. تۇغقانلار«ئانىمىزنىڭ كۆز يېشى توختايدىغانلار بولسا بۇ چارىنىمۇ قىلىپ باقايلى» دېيىشتى. چوڭ ھەدىمىز ئارقىلىق چاندۇرماي ئۇنى چېكىپ باقتۇق. كىم بىلسۇن، بۇ ئىشىمىز ئۇنىڭ يارىسىغا تۇز سەپكەندەكلا بىر ئىش بولدى. «مەندىن زېرىككەن بولۇشساڭ يوقىلىش» دەپ ھەممىمىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۆزى بولسا بىر ئۆيگە سولىنىۋېلىپ نەچچە كۈن يىغلىدى.
كۆز يېشى ئەمدىلا 50 نىڭ قارىسىنى ئالغان، تۇرمۇش داۋانلىرىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشاپ كەلگەن بىر ئايالنى يادەك ئېگىپ، 70ياشلىق مومايغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
مەن ئەمدى ھىس قىلدىمكى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى بىر ئەر ئۈچۈن، بالىلىقىدا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان، ياشلىقىدا قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن، بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغوقلىرىنى بىرلىكتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قەدىردانى ئۈچۈن ئىدى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن توپ توغرا 15يىل قارىلىق تۇتۇپ، ھازا ئاچتى.

ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ؟
مېنىڭ كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەكپەر بولۇپ، ئىككىمىز باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىرگە ئوقۇغان، ئامراق ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق. تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدا بىرگە ئوقۇيلى دەپ شۇنچە قىلسام ئۇنىماي يېزىدا قالدى. بىرقانچە يىل يېزىدا قىلىدىغان ئىش تاپالماي كوچا چىڭداپ يۈردى. كېيىن ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ياغاچچى بولدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنى مەن ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلىغۇ دەيمەن، يېزىدىكى يامان ئەمەس بىر ئائىلىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدى. مەن تېخى ئۇنىڭغا قولداش بولغان. ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، ئۆمۈرۋايەت ئامراق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇشىنى تېلىگەن ئىدىم.
مەن ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى غەلبىلىك تاماملاپ، يەنە ئۆزىمىزنىڭ يېزىسىغا خىزمەتكە چۈشتۈم. بىرقانچە يىلدىن كېيىن، ھايات قانۇنىيىتى بويىچە مەنمۇ ئۆي ئوچاقلىق بولدۇم. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاجايىپ بولىدىكەن، مەن دەل دوستۇم ئەكپەر بىلەن خوشنا بولۇپ قالدىم. بىزنىڭ ئارىدا ئۈزۈلۈپ قالغان دوستلىقىمىز يەنە ئەسلىگە كەلدى. ئۇزۇنغا بارمايلا بەك ئىناق خوشنىلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىدە بولۇپ، بوي-بەستى كېلىشكەن، ئېغىر-بېسىق ئايال ئىدى. ئەكپەر ئاساسلىقى ياغاچچىلىق، قوشۇمچە مال-چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ھال كۈنى يامان ئەمەس ئىدى. بىركۈنى ئۇ ماڭا:
-ئاداش، ساڭا سالىدىغان بىر مەسلىھەتىم بارتى،-دېدى.
-قېنى دېگىنە، قولۇمدىن كېلىشىچە ياخشى يول كۆرسىتىمەن،-دېدىم.
-سەنمۇ بىلىسەن، ئايالنىڭ تۇغقانلىرى چەتئەلدە سودا قىلىپ بەك بېيىپ كەتتى. ئۇلار بىرلىشىپ ماڭا بىر ماشىنا ئېلىپ بەرسەك دېيىشكەن...
-سەن قانداق ئويلىدىڭ؟ -ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا سورىدىم.
-ياغاچچىلىقمۇ بەك جاپالىق. ئەتتىگەندىن كەچكىچە ياغاچ كۆتۈرۈپ، تاپقان پۇلۇڭ كۈنىگە ئون نەچچە يۈەندىن توختايدىكەن. تېخى شۇ ئىش بولسا، ئىش بولمىسا بىكارچىلىقتا كۈنىمىز كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن ماشىنا ئەپ بەرسە، شەھەردە كىرا قىلغىنىم ياخشىمىكىن دېگەن.
-بۇ ئويوڭغۇ خاتا ئەمەس، لېكىن، ئۆز كەسپىڭنى تاشلىمىغىنىڭ ياخشىمىكىن دەيمەن.
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
-كونىلاردا «ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان» دېگەن گەپ بار. ياغاچچىلىق ھازىر ياخشى بولمىغان بىلەن كېيىن بازار تېپىپ قېلىشى مۈمكىن، ئاڭلىسام ھازىر شەھەردە ئۆي بىزەش مودا بولىۋېتىپتۇ. ياغاچچىلىققا قارىغاندا پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدۇ دەيدىغۇ؟
-قويە شۇ ئىشنى ، توپا-چاڭغا مىلىنىپلا يۈرىيدىغان ئىش. بەك مەينەت. بۇ ئىشنى قىلىدىغان ئىشىم بولسا، بۇ چاققىدە تۇرامتىم.
گەپلىرىنىڭ ئورانىدىن ئۇنىڭ بىر قارارغا كېلىپ بولغانلىقىنى پەملىدىم-دە، ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم.
شۇنداق قىلىپ، دوستۇم ئايالىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە بىر ماشىنىلىق بولۇپ قالدى. بىرەر ئاي ئىچىدە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ۋە ماشىنىنىڭ باشقا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، شەھەردە كىراكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. ئەتتىگەندە كىرىپ كېتىپ، كەچتە چىقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ئۇنى بەك ئاز ئۇچرىتىدىغان بولدۇم. ئەمما، ئۆزىنى ئانچە كۆرمىگەن بىلەن ئۆيىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۇردۇم. ئۆي جابدۇقلىرى تولۇقلاندى. ئۆيلىرىنى يېڭىلاپ، پىشايۋانلىق قىلىپ قايتا سالدى. ئىلگىرى ئۇ باشقىلارغا ياغاچچىلىق قىلغان بولسا، ئەمدى باشقىلارنى ئۆزىگە ياغاچچىلىققا سالدى.
ئاشۇ بىرقانچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭدا زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. ئۆيىگە ھەپتىلەپ كەلمەيدىغان بولىۋالدى. ئايالى ئانچە- مۇنچە بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ، ئايالىمغا دەرت تۆكىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي مەن ئۇنى ئارامگاھلاردا، رېستۇرانلاردا، شەھەر كوچىلىرىدا بىر ئايال بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچرىتىپ قالدىم.
-ئاداش، بۇ ئايال كىم؟ - دەپ سورىدىم، بىر كۈنى چىداپ تۇرالماي.
-بىزنىڭ كىچىك خوتۇن، -دېدى ئۇ ھېجىيىپ تۇرۇپ.
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. بىز ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولساقمۇ ئارىمىزدا خېلى چوڭ پەدىشەپ ساقلانغانىدى. ئۇنىڭ نومۇسسىزلارچە قىلغان گېپى ئوغامنى قايناتتى.
-ھاي، ئەكپىراخۇن، ئۇنداق قىلمايلى ئاداش، بىر چىرايلىق ئائىلە، خوتۇن بالىلىرى بار ئادەم جۇمۇ بىز. بالىلار ئېڭەككە تاقاشقاندا نېمە گەپ بۇ؟
-چاقچاق قىلىدىم. شۇ گەپكىمۇ ئىشەندىڭما؟- دېدى ئۇ بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ، - مېنىڭ خېرىدارىم. تىجارەتچى ئايالكەن، ماشىنىنى كۆتۈرە ئالغان،-دەپ گەپنى ئۈزدى.
شۇ يىلى مەن بىر يىللىق مۇددەت بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ خىزمەت ئىشلىدىم. قايتىپ كېلىپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. مەن كېتىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، دوستۇم ئەكپەرنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەلق ئالەمگە پاش بوپتۇ. ئايالىمنىڭ دېيىشىچە ئابىدەنىڭ تۇغقانلىرى ئەكپەردىن گۇمانلىنىپ يۈرگەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇن ئادەم ساپتۇ. بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇلار شەھەردىكى چوڭ بىر مىھمانسارايدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپتۇ. ئەكپەر بىلەن ھېلىقى ئايالنى ئۇرۇپ، دۇمبالاپ، كوچىغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋېتىپتۇ.
- مانا شۇ كۈندىن تارتىپ بىچارە ئابىدەنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمىدى،- دېدى ئايالىم ئېچىنغان ھالدا،-ئابىدە بەكمۇ كەڭ قورساقكەن. يەنە شۇ نائەھلىنى دوختۇرخانىدا داۋالاتتى، باقتى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇچۇ؟ دوختۇرخانىدىن چىقىپلا تۇزكورلۇق قىلدى. ئابىدە يىغلىدى، قاقشىدى، ئۇنىڭغا يالۋۇردى. لىكىن، كار قىلمىدى. ئۇ ئۆيىنى، بالىلارنى، ماشىنىنى ئابىدەگە تاشلاپ بېرىپ ھېلىقى بۇزۇقنىڭ كەينىدىن كەتتى.
دوستۇم ئەكپەرنىڭ ئائىلىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. بالا-چاقىلىرى ئۇۋىسى بۇزۇلغان قۇش بالىلىرىدەك يېتىمسىراپ قالدى. ئەمدىلا 14كە كىرگەن چوڭ قىزى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، خېلىغىچە ئىز دېرىكى بولمىدى. كېيىن ئىچكىرىدىكى قايسى بىر شەھەردىن خەۋەر كەلدى. لېكىن، ئۆزى كەلمىدى. ئابىدەگە دەرت ئۈستىگە دەرت، ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ بولدى. شۇنچە كۆپ يېشى ئېقىپ تۈگىدى. بىراق ئۇ ھىچنىمىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئەكسىچە، يىغلىغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. ئۈمىدسىزلەندى. دۇنيا ئۇنىڭغا بەكمۇ قاراڭغۇ، بەكمۇ زۇلمەتلىك بىلىندى. ئەرلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاباھەتكە ئايلاندى.

ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ؟
ئۆلگەننىڭ غەيۋىتىنى قىلىش گۇنا. لىكىن، بۇ غەيۋەتنى قىلماي بولمايدۇ.
ئۇ مەھەللىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ كېلىشكەن بىر بالا ئىدى. مېنى بەك چوڭ بىلەتتى.(رەھمەتلىك ھازىر چوڭ بىلمىسۇن)لىكىن، مېنىڭ ئانچە خوشۇم يوق ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزىنى زادىلا ياراتمايتىم. قىلغان قىلىقلىرى كۆزۈمگە سىغمايتى. كەپسىزلىكىدىن باشلانغۇچنىمۇ تولۇق ئوقۇماي، مەھەللىدىكى بىر قىسىم يامان بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ، كىچىك تۇرۇپلا تاماكا چېكىشنى، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەندى. دادىسىغا ئارا كۈندە بىر پۇل دەپ جىدەل قىلاتتى. قولىغا پۇل كىرسىلا قىمار ئوينايتى ياكى ھاراق ئىچەتتى. دادىسى پۇل بەرمىسە قولىغا چىققان نەرسىنى ئېلىپ چىقىپ سېتىۋېتەتتى. ئۇ بارلىكى سورۇندا جىدەل چىقماي قالمايتى. شۇڭا مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا«تۇغۇن چاتاق» دەپ لەقەم قويىۋالغان ئىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم تەربىيە بەردى. لىكىن قىلغان گەپلەر بۇ قۇلاقتىن كىرىپ، ئۇ قۇلاقتىن چىقىپ كېتەتتى. ئاخىرى ئۇ ھاراق بىلەن قىمارغا زەھەرگە خۇمار بولغاندەك خۇمار بولۇپ قالدى.
دەسلىپىدە دادىسى ئۇنىڭغا ھۆنەر ئۆگەتمەكچى بولدى. ئاۋال موزدوزلۇققا شاگىرتلىققا بەردى. ئۇ يەرگە بىر كۈن بېرىپلا«ئۇستام ئۆيىنىڭ ئىشىغا سالىدىكەن» دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى. كېيىن تۆمۈرچىلىككە كىردى. ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. ئۈچىنجى كۈنى دۇككانغا ھاراق ئىچىپ كىرىپ، ئۇستىسىدىن بازغان تالىشىپ، ئۇ يەردىنمۇ يېنىپ چىقتى. يۇۋاش دادىسى ئۇنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاپ بەكمۇ غەم يىدى. تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ، ئۇنىڭغا بىر كىچىك تەرەكتۇر ئېلىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئانچە-مۇنچە مەھەللەكوينىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان، بازارغا ئوت-خەس، ئوتۇن-سامان، تاش-پاش توشۇپ پۇل تاپىدىغان بولدى. لىكىن، تاپقان پۇلىنى ھاراق بىلەن قىمارغا تىكىۋېتەتتى.
بىر كۈنى تۇغقانلار يىغىلىپ، « ئۇنى ئۆيلەپ قويساق ئوڭشىلىدۇ» دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا 19 غا كىرگەن بۇ بالىنى ئۆيلەپ قويماقچى بولدى. بىراق ئۇنىڭغا قىز تاپماق ئوڭايغا توختىمىدى. چۈنكى ئۇ قىز بۇ شاش توسۇنتاينى كۆندۈرەلىشى كېرەك ئىدى. قىز ئاخىرى تېپىلدى. ئۇ ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، كۆڭلى تۈز، ئەقىللىق، ئىشچان قىز ئىدى.
خەيرىيەت، ئۇلارنىڭ تويىمۇ ئاخىرى بولدى. لىكىن، يىگىت توي كېچىسى ئۆلگىدەك ئىچىپ، ھوجرىسىغا قۇسۇپ، ھەممە يەرنى بۇلغىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ قوپال چاقچىقى يېڭى كېلىنگە ئېغىر كەلدى. ئۇ شۇ كېچىسىلا ھىچكىمگە تۇيدۇرماي ئۆز ئۆيىگە قېچىپ بېرىۋالدى.
ئەتىسى مەھەللە ئاقساقاللىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار قىز تەرەپكە بېرىپ ناماقۇللۇق بىلدۈردى. قىز يىغلاپ قايتقىلى ئۇنىمىدى. بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن ئامالسىز قالدى. ئىھتىمال، ئۇنىڭ يىغىسى شۇ كۈندىن باشلانغان بولسا كېرەك.
«تۇرغۇن چاتاق»نىڭ ئايالى بەك ئىشچان ئىدى. ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى تېپىپ قىلاتتى. بىكار تۇرمايتى. ئەتتىگەندىن كەچكىچە پالاقشىپ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى. مال-ۋارانغا قارايتى. ئاش-تاماق ئېتەتتى. كىر-قاتلارنى يۇياتتى. قېينىئاتا-قېينىئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. بەزىدە تېخى قېينىئاتىسى بىلەن ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ھەرگىز ھورۇنلۇق قىلمايتى. سېلىقى يوق، كىبىرى يوق، شۇنداق ياخشى قىز ئىدى. بىراق «تۇرغۇن چاتاق» ئۇنىڭدىن چاتاق تېپىپلا يۈرەتتى. «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دەپ پەقەت ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ جاپا چېكىۋاتقانلىقى، ھارغانلىقى بىلەنمۇ كارى يوق ئىدى. ئۇتتۇرىۋەتكەن كۈنىلا جىدەل چىقىراتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن جىدەلگە بانا سەۋەپ چىقىپ تۇراتتى. مەس بولۇپ قالسا ئۇنى باشقۇرغىلى بولمايتى. ئايالىنى تولا ئۇرۇپ، يۈز-كۈزلىرىنى كۆكەرتىۋېتەتتى. ھىچكىم ئارلىشىشقا پېتىنالمايتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرغان ئىتقا ئايلىناتتى. كىم ئارلاشسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىشاتتى. قولىغا چىققان نەرسە بىلەن ئۇراتتى. شۇڭا ھىچكىم ئارىغا چۈشەلمەيتى. شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھەپتىدە دېگۈدەك يامانلايتى. ئاتا-ئانىسىغا تولا يىغلاپ ياشلىرى دەريا بولۇپ ئاقاتتى. ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتىنەتتى. ئۇلار ھەر قېتىم «بولدى، ئەمدى ئۇ ئۆيگە سېنى ئىككىنجى ئەۋەتمەيمىز»دەيتى-يۇ، قۇدا تەرەپ ناماقۇل بولۇپ كەلگەندە ئامالسىز قالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قىز بالا ئۆيدە ئولتۇرسا، خەق گەپ ئېتىدۇ» دەپ قارايتى. خەقنىڭ گېپىدىن قورقاتتى. بىچارە قىز بوينىدىن باغلىغاندەك ماڭاتتى.
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يۈرەك پارىسىنىڭ كۆز-ياشلىرىغا، ئاھۇ-زارىغا چىدىيالماي ئاخىرى سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، تەقدىر ئاجايىپ بولىدىكەن. سەن خالىمغان ئىشلار سېنىڭ يېنىڭدىن كېتەلمەيدىكەن. قىلىمەن دېگەننى قىلالمايدىكەنسەن. پىشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەكتىن، رىياللىققا بوي سۇنماقتىن باشقا ئامالىڭ يوقكەن. كىم ئويلىغان دەيسىز. بۇ قىزنىڭ بويىدا قالغان ئىدى. «تېخى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالىدا نېمە گۇنا» قىزنىڭ بۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتكىسى كەلمىدى. شۇڭا ھەممىگە سۈكۈت قىلىشقا، ھەممىگە چىداشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشۇپ قوش كېزەك ئوغول پەرزەنتلىك بولدى.
بالىلارمۇ بۇ ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى. كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا چىڭگىلەكتەڭ يۆگۈشۈپ، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئۇ ھەر قېتىم خورلۇققا ئۇچرىغىنىدا دۇنيادىن، ھاياتتىن، بالىلاردىن كېچەتتى. نەچچە قېتىم ئۆلىۋېلىشنىمۇ ئويلىغان ئىدى. بىراق، ھەر قېتىم مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئاشۇ بىر جۈپ نارىسىدىلەرنىڭ مىھرىدىن كېچەلمىدى.
شۇ يىلى قىشتا سوغوق بەك قاتتىق بولدى. قارمۇ قېلىن ياققان ئىدى. بىركۈنى مەھەللىدىكى بىرقانچە ياش قوشنا يېزىدىكى بىرقانچە ئۆلپەتداشلىرى بىلەن ئايالى يامانلاپ كەتكەن بىر بۇرادىرىنىڭ ئۆيىدە سورۇن تۈزىشتى. «قۇلاق مىدىرلىغىچە ئىچىمىز» دېيىشىپ، ئېغىر ئولتۇرۇشتى. ئارلىقتا «تۇرغۇن چاتاق» سىرتقا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كىرمىدى. ھەمرالىرى ئۇنى ئۆيگە كەتتى دەپ ئويلىدى. ئەتىسى ئۇ ساقچى ماشىنىسىدا قايتىپ كەلدى. بىراق ئۇنىڭ تېنى ئاللىبۇرۇن مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن ئىدى.
مەن ھەيران قالدىم. شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەتكىچە خورلۇق تارتقان ئايالى ۋاپاسىز، باغرىتاش، بىكۆيۈم يولدىشى ئۈچۈن يەنە كۆز يېشى قىلدى.

ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايدۇ؟
مەھەللىمىزنىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى رەتلىك بولۇپ، ئاساسەن يول بويلىرىغا سېلىنغان ئىدى. گەرچە يەرلەر دىھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاپ، جايلىق كېسىپ بېرەتتى. چۈنكى بۇ مەھەللىدە يەر بەك ئاز ئىدى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر پەقەت تۆت پۇڭ ئەتىراپىدا ئىدى. كۆپىنچە ئادەم ئۆز يەرلىرىگە جاي سالاتتى. يېرى بولمىغانلار جايلىق ئورۇننى سېتىۋالاتتى، ياكى باشقا ئورۇندىكى يەر بىلەن ئالماشتۇراتتى. ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا بىر پارچە بوش يەر بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ئۆي سېلىنغان بولسىمۇ پەقەت ئوتتۇردىكى مۇشۇ يەرلا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تاشلىنىپ قالغان ئىدى. بەزى يىللىرى كەنت باشلىقى ئۆيىمىزگە كىرىپ، دادامغا: « ماۋۇ قاششاقنىڭ يېرى بىكار تۇرسىمۇ تۇرىدۇ، ئىشىكىڭلارنىڭ ئالدى بولغاندىن كېيىن ئانچە مۇنچە بىرنەرسە تېرىپ پايدىلانساڭلار بولمامدۇ؟» دەپ سورايتى. دادام بولسا:«سىز ئۇ قاششاقنى بىلمەمتىڭىز؟»دەپ جاۋاپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىلىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى.
دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ئورۇندا ئەسلى ئۆي بولۇپ، ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى داڭلىق بىر باققالنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۇ ئىنتايىن باي بولسىمۇ بىر پۇڭنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان پىخسىق ئادەم ئىدى. «ھېلىم قاششاق» دېسە يۇرت ئىچىدە تونىمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇ قانداقتۇر سەت بىر ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ، يۇرتتا تۇرغىدەك يۈزى قالماي، بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقا-يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. كېتىدىغان چاغدا بۇ ئۆينىڭ ياغاچ-تاش، كېسەكلىرىدىن تارتىپ توپىسىغىچە سېتىۋەتكەنىدى. نوپۇسىنى يۆتكىمىگەچكە ئۆي ئورنى تاكى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ تۇرىۋاتاتتى.
بىر كۈنى مەھەللىدە ناتونۇش بىرقانچە كىشى پەيدا بولدى. چوڭلار: «ھېلىم قاششاقنىڭ بالىلىرى كەپتۇ، ئۆي سالغۇدەك، بىر بالىسى مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالغۇدەك» دېيىشتى. دېگەندەك ئۇلار ئالدىراپ تېنەپ ئۆيگە تۇتۇش قىلىشتى. نەچچە ئايدىلا ئۆينى پۈتكۈزۈپ، بىر كېچىدىللا يەنە يوقالدى.
ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئۆيگە بىر ئائىللىك كۆچۈپ كەلدى. خوشنىلار «ھېلىم قاششاقنىڭ كىچىك ئوغلى »دېيىشتى. ئۇنىڭ ئىسمى قۇربان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى دادىسىنىڭ لەقىمىنى قوشۇپ، «قۇنام قاششاق» دەپ ئاتاشتى. قۇنام قاششاق 35 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئوتتۇرا بوي ئادەم بولۇپ، ئادەمگە يەرنىڭ تېگىدىن قارايتى. خەقنىڭ كەينىدىن خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك بىرنېمىلەرنى دەپ غودىرايتى. ئۇ تالا-تۈزگە ئانچە چىقمايتى. ھويلىسىنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە بىر پارچە كىگىزنى سېلىۋېلىپ، كۈنگە قاقلىنىپ كەچكىچە يانپاشلاپ ياتاتتى. باشقىلار ئۇنى داڭلىق باققالنىڭ ئوغلى دېيىشىدىكەن، بىراق ئۇ ھەرگىز باقاللنىڭ بالىسىغا ئوخشىمايتى. ئۇ پەقەت يېيىش، يېتىش، ئۇخلاش ئۈچۈنلا بۇ دۇنياغا كەلگەندەك، مەيلى سىرتتا، مەيلى ئۆيدە بولسۇن ھىچقانداق ئىشقا قولىنى ئەگرى قىلمايتى. بىراق ئايالىنى ئىشلىتىشكە ئۇستا ئىدى. تېخى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى ياراتماي، قانداقلا ئىش قىلسۇن بېشىدا تۇرىۋېلىپ، ۋاقىراپ، جاقىراپ كۆرسەتمە بېرىپ تۇراتتى. خوشنىلارنىڭكىگە ھەرگىز كىرمەيتى. بىرەر نەرسە لازىم بولسا ئايالىنى كىرگۈزەتتى. ئۆزى بولسا، «ئايالىم نەرسىنى ئېلىپ چىقالامدۇ-يوق» دېگەندەك دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.
قۇنام قاششاقنىڭ ئايالى ئايىقى يەڭگىل، قولى چاققان ئايال ئىدى. ئۆينىڭ ھەممە ئىشى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى. ئۆيدە پۇل تاپىدىغان ئادەم بولمىغاچقا دەسلەپكى چاغلاردا خوشنا-خۇلۇملارنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىرىنى قىلىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىدى. كېيىنچە مەھەللىدىكىلەرنىڭ نانلىرىنى يېقىپ بېرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ياققان نانلىرى شۇنداق چىرايلىق، شۇنداق تەملىك ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا پۇل، نان، ۋە كونا كىيىم-كىچەكلىرىنى بېرەتتى. ئۇ كىشىلەر نېمە بەرسۇن ياق دېمەيتى. ئۇلاردىن خۇرسەن بولاتتى. نېمە تاپسۇن كەچتە يولدىشىنىڭ ئالدىغا قوياتتى.
كەلگەن يىلى تۇغقانلىرى ئۇلارغا بالىلىق قويدىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئايال تىرىشىپ يۈرۈپ، قوتاندىكى ماللارنى خېلى ئاۋۇتتى. بىراق ئەر بولغان ئادەم ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ قويدىن بىرەرنى سېتىپ بالىلارغا كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرەيلى دېمىدى. كېيىنچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. بىراق قۇنام قاششاق ئايالىدىن پەقەت رازى بولمايتى. ئۇنىڭ بىرەر ئىشتىن خوش بولغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتى. ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغا ئۆزىگە ياكى ئايالىغا بىرەر قۇر كېيىم ئالمايتى. ئۇ شۇ قەدەر ھورۇن ئىدىكى، ھەپتىدە بىر كۈن بولىدىغان بازارغا بېرىشتىنمۇ ئېرىنەتتى. بازارلىق قىلىشقا ئايالىنى ئەۋەتەتتى. ئالىدىغان نەرسە ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، پۇللىرىنى بىرمۇ بىر ھېساپلايتى، بىر پۇڭنىمۇ ئارتۇق بېرىۋەتمەيتى. بىچارە ئايال ئارىلىقى ئۈچ كىلومىتىر كېلىدىغان بازارغا پىيادە بېرىپ، پىيادە كېلەتتى. قۇنام قاششاق بولسا «خوتۇن قاچان كېلەركىن» دېگەندەك، دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى تاشتا موخوركا چېكىپ ئولتۇرۇپ، ئايالىنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى. ئايالى كەلگەندە سوڭدۇشۇپلا ئۆيگە كىرەتتى. ئاندىن ئالغان نەرسىلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ، بەرگەن پۇلنىڭ ھېسابىنى قىلاتتى. ئۇ دادىسىدىن باققالچىلىقنى ئۆگەنمىگەن بىلەن تېرىق ناندىن قىل سۇغۇرۇشنى ياخشى ئۆگەنگەنىدى.
قۇنام قاششاقنىڭ ئايالى بىكار بولسا ئانچە-مۇنچە بىزنىڭ ئۆيگە كىرەتتى. ئايالىم بىلەن مۇڭدىشاتتى. كۆپ ھاللاردا يولدىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەپ كۆز يېشى قىلاتتى. بىرلىكتە تاماق ئېتىپ، يولدىشىغا، بالىلىرىغا تاماق ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى.
قۇنام قاششاق ئايالىغا، بالىلىرىغا بەك زۇلۇم قىلاتتى. ئۆزى قىلالايدىغان كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئۇلارنى بۇيرىيتى. قىلدىن قىرىق كەتسە، چوڭ كىچىك دېمەي قاتتىق ئۇراتتى. ئانىسى ئارىغا چۈشسە ئۇنىمۇ ئۇراتتى. شۇڭا بۇ كىچىككىنە بالىلار دادىسىدىن خۇدادىن قورققاندەك قورقاتتى. دادىسىنىڭ ئالدىدا بىرەر ئېغىز زۇۋان سۈرۈشكىمۇ پېتىنالمايتى.
كېيىنكى بىر مەزگىلدە قۇنام قاششاقنىڭ ئايالى بىرقانچە قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە دورا سوراپ كىردى. «زۇكام تېگىپ قاپتىكەن، يۆتەل قويمايۋاتىدۇ» دېدى. كۆزلىرىدىن ياشلار مارجاندەك تۆكۈلەتتى. بىرقانچە ئايغىچە يۆتىلىپ يۈردى. چىرايلىرى تاتىرىپ، بارغانسىرى ئورۇقلاپ كەتتى. كېيىنچە نانمۇ ياقالمدى. تالا-تۈزگىمۇ ئانچە چىقمايدىغان بولۇپ قالدى. قۇنام قاششاقمۇ ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقاي دېمىدى.
بىر كۈنى ئايالىم «خوشنىمىزنىڭ كېسىلى بەك ئېغىر ئوخشايدۇ، ئىككى كۈندە بىر قان قۇسىدىكەن» دېدى. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر كىچىك ماشىنا پەيدا بولدى. خوشنىلار: «قونام قاششاقنىڭ ئايالىنىڭ تۇغقانلىرى كەپتۇ» دېيىشتى. كەچتە ناتونۇش بىرقانچە ئايال قۇنام قاششاقنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى ماشىنىغا سېلىپ، بۇ يەردىن تىزلا يوقالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇ ئايالنى زدىلا كۆرمىدۇق. قۇنام قاششاق بىلەن كارىم بولمىدى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئاللابۇرۇن ئۆلگەنىدى.

بۇ ۋەقەلەر مېنىڭ ئەتىراپىمدا يۈز بەرگەن، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمى. جەمئىيەتتە بۇنداق ۋەقەلەر بەك كۆپ. شۇڭا مەن شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى، ئەي، ئەرلەر! ئەركەكلەر! قۇلاق سېلىڭلار! ئانىلىرىمىز، ئاياللىرىمىز، ئاچا-سىڭىلىرىمىز، قىزلىرىمىز بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن بەك كۆپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغرىسۇن! ئۇلارنى قەدىرلەيلى! ئۇلارنى قوغدايلى! ئۇلار يەنە يىغلاۋەرمىسۇن! ئۇلارمۇ كۈلۈپ ياشىسۇن، خوشال ياشىسۇن!! ئۇلارنىڭ بىز ياخشى كۆرگەن، بىز سۆيگەن، بىزنى ئامراق قىلغان چىرايلىق كۆزلىرى، قارا كۆزلىرى، خۇمار كۆزلىرىدە شادلىق نۇرلىرى جىلۋە قىلسۇن!!!

2011-يىلى 18-مارت

مەنبە: قەلەم




مەنپەقەت ئاپئاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34344
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1826
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلپتۇ [s:162] مەن تەسىرلەندىم [s:162]

خۇشال كۇنلەر  شۇكرى ئاللا  خې خې  خې
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29071
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3009
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 3764 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر يىغلاڭغۇ ئىنسان،كىچىك ۋاقتىمدا ئۇرۇق-تۇققانلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق زىددىيەت بولىۋاتقان ۋاقىتتا،تۇنجى قىتىم دادامنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىدىم،شۇ مەزگىلدىن كىيىن،بۇ يىغا ماڭا ئۇدۇم قالغان ئىدى،
مەيلى قانداق يەردە بولاي، مىھرىبان ئاتا-ئانام،قىرىنداشلىرىمنى ئويلاپ تولا يىغلايتىم،
مانا تويمۇ قىلدىم،لىكىن يۈرىكىمدە بىر دەرت بار، ھەر ۋاقىت مەن شۇلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىم سوئال مىنى قىينايدۇ،

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن ، نادىر يازمىڭىزدىن سۈيۈندۈم  [s:174]

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار يىغلىسا زىمىن تىترەيدۇ.
رەخمەت ئىسىل تىمىكەن.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12032
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 04:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  بەك  ياخشى تىما  ئىكەن.  ئاياللار كۆپ  يىغلاش  بىلەن  ئىچىدىكى  دەردىنى  يىغا  بىلەن  يۇيۇپ  چىقرىپ 
 ھاياتقا  يەنە  ئۆمۈدۋارلىق  بىلەن  قارايالايدۇ،
بۇ  ناخشىنى  بەك  ياقتۇراتتىم  رەھمەت  سىزىگە،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1244
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5836 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 04:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى  ئاياللىرىمىزنىڭ يىغىسىنىڭ كۆپ بولىشى ، ئەرلىرىنىڭ سافاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ، ئەرلىرىمىزنىڭ  دىنى ئىتىقادنى  ئاغزىدىلا تەكىتلەپ، ئەمەليەتتە رىئايە قىلماسلىقتىندۇر. بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەك سۆزلىرىمىزدىن داستان پۇتىدۇ. مەزكۇر ماقالىمۇ بۇ جەھەتتە بىزگە يىتەرلىك جاۋاپ بىرىپتۇ.
     بىلىمسىزلىك  ۋە شەخسىيەتچىلىك ئەنە شۇ پاجىئەنىڭ ئانىسى.
    ماقالىڭىزنى بەكمۇ قايىل قىلارلىق يېزىپسىز، مۇنبەر يازمىلىرى ئىچىدە مۇشۇ ماقالىڭىزغا خېلى قايىل بولدۇم، مەتبۇئاتلاردىكى ماقالىلارنىڭ سەۋىيەسىدىن قېلىشمايدىكەن.
    مۇشۇنداق ياخشى ماقالىنىڭ  ئوقۇرمىنى ئاز بولۇپ قالسا ، ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ نادىرلاشقا لايىق ماقالە ئىكەن بۇ.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1789 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 04:06:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاشقا بىر بىلەت تاشلىدىم ....

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.

قەدىرلەيمەن قەد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1445
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6391
تۆھپە نۇمۇرى: 273
توردا: 2307 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 04:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىپسىز ...بەك تەسىرلىككەن  [s:162]  [s:162]  [s:162] ،    نادىرلاشقا  ئەرزىيدىكەن بۇ تېما ................

ھەرقانداق بىر ئادەم سېنىڭ يىغلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ ، سېنىڭ يىغلىشىڭغا ئەرزىيدىغان ئادەم سېنى ھەرگىز يىغلاتمايدۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش