ھۆرمەتلىك تورداشلار : win7 چىققاندىن كىيىن ،مەن ئاتايەن خاتىرە كومپىيۇتىردىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم ،مەخسىتىم كىشلەر بەك ماختا كەتكەن بۇ سىسىتېمىنى ئىشلىتىپ بېقىش ئىدى . بۇ سىستېمىغۇ خىلى بولۇپ قويىدىكەن . سۈرئىتىمۇ يامان ئەمەسكەن . لىكىن مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەت يىزىش توغرىىسدا بەك قىينىلىپ قالدىم ياردەم قىلساڭلار .
1.مەن ئۆزۈمنىڭ كومپىيۇتىرىدا يازغان ئۇيغۇرچە خەت xp ئىشلىتىدىغان كوپىيۇتىردا تونۇمايدىكەن .ئەلۋەتتە مەن win7 نىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەنىدىم ، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كومپىيۇتىرغا ئەلپىدا ، ئەلكاتىپ دىگەندەك كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلاپ باقتىم ، لىكىم مەن باشقا كومپىيۇتىردا ئەلپىدادا يازغان ھۆججەتنى كومپىيۇتىرىمدا نۇرمال كۆرگىلى بولىدۇ ، لىكىن خەت كىرگۈزسەم ، ئۇلاشماي قالايمىقان نەرسىلەر چىقىۋالىدۇ . win7 دا بار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن يىزىپ ئاندىن خەت شەكلىنى ئەلپىداغا تەڭشىسەممۇ قەتتىي بولمىدى . بۇنىڭ بىلەن مەن خاتىرە كومپىيۇتىرىمدا يازغان خەتنى( win7 شارائىتىدا) xp سىسىتېمىسى قاچىلانغان كومپىيۇتىردا نۇرمال كۆرگىلى بولمىدى . يا كومپىيۇتىرىمدا ئەلپىدانى نۇرمال ئىشلىتەلمىدىم . مەن خىزمەت جەريانىدا ئەلپىدا دىگەن بۇ كىرگۈزگۈچكە بەك مۇھتاج ئىدىم ، خىزمەت ئورنىمىزدىكىلەرمۇ مۇشۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتەتتى . ئەمدى قانداق قىلسام win7 دا يازغان ئويغۇرچە خەتنى xpدا تونىتالايمەن .بىر ياردەم قىلساڭلار .
2.win7 شارائىتىدا potoshop قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرچە خەتنى قانداق كىرگۈزىدۇ ؟
تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار ، بۇ ئەھۋالغا ھازىر نۇرغۇن win7 ئىشلەتكۈچىلەرمۇ يۇلۇقۇپتۇ ،بىر بىلىۋالساق ، ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا پايدىسى تىگىپ قالاتتى .
رەخمەت . تەپسلىي جاۋاپ بەرگەنلەر مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .
samandak
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى دوسلار!
يېقىندا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن iphone4 سېتىۋالغانتىم، بۇ تېلىفۇن ئېلكىتاپ كۆرۈشكە بەك ئەپلىك ئىكەن. سەۋىيە چەكلىك بولغاچقا توربەتلەرنى ئارلاپ ياخشى ئېلكىتاپ شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە رومانلارنى تاپالمىدىم .شۇڭا دوسلاردىن ياردەم سورىماقچىمەن. خالىساڭلار مۇشۇ تېما ئاستىغا، ياكى
sl510@126.com غا ئۇيغۇرچە نادىر رومانلىرىڭلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار. ياخشى كىتاپلاردىن ئورتاق بەھىرلەنسەك دىگەن ئۈمىتتىمەن. رەخمەت.