ئۆزگە يۇرۇتتا شاھ بۇلۇپ ، گەر مىنسەڭمۇ دۇلدۇلنى ،
لاي سۇ ئىچىپ چوڭ بولغان ،ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
ئۈرۈك - ئالما ، ئانارى ، مەي باغلىغان بېغىدا ،
مۇقام توۋلاپ تۇنۇلغان، ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
قەدىرلىك بوپ سىرىتتا ، شەرەپ قۇچساڭ ئەجىردىن ،
ئەلەم يېشى قۇرمىغان ، ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
دىلىڭ كۈلسە قۇياشتەك ، بىلىمىڭدىن شات قۇچۇپ ،
ئىلىم - پەنگە ئىنتىلگەن ، ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
رىسقىڭ پۈتۈن بولسىلا ، قول سوزماستىن بىراۋغا ،
سالام - سائەت ئۈگەتكەن ،ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
ئىشىل ئالدى ھويلاڭدا ، پۇراق چاچسا گۈللۈرۈڭ ،
زىناقلارغا ياش تولغان . ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
بۇلبۇل بۇلۇپ سايرىساڭ ، ئۆزگە يۇرۇتنىڭ بېغىدا ،
ئوغوز ئىزى ئۆچمىگەن ، ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
لاپ ئۇرساڭمۇ ئۆزەڭچە ، يۈرۈپ شەھەر -رەستىدە ،
مۇزدەك سۇنى ئىللىتقان ،ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
ئىچىپ سۆيگۈ شارابى ، بىھۇش بولساڭ سۆيگۈدىن ،
سۆيگۈ بىخى كۆكلىگەن ، ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
ئوزۇق تۈگەپ تىنىڭدە ، ئەجەل ئوقى كەلگەندە ،
نەپسىڭ قالسۇن يۇرۇتتا ، ئانا يۇرۇتنى ئۇنۇتما .
بۇ شئېرىدىن نىمە < مەزمۇن چىقىدىكەن > قاراپ بېقىڭلار .
------------تاڭنۇردىن--------