ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق
ئەزىز -ئىنى -سىڭىلىللىرىم، ھەممىڭلارنىڭ كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن، مەن مېھرىنبان اللاھتىن ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن، ئىشلىرىڭىلار نەتىجىلىك بولسۇن، تۇرمۇشۇڭلار خاتىرجەم ،كۆڭۈللۈك بولسۇن، بەخت -ئامەت مەڭگۈ سىلەرگە يار بولسۇن.....
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، تور يېڭى ئېچىلغان ۋاقىتتا قايسىبىر تورداش مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىنىڭ ھەرىپلىرىنى شېئىرنىڭ باش مىسراسى قىلىپ شېئىر يېزىپ بېقىش تەكلىبىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،بۇنىڭغا خېلى نۇرغۇن مۇنبەرداشلار ئاۋاز قوشقان ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىسمىمدىكى ھەرىپلەردىن يېزىلغان بىر كۇبلىت شېئىرنى ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن، بۈگۈن ئۇچراپ قالدى، كاللامغا تۇيۇقسىز مۇنبەرداشلار ئۆزىنىڭ ئىسمىدىكى ھەرىپلەرنى شېئىرنىڭ باش مىسراسى قىلىپ شېئىر يېزىپ بېقىش تەكلىبىنى بېرىش ئويۇم كېلىپ قېلىپ ،بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، خالايدىغانلار بارمىكىن ئۇقمۇدۇم، ئەگەر قوشۇلىدىغانلار بولسا مەرھەمەت، ئالدى بىلەن مەن ئۈلگە سۈپىتىدە بىلىم كانى،سىردىشىش ماكانى... بولغان مىسرانىم مۇنبىرىنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئابابەكرى مۇختەر ( مىسران)نىڭ ، ئۆزۈمنىڭ ۋە مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى ئاشكارنىڭ ئىسمىدىكى ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
مىسران (تۈزىلىشى ) ( م+ى+س+ر+ا+ن)
م: مىسرانىم قۇياشتەك نۇر چاچتىڭ پارلاق،
ئى: ئىللىقلىق بېغىشلاپ تەشنا دىللارغا .
س: سەن بىلەن دوستلار بولدى شادىمان،
ر: رىستىمىز باغلاندى ئۇشبۇ مۇنبەرگە.
ئا: ئابىھايات ،كەۋسەر بىلەن سۇغارغىن دىلنى،
ن: نىشانىڭ ئۈچۈن تىرىش، ئۆرلە پەللىگە .
مۇسىلىنە ( تۈزىلشى ) (م+ۇ+س+ى+ل+ن+ە)
م: مۇسۇلمان ئەھلىسەن دىلىڭنى پاكلىسۇن ئىمان نۇرى،
ئۇ: ئۇنۇتما ئەجدادىڭنى،باسقىن ئىزىنى ھەر زامان،
س: سۈپىتىڭ بولسۇن دائىما،ئەخلاق ۋە شەرمى –ھايا،
ئى: ئىمانىڭ كامىل بولسا ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن ھامان،
ل: لاتاپەت بابىدا بىلسەڭ مىسلىسىز گۈزەلدۇرسەن ،
ن: نابابلىقتىن، پاسىقلىقتىن تارتساڭ دائىما ئۆزۈڭنى،
ئە: ئەللەر سۆيۈنەر سەندىن، بېشىدا كۆتۈرەر جاھان.
ئاشكار (تۈزىلىشى) ( ئا+ش+ك+ا+ر)
ئا: ئاشكارە،ھەققانىي ھەر بىر سۆزلىرىڭ،
ش: شاپائەت قولۇڭنى سۇنىسەن مىسكىنغا.
ك: كىبىر ۋە تەماننادىن يىراقسەن دائىم،
ك: كىرسىزلىك،پاكلىق مۇجەسسەم جىسمىڭغا.
ئا: اللاھ يار –يۆلەك بولسۇن يولۇڭدا،
ر: رازى ئەيلە ئاۋامنى ھەر بىر ئىشىڭدا.
قېنى، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ،قابىلىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ باقايلى، ئىسمىمىزدىن پايدىلىنپى شېئىر تۈزۈپ باقايلى.....جۆر بولىدىغانلار مەرھەمەت، ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قالايمىقان قىلىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.....
مەنبە : قېرى كاللامغۇ شۇ