ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 18قەۋەت musilina كە 2011-01-21 09:37 PMئەۋەتىلدى :
ياخشىمۇسىز يوللار ئەپەندىم،قارىسام بۇ سىزنىڭ تۇنجى يازمىڭىز ئىكەن ھەم يازمىڭىزنى يوللاپ بولۇپلا مۇنبەردىن ئايرىلىپسىز، گەرچە سىز مىسرانىم مۇنبەرىگە يېڭى ئەزا بولۇپلا تۇنجى يازمىڭىزنى يوللىغان بولسىڭىزمۇ،يازمىڭىزدىكى تور ئەدەبىياتى،مىسرانىم مۇنبىرى،مۇنبەردىكى ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئەتراپلىق تەھلىللىرىڭىزدىن ،سىزنىڭ بۇ مۇنبەرنى سىرتتىن خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئەتراپلىق كۈزىتىپ،چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ( بەلكىم ئۇزۇندىن بۇيان مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ،بۈگۈن بۇ تېمىڭزنى يوللاش مەقسىدىدە مۇشۇ نام بىلەن كىردىڭىزمۇ بەلكىم....چاخچاق -ھە، ئېغىر ئالماڭ)سىز يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تور يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ بەلگىلىك بەدئىي قىممەتكە ئىگە بولغان،تېتىتمىلىق ئەسەرلىرى بىلەن كۆڭۈللەرگە زوق بېغىشلاپ كېلىۋاتاتتى، نېمە سەۋەبلەر بولدى ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈنمىدى،سەۋەبىنى ئۆزلىرى بىلىشىدۇ، بىراق بىز ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق، ئۇلارنى داۋاملىق ياد ئېتىپ تۇرىۋاتىمىز،ئۇلارنىڭ مۇنبەرگە قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمىز.
سىز يەنە باشقۇرغۇچىلار ئالىي ئەزالار ۋە ئەزالار توغرىسىدىمۇ ىېلى ئەتراپلىق تەھىللەرنى ئېلىپ بېرىپسىز، ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئالىي ئەزالار ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى،مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،راستىنى ئېيتسام بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئۇرۇنسىز ئۇرۇش -جىدەللىرى، 20000دىن ئارتۇق كۆرۈرمەنلەر توپلاشقان بىلم سەيناسىدا نومۇسنى قايرىپ قويۇپ،بىر -بىرىگە ھاقارەتلىك سەت گەپلەرنى ئىشلىتپ تىللىشىشلىرى....مېنى بىزار قىلدى.بۇنداق دېسەم ‹‹ سىز نېمىشقا ئۇلارنى توسىمىدىڭىز ؟›دېيىشىىڭز مۈمكىن،ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى نەسىھەت قوبۇل قىلمايدىغانلار ئىكەن، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مۇشۇنداق ناچار كەيپىياتلار تۈپەيلىدىن بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالار مۇنبەردىن ئايرىلدى....دېسەم بەك جىق ئىدى سۆزلەيدىغانلىرىم ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، گېپىم ئۇزىراپ كەتتى...
ئاخىرىدا سىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە يېقىشلىق ، جانلىق ۋە ئەمىلىي بولغان بۇ ماقالىنى مۇنبەرداشلارغا سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.... 
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قاراشتا تىمىنىمۇ شۇنداق ئەتراپلىق كۈزىتىپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق يازغان تىمىكەن
بولسا مىسرانىمدىكى بەزىبىر قۇسۇرچىلار باشقىلارنىڭ تىمىسىدىن ھەم ئىنكاسىدىن قۇسۇر تاپماي ئىناق ئىتىپاق بولساق مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى
تىما يوللىغۇچىغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن