تور ئەدەبىياتى ، مىسرانىم ۋە باشقىلار
تېمىغا كىرىش
[align=justify]
تور ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ، بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلار بىلەن بەھرلەندۈرۈپ ، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزغا ئىجابىي ياردەمدە بولۇپ كىلىۋاتقان مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى ھال - ئەھۋالىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغۇچى ئىخلاسمەن ئەزاسى بولغىنىم ئۈچۈن ، شۇ تاپتا بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، ھەر قانداق بىر مۇنبەر قۇرۇلۇشى بىلەنلا تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇغۇمىنى رېئاللىققا ئاشكارىلايدۇ . مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق باشقۇرۇلۇشى بىلەن ئۆز ئەتراپىغا ئابونت توپلايدۇ . ئۆزىنىڭ بوشلۇقىغا يوللانغان ھەر خىلدىكى تېمىلار بىلەن ئۆزىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . تۈرلۈك مەزمۇندىكى تېمىلىرى بىلەن تورداشلارغا زوق بېغىشلايدۇ . ئابونت سانى ئاشقانسىرى ئېلان كىرىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇنبەر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچان قۇرغۇچىسى ، قابىل باشقۇرغۇچىلىرى ، مېھنەتكەش ئەزالىرى ۋە ئىخلاسمەن كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەيدۇ .
تور ئەدەبىياتى توغرىسىدا
[align=justify]
تور ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇنبەرلەرنىڭ تۆھپىسى زور بولۇپ ، ئەدەبىياتقا نىسبەتەن خېلى چوڭ زېمىن ھازىرلاپ بىرىلگەن . ئەدەبىيات توغرىسىدا ئازراقلا چۈشەنچىسى بار ئادەملا بولسا ئۆزى ئەزا بولغان مۇنبەرگە كىرىپ تېما يوللىيالايدۇ . تېمىلارغا پىكىر ( ئىنكاس ) قاتناشتۇرالايدۇ . گەرچە ئۇلارنىڭ يازغىنى ئەدەبىياتنىڭ نەزەرىيە - چۈشەنچىلىرىگە تولۇق چۈشمىسىمۇ ھەر ھالدا ياخشى ، دەپ قاراشقا بولىدۇ . ھەر قانداق پائالىيەتنىڭ پىشىپ - يىتىلىش باسقۇچى بولغىنىدەك ، مۇنبەر يازغۇچىلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن پىشىپ - يىتىلىش باسقۇچى بولىدۇ . بۇ باسقۇچلاردا مەۋھۇم تور دۇنياسىدا تور دۇنياسىدا يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلار تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ - پىكىرلىرىگە ، رىغبەتلەندۈرۈشلىرىگە ۋە ياخشى يازمىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىگە ئېرىشسىمۇ ، كۆپىنچە ھاللاردا نادان ، تەكەببۇر ، مەنمەنچى تورداشلارنىڭ تۈرلۈك تەنە گەپ - سۆزلىرىگە ، كەمسىتىشلىرىگە ئۇچرايدۇ . بەزىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي شۇ ھامان مۇنبەردىن رايى يېنىپ قايتا كىرمەيدۇ . بەزىلىرى ئۈن - تىنسىز ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ، ھەر قانداق پىكىر - ئىنكاسلارنىڭ مېغىزىنى قۇبۇل قىلىپ ، شاكىلىنى تاشلىۋېتىپ ، ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى تېخىمۇ يارقىن مەنالارغا تولدۇرىدۇ .
ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تارقىلىشى تېز ، قاپلىنىش نىسبىتى كەڭ ، پىكىر دەخلىسىز بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئىمكانغا ئىگە قىلدى . نۆۋىتى كەلگەندە تور ئەدەبىياتى خەلقنى ئەدەبىياتقا يېقىنلاشتۇردى . ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ( پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى ) دىن باشلانغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەر ئۈن ئارقىلىق خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ ، mp3 ، يانفون قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ھاياتىغا بىر ئۈلۈش زوق بىرىپ كەلمەكتە . تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ئىچىدە تور ئەدەبىياتىغا رىشتە باغلىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، بۇ ئاخىرىدا مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ كىلىۋاتقان يازغۇچىلاردىن تالانتلىق يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ ( زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز ) ، ( كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى ) ناملىق ئىككى پارچە رومانىنى ، ئابدۇسالام قاھارنىڭ ( پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى ) ناملىق پوۋېستىنى ، ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ ( چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت ) ، ( ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز ) ، ( مۇز تۇتقان يۈرەك ) ، ( قوشكېزەكلەر ) ماۋزۇلۇق پوۋېستلىرىنى ، ساجىدە سۇلايماننىڭ ( ئانامنىڭ خاتىرىسى ) ، ( يۇلتۇز كۆچۈرۈش ) ، ( مەخپىيەتلىك ) ، ( ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە ) ناملىق پوۋېستلىرىنى ، ئابابەكرى ئابدۇقادىرنىڭ ( كۆڭۈل دېگەن ساراڭ ) ، ( خاتا بېسىلغان بىر قەدەم ) ، ( ئازغۇن ) قاتارلىق پوۋېستلىرىنى ، ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجراننىڭ ( جۇدۇندا قالغان يوپۇرماق ) ، ( سەپكۈن يۈزلۈك قىز ) قاتارلىق پوۋېستلىرىنى ، تۇرسۇنئاي سۇلتاننىڭ ( مەن تۇل خوتۇن ، لېكىن بۇزۇق ئەمەس ) ناملىق پوۋېستىنى مەيدانغا كەلتۈردى .
يۇقىرقى ئەسەرلەر ئۆزىنىڭ تىلىنىڭ ياخشى ، جۈملىلىرىنىڭ راۋان ، مەزمۇنىنىڭ ئاكتۇئال ، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن تور دۇنياسىدا خېلى يۇقىرى بەدىئىي قىممەت ياراتتى . تور ئەدەبىياتىدىكى سەمىمىي تەكلىپ - پىكىرلەر نۆۋىتىدە بۇ قەلەمكەشلەرنى پايدىلىق شارائىت ۋە پىشىپ - يىتىلىش بىلەن تەمىن ئىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى .
مىسرانىم مۇنبىرى توغرىسىدا
[align=justify]
مىسرانىم مۇنبىرى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن قۇرۇلۇپ ، پاكىز ، ئەتراپلىق باشقۇرۇلۇۋاتقان مۇنبەر بولۇپ ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . بۇ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئاۋۋال بېكەت باشلىقى - ئابابەكرى مۇختەر ياراتقان . ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان . تۈرلۈك پىتنە - پاساتلار ، قىيىنچىلىقلارغا ، دوقاللارغا دۇچ كەلسىمۇ باش ئەگمەي ، ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان . ئەنە شۇ ئۈنسىز تەر تۆكۈشلەر ، زور بەدەللەر ھېسابىغا مۇنبەرنىڭ بۈگۈنىنى روياپقا كەلتۈرگەن . مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئېچىرقاۋاتقان مەنىۋىيىتىگە مەلھەم ئىزدەۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشلۇق بېغىشلىغان . ئەنە شۇنداق بېغىشلارنىڭ داۋامىنى مۇنبەرنىڭ قابىل ، مېھنەتسىز ئەجىر قىلغۇچى باشقۇرغۇچىلىرى داۋاملاشتۇرۇپ ، مۇنبەر ئارقا سېپىدە ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بولۇپ ، نۆۋىتىدە باشقۇرغۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئاددىي چاغلاشقا بولمايدۇ . قەدەمنىڭ كەينىدىكى قىسمىنى مۇنبەر ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان ئۆز كەسپى ۋە ھەۋەس - قىزىقىشلىرىغا نىسبەتەن تالانتلىق تورداشلار باسقان بولۇپ ، ئۇلارمۇ ئېلىپ - بە قائىدىسى بويىچە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە .
مۇنبەرنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ئۇيغۇر تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تىگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغان بولۇپ ، ھازىر مۇنبەرنىڭ خاراكتېرى ئۇنىۋېرسال ھالدا كىتىۋاتىدۇ . مۇنبەرگە ئەزا بولغان ھەر قانداق بىر تورداش مۇنبەرنى ئېچىپلا ئۆزىگە لايىق قىممەتكە ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ . مۇنبەرنىڭ ئابونت سانىمۇ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىۋاتىدۇ . مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ھەر بىر تورداشنى خۇش قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇلارغىمۇ مەلۇم نىسبەتتە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يۈكلەيدۇ . ئۆزىنى مىسرانىم ئەزاسى دەپ قارىغان ھەر قانداق بىر ئەزا چوقۇم مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق تەكلىپ - پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرۇشى، كۈچىشى ۋە مۇنبەر ئازلىرى ئارا ئىناقلىقنى ساقلىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر .
مۇنبەردىكى بىر قىسىم يازغۇچىلار توغرىسىدا
[align=justify]
تور ئەدەبىياتىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر قىسىم تورداشلار مىسرانىم مۇنبىرىدىن ماكان تۇتقان بولسىمۇ ، ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مىسرانىمدا ، بىر قىسمى باشقا مۇنبەرلەردە يەنە بىر قىسمى ئاللىقاياقلارغا يوقاپ كەتتى.
1 - قەھرىمان روزى ئەرچىن
قەدىمىي مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى - باي ناھىيىسىدىن يىتىشىپ چىققان بۇ تالانتلىق يازغۇچى ، شائىر ۋە مۇخبىر ئاكىمىز دەسلەپ مۇنبەرگە كىرگەندە شەخسەن مەن تولىمۇ خۇش بولغان ئىدىم . لېكىن بۇ ئاكىمىز ئىككى - ئۈچ سان ژۇرنالنىڭ مۇندەرىجىسى يوللاپ قويۇپلا يوقاپ كەتتى .
2 - گۈلباھار ئەزىز
قىز - ئاياللارنىڭ پىنھان قەلب دۇنياسىدىكى خىلمۇ - خىل روھىي زىددىيەتلەر ، سىقىلىشلار ۋە ئاياللىق نازۇك - ھېس - تۇيغۇلار ئىپادىلەنگەن بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بۇ ھەدىمىز مۇنبەرگە كىرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىچە يوقاپ كەتتى .
3 - ئابابەكرى ئابدۇقادىر
مەتبۇئاتلاردا بىر تۈركۈم لېرىك ھېكايە - نەسر ۋە شېئىرلىرى ، شۇنداقلا زەھەردەك ئاچچىق ماقالە - فىليەتونلىرى ئېلان قىلىنىپ كىلىۋاتقان بۇ يىگىتمۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە قەدەم باسقاندىن بۇيان ، تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا بىر تۈركۈم پوۋېست - ھېكايىلىرىنى ، نەسرلىرىنى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئون نەچچە پارچە يازمىسىنى سۇنۇپ ، تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ( شور پېشانە قىزلار ) ماۋزۇسىدىكى ھازىرقى زامان قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن رومانىنىڭ 1 - بابىنى يوللاپ قويۇپ ، ئۇزاققا قالمايلا مىسرانىمدىكى بارلىق تېما - ئارخىپلىرىنى ئۆچۈرگۈزۈپ ئاللىقاياقلارغا يوقالدى .
قاراپ باقسام ( شور پېشانە قىزلار ) رومانىنى باشقا بىر مۇنبەردە يېزىۋېتىپتۇ .
4 - ئەزىز ئىمىر يانغىن
ئۆزىدەكلا ئېسىل يازمىلىرى بىلەن تالانتلىق تور ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ۋە مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولۇپ قالغان ئىدى . كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر باشقا مۇنبەرلەردە ئويناپ يۈرۈپ مانا ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ تور بېتىگىلا ئەسەر يوللاپ يۈرۈۋاتىدۇ .
5 - ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران
ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك يازمىلىرى بىلەن مەتبۇئاتتا ۋە تور ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بۇ دوستىمىزمۇ خېلىدىن بۇيان مۇنبەردە ۋە باشقا تور بېكەتلەردە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى . ئېھتىمال خىزمىتى ئالدىراش بولۇشى مۇمكىن .
6 - ئابدۇسالام قاھار
تور ئەدەبىياتىدىكى نادىر يازمىسى ( پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى ) بىلەن بىراقلا نام قازىنىپ ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەپ بولۇپلا يوقاپ كەتتى .
7 - ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن مەتبۇئاتلاردا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان بۇ ئىنىمىزدە ئۈمىد زور . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا تەبىئىي گۈزەللىككە چۈمكەلگەن سەھرا قوينىدا قوي بېقىۋاتقان پادىچى بالا ، چىلىكىگە سۇ ئېلىپ قايتقان قىز ، ئوسما قويۇۋاتقان قىزلار ، مەھەللە ئاسمىنىنى قىقاسلارغا كۆمگەن غۇبارسىز سەھرا بالىلىرى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ .
8 - ئابدۇۋارىس غۇپۇر ( ئۈرۈكجان )
بۇ ئىنىمىزنىڭ ساتىرىك يازمىلىرى بىلەن ھايات ھېكمەتلىرىگە تۇيۇنغان رۇبائىيلىرى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ ، ئاددىي بولسىمۇ ئوبزور ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك .
9 - گۈل چۈشى
بېشىغا ئىنسان چىداشلىق بەرگۈسىز دەرد - ئازابلار ئىچىدىن بەردەم قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ ، رەڭۋاز ھاياتقا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ ، قىسمەتلەرنىڭ سوغ كۆزىگە مەردانىلىق بىلەن تىكىلىپ ، بەردەم ياشاۋاتقان بۇ قىزنىڭ چەكسىز لېرىكىغا تۇيۇنغان دۇنياسى قەلىمى ئارقىلىق مۇنبەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ ، تورداشلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا قىپقىزىل چوغدەل لاۋۇلداپ تۇرغان بىر تارام ئوتنى ياقماقتا .
10 - كۈنقىز
ئېغىر - بېسىقلىقنى ئۆزىگە يار قىلىپ ، لېرىك نەسر ، تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ دىققەت نائىلىدىكى بۇ تەجرىبىلىك توردىشىمىزمۇ ھەر ۋاقىت قەلبلەر تۆرىدە .
11 - مېھرىگۈل
كىچىكىدىنلا خەنزۇتىلىدا ئوقۇپ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بۇ قىز مىسرانىم مۇنبىرىدە ( كەپسىز قىز ) نامى بىلەن بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ كىلىۋاتقان ئىدى . ئۇزاق بولدى ، بۇمۇ يوقاپ كەتتى .
12 - مېھرىگۈل مەھمۇد ( مېھرىزات )
ئەمدىلا يىگىرمە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىزمۇ داڭلىق ئۈچ مۇنبەرنىڭ بىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ھېكايىسى بىلەن تور ئەدەبىياتىدا نام چىقارغان بولۇپ ، تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ بىر تۈركۈم نادىر يازمىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تورداشلار ئارىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى . كېيىن مەۋھۇملۇقتىكى پىتنە - پاساتلار يۈرىكىنى ئىزىپ ، توردىن ئۈمىد ئۈزدى .
13 - سۈزۈك ئاي
تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن بۇ قىزنىڭ ئالدىراش ئوقۇش ۋاقتىدىن مىڭ تەسلىكتە ئېشىنغان ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەي ، ياشلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا تىنىمسىز لەڭ ئۇرۇۋاتقان تاتلىق ھېس - تۇيغۇلارنى ۋە يۇشۇرۇن داۋالغۇشلارنى تېتىملىق تىللار ۋە پاكىز ھېسسىياتلار بىلەن تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە سۇنۇپ كىلىۋاتقان بولۇپ ، يېقىندىن بۇيان ئۇنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم .
14 - تۇمۇچۇق
ئىسمىدەكلا لەزىز ئۈندە سايراپ كىلىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ .
15 - كۆك سۇلتان
مۇنبەردە شېئىر ئېلان قىلىپ كىلىۋاتقان بۇ بۇرادىرىمىزمۇ بىر تۈركۈم تېتىملىق لېرىكىلارنى بىزگە سۇنۇپ كىلىۋاتىدۇ .
مۇنبەر ئەزالىرى توغرىسىدا
[align=justify]
بىر قىسىم ئالىي ئەزالار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالمىدى . ئۇلار ئادەتتىكى ئەزالارغا ئۈلگە بولالماي ئۆزىنىڭ نوپۇزى بىلەن مۇنبەردە ياشاۋاتىدۇ .
تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىۋاتقان ئىجادىي ۋە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان تېمىلارغا بولغان كۆز قارىشى ( ئىنكاسى ) مۇكەممەل ئەمەس . بىر ياخشى تېما يوللانسا ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسىغا تايىنىپلا ئىنكاس يېزىش ، تۆردە ئولتۇرغان ئىنكاسقا دوست تارتىشىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان . خېلى كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ مۇكەممەل قارىشى يوق . بىر قىسىم ئەزالاردا ئۆزىنىڭ سەلبىي كۆز قارىشىنى تېما ئاپتورىغا تاڭىدىغان ئىدىيە مۇستەبىتلىكى ئېغىر . قارىماققا ئاپتورنىڭ تېمىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە تېمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان پىكىرلەرنى بىرىشتىن قاچىدۇ . ئەسەرنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى بايقىماي ، سەلبىي تەرىپىگە ئېسىلىۋالىدۇ . بۇ ئاقىۋەت ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە مەلۇم توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدىغان يامان ئىشتۇر.
باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا
[align=justify]
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى مەۋھۇم دۇنيادا مىننەتسىز تەر تۆكىدىغان ئەمگەك بولۇپ ، بۇ ھوقۇق مۇنبەر قۇرغۇچىنىڭ بىر نەچچە ۋاقىت كۆزىتىز ئارقىلىق تورداشلارئارىسىدىن تاللاپ چىققان ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ ، بۇلار ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى تورداشلارنىڭ ئەسىرىنى مۇنبەر ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەر توپى بىلەن يۈز كۆرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، تورداشلار ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىدۇ .
مىسرانىمداشلارغا دەيدىغانلىرىم
[align=justify]بېكەت باشلىقىغا :
تور بېكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەپ بەرسە ؛
مۇنبەر باشلىقلىرىغا :
باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئەزالارنىڭ ئىتتىپاقىنى ياخشىلاش ، مۇنبەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى توغرىسىدا كۈچىنى ئايىمىسا ؛
باشقۇرغۇچىلارغا :
باشقۇرغۇچىلىقنى ھوقۇق ئەمەس ، بەلكى ، مەسئۇلىيەت دەپ تونۇپ ، ئىلمىي ، سوغۇققان بولسا . بارلىق باشقۇرغۇچىلار ئۇيغۇرۇم007 ، كۈنقىز ۋە گۈلچۈشىنى ئۈلگە قىلىپ ، تورداشلارنىڭ مۇنبەردىكى پائالىيىتىگە تېخىمۇ قولايلىق ياراتسا ؛
ئالىي ئەزالارغا :
بۇ شەرەپ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ھوقۇقى ئىچىدە بىر قەدەر يۇقىرى شەرەپ بولغاچقا ، ئالىي ئەزالار يېڭى ئەزالارغا تەربىيىۋىي قىممىتى يۇقىرى تېمىلار بىلەن ئۈلگە بولۇپ بەرسە ؛
ئەزالارغا :
ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئىنكاس يېزىشتا سۇغۇققان بولۇپ ، مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلمىي باھا بەرسە ؛
تۈگەنچە
[align=justify]
تور ئەدەبىياتى بىزگە نىسبەتەن تېخى يېڭى شەيئىي بولغاچقا ئۇنى توغرا تونۇش ، ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش ، قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك . بۇنىڭدا بىزنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە ، بولۇپمۇ ، مىسرانىمدەك ئابونت سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان مۇنبەرلەرگە تايىنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ . شۇڭا بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان بارلىق ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، تور ئەدەبىياتىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك ، دەپ ئويلايمەن .
ئاخىرىدا مىسرانىم مۇنبىرنىڭ قۇرغۇچىسى ، تور يازغۇچىلىرىغا مۇۋاپىق زېمىن ھازىرلاپ ، تور ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان ئوت يۈرەك يىگىت - ئابابەكرى مۇختەرنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم تىنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەيمەن . شۇنداقلا مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن !