ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 14قەۋەت HANJAR كە 2011-01-05 12:12 PMئەۋەتىلدى :
مەزكۇر تېمىدا مەن 13-12-8-قەۋەتتىكى تورداشلارنىڭ پىكرىنى ھىمايە قىلىمەن .
تېخى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكى %95 تىن ئارتۇق پۇقرالار سىرىتتىن كىرگۈزۈلگەن ئىمپورت قىلىنغان (ئەكىرىلمە بويۇملار) مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكۈدەك ئىستىمال سەۋىيىسىگە ئىگە بولمىدى .
مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەر كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەم مۇرەككەپ بولۇپ ، بۇنى يالغۇز خۇاڭ قارىمنىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارساق بولمايدۇ .
گەرچە مېنىڭ ئىقتىسات ئىلمىدىن ئانچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ بىراق يېقىنقى 2-1 يىلدىن بۇيانقى قىسمەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكى ئىھتىياجنى كېڭەيتىش سەۋەبىدىن باھاسى ئازراق چۈشكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى يالغۇز جۇڭگۇدىلا بولماستىن بۇ خەلقئارالىق يۈزلىنىش بولۇپ قالدى .
خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى چۈشۈپ كەتتى . بۇ ئاساسلىقى دۇنيا نېفىت بازىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .
....... 
تۇغرا دەيسىز، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى يالغۇز بىرلا نوختىدىن تەھلىل قىلساق،قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرشەلمەيمىز !!!ئۇ كىشىنىڭ ئىيتقانلىرنىڭمۇ مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ئاساسى بار ،لىكىن مۇتلەق شۇنداق ئەمەس،!..خەنزۇچە توربەتلەردە بۇ توغرىسىدا نورغۇن كۆزقاراشلا ئولتۇرغا قويلىۋاتىدۇ ،مۇلاھىزلەر بولىنۋاتىدۇ!!بىز مۇشۇ ساھاگە قىزقىدىغان ھەم مەلۇم دەرىجىدە چۇشەنجە ھاسىل قىلۋاتقانلار ،ھەقىقەتنىڭ باشقا بىر يۇزىنى بىزنىڭ، كۆپ كىشى بىلمەيدىغان، بىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشلىرمىزگە بىلدۇرۇش مەسئۇليىتىمىز بار !!بولسا موشۇ تېمىدكى مەزمۇنغا ئوخشايدىغان،موپەسسەلرەك ماقالىلەرنى تەييارلاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنساق.دوللار، سىرىق ئالتۇن ،خەلقئارادىكى خام نىفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى.بىر قاتار يۇزبەرگن ھەم بىر ۋاتقان خەلقئارالىق چوڭ ئىش-ۋەقەلەر......دىگەندەكلەر مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدە ئۆزئالدىغا رول ئويناپ كىلۋاتىدۇ،بىز بۇ يەردە بىرە قىسقا ماقالە ۋە 10قۇر ئېنكاس بىلەنبلا ھەممىنى چۇشەندۇرۇشكە ئاجىز كىلىمىز !!