مال باھاسى ئۆرلەپ كىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: تۆۋەن پۇل كۇرسى ئاستىدىكى يۇقرى باھالىق ئىمپورۇت بويۇملىرى
يېقىندىن بۇيان، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىر قەدەر تېز،بولۇپمۇ يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرنىڭ باھاسى باسقۇچمۇ-باسقۇچ ئۆرلەپ ماڭدى ، بۇ تەبىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى. دۆلەت سودا مىنستىرلىكىمۇ 16تۇرلۇك چارە -تەدبىر قوللۇنۇپ مال باھا ئۆرلەشىنى كونتۇرۇل قىلماقچى بولدى ، لېكىن مىنىڭچە بۇ تەدبىرلەر مال باھا ئۆرلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ھەل قىلالمىدى . تۆۋەندە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز.
1-تۆۋەن پۇل كۇرسىدىكى يۇقىرى باھالىق ئەكىرىلمە بويۇملار دۆلەت ئىچىدە مال باھاسىنىڭ ئومومى يۈزلۈك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ يەردە 2008-يىللىق سانلىق-مەلۇماتلارنى مىسال قىلساق ، مال باھاسى شۇۋاقىتتىكىدىن 50% ئۆرلەپ كەتتى . بۇ ھەقتىكى تەھلىلەر تۆۋەندىكىدەك :
تۆۋەن پۇل كۇرسىدىكى يۇقىرى باھالىق ئەكىرىلمە بويۇملارنىڭ دۆلەت ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىكى ئىگەللىگەن نىسپىتى بارغانسىرى ئۆرلىدى . بۇ دۆلەت ئىچىدە مال باھاسىنىڭ ئۇدا ئۆرلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى . مەسلەن دەيلۇق، خەلق پۇلى ئامېرىكا دولىلرىغا 2:1 بويىچە ئالماشتۇرۇلغاندا، ئەكىرىلمە بويۇملارنىڭ باھاسى 100 دوللار بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 200يۇەن بولىدۇ. ئەمما 8:1 بولغاندا بۇ قىممەت ئۆرلەپ 800 يۇەن بولىدۇ. بۇلار ئاخىرقى ھىساپتا تەننەرىقنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇ تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا يىتىپ كىلىدۇ. 2008-يىلىنى مىسالغا ئالساق ئومومى ئەكىرىلمە سومما 1.1331 تىرلىيۇن دوللار، دوللار غا ئالماشتۇرۇلۇش نىسپىتى 1:1.79 بويۇنچە قارىساق ، ئومۇمى خىراجەت 1.1331*3.79=4.2869تىرلىيۇن يۇەن. ئەمما ئەمەلى ئالماشتۇرلۇش نىسپىتى 1:6.95 بويىچە بولسىچۇ، ئەمەلى خىراجەت 7.8611تىرلىيۇن يۇەن بولغان. بۇنۇڭدىنلا دۆلەت 3.5637 تىرلىيۇن يۇەن نى ئارتۇق خىراجەت قىلغان. شۇڭا 2008-يىلدىكى ئومومى ئىستىمال سوممىسى 10.8 تىرلىيۇن بولغان، مۇشۇ بىر تۈرلا مال باھاسىنىڭ 49% ئۆسۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 2009- يىلغا كەلگەندە خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان سىتىۋىلىش كۇچى ئورتا باھا ئالماشتۇرلىشى 2006- يىلىدىكى موقىم بولغان 1؛2 نىسپەتتىن تۆۋەنلەپ 1؛4 لىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. شۇڭا تۆۋەن پۇل كۇرسىدىكى يۇقىرى باھالىق ئەكىرىلمە بويۇملار،مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ شۇنداقلا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ بولۇپ قالغان. ئەكىرىلمە بويۇملار ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرلما ماتىرياللار ۋە خام ئەشيا بولغاچ، كۆپ مىقداردىكى ئەكىرىلمىلەر قەدەممۇ قەدەم مال باھاسىنىڭ ئۆسشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتشىمىز لازىم ،بۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۇرسەك، تىخمۇ چوڭ ئىختىزادى مەسىللەرنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ.
2-يىزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرنىڭ باھاسىنىڭ باسقۇچ-باسقۇچ بويىچە ئۆسىشى،پۇل ئىشىنچالىقتىن دەپ چۈشەندۇرسەك مۇۋاپىقىق بولماس. چۇنكى پۇلىنڭ كۆپ مىقداردا بىسىپ تارقىتىلشى بۇگۇنلا بولغان ئەمەس، بۇنداق كۆپ مىقداردا بىسىپ تارقىتىلش، يىللاردىن بىرى توپلانغان تاشقى زاپاسنىڭ نەتىجىسى.
ئۇزلۇكسىز ئۆسىۋاتقان يىزا-ئگىلىك مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئاساسىلىق سەۋەبى بولسا بارغانسىرى تۆۋەنلەۋاتقان يىزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى. ئاشۇ ئىشنچە سانائەت بويۇملىرنى ھىچكىممۇ بىسىپ ساقلىۋىشىنى خالىمىسا كىرەك. دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم يىزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى يىتەرلسىزبولىشى تەلەپنى تەبىئى ئاشۇردى. 2009-يىلى دۆلىتىمىز 42مىليۇن توننا دادۇر ،8.18مىليۇن توننا يىمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ياغ كىرگۇزدى. ئىنىقكى بىزنىڭ يىمەك-ئچمەك ساھەسىدە ئىغىر تىشسىزلىك مەۋجۇت، بۇنداق بولىشى بىزنى سىرىتقا تىىمۇ تاينىدىغان قىلىپ قويدى.
يىمەك-ئىچمەكلىرىدىن ، بىز ئىنرگىيەنى دانلىق زىرائەتلەردىن ئاساسلىق قوبۇل قىلمىز،دىمەكچى بىز ئىنىرگىيىسىنى قوبۇل قىلىمىز، ماددىنى ئەمەس،بەر بىر ئادەم كۇنلىكى بىر جىڭ يىمەكلىك بويۇنچە ھىسابلىساق،بىر يىلدا 180كىلوگىرام يىمەكلىك ئىستىمال قىلىمىز، لىكىن ئادەم بىر ئۆمۇردە، توغۇلغاندىكى 10جىڭغا يەتمىگەن ھالەتتىن قورامىغا يەتكەندىكى 70 كىلوگىرام بولسا، يەنە بىز ئوتتۇرچە ئۆمۇرنى 70ياش دەيلى،ھەر يىلى ئورتا بىر كىلوگىرام ئىغىرلىق قىتىلىدۇ، مۇنداقچە ئىيتقاندا،بىزنىڭ بىر يىلدىكى ئىستىمال قىلغان 180 كىلوگىرام يىمكىمىزدىن ئاران بىر كىلوگىرام بەدىنىمزنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ياغلىق ۋە دانلىق زىرائەتلەرگە بولغان ئىتىياجىمىز ئىشىپ بىرۋاتىدۇ. شۇڭا دادۇر ۋە يىمەكلىك مىيى ئەكىرسەك بۇ بىزنىڭ ئىستمالمىزدىكى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. قىممەت بويۇنچە ھىسابلىغاندا 20%دىن ئارتۇق بولىدۇ،شۇڭا بىز نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يىمەكلىك تەمللەش جەھەتتە ھەقىقەتەن تىشمەسلىك مەۋجۇت.
يىمەكلىكتە ئۆزىنى تەمىنلەش نىسپىتىنىڭ چۈشىش سەۋەبى بولسا خاتا ھالدىكى چىقىرىلما يېتەكلىمە سىياسىتى ۋە ئامىرېكىغا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن دادۇر بازىرىدۇر. بىز چىقىرلما تولۇقلىمسى ئارقىلىق كۆپ مىقداردا مىۋە شەربىتى، سامساق قاتارلىقلارنى چەتكە چىقاردۇق، ئاشۇ مەھسۇلاتلار جۇڭگۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چىقىرلما دۆلىتىگە ئايلاندۇردى . بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى كىرەكلىك بولغان تىرىلغۇ يەر كۆلۇمى ئازلىدى . ئېچىۋېتىلگەن دادۇر بازىرىنىڭ تۈرۈتكىسى ۋە ئامىرېكا ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇقلىمىسى بىلەن دادۇر بىۋاستە ئېقىپ كىردى. چۈنكى ئامىرېكا دىھقانلىرنىڭ كىرىمىنىڭ 3تىن بىرى ھۆكۈمەتتىن كەلگەچكە،ھەم كۆلەملەشكەن ئاپتۇماتلاشقان دادۇر تىرىقچىلىقى ،دۆلەت ئىچىدىكى دىھقانلارنى ئامرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغان ھالغا كەلتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە دادۇرنىڭ باھاسى چۈشتى . دىھقانلارمۇ دادۇردىن زىيان تارىتتى،دادۇر تېرىلغۇ كۆلىمىمۇ تۈز سىزىق بويىچە ئازلاپ كەتتى. ھازىرغا قەدەر ئەكىرىلمە دادۇر دادۇر ئىستىمالىنىڭ 73% نى ئىگەللەيدۇ،دادۇرنى سىرىتتىن ئەكىرىشكە تاينىمىز، يەنى باھامۇ دۆلەت سىرتىدىن كونتۇرۇل قىلنىدۇ.
3-باشقا سەۋەپلەر
يەر باھاسىنىڭ ئۆسۇشى،كىرگۇزۇشچان پۇل پاخاللىقى قاتارلىقلار بار. ( بۇ بۆلۈمىنى تەپسىلى تەرجىمە قىلمىدىم)
4-ئاخىرىدا پۇلنىڭ كۆپ مىقداردا تارقىتىلىشىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرۇپ ئۆتەيلى: ئىقتىسادشۇناسلار غەرىپ ئىقتىساد نەزىرىيىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ كۆپ مىقداردا پۇل تارقىتىشنىڭ سەۋەبىنى نۆۋەتتىكى مال باھاسىدىن دەپ قارايدۇ. ئادەتتە بۇنداق پۇل تارقىتىشنىڭ مال باھاسىغا بولغان تەسىرى كۆپ قاتلاملىق، مۇرەككەپ بولىدۇ.
دۆلىتىمىدىكى ئارتۇق تارقىتىلغان ئاشۇ پۇللار ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرنىڭ قولىدا بولۇپ ، پۇللار پۇلدارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار چىقىرىلما مەھسۇلاتلار ئارقىلىق تاشقى مەبلەغگە ئېرىشىپ تۇرغاچقا، مەرگىزى بانكا تارقاتقان ئۇ پۇللارنى بانكا ئارقىلىق باشقا پۇللارغا ئالماشتۇردى . دىمەكچى ئارتۇق تارقىتىلغان پۇللار پۇلدارلارنىڭ چۆنتىكىدە تۇردى . خەلققە ياكى ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا پۇل كىرمىدى، چۇنكى ئۇ پۇللار ئىستمال بازىرىغا كىرمىدى. پۇلدارلاردا كۆپ مىقداردا پۇل بولدى،نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقى ھەقىقەتەن ئېغىر، مەھسۇلاتلار يىتىشسىز ھالەتتە،بازارنىڭ يۈزلىنىشى بويۇنچە، كۆپلەپ پايدىغا ئىشىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى ئاشۇرۇلدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئېشىنچە مەھسۇلات كۆپىيىدۇ، بۇنۇڭغا ئەگىشىپ باھامۇ چۈشىدۇ.شۇڭا پۇلنىڭ كۆپ بېسىلىپ تارقىتىلىشى بىلەن پۇل پاخالىقىنى چۈشەندۈرۈش لوگىكىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن oygak2005 تەرجىمىسى .
( بىر قىسىم مەزمۇنلارنى قىسقارتىۋەتتىم)
ماقالىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى: خۇاڭ ۋېيدوڭ
http://www.hxwm.net/viewthread.php?tid=50248