نۆۋەتتىكى خەلىقئارا ۋەزىيەتكە قىزىقىدىغان دوسىتلار ئۈچۈن ...كۈچۈرۈپ تەييارلىدىم...دوسىتلار بۇنى كۆرگەن بۇلشى مۈمكىن .لىكىن بۇ توغرىدا مۇنازىرە قىلىشىپ بېقىش ئۈچۈن تەييارلىدىم...قېنى مىسرانىمدىكى دوسىتلار بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟...
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 3–دېكابىر كەچتە تۇيۇقسىز ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولۇپ ، ئامېرىكا ئارمىيەسنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىر بازىسىدا سۆز قىلىپ ، ئارقىدىنلا ئافغانىستاننىڭ زۇڭتۇڭى كارزائى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .
تەھلىلچىلەر : ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ‹‹ چاقماق›› تەك زىيارىتى ، روژدېستۋو بايرىمىدىن ئىلگىرى ‹‹ئارمىيەگە زىياپەت بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇپ ›› ئارقىدىن چۆچۈتۈپ ، ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ، بۇ بەلكىم تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ، دېيىشتى . تەھلىلچىلەر يەنە ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹ ئۆچمەنلىك›› نىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى ، دېيىشتى .
–دېكابىر كەچ ، تەخمىنەن 3850 نەپەر ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكىرى پاگلام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئوبامانىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى . ئوباما پۈتۈن كۈچى بىلەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ، مەدەت بەرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى .
ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى . بىراق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ يىل تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل بولۇپ ، 467 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئافغانىستاندا قازا قىلدى .
تەھلىلچىلەر : ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت ئاسانلا ئەسكەر چېكىندۈردىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . ئالدى بىلەن ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە نۆۋەتتە يەنىلا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى ، تالىباننىڭ كۈچى ئەسلىدىكى كونا ئۇۋىسى قەندىھاردىن تەدرىجى ئافغانىستاننىڭ شەرقى ۋە شىمالىغا يامرىدى ، بۇنىڭدىن باشقا ، ئافغانىستان دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ، دېيىشتى .
گۇمانىي‹‹ ئۆچمەنلىك›› چوڭقۇرلاشتى
ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ، ئوباما شۇ كۈنى كەچ كارزائى بىلەن ئۇچرىشىشى يىاكى ئېكران ئارقىلىق سۆھبەتلىشىشى كېرەك ئىدى ، بىراق ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە ئۇچرىشىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ، ھەتتا تېلېفوندا سۆھبەتلىشىشمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ ، سەۋەبى ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە تېخنىكىلىق كاشلا كۆرۈلگەنلىكى بولدى . بۇ ھەرىكەتلەر ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى .
بۇ يىل 3–ئاينىڭ 28–كۈنى ، ئوباما ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولغان بولۇپ ، تۇنجى قېتىمقى زىيارىتىمۇ تۇيۇقسىز بولغان . بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زىيارىتىدە ، ئوباما كارزائى ھۆكۈمىتىنى چىرىكلىكنى ئىدارە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلغان .
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ، كارزائى نۇرغۇنلىغان سۇرۇنلاردا ئامېرىكا تەرەپتىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا يولغا قويغان ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدىن ، بولۇپمۇ ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تالىباننى تازىلاشتىكى تۇيۇقسىز ھەرىكىتىدە ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش ، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئاغرىنغان . كارزائى ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت دىن ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىدە ئافغانىستان خەۋپسىزلىق قىسمى بىلەن ھەمكارلىشىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان .
23–نويابىر ، ش ئا ئە ت نىڭ لىسبون ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ، كارزائى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ش ئا ئە ت ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئارمىيە تۇرغۇزۇشنى ‹‹ قانۇنلاشتۇرۇش››قا قوشۇلدى . ئەگەر چەت ئەلدە ئارمىيە تۇرغۇزۇش ‹‹ قانۇنلاشتۇرۇلسا ›› ، چەت ئەل ئەسكەرلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش
تەھلىلچىلەر : ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ‹‹ئىلگىرلىشىنىڭ ئاستا بولۇشى››نى ئېتراپ قىلىشى ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشنى ئاستىلىتىشقا شارائىت ھازىرلاپ ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، دېيىشتى .
ئىگىلىنىشچە ، ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ ئاخىرى ئافغانىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە دوكلات تاپشۇرۇۋالىدىكەن . دوكلاتتا ، ئۇ بۇلتۇر 12–ئايدا ئېلان قىلغان ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ ئۈنۈمىگە باھا بېرىلىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشتە ئۈلگە قىلىنىدىكەن . ئوباما ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، بىراق قايسى ۋاقىتتا ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى يەنىلا ‹‹ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىدىكەن ›› .
2001–يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ، ئامېرىكىدا تەخمىنەن %88 ئامما قوللىغان ، بىراق ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ بۇ يىل 9–ئايدا ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، %58 ئامما ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان .
تەھلىلچىلەر : ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇشقا قارشى بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئوبامانىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان قارشىلىق كۈچى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە . ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە نەتىجىسى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكمۇ–يوق ، دېگەننى بەلگىلەيدۇ . بىراق ئامېرىكا ئافغانىستان پاتقىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كەتتى ، ئوبامانىڭ داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ، دەپ قاراشتى .
ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى...
http://nur.cn/html/news/12952.shtml