غۇلجا چاقچاقلىرىنى سېغىندىڭلارمۇ،شۇ يۇسۇندا بىر چاقچاق قىلىشمايمىزمۇ،2-3 كۈن بۇلۇپ قالدى،چاقچاقلار سەل ئازلاپ قالدى،قارىسام خېلى چاقچاقچى بۇرادەرلەر بار ئىكەن...چاقچاق بولمىسا قىزىق يۇمۇر بولسىمۇ بولىدۇ...لىكىن بەك ئەيپىمىزنى يوق يەردىن بەك تاتىلاپ ئېچىپ كەتمىسەك....قانداق دەيسىلەر بالىلار...
مەن باشلاپ بىرەي:
    1.مەست:
     ئىككى مەست رېلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاقشاپتۇ:
     — نېمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ؟
     — شۇنى دەيمەن، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن.
2.ئۇخلاپ قالدى:
     ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
     — ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟– دەپ سوراپتۇ. 
     — ئۇخلاپ قالدى، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
3.ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن
     ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟
     ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.
     ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟
     ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.
4.يەڭگە بىلەن سىڭىل
     سىڭلىسى: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟
     يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ
كىلىش مەنبەسى:  قايدۇ تورى
http://www.kaydu.com