|
|
|
|
ئاق كىسەلنىڭ تۆنۆگۈنى ۋە بۈگۈنى
بۇ كېسەللىك مەلۇم قىسمى ياكى كۆپ قىسمى، پۈتۈن بەدەنلىك تېرىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگۈرۈپ كېسەللىك يۈز بەرگەن ئۇرۇن ئاقىردىغان، بەدەننىڭ ئۇمۇمى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ تېرە گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزدىغان، بىمارنى روھى جەھەتتە ئازاپلايدىغان، دىياگىنۇز قۇيۇش ئاسان، داۋالاش قىيىن بولغان بىرخىل يۇقۇمسىز جاھىل خارەكتىرلىك سۇزۇلما تېرە كىسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى : بەدەنگە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەكشى يىتىپ كىلەلمەسلىكتىن، ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ بەدەندە ئارتىپ كىتىشتىن، بەدەندە تېرە تۇقۇلما قېتىدىكى ئۇششاق قىل قان تۇمۇرلاردا تارىيىش، تۇسۇلۇش، تېرە قەۋىتىدىكى شۇ ئۇرۇندىكى ھۈجەيرە ، تۇقۇلمىلارغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قان تۇمۇردا تۇرۇپ قالغان ماددىلار تەبىئى ئېچىپ چىرىپ كېسلاتالىشىپ تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ مۇكەممەللىكى بۇزۇلۇپ، نورمال رەڭ ئىشلەپچىقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، تېرە يۈزىگە رەڭ پېگمىنتى ئۆرلەپ چىقالمىغانلىقتىن پەيدا بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېرىسيەتتىن بولىدىغان بولۇپ، كىلىنكىدا ئاق كېسەلنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بۇلۇش نىسپىتى ئەجدادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكرار ئۇچراپ كېلۋاتىدۇ. ئاق كېسەل پەيدا بولغان ئۇرۇندىكى تېرە تېرە ئاستى تۇقۇلمىسىغىچە بۇزۇلغان بولغاچقا ئاق داغنىڭ يۈزى قېلىن ئاق ، پارقىراق، بۇلۇپ بارماق بىلەن ئۇۋلىغاندا ياكى كۈن نۇرىغا قاقلىغاندا ئاق داغ بار ئۇرۇن ئاسانلىقچە قىزارمايدۇ. ئاق كېسەلنىڭ سەۋەبىدىن تەر بەزلىرى بىلەن تەر نەيچىللىرى زەخمىلەنگەن بولسا شۇ ئۇرۇندىن تەر چىقمايدۇ. تۈك خالتىسى بىلەن تۈك يىلتىزى زەخمىلەنگەن بولسا تۈكلەر ئاقىرىپ كىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاق كىسەل بىلەن ئاغرhغانلارنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا ئېشىپ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ روھى ئازاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، ئىجدىمائى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كىلۋاتىدۇ. بۇ كىسەللىك ئۈستىدە كېسەللىك سەۋەپچىسى ئېنىقلىنىپ ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش جەھەتتە بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنمى ئاستا بولۇپ كىلۋاتاتتى. (ئىلگىركى داۋالىشىمىزدا ئىككى ئايدا ئۈنۇم كورۇلۇشكە باشلايتى)، لىكىن شىركىتىمىز يېقىندا تەتقىق قىلىپ چىققان ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتىمىز ۋە يېڭىچە داۋالاش تەرتىۋىمىزدە زور ئىلگىرلەش بولغان بولۇپ، ئون بەش كۇنلىك پەرۋىشنىڭ ئاخىرقى بەشىنجى كۈنىدىلا تېرە يۈزىدە زور ئۆزگۈرۈش ياسىدى.
بۇ، بىمار كىلىپ ئىككى ئايدىن كىيىن يەنى 6-ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان سۇرەت.
بۇ 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تارتىلغان سۈرەت.
7- ئاينىڭ 9- كۈنى.
تۈۋەندىكىسى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان سۈرەتلەر.
2015-يىلى 17-ئىيىۇل
ئەلدوست شىركىتىدىن مۇساجان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-5 02:05 PM
|
|
|
|
|
|