مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2988|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگو ئامېرىكا ئوتتۇرۇسىدىكى يۇشۇرۇن ئېلىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107123
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 975
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-5-25
ئاخىرقى: 2015-7-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:59 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

جۇڭگو ئامېرىكا ئوتتۇرۇسىدىكى يۇشۇرۇن ئېلىشىش


چېن شىنچۈن سالونىدىكى ماقالە تەرجىمىسى

بۇيېقىندا قىزىق تېمىغا ئايلانغان ماقالە بولۇپ، ئاپتورى ئافىرىقىدا خىزمەتقىلىۋاتقان جوڭگۇلۇق.ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى ئۇ جوڭگۇ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىتەھلىل قىلىشتا يىڭى رامكا ۋە يىڭى لوگىكا بەرپا قىلغان، يەنى يادرو بىلەن سىرتقىرايوننىڭ رىقابەت مەسىلىسى.ئاپتور يەنە ئۆزىنىڭ ھەقىقى سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق ئۆزكۆز قارىشىنى قوللىغان.

ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ چىقاي، مەنئافرىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جوڭگۇلۇق، بىر قانچە دۆلەتلەرگە باردىم، بۇ جەرياندادۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل ئىشلارنى ئىزچىل تەپەككۇر قىلىپ كەلدىم.تۆۋەندىكىمەزمۇنلار ئاساسەن ئۆزۈم يالغۇز تەپەككۇر قىلىپ چىقارغان نەتىجە، پەقەت چوڭرامكىسى بار شۇڭلاشقا ھازىر كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ پىكىرلىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.

1

مىنىڭچە جوڭگۇ ئامېرىكا ئوتتۇرۇسىدىكىرىقابەتنىڭ يادروسى سىرتنى قورشاش رىقابتى، بۇ مەزمۇن بولسا مىنىڭ ئويۇمنىڭرامكىسى ۋە ئالدىنقى كۆرۈنىشى.

ئالدى بىلەن مەن نېمىنىڭ يادرو نىمىنىڭ سىرتنىقورشاش ئىكەنلىكىنى ئېنىق دىيىشىم كېرەك.بۇ ئېنىقلىما سېستىمىسى ئاساسلىقى ماركىسلېنىننىڭ 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى مەزگىلىدىكى جاھانگىرلىك دۇنيا سېستىمىسىغا بولغانتەسۋىرىدىن كېڭەيتىلگەن، ئۇ ۋاقتىدىكى دۇنيادا ئاساسلىقى بىر نەچچە ئامېرىكاياۋرۇپا مۇستەملىكە ئىمپىرىيەسىدىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جوڭگۇ، ئوسمان تۈرك،تايلاند، ئېفىئوپىيە قاتارلىق يېرىم مۇستەملىكىلەر سېستىما چېتىنىڭ تولۇقلىمىسىبولغان.

بۇ ئىمپىرىيە سېستىمىسىنىڭ يادروسى غەربىياۋرۇپادىكى سانائەت دۆلىتى، كاپىتال ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىش، ئۇنىڭسىرتتىن قورشايدىغىنى مۇستەملىكە يېرىم مۇستەملىكىنى كېڭەيتىش، خام ماتېرىيالئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلات بازىرى ھەمدە كاپىتال كىرىش ئورنى قىلىش.

ھازىر بىرەر يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىزئارقىمىزغا يەنە قارايدىغان بولساق، بۇ دۇنيا سېستىمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىئاللىبۇرۇن ئۆزگەرگەن، ئەمما ئىچكى يادروسى بىر-بىرىگە تۇتاشقان. بىردىنبىر ئۆزگىرىشبولسا جوڭگۇنىڭ ئوينىغان رولى ئۆزگەردى.ھازىرقى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، لاتىنئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق، ئافىرىقا قاتارلىق ئورۇنلار يەنىلا خام ماتېرىيالئىشلەپچىقىرىش ئورنى، مەھسۇلات بازىرى ۋە كاپىتال كىرىش ئورنى قاتارلىق روللارنىئۆتۈمەكتە.

نۇرغۇن ئادەملەرنىڭمۇ كۆزىتىشىچە، بىرەر يۈز يىلبۇرۇن تەرەققىي قىلغانلار ھېلىھەم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھازىرقى سەككىز دۆلەتگوروھىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئاساسەن بىرەر يۈز يىل ئاۋالقى سەككىز دۆلەت بىرلەشمەئارمىيەسىنىڭ تەكرارلانغان نۇسخىسى.سى شىياۋلوڭ، سىنگاپور ۋە شىياڭگاڭ ئاساسلىقىغەربنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكامى ۋە ۋاكالەتچىسى، غەربنىڭخوجىدارلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ، كورىيە بىلەن تەيۋەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنياپونىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن كورىيە تەيۋەن ئامېرىكىنىڭپىرىستانىغا تەزىم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى دولقۇندىن مۇداپىئەلىنىشتوسمىسى رولىنى ئويناۋاتىدۇ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىچكى-تاشقى ئىشلارسىياسىتى يوق.

شۇڭلاشقا جوڭگۇ شۇنچىلىك ئالاھىدە.

ھازىر جوڭگۇدىمۇ سىرتقى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭئالاھىدىلىكى يەنىلا بار، فۇشىكاڭنىڭ سېخىنى ئايلىنىپ باقسىڭىز بۇ نوقتىنى ئەڭبىۋاستە ھىس قىلالايسىز.يەنە بىر تەرەپتىن جوڭگۇ ئۆزىنىڭ يادروسىنى ئاستا-ئاستايىتىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ نوقتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن چوقۇم دۆلەت بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ باشقاسىرتقى رايونلارغا بېرىپ چۈشۈنۈپ بېقىش كېرەك.

مەسىلەن مەن ئافرىقىدا خۇا ۋېينىڭ ئالاقەبازىسى، سەن يىنىڭ قورۇلۇش ئۈسكۈنىسى، جوڭچىنىڭ ماشىنىسى، نۇرغۇن جوڭگۇمەبلەغچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ كان زاۋۇتلىرى ئامېرىكا ياۋرۇپا ياپونىيەلەرنىڭمەھسۇلاتلىرى ۋە مەبلەغچىلىكى بىلەن روبىرو تۇرۇپ ئۇرۇشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە بۇنداقھىسيات شۇنچىلىك بىۋاستە بولىدۇ. يەنە شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇتۇقىيوقلۇقىنى كۆرگەندە بىرەر يۈز يىل بۇرۇنقى ياپونىيە روسىيە ئۇرۇشىدا خىيالىپوزىتسىيەدە بولغان جوڭگۇلۇقلار ئىختىيارسىز يادىمغا كېلىپ قاتتىق ئۇھسىنىمەن.

ئۇنداقتا جوڭگۇمۇ ھازىر كاپىتالىستىك دۇنياسېستىمىسىنىڭ يادرولۇق بىر دۆلىتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. كاپىتالىستىك دۇنياسېستىمىسىنىڭ ئويۇن پىرىنسىپى نېمە؟ مۇستەملىكە، يەنى خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشرايونلىرى، مەھسۇلات بازىرى ۋە كاپىتال كىرىش رايونلىرىنى تالىشىش. جوڭگۇ بىلەنئامېرىكا زادى نېمىنى تالىشىدۇ؟ سىرتقى نىقابنى يىرتىپ تاشلىغاندا دەل مۇشۇ سىرتقىرايونلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ سىرتقى رايونلار جوڭگۇ ئامېرىكا چىگرا سىرتىدىكىسىرتقى رايونلارنىلا كۆرسەتمەستىن، جوڭگۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فۇشىكاڭنىڭ ئەمگەك كۈچى خۇۋېي ۋە ئالمىنىڭرىقابەت ئوبىكتى، بەلكىم بىر كۈنى جوڭگۇ ئاشلىق گۇرۇھى ئامرىكىنىڭ زىمىنىدا جىياشىبىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا رېقابەتلىشىشى مۇمكىن، IBM شەخىسلەر كومپىيوتىركەسپىنىڭ ئەسلىدىكى يادروسى ئامېرىكىدا ، جوڭگۇ بولسا ئۇنىڭ سىرتى ئىدى، ئەممالىيەنشىياڭ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كىيىن ئامېرىكا بازىرى ئەكىسچە لىيەنشىياڭكومپيوتىرىنىڭ سىرتقى رايونى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدەك يادرونىڭ سىرتقى رايوننىتالىشىشى ۋە ئالمىشىشى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

جاھانگىر دۆلەتلەر سېستىمىسىدىكى سىرتقىرايونلارنىڭ ئەھۋالى بەك ئېچىنىشلىق، چۈنكى ئۇلارنىڭ تورتنى بۆلىدىغان ھوقۇقى يوق،يادرو ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىنى پەقەت ئېشىپ قالغان قالدۇق تاماقلار.ئافرىقاقىتئەسىدىكى جوڭگۇ مەبلەغچىلىكىدىكى كارخانىلارنى مىسالغا ئالساق، جوڭگۇلۇقخادىملارنىڭ ئىش ھەققى شۇ يەرلىكلەرنىڭكىدىن 10 ھەسسىدىن ئارتۇق يوقۇرى، بۇ خىلىئىنساپ قىلغانلىق، غەرب ئەللىرى كارخانىسىنىڭ بۇ يەردىكى تارماق ئورگان مەسئۇلىنىڭ(غەرب ئەللىرى شىركەتلىرى ئادەتتە ئاز مىقداردىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىئەۋەتىپ، ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامغا شۇ يەرلىكلەرنى ئىشلىتىدۇ) ئىش ھەققى ئاساسىقاتلام خادىملارنىڭ ئىش ھەققىدىن 100 ھەسسە يوقۇرى، يەنە پايدىنىڭ ھەممىسى مەبلەغسالغۇچى تەرەپكە تەۋە بولىدىغىنىنى دىمەيلا قويايلى.

بارلىق سىرتقى رايون جەمئىيىتىدە ئاساسەن كۆپساندىكى ئىشسىز ئارتۇق نوپۇس بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يادرولۇق رايونلار پايدىنى ئېلىپكەتكەن، ئەمما مەبلەغ چىقىرىش چەكلىك بولغاچقا كەڭرى سىرتقى رايوندا تولۇق ئىشقائورۇنلۇشۇش مۇھىتى بەرپا قىلالماسلىق. جوڭگۇنى مىسال ئالساق، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈككارخانا تەشكىلى چوڭ بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتماي، چەتئەلنىڭ مەبلەغسېلىشىغا تايانغاندا،% 80 دىن ئارتۇق نوپۇس تىرىكلىك يولى تاپالمىغان ئارتۇقنوپۇسقا ئايلىنىپ قالاتتى.

نەچچە يىل بۇرۇن تۇنىس ئاتالمىش ئىنقىلابىنىباشلىغاندا باشلىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىر يايمىچىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۋېلىشىئىدى.ئۇ يايمىچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئەمما ئۇ ياشىغان دۆلەت سىېرتقى رايونبولغاچقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماس كېلىدىغان ئۇنچە كۆپ ياخشى خىزمەت ئۇرنىتەمىنلىيەلمەيدۇ. ئاقىۋەت ئۇ ئامالسىز يايما ئېچىپ سودا قىلىدۇ. ئاخىرىدايايماكەشلىكتىممۇ قوغلىنىپ، ئۆلۈم يولىلا قالىدۇ.بىز جوڭگۇلۇقلار نەچچە يىلدىنبۇيان ئۆزىمىزنىڭ يولىنى مېڭىپ باشقىلارغا يول قالدۇرمايلى دېگەن سۆزنى چاقچاقئورنىدا قىلىمىز، ئەمما نۇرغۇن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىگە راستىنلا ماڭىدىغانيول قالمىدى، سىرتقى رايون بولسا مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق.

يەنە بىر يېنىمىزدىكى مىسالنى ئېلىپ ئېيتساق،ئالما تېلېفونىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا قارىسىڭىز ئۈستىدە كالىفورنىيەدەلاھىيىلەنگەن، جوڭگۇدا قوراشتۇرۇلغان دەپ يېزىقلىق.قاراڭ، باشقىلار ئۇچۇق-ئاشكارەئۆزى قوغلاشقان دۇنيا مەنپپەئەت تەقسىماتى ۋە كەسىپ ئىش تەقسىمات ئەندىزىسىنىسىزگە ئېىيتىۋاتىدۇ. نىمىشقا جوڭگۇلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقائورۇنلۇشىشى تەس؟ئالمىنىڭ كەسىپ ئىش تەقسىمات ئەندىزىسىگە ئاساسەن، جوڭگۇدا ئەسلىمىكرو ئېلېكتىر ۋە يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولماسلىقىكېرەك، بولمىسا سىز ئوقۇش پۈتتۈرسىڭىزمۇ خىزمەت تاپالمايسىز، يەنە قوراشتۇرۇشسېخىغا بېرىپ تولۇقسىزنىڭ بالىلىرى بىلەن تۆۋەن مائاشلىق ئاددى خىزمەت ئورنى ئۈچۈنرېقابەتلىشىسىز.

قايىل بولمايمەن دېمەڭ، بۇ خىزمەتنىمۇجان-جەھلىڭىز بىلەن تالىشىسىز قىلمىسىڭىز ئۆلىدىغان گەپ.بۇ دۇنيا شۇنداقرەھىمسىز.بەخىتكە يارىشا جوڭگۇ ئەمدى يېرىم مۇستەملىكە ئەمەس، خۇاۋېي، جوڭشىڭ،لىيەنشىياڭ، شىياۋمى قاتارلىقلار بار، نۇرغۇن مىكرو ئېلېكتىرون ۋە يۇمشاق دېتاليۆنىلىشىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئىشخانىلاردائولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ، يايما يېيىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ يۈرمەيدۇ.ئەمما كۆپىنچەجوڭگۇلۇقلار تېخىغىچە ئويغانماي، ئۆز رازىلىقى بىلەن چەتئەل ماللىرىنىڭ قۇلى بولۇپياشاۋاتىدۇ، بۇ نېمە دېگەن ئازابلىق ئەھۋال-ھە!

2

مەندە جاھانگىرلىك دۇنيا سېستىمىسىنى تەھلىلقىلىش رامكىسى بولغاندىن كىيىن، مەن يادرولۇق دۆلەتلەرگە باھالاش ئېلىپ بېرىشىم كېرەك.قايسىئامىللار بەزى يادرولۇق رايونلارنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك، بەزى يادرولۇق رايونلارنىبىرقەدەر ئاجىز بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ، يادرولۇق رايونلار يادرولۇق رايونبولۇشىنىڭ پىرىنسىپى جوڭگۇ ۋە جوڭگۇلۇقلارنىڭ كەلگۈسى. تۆۋەندىكىلەر ئاساسلىقىمىنىڭ مۇستەقىل پىكىرىم.

ئالدى بىلەن ھەممە باراۋەر، ھەرقايسىرايونلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بار دەپ پەرەز قىلسام، ئۇنداقتا بىر رايوننىڭ رىقابەت كۈچى قايسى ئامىللاربىلەن بولغان باغلىنىشى ئەڭ چوڭ؟ مىنىڭ مۇلاھىزە قىلغاندىكى نەتىجەم:بىر رايوننىڭرىقابەت كۈچى، نوپۇس سانى بىلەن ئوڭ مۇناسىۋەتتە، نوپۇس زىچلىقى بىلەن ئوڭمۇناسىۋەتتە، نوپۇس بۆلۈنۈش دەرىجىسى بىلەن تەتۈر مۇناسىۋەتتە، توشۇش تەننەرخىبىلەن تەتۈر مۇناسىۋەتتە.

تارىخ 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە،دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاساسەن ئۇنىڭ سانائەت بولۇپمۇ ياساش ئەمەلىي كۈچىنىكۆرسىتىدۇ.ئەمما ياساش كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۇزۇن مۇددەت بەلگىلەيدىغان ئامىل،(1)كاپىتال جۇغلاش سەۋىيەسى (2)ئەمگەك تەقسىمات سەۋىيەسى (3)توشۇش تەننەرخى.(جوڭگۇياساش كەسپىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئەھۋالىغا قارىتا مەن ئايرىم بىر سانلىق ماقالەيازىمەن، كۆپچىلىك چوقۇم كۆرۈڭلار)

كاپىتال جۇغلانمىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى،ھىيلىگەرلىك بىلەن بۇلاپ تالاش، تۈجۈپىلەپ يېغىش بولسىمۇ بولىدۇ، كاپىتالجۇغلانمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى، مائارىپ تەربىيەلەشمەبلىغى،يىڭى تېخنىكىنىڭ جۇغلانما ئېچىش ۋاقتى قاتارلىقلار بولسىمۇ بولىدۇ،يېغىنچاقلىغاندا، كاپىتال جۇغلانمىسى قانچە يۇقۇرى بولسا شۇنچە ياخشى. كۆپمىقداردىكى كاپىتال جۇغلانمىسى كۆپ مىقداردىكى نوپۇسقا ئىھتىياجلىق، شۇڭلاشقانوپۇسى كۆپ دۆلەت يادرولۇق دۆلەت بولۇشى ناتايىن ئەمما نوپۇسى ئاز دۆلەت چۇقۇميادرولۇق دۆلەت ئەمەس.

ئەمگەك ئىش تەقسىمات سەۋىيەسى يۇقۇرى دەرىجىدەئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىبەلگىلەيدۇ.ئەمگەك ئىش تەقسىماتىغا بولغان كۆزىتىش ئادام سىمىت دەۋرىدىلا باربولغان بولۇپ مىنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.ئەمما ئەمگەك ئىشتەقسىمات جەريانىدا بىر يوشۇرۇن ئالدىنقى شەرت بار:ئەمگەك تەقسىماتىغا قاتناشقانئەمگەكچىلەر ئۆز-ئارا توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشى، يەنى بىردەك تىل ۋەمەدەنىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئەمدى توشۇش تەننەرخى ئۈستىدە توختالساق، مىنىڭتوشۇش تەننەرخىگە بەرگەن ئىنىقلىمام پۇل ئەمەس بەلكى ۋاقىت.ئەلۋەتتە پۇل يۇقۇرىدەرىجىدە ئەمگەك ۋاقتىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى. مەسىلەن بىر ئادەم سەككىز سائەتلىكخىزمەت كۈنىنىڭ ئىش ھەققى 200 يۈەن، ئەمما بىر مەھسۇلاتنىڭ توشۇش ھەققى 500 يۈەن،ئۇنداقتا ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، توشۇشقا سەرپ قىلىنغان ئومۇمى بىۋاستە ئەمگەكۋاقتى 20 ئادەم كۈچى سائەت. ئەمما مەن توشۇش تەننەرخىنى ھېسابلىغان ۋاقىتتا، مەنچۇقۇم يولدىكى ۋاقىتنىڭ تەننەرخىنى ئويلۇشۇشۇم كېرەك،بۇنىڭ تەننەرخى بىۋاستە توشۇشھەققىدىن ئىككى سانلىق دەرىجە يوقۇرى بولىدۇ.

مەسىلەن مەن بىر قانچە قېتىم مەلۇم زاپچاسكەمچىللىككە ئۇچراپ دۆلەت ئىچىدىن جىددى ھاۋادىن يۆتكەشكە توغرا كەلگەن.ھاۋادىنيۆتكەشنىڭ تەننەرخى دېڭىزدىن يۆتكىگەنگە قارىغاندا ئىككى سانلىق دەرىجە يوقۇرى،ئەمما دۆلەت ئىچىدىن دېڭزىدىن يۆتكەپ ئېلىپ كېلىشكە دائىم يېرىم يىل ۋاقىت كىتىدۇ،بۇنداق ساقلاش ۋاقتى بىر كارخانىنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىشقا يىتىپ ئاشىدۇ.شۇڭلاشقائافرىقىدىكى جوڭگۇ كارخانىسىنىڭ بىر ئادىتى بولۇپ يۈك ساندۇقىغا ھەرخىلزاپچاسلارنى قاچىلاپ ساقلايدۇ، بۇ ئىنتايىن ئۈنۈمگە ئىنتايىن چوڭ بولغان زىيانكەلتۈرىدۇ.

مەن تۇرۇشلۇق كارخانىنى كۆزۈتۈپ ئېرىشكەن نەتىجەبولسا، بۇنداق ئۇزۇن توشۇش ۋاقتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە كەلتۈرگەن زىيىنىئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى تەننەرخىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مىنىڭ ئىنتايىنتار دائىردىكى كۆزىتىشىم، ئوخشىمغان كەسىپنىڭ ئۈنۈم زىيىنى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەپسۇسبىرەر ئىقتىسادشۇناسنىڭ بۇ تەرەپتىن تەتقىقات ئېلىپ بارغىنىنى كۆرمىدىم.

ئۇنداقتا، بىز ۋاقىتنى توشۇش تەننەرخىنىئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قىلغاندا بىز شۇنى بايقايمىز، ئارال رايونلارنىڭ سىرتقا توشۇشتەننەرخى بەك يوقۇرى بولىدۇ، چۈنكى دېڭىز ۋاستىسى بىلەن توشۇغاندا تەننەرخى تۆۋەنبولسىمۇ لىكىن ئەڭ ئاستا بولغان توشۇش ئۇسۇلى.شۇڭلاشقا ئارال رايونلار سىرت بىلەنزىچ بولغان كەسىپ ئىش تەقسىمات ھەمكارلىق ئورنىتىشى بەك تەس بولىدۇ.

ۋاقىت ئارقىلىق توشۇش تەننەرخىنى ھېسابلاشنىڭياساش كەسپىگە بولغان تەسىرى بەك چوڭ، ئادەم تارقىلىشى بەك شالاڭ بولغان دۆلەتلەررىقابەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان كەسىپ توپىنى ھاسىل قىلالمايدۇ.

ئۇنداقتا بىز دۇنيا خەرىتىسىدىن نوپۇس زىچبولغان دۆلەتلەرنى ئىزدىسەك، ئۇلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتقا بولغان توشۇش تەننەرخى يەنەبەك تۆۋەن، تىل بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەن، ھەمدە ئوخشاش بىر قۇرۇقلۇقتا، ئۇنداقتائۇ دۇنيا سېستىمىسىدىكى يادرولۇق دۆلەت بولىدۇ.بۇنداق دۆلەتتىن ئۈچنى تېپىپچىققىلى بولىدۇ: نوپۇس كۆلىمى بويىچە رەتكە تۇرغۇزغاندا ئەڭ چوڭ بولغىنى جوڭگۇ،كىيىنكىسى ئامېرىكا، ئۇنىڭ كەينىدىكى گىرمانىيە.

يەنە ئىككى يوشۇرۇن كۈچى چوڭ بولغان دۆلەتبولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھىندىستان بىلەن برازىلىيە.بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىسىنى يازسانۇرغۇن كىتاب چىقىدۇ، مەسىلەن ئىسسىق بەلۋاغ مىللەتچىلىكى كۈچلۈك، نوپۇسنىڭئەقلى-ئىقتىدارى تۆۋەن، ئامانەت توپلاشنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن كاپىتالجۇغلانمىسى يوق، ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز، كان بايلىقى كەمچىل،مىللىيئايرىمىچىلىق كۈچلۈك قاتارلىقلار.ئۇلارنىڭ تەرەققىيات توسالغۇسى ھەقىقەتەن كۆپبولۇپ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلالمىسىمۇ نورمال ھېسابلىنىدۇ.

بۇ دۇنيادا يەنە بەزى دۆلەت ۋە رايونلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى شارائىتىدا سىرتقى رايون بولۇشقا تىگىشلىك، ئەمما ھازىرئازدۇر-كۆپتۇر يادرولۇق رايوننىڭ رولىنى ئويناۋاتىدۇ، مەسىلەن روسىيە، ياپونىيە،كورىيە، تەيۋەن، سىنگاپور، شىياڭگاڭ، ئىسرائىلىيە. مىنىڭ يەنىلا ياپونىيە ھەققىدەتوختالغۇم بار.

ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭ ئارالدۆلەت بولغانلىقىدا، ھەمدە ياپون تىلىمۇ دۇنيادا ئومۇملاشقان تىل ئەمەس، شۇڭلاشقائۇ بەك تەس باشقا رايونلار بىلەن قويۇق بولغان كەسىپ ئىش تەقسىماتىشەكىللەندۈرەلەيدۇ.ياپونىيەنىڭ مەھسۇلاتى ئۆزگىچە بىرقاتار مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپباشقا رايونلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ماسلىشالمايدۇ.ھازىرقى شەرقى ئاسىيارايونىنىڭ كەسىپ خىزمەت تەقسىماتىدا ياپونىيە تارىختىن بۇيانقى ئۇزۇن مۇددەتلىككاپىتال جۇغلانمىسىنىڭ پايدىسىدا(ئۈسكىنە، تېخنىكا، تەجرىبە قاتارلىق)، يۇقۇرىقوشۇمچە ئۈنۈم بولغان كەسپ خىزمەت تەپسىماتى بۆلۈپ بېرىلگەچكە ھازىر ئۇ يامانئەمەس كۈن كەچۈرۋاتىدۇ.

ئەمما جوڭگۇنىڭ كاپىتال جۇغلىنىش سەۋىيەسىبارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ، ھەم تەبىئىي ئارتۇقچىلىقى سەۋەبلىك، جوڭگۇنىڭ ئىچكى قىسمىتېخىمۇ مۇرەككەپ چوڭ بولغان كەسپى ئىش تەقسىملەش سېستىمىسى ۋە تېخىمۇ كەڭرى بىرتۇتاشلىققا ئىگە بولغان بازىرى بولغاچقا ياپونىيەدىن چوڭ بولغان ئۈنۈمئەۋزەللىكىگە ئىگە.ياپونىيە چەت رايونلار ئورنىغا ئولتۇرسىلا، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نوپۇسى دۆلەت زىمىنى ۋە بايلىقىغاسېلىشتۇرغاندا يۇقۇرى دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

ياپونىيەگە نىسبەتەن، دۇنيا سېستىمىسىدىكىيادرولۇق ئورنىنى يوقۇتۇش دۇنيا بايلىقىنى ئۆزىگە تارتىش ئىقتىدارىنىيوقاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ يۈز مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسى دۇنيادىكى ئارتۇقنوپۇس بولىدۇ، بۇ ئارتۇق نوپۇسنى يۇقۇتۇش جەريانى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. مەن قېلىپقالغان ئۆمرۈمدە بۇ تارىخى جەريانى كۆرەلەيمەن دەپ ئويلايمەن.

3

مۇشۇنىڭدەك تەپەككۇر رامكىسى ئىچىدە ئۆتۈپكەتكەن 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى تارىخى مۇساپىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بىز تارىخىمۇساپىنىڭ قايسى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى باھالايلى.

ئالدى بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرسىدىن باشلىساق،پۈتۈن دۇنيا غەربى ياۋرۇپا يادرو بولغان جاھانگىر دۇنيا سېستىمىسىغا كىرگەن،ئۇنىڭدىن كىيىن ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە دۆلەت ئەنگىلىيە بىلەن كىيىن پەيدا بولغانسانائەت ياساس كۈچلۈك دۆلىتى گىرمانىيە ئوتتۇرۇسىدا بىرىنجى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىيۈز بەردى.مىنىڭ ئىلگىركى تەھلىك رامكامغا ئاساسلانغاندا، گىرمانىيەنىڭ يادرولۇقدۆلەت بولۇشتەك ئورنى تەبىئىيلىككە ئىگە، بىراق ئەنگىلىيە بىر ئارال دۆلەتبولۇشتەك شارائىتىدا ئۇنىڭ يادرولۇق دۆلەت بولۇش ئورنى ئادەم سەۋەبلىك. (دىققەت،بۇ جوڭگۇ ئامېرىكا رېقابىتىنىڭ تۈپ يۇقۇرلىقى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ)

شۇڭلاشقا ئادەم سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقبولمىغان يادرولۇق ئورنىنى ساقلىغان ئەنگىلىيە، چۇقۇم باج ئىستىھكامى، دېڭىزداقامال قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق گىرمانىيەنىڭ ئۆز سىرتقى رايونىغائېرىشىشىگە يول قويمايدۇ.

1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئامېرىكاسىرتقى رايون ئورنىدىن يادرولۇق دۆلەتكە ئايلاندى (بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىنبۇرۇنقى ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەت خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋە كاپىتالكىرىش دۆلىتى بولغان)، بىراق سوۋىت ئىتتىپاقى غەربى ياۋرۇپا يادرو بولغان دۇنياسېستىمىسىدىن چىكىنىپ چىققاندىن كىيىن مەركىزى پىلان ئۇسۇلى بويىچە ئۆز ئالدىغايادرو سىرتقى رايون مۇناسىۋىتى تۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ باقتى.

ئۇنىڭدىن كىيىن، ئەنگىلىيە گىرمانىيە زىدىيىتىۋە ئامېرىكا ياپونىيە زىدىيىتىنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى.2-دۇنيائۇرۇشىدا، گىرمانىيەنىڭ مەقسىتى بولسا ياۋرۇپادا گىرمانىيەنى يادرو قىلغانبىرلىككە كەلگەن سېستىما قۇرۇش.بۇ سېستىمىنىڭ ئەسلىدە قۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بارئىدى، بۈگۈنكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەمەلىيەتتە تىنىچ يول ئارقىلىق گىرمانىيە ئۇرۇشۋاستىسى ئارقىلىق يېتەلمىگەن مەقسىتىگە يەتتى.(چۈنكى گىرمانىيەنىڭ ياۋرۇپادىكىيادرولۇق ئورنى تەبىئىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئادەم سەۋەپ قىلمىسىمۇ، ئۇزۇن مۇدەتلىكتارىخى جەرياندا ئۆزلىكىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ).

ئەمما ئۇ ۋاقىتتىكى روسىيە مەركەز پىلانىئارقىلىق كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغان يادرونى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، چارروسىيەدەك ياۋروپانىڭ سىرتقى رايونى ئەمەس ئىدى.2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ياپونىيەنىڭمەقسىتى ئۆز ئارال دۆلىتىنى يادرو قىلىپ، ئاسىيادا ئۆزىگە تەۋە بولغان سېستىماقۇرۇش. ئەمما ياپونىيەنىڭ سىرتقى رايون بولۇشى مۇقەرەرلىككە ئىگە، ئەڭ ئاخىرىدائامېرىكا ياپونىيەنى ئىگەللەپ ئىمپىرىيەگە بولغان قوغلۇشۇشى زورلۇق بىلەنتوختۇتۇلدى.

    2-دۇنيا ئۇرۇشدىن كىيىنكى 70 يىلغا يەتكەندۇنيا تىنىچلىق مەزگىلىدە ئەمەلىي يۈز بەرگەن تارىخ مىنىڭ تەھلىل رامكامنىئىسپاتلىدى.ئالدى بىلەن گىرمانىيە تىنچ يول بىلەن ياۋرۇپادىكى يادرولۇق ئورنىغائېرىشتى، ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ سىرتنى سىقىپ چىقىرىشتەك سىرتقى رايون مۇستەملىكەسىنىيوقۇتۇپ، ياۋۇرپادا بارغانسىرى چەتتە قالدى.

سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنىچلىقتادۆلەتنىمۇ ساقلىيالمىدى، ھازىرقى روسسىيە ئەسلىدىكى خام ماتېرىيالئىشلەپچىقىرىشتەك رولغا ئاساسەن چىكىنىپ بولدى ( ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، مەركەزپىلانىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە گەۋدىسى پەقەت روسسىيەنىڭ ياساشكەسىپنى تەشكىللەش شەكلىگە ماس كېلىدىغانلىقى تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى، باشقائىقتىساد تەشكىل سېستىمىسى روسسىيەنى تېخىمۇ ئۈزۈل-كىسىل سانائەتلەشتۈرۋېتىدۇ).

ياپونىيە سوغۇق ئۇرۇشتا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا يىنچەمبىرىكى قۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم غەلبە قازىنالمىدى،ھازىر دەلچەت رايون رولىغا قاراپ چېكىنمەكتە.جوڭگۇ دەل ئاسىيانىڭ يادروسىدەك ئەنئەنىۋى رولىنىقايتۇرۋالماقتا. كەڭ ئاسىيا ئافرىقا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى شەكىلدەمۇستەقىللىققە ئىگە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سىرتقى رايونلۇق ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەي،جەمئىيەتتە ئۇزۇن مۇددەت داۋالغۇش بولدى.ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭتەبىئىي ئورنى بىلەن ماس كەلمىگەن دۇنياۋى يادرولۇق ئورۇنىغا ئىگە بولدى، ئەمماھازىر قارىغاندا ساقلاپ قېلىشى تەس.

بىز ئەمدى جوڭگۇ ھازىرقى زامان تارىخىنىڭتەرەققىيات يولىغا قاراپ باقايلى.

ئالدى بىلەن چىڭ سۇلالىسى يىرىم مۇستەملىكەھالەتتە ئۆرۈۋېتىلگەندىن كىيىن، 38 يىللىق ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىقنى باشتىنكەچۈرۈپ 1949-يىلى دۆلەت قۇرۇلدى، جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش، كاپىتالىستىكدۇنيا سېستىمىسىدىن چىكىنىپ چىقىپ مەركەز پىلانى ئۇسۇلىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىتەشكىل يادروسىنى نۆلدىن باشلىدى.

ئۇنىڭدىن كىيىن ئالدىنقى 30 يىل. بۇ ۋاقىتتاجوڭگۇنىڭ تاشقى ئالاقە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى جاھانگىرلىككە ۋەمۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇش، بۇنىڭ مەقسىتى نېمە؟تېخىمۇ كۆپ سىرتقى رايونلارنى دۇنياكاپىتالىستىك سېستىمىسىدىن چىكىندۈرۈپ چىقىپ، ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق رولىنىئاجىزلاشتۇرۇش.ئەلۋەتتە نەتىجىسى ئانچە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەمەس.

ئۇنىڭدىن كىيىنكى 30 يىلدا، جاھانگىرمۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇشنى قايتا تىلغا ئالماي جوڭگۇ ئۆزى دۇنياغا سىڭىپ كېرىشنىئويلىدى.بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟غەربلىكلەرگە نېسبەتەن، جوڭگۇ جاپانى يەتكۈچەتارتقاندىن كىيىن ئاخىرى ئىدىيە جەھەتتىن تەسلىم بولۇپ ئۆزىنىڭ ىسرتقى رايوندىكىقوللۇق ئورنىغا قايتىدىن قايتىپ كەلدى(ھازىرغا قەدەر بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ كۆڭلىدىكىئارزۇسى، ئۇلارنىڭ جوڭگۇلۇقلارغا بىكىتكەن ئورنى يەنىلا قۇل ئەمگەك كۈچى، شۇڭلاشقائۇلار ئىچ-ئىچىدىن بىتچىت بولۇش نەزىرىيەسىگە ئىشىنىدۇ).

جوڭگۇلۇقلارغا نىسبەتەن بۇ جەريان كۆپتەرەپلىمىلىككە ئىگە. نۇرغۇن ئادەملەر چەتئەللىكلەرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى، دەللالگۇرۇھ ۋە ئېدىئولوگىيە يەنە شەكىللەنگەنلىكى، مەركەز پىلانىدا قۇرۇلغان دۆلەتكارخانىسىنىڭ تۈركۈملەپ ۋەيران بولغانلىقى كۆردى، دۆلەت دۆلەتكە ئوخشىماي كەلگۈسى پۈتۈنلەيقاراڭغۇلاشتى.مەن بۇنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق بۇنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت ئەمەس.يەنەبىر تەرەپتىن، جوڭگۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رىقابەت كۈچىگە ئىگە تەشكىلاتلارمۇداۋاملىق تىرىشىۋاتىدۇ، كەسىپ توپىمۇ قۇرۇلۇپ مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، جوڭگۇنىڭمەھسۇلات ۋە كاپىتالى دۆلەت ئىشىكىدىن چىقىپ غەرب بىلەن يۈزمۇيۈزرىقابەتلىشىۋاتىدۇ.

بىز يەنە جوڭگۇ روسىيەنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقىتەرەققىيات يولىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ، تارىخى تەرەققىياتمۇقەررەرلىكىنىڭ كۈچىنى ھىس قىلىپ باقايلى.ئوخشاشلا 19-ئەسىر كىيىنكى مەزگىلىدىكىسىرتقى رايوندىن باشلانغان (ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتتا جوڭگۇ روسىيەگە سېلىشتۇرغانداخېلى بەك چەتتە)، ئوخشاشلا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشتىن كىيىن كاپىتالىستىك دۇنياسېستىمىسىدىن چىكىنىپ چىققان، ئوخشاشلا ھوقۇقنى مەركەزگە يېغىش پىلانى بويىچەئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تەشكىل سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇندى، يەنە بۇ تەشكىلنىڭۋەيران بولۇشى ۋە تارقىشىنى باشتىن كەچۈردى، ئەمما ئاقىۋىتى ئوخشاش بولمىدى.

روسىيەنىڭ چوڭ بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشبىرلەشمە گەۋدىسى پارچىلانغاندىن كىيىن تارىخ خاتىرىسىدىن يوقالدى، ھازىرقىروسسىيە مەلۇم دەرىجىدە سانائەتلشكەن دۆلەت؛ ئەمما جوڭگۇنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىپارچىلانغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈسكۈنە، خادىم ۋە تەشكىل يادروسى ئۈزلىكسىز قۇرۇلۇپتەرەققى قىلىپ يىڭى كارخانا تەشكىلى ۋە كەسىپ توپىنى ھاسىل قىلدى.مانا بۇ تارىخىتەرەققىياتنىڭ مۇقەرەرلىكى.

سانائەت ياساش كەسپىگە نىسبەتەن جوڭگۇ بىرمۇنبەت زىمىن، پەقەت ئۇرۇقنى تېرىپ قويسىلا ئۆسۈپ مېۋە بېرىپ چوڭ دەرەخكەئايلىنىدۇ. ئەمما روسسىيە ياساش كەسپىگە نىسبەتەن قاقاس يەر بولۇپ، سوۋىتئىتتىپاقى مەركەز مەبلىغىنىڭ سوغۇرۇپ ئوغۇتلىشىغا تايىنىپ ئۆسكەن چوڭ دەرەخلەربولسىمۇ لىكىن ئادەم سەۋەبىدىن ئايرىلسىلا يېقىلىپ قايتا ئۆسمەيدۇ.

4

شۇڭلاشقا جوڭگۇ ھازىر سىرتقى رايوندىن يادرولۇقچوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بارلىقتېرىشچانلىقنىڭ مەركىزى نوقتىسى سىرتقى دۆلەت ۋە رايونلارنى جوڭگۇنىڭ ئەتراپىدىنئايرىۋېتىش.ئامېرىكا دۇنيادىكى تۆۋەن دەرىجىلىك رايون (دۇنيادىكى بىرىنجى مۇھىمرايون شەرقى ئاسىيا، شىمالى ئامېرىكا شەرقى ئاسىياغا نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىكرايون)نىڭ يادروسى، ئەمما دۇنيادىكى بىرىنجى دەرىجىلىك يادرولۇق ئورۇندا بولغاچقا،بۇ ئۇنىڭ ھەل قىلىش تەس بولغان زىدىيىتى.

ئۇنىڭ قىلىمىشى پەقەت دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوتقۇيرۇقلىق قىلىش. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ،شۇڭلاشقا ئامال بار باشقىلارنىڭ ئىشىنى بۇزىدۇ.

ياپونىيە ئۆزىنىڭ چەتتىكى تەقدىرىنى تونۇپيەتكەن بولسىمۇ تەقدىرگە تەن بەرمەي ھازىر ئەڭ خوشال يۈرىۋاتىدۇ. تەيۋەنمۇتەقدىرگە تەن بەرگۈسى يوق، ئەمما ئۇنىڭ ئىش چىقارغۇدەك قابىلىيىتىمۇ يوق، پەقەتئىچىدە جەڭ قىلدۇ.كورىيە جوڭگۇ ياپونىيە ئوتتۇرۇسىدا دىلغۇل بولۇپ تۇرىدۇ، مىنىڭچەسەن شىڭ شىيەندەي قاتارلىق كورىيەنىڭ يادرولۇق كارخانىسى جوڭگۇ كارخانىلىرىنىڭتېخىمۇ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ كورىيەنىڭ دۆلەت ئىچكى بېسىمى 10 يىل ئىچىدەپارتلايدۇ.

ياۋروپانىڭ يادرو رايونلۇق ئورنىنى زورمۇزورساقلاپ قالغىلى بولسىمۇ، سىرتقى رايونلار ئۇزۇن مۇددەتلىك خارابلىشىشقايۈزلەنمەكتە.روسسىيە ھازىر يوقۇلۇش گىردابىدىكى ئەڭ ئاخىرقى گۈللىنىشتە، 10 يىلئىچىدە ئۇنىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن قالغان مىراسلىرىمۇ ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ.

ئەمما باشقا ئاسىيا ئافرىقا لاتىن ئامېرىكاقاتارلىق سىرتقى رايون دۆلەتلەر ئەسلى غەربنىڭ سىرتقى رايونى بولۇپ، ھازىربارغانسىرى جوڭگۇنىڭ سىرتقى رايونى بولماقتا، بىرىنجى  تارىخى ۋەزىيەتنى كۆرەلمەسلىك، ئىككىنجى كۆڭلىدەيوقىتىش ھىسياتى بولۇپ، پىسخىكىسىنى تەڭشىيەلمەسلىك، ئۈچىنچى جوڭگۇنىڭ غەلبىسىنىكۆرۈپ ئازدۇر كۆپتۇر باش كۆتۈرۈش ئويىدا بولۇش ( ئەمما جوڭگۇنىڭ دۇنياسېستىمىسىنىڭ يادروسى بولۇشى مۇقەررەر بولۇپ، تەبىئىي سىرتقى رايون دۆلەتلىرىجوڭگۇنىڭ ئەندىزىسىنى دورىسا چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ).

بىز ۋېيتنامىنىڭ جوڭگۇدىن ئۆگىنىپ تۇيۇق يولغاكىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. فىلىپىن يەنىلا ئامېرىكا دۇنيادا بىرىنجى دېگەن خامخىيالدا بولۇۋاتىدۇ.ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر جوڭگۇنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالسىمۇيەنە جوڭگۇلۇقلارنى ئاقسۆڭەكلەردەك ئىسىل ئەمەس يىيىش قىياپىتى بەك سەت دەپقارايدۇ.لاتىن ئامېرىكىسى پۇل پاخاللىشىش ۋە ئىقتىساد كاساتلىشىشتەك ئۆلۈكدەۋرلىشىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.

شۇڭلاشقا، بۇ دۇنيا ھازىر جوڭگۇنىڭ چوققۇغاچىقىشتىن بۇرۇنقى ئۆتكۈنچى باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن نەچچە ئون يىللقئەمىن مۇقىم ھالەتنى كۈتىۋالىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلدوست3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-2 02:02 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7561
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1894 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-7-3
2#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:12 PM |ئايرىم كۆرۈش |
سىرتتىن قورشىغاندا قورشالغۇچىنى مىجىۋەتكىدەك كۈچ بولمىسا بېلى سۇنۇپ قارنى  يېرىلىپ كېتىدۇ!

ۋاقتنى ئوغرىلاپ قۇياش يۈگىرەر،
كۆك سۆيگەن چوققىلار بەلدىن ئېگىلەر.
كېرىلمە، سېنىڭسىز ھاياتلىق يوقتەك،
سەنسىزمۇ، مەنسىزمۇ پەلەك چۆرگىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:24 PM |ئايرىم كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 03:12 PM
سىرتتىن قورشىغاندا قورشالغۇچىنى مىجىۋەتكىدەك كۈچ بول ...

بەكمۇ توغرا ئىېيتتىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-7-2
4#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:59 PM |ئايرىم كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 03:12 PM
سىرتتىن قورشىغاندا قورشالغۇچىنى مىجىۋەتكىدەك كۈچ بول ...


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-7-2
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:11 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ ماقالە يەنە تار مەنىدىن يىزىلىپتىكەن.  ماقالىنىڭ ئاپتۇرى سەل يۇرتۋازدەكلا.

مىنىڭچە: ياپۇنىيە، كورىيە، ئامرىكا، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاياتى كۈچى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇش مەزگىلىدە تۇرىۋاتسا.......تىخنىكا دىسە تىخنىكا باركەنغۇ !

ئىشەنمىسە :  
شارىپ بىلەن خەيشىن تاۋارلىرىنى نەق مەيداندا سىلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ.
شىياۋمى بىلەن لىشى مەھسۇلاتلىرىنى، سەنشىڭ بىلەن چاۋۋىي مەھسۇلاتلىرىنى،
ل گ  مەھسۇلاتلىرى بىلەن ت س ل مەھسۇلاتلىرىنى

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

دوختۇر xipalih

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110519
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:11 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تارىخ  يەنە  تەكرارلىنىدۇ .

[http://xipa.taobao.com]شىپائۇيغۇر تاۋباۋ  دورىخانىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز، قولاي ئىشەنچىلىك،تىلفۇندىمۇ دورا  سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ.ياخشى دورىلار بۇ يەردە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:36 PM |ئايرىم كۆرۈش |
جۇڭگۇنىڭ غەيرەت قىلىشىنى ، بولسا ئامىرىكىنى يېڭىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

كۆكتىن تامدىم، ي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27302
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5178
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-7-3
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:08 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بەزى ئەل ئىچى تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىلىرىگە ھە دەپ قويسىلا بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان  قۇرۇق گەپلەردىن كۆرە رىئاللىقىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەك ئەڭ دانا جاۋاپ شۇ يەردىن چىقىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ئامىرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمزىگە دۈشمەنلىك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمىساقمۇ بىراق بىر ھەقىقەتنى بىلىشىمىز كىرەككى ئامىرىكا كۈندىن كۈنگە روناق تىپىۋاتقان ۋەتىمىزنىڭ ئۆزدىن ھالىقىپ دۇنيا سەھنىسىگە چىقىشنى خالىمايدۇ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ پۇتىغا پالتا چاپساق دەيدۇ، ئەمما دۈشمەننىڭ ھىيلىسى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ.

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-7-2
9#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:18 PM |ئايرىم كۆرۈش |
tumaris01 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 04:36 PM
جۇڭگۇنىڭ غەيرەت قىلىشىنى ، بولسا ئامىرىكىنى يېڭىۋېتىش ...

ئۈمىدۋارلىق ئەلا

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114895
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2015-3-4
ئاخىرقى: 2015-7-4
10#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:31 PM |ئايرىم كۆرۈش |
tumaris01 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 04:36 PM
جۇڭگۇنىڭ غەيرەت قىلىشىنى ، بولسا ئامىرىكىنى يېڭىۋېتىش ...

يولداش تۇمارىسنىڭ پىكىرىگە قوشىلىمىز مەملىكىتىمىزنىڭ تىك-تاك توپ ماھىرلىرى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش