مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 933|ئىنكاس: 38
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قاراقاش خەلق قوشاقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:18 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
ئاۋۇ تامدا بىر مورا ،
ماۋۇ باغدا بىر شورا .
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ ،
كۆيۈك ئوتىغا دورا .

ئۈرۈكلەرنى تۇشۇدۇق ،
باغدىن ئونبەش سېۋەتتە .
سورىسىڭىز ئۆيۈمنى ،
ئۆيۈم قاراقاش تۈۋەتتە .

قارقاش دەريا سۈيىدە ،
بېلىق بۇلۇپ ئۈزگۈم بار .
مۇزلۇق چىراي شۇ يارنىڭ ،
قۇلىقىدىن سۆيگۈم بار .

ئېرىق كۆلنىڭ غازى بار ،
غوجىكامنىڭ سازى بار .
ئاز قىلىڭلار چاقچاقنى ،
قىز - چوكاننىڭ نازى بار .

مېھرى ئىسسىق قاراقاش ،
دەرياسىدا يوغان تاش .
مۇز چىراينىڭ دەردىدە ،
كۆزگە تولدى پاتمان ياش .

ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ،
كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ.
يوغان كاللا ، مۇزلۇق يار،
ماڭا ئەجەپ يارايدۇ .

سايباغ دېگەن يۇرتتا ،
ئىمام ئەپتەھ غوجام بار .
تاغ ھاۋاسىدەك نەچچە ،
ئۆزگىرىدۇ بىزنىڭ يار .

ئوڭ قۇلۇمدىكى ئوسما ،
سول قۇلۇمدا بار يىلىم .
سەن يارىمنى كۆرگەندە ،
يايراپ كېتىدۇ دىلىم .

ياۋا ، قاراساي ھەم كاۋاك ،
گۈللىنىشكە يول ئاچتى .
مەندىن ئامەت قاچقاندا ،
يارىم يۈز ئۆرۈپ قاچتى .

ئاقسارايدا بېغىم بار ،
سايبېغىمدا تېغىم بار .
يانچۇقۇمنى قورقۇتقان ،
ئايىم ئاتلىق خېنىم بار .

خوتەنگە كېتىۋالسام ،
ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن .
ئاغزى تاتلىق ، مۇزلۇقنى ،
ئەمدى ھەرگىز سۆيمەيمەن .

دەريانىڭ ئۇ يانىدا ،
بەرپا قىلدۇق يايلاقنى .
كۆزۈمدىن سېلىۋەتتىم ،
كۆڭلى قارا نايناقنى .

دەريا بويى پاتقاق -لاش ،
تېگى - تەكتى ئۇششاق تاش .
مېنى بۇنداق قىينىما ،
يالۋۇرتمىغىن قەلەمقاش .

مەھەللىمىز ئايىغى ،
بۈك - باراقسان جىگدىلىك .
ئىككىمىزنىڭ رىشتىسى ،
ئۈزۈلمەسكە چىگىكلىك .

مەنبە : مەھەللىمىزدىكى 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان بوۋاي- مومايلارنىڭ سۈيۈملۈك ئېغىزى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-2 08:21 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119569
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2015-5-20
ئاخىرقى: 2015-6-26
2#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:26 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |

قاراقاشنىڭ كەچلىك بازىرىغا بارغان چېغىم ھازىرمۇ ئىسىمدە  ،ئاجايى قىزىدىغان بازار ئىكەن ،پۇرسەت بولسا يەنە چوقۇم    بارىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115121
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1326 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-7-4
3#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:58 AM |ئايرىم كۆرۈش |
چۇقۇم تۇمارىس دەپ يۇگىرەپلا كىرگەنتىم ھەقىقەتەنمۇ سىزكەنسىز. ياخشى چىقىپتۇ تېخىمۇ تىرىشىڭ.

ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھاياتتا كىرەكتۇر ۋىجدان ۋە غۇرۇر.
يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ئوتمىگىن ھەرگىز.
دىيارىڭ شىنجاڭدۇر مىللىتىڭ ئۇيغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120584
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2015-6-5
ئاخىرقى: 2015-7-3
4#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:12 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
مەن بەك ياقتۇردۇم دوسلار قاراقاشقا كەپ كىتەسىلە جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120872
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-8
ئاخىرقى: 2015-6-8
5#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:16 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
قاراقاش دىگەن ئوبدان يەر جۇ مۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115091
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-7-3
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:31 AM |ئايرىم كۆرۈش |
بى باغۇلۇقتى قارا قاشقا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37033
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 1899 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2015-7-3
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:48 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 745 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-7-4
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:22 AM |ئايرىم كۆرۈش |
قاراقاش قوشاقلىرىدىن بەھىرلەندۈرگىنىڭزگە رەھمەت!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12919
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31747
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4752 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:36 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مەزمۇنلۇق،قىزىقارلىق قوشاقلار بىلەن بەرلەندۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-7-4
10#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:05 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى قۇشاقلاركەن..........................

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش