مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 27

خارلىمايلى ئانىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 08:47:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەم ئېلىش كۈنى  باردىم ،
بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە .
دوستۇم كۆرۈپ باشلىدى ،
مېنى ئۆينىڭ تۆرىگە .

بۇيرىدى ئۇ ئانىسنى،
ئوبدان تاماق ئېتىشكە .
قەتئى توسوپ قويمىدى ،
ماڭسام ئۆيگە  كېتىشكە .

دوستۇم بىلەن  كۆڭۈللۈك ،
پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇم .
ئۇنىڭ ئوماق چېھرىنى ،
شوخ كۈلكىگە  تولدۇردۇم .

بىر چاغدا چېۋەر ئانا ،
ئەكەلدى بىزگە تاماق .
دوستۇم بىر قۇشۇق يەپلا،
ئانىغا ئاتتى  تاۋاق .

قانداق ئەتتىڭ تاماقنى ،
گۆشسىز بوپتىغۇ بۇ ئاش .
ئانا ئاڭلاپ بۇ گەپنى ،
كۆزلىرىگە  ئالدى  ياش .

قاراپ قالدىم دوستۇمغا ،
گېلىم غىققىدە بۇلۇپ .
نەپرەتلەندىم ئۇنىڭغا،
چەكسىز غەزەپكە  تولۇپ .

ئېيتىڭلارچۇ ئەي ، دوسلار ،
شۇنداق قىلىش توغرامۇ .
ئانىلارنى خارلاشقا ،
يۈرىكىمىز  ئۇنارمۇ .

ئانا دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ،
خارلىمايلى ئۇلارنى .
بېشىمىزدا كۆتۈرۈپ ،
خۇش قىلايلى كۆڭلىنى .


ئەسكەرتىش :  ئانا  بۇ  دۇنيادىكى  ئەڭ  ئۇلۇغ  ئىنسان  ،  ئۇ  ئۆزىنىڭ  ئالەمچە  مېھىر -مۇھەببىتى بىلەن  بىزلەرنى  بېقىپ  چوڭ  قىلىدۇ ،  باققان  ئەجرىگە  مىننەت  قىلمايدۇ ،  بىزدىن  ھېچنەرسە تەلەپ  قىلمايدۇ ،  بىز كۈلسەك ، ئۇلارنىڭمۇ  كۆڭلى  كۈلىدۇ ،  يىغلىساق  يىغىمىزغا  شېرىك بولىدۇ …  تۇرمۇشىمىزدا  شۇنداق  قىز - ئوغۇللارمۇ  باركى  ،  ئانىلارنى  كۆزگە  ئىلىپ  كەتمەيدۇ ،  نەسىھەت  قىلسا  ئاڭلىماي ، قىڭغىر يوللاردا يۈرۈيدۇ …  بىزدە مۇنداق (تىرىكىمدە تىللىما ، ئۆلگىنىمدە يىغلىما ) دېگەن  گەپ  بار .  شۇڭا  ئانىلارغا  ھەرگىز  قاتتىق  گەپ  قىلمايلى  …

قوپاللىق  بىلەن  ئاھانەت  قىلسا  ئانا  بولغۇچىغا  قانچىلىك  ئېغىر  كېلىدىغانلىقىنى  بىلەمسىز  ،  سىز  بار  يەردە  ئۆزىنى  تۇتۇۋالغان  بىلەن  سىز  يوق  چاغدا  ھۆركىرەپ  يىغلايدۇ  ،  بالا  باقماق  ئوڭاي  ئەمەس  ،  بۇنى  ئانا  ،  يەنى  ئاتا - ئانا  بۇلۇپ باققانلار  ئوبدان  بىلىدۇ  ،  گەرچە  مەن  ئانا  بۇلۇپ  باقمىغان  بولساممۇ  ،  ئانىلارنىڭ  كۆڭلىنى  ئوبدان  چۈشىنىمەن  …

بىرگە  ئانا  رەھمىتى  ئالغان  ئىشلىمىسۇن  ،  بىرگە  ئانا  قارغىشى  ئالغان  ئادەم  ئىشلىمىسۇن دېگەن  گەپ بار  ،  قارغىش  ئالغان  ئادەم  ھەر  قانچە  ئىشلىسىمۇ  كۆكلىيەلمەيدۇ …

شۇڭا ،  بىردەم  ۋاقتىڭىزنى  چىقىرىپ  ، ئانىڭىزنىڭ  چېچىنى  تاراپ قۇيۇڭ  ،  پۇتلىرىنى  ئىسسىق  سۇدا  يۇيۇپ  قۇيۇڭ  ،  ئانىنىڭ  كۆڭلى  بالا  بىلەن ئېچىلىدۇ  ئەمەسما  …

يۇقىرىقى  شېئىر  ئەمەلىيەتتە  يۈز  بەرگەن  ئىشقا  ئاساسەن  يېزىلغان  بولغاچقا  ،  تورداشلارنىڭ  ئەستايىدىل  پىكىردە  بۇلۇشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن …

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 08:52 AM  


بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 10:49:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئېرىڭىز بەكمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ،ياقتۇردۇم.

ئانىنى ئۇلۇغلاش،ئەجرىگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇش ،پەرزەنىتنىڭ باشتارتىپ بولمايدىغان بۇرچى،ئانىغا قاچا ئاتقان قىز ئانا بولغاندا بىلىدۇ...

我信任有一天来福

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 400
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 10:52:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭز ياخشى يىزىلىپتۇ !  ئاپا بىز ئىللىق مىھرىمىز بىلەن قۇچاقلاشقا ، مۇھەببەت بىرىشكە تىگىشلىك ئىنسان ئەپسۇس ماڭا ئۇنداق كۈنلەر نىسىپ بومماپتىكەن !

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر . . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 11:35:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپ سىز قالتىس شايېر كەن سىز ،  
ئانام مىنىڭ قۇلۇمغا قۇل بۇلۇپ پوتۇمغا پوت بۇلۋتىدۇ ئانام بۇلمىسا قانداق قىلاتىم
ئانىلارنى ھۆرمەتلەيلى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 11:46:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلىرىمىزنى ھاياتلىقىدا قەدىرلەيلى.ياخشى يىزپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113452
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2015-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىنى قەدىرلەڭ قەدىرلەڭ  دوسلار
بۇ  ھايات ئادەمگە تۆت كۈنلۈك دۇنيا
بۇ ھايات ھېچكىمگەباقىۋەن  ئەمەس
ئانىنى ئۇلۇغلاڭ  قەدىرلەڭ  دوسلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزلارنىمۇ دۇستۇم دەپ يۇردىلىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95670
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:17:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى مىنىڭ مىجەزىمگە ئۇخشاشكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،
ئۈزىنىڭ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلالمىغان كىشىنىڭ قۇلىدىن نىمىش كىلىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  يىقىشلىق چىقىپتۇ بۇ شئېرىڭىز...  

  پەرزەنىت ئۈچۈن  مېھرى ئاتەش ،قەلبى دەريا،
پەرزەنتىم دەپ غەم بىلەن ئۆتكەن شۇ ئانا.
ئۈمۈدۈڭنى ئەمدى مەن  ئاقلاي دىگەندە،
يىتىملىكتە قالدۇرۇپ  كەتتىڭغۇ ئانا.......
  ( پەرىشتە ئانا نامىلىق ناخشا تىكىستى ، ئاپتۇر : نامەلۇم).

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش