مۇنبەر باشلىغان ھايات
(قۇتتېكىن)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى كەمىنە قۇتتېكىن(ئۇيغۇر ئوغلى) دىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.. ئۇزاق بوپتۇ مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى... ھەي مىسرانىمدىكى قەدىناسلىرىمنى شۇنچە سېغىنىپ قالدىم.. تەخمىنەن ئۈچ يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك مۇنبەرگە كىرگەن ئاشۇ چاغلار مانا بىردەمدە ئۈچ يىل ۋاقىت ئۈتۈپ كىتىپتۇ. مۇنبەر بەلكىم باشقىلار ئۈچۈن قۇرۇق گەپ ساتىدىغان جاي ياكى ئايىغى چىقماس ئۇرۇش جىدەللەرنىڭ باشلىنىشى بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە مۇنبەر ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بۇ مۇنبەر مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرىتكەن مۇنبەر. .. چۈنكى بۇ مۇنبەر دۇنيانى قايتىدىن تۇنۇتقان مۇنبەر.. چۈنكى بۇ مۇنبەر ماڭا ھاياتىمدا ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشقا شاھىت بولغان مۇنبەر.. چۇنكى بۇ مۇنبەر مانا بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىدىغان ئىللىق بىر مۇنبەر..........
ھېلىمىۇ يادىمدا، ئاشۇ تاساددىي بىر ئەسەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇنبەرگە مۇنداقلا ئەسەر يوللىغىنىم.. بەلكىم باشلىنىش ئەنە شۇنداق بولسا كېرەك .. بىلىپ بىلمەي مۇنبەرگە قەدەم ئالدىم ئەمما بۇ مەن ئۈچۈن بىر مەۋھۇم دۇنيا نا تۇنۇش بىر جاي ئىدى ئالدىمدا گۈزەل بىر مەنزىرلىك جاي ياكى ھاڭ بۇلىشى مۇمكىن... سەۋەب نۇرغۇن . نېمىلا بولمىسۇن مەن بۇ قەدەمنى جۈرئەتلىك ھالدا ئالدىم بەختىمگە يارىشا بۇ يول مېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمىدى.. ئۇ ۋاقىتلار مەن دەل ئالدىراش ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن جان تىكىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ئەسيادىم ئەشۇ غايىۋانە ئىچىكىرى تۇلۇقتىكى گۈزەل ھايات ئىدى.. شۇڭلاشقىمىكىن مۇنبەرگە ئانچە دىققەت ئېتبارىمنى بەرمدىم. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، مەن ئاخىرى ئاشۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئارزۇ قىلغان، زامانىۋى شەھەرلەردىكى ئاشۇ ئىچكىرى تۇلۇققا يۇقىرى نۇمۇر بىلەن قۇبۇل قىلىندىم. شۇنداق مەن ئۆتتۈم ھەممە ھەۋەس قىلدىغان ئاشۇ يەرگە ئۆتتۈم..... خۇشاللىقىمدا مۇنبەر نەدە بولسۇن..........
ئەمما، ئىنسان بەزىدە تەقدىر ئالدىدا ئامالسىز ئىكەن. كىشى ئىرادىسىگە باقمايدىكەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن كىچە كۈندۈر ئارزۇ قىلغان ئاشۇ ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يەنە مەھرۇم قالدىم.. مەن خۇددى چۈش كۆرگەندەكلا، كۆز ئالدىمدىكى مۇنۇ ئىشلارغا زادى ئىشەنگىم كەلمەيۋاتاتتى.. ياراتقۇچى بەلكىم شۇنداق بۇيرىغاندۇ.. يىغلاپ قاقشىدىم ئەمما يەنىلا پەقەت ئامال بولمىدى. تەقدىرگە نائىلاج تەن بەردىم، بەلكىم مېنى ئالدىمدا يەنە باشقا گۈزەل كۈنلەر مېنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن....... ئىككى ئاي تەتىل باتناش، قىيداش، ئاھ ئۇرۇش ئىچىدە ئۈتۈپ كەتتى. باشقا ساۋاقداشلىرىم ئارقا ئارقىدىن ئاشۇ مەكتەپلەرگە مېڭىشدى. مەن قالدىم.. ئۆز ئارزۇيۇمغا يېتەلمەي بۇ شەھەردە قالدىم...... تەقدىر يەنە بېشىمغا قانداق قىسمەتلەرنى پۈتە ماڭا نامەلۇم..
2012-يىلى سېنتەبىر، ئولتۇرسام تېلغۇن كەلدى. مېنىڭ نۇمۇرۇم ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا مەن ۋىلايەتلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىرادىلىكلەر سېنىپىغا قۇبۇل قىلىغان ئىكەنمەن. ئۈچ يىل ئاشۇ يەردە مەن ھەقسىز ئۇقۇيدىكەنمەن، بىزگە ئەڭ ئالىي ئۇقۇش شارائىتى، ھەقسىز ياتاق، تاماق، ماتېرىيال ھەتتا ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىدىكەن. ھەيران بولدۇم، مۇشۇنداق ياخشى ئىش بارمىدۇ؟؟ مەن ئەجىبا بىر بەخىتتىن قۇرۇق قالغان بولسام، كۆز ئالدىمدا يەنە بىر گۈزەل ماكان ماڭا قۇچاق ئېچىپ تۇرغانمىدۇ؟؟ كاللامدا نۇرغۇن سۇئال، نېمىلا بولسۇن يەنە قەدەم ئېلىپ باقاي بۇ قەدەم مېنى باشلارمۇ ياكى ھاڭغا...
شۇنداق قىلىپ، ئۇقۇشنىمۇ باشلىۋالدۇق. مەنمۇ ئوبدانلا ئۇقۇشقا كىرىشىپ قالدىم. مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى بىزنىڭ ئانا تىل دەرسىمىز ئۇيغۇرچە ئىدى. تۇلۇقسىزدا ئانا تىل دەرسىگە قىزىققاچقا، بۇ مېنى ئالەمچە خۇشال قىلغان ئىدى. مەن ئانا تىلمدىن مەھرۇم قالمىغان ئىدىم.. يەنە كىلىپ مېنىڭ ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچۇم ئانا تىلدا تازا كۆزگە كۈرۈنگەن داڭلىق ئۇقۇتقۇچى ئىدى.. ئۇ ھەۋەسكار شائىرە ئىدى. ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن يەنە بىر كىشى. ئۇنىڭ ياردىمى ئاستىدا مەن ئانا تىلدا ئۈزۈم قىزىققان شېئىرىيەتكە كىرىشىپ قالدىم ھەتتا ئۈزۈمگە چىرايلىق قۇتتېكىن دەپ تەخەللۇسمۇ قۇيۋالدىم. مەن ئاستا ئاستا شېئىر يېزىشقا باشلىدىم. ھەمدە بۇ شېئىرلارنى بىر باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇدۇللۇق مىسرانىمغا يوللۇدۇم.ھەر خىل ئىنكاسلار ياردىمىدە، مەن شېئىرىيەتتە ئاستا ئستا ئۆمىلەپ مېڭىشقا ۋە تىل تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالىدىم. مۇنبەر ماڭا شائىرلىقنى ئاتا قىلغان يەنە بىر ۋاستە.
شېئىرىيەت باشلىغان ئوت مېنى مىسرانىمغا قاتتىق مەھلىيا قىلدى. مۇنبەر مەن ئۈچۈن شۇنداق بىر ئىللىق ماكان ئىدى. مەن بار كۈچۈم بىلەن مۇنبەرگە كىرىشىپ كەتتىم. شېئىرىيەتتىن باشقا ھەرخىل ژانىرىدكى ئەسەرلەرنى يوللاشقا تىرىشتىم. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن ئېسىل دوسىتلار بىلەن ئالاقە قىلالدىم. مۇنبەردىكى نادېر تېمىلار مېنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ نادىر تېمىسى بۇلۇشنى تۇلىمۇ ئۈمىد قىلدىم. ھەمدە شۇ نىشان ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىتىم، جاپالىق ئىزدەندىم. تىرىشچانلىقىم مېنى ئاخىرى نەتىجىگە ئىرىشتۇردى. مەن نادېر تېمىمۇ يوللۇدۇم. كىچىك بولغاچكىمىكىن، مەن ئالەمچە خۇشاللىققا ئىرىشتىم. شۇنداق مەن مۇنبەر ئارقىلىق خۇشاللىققا ، بەل قۇيۋەتمەيدىغان بىر كۈچكە ئىرىشتىم. مۇنبەر مەن ياقتۇردىغان ئەڭ سۈيۈملىك ماكانىم بۇلۇپ قالدى.....
ئادەمنى خۇشال قىلدىغان ئىشلار بۇلار ئەمەس ئىدى. مەن مۇنبەر ئارقىلىق نۇرۇغۇن دوسىتلارغا ئىرىشىتىم. مىسرانىم مۇنبەرنىڭ ھارماش باشلىقى تۇرسۇنجان نۇرمۇھەمەت مارشال ئاكام ماڭا تەسىر قىلغان ئەڭ تىرىشچان يىگىت ئىدى. مەن ئۇ ئارقىلىق ھاياتىمدىكى ئەزىز ئۇستاز ھاجى مىرزاھىت كەرىمى بىلەن تۇنۇشتۇم. سىرداشتىم ھاياتىمدىكى ئەڭ يېقىن دوستۇمغا ئايلاندۇردۇم. مەن مۇنبەر ئارقىلىق ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بارلىق قيىنچىلىقنى يېڭىپ، مىسرانىمدەك تۇر بىكەت سەركىسى بولغان چوڭ تور بىكەتنى قۇرغان ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم بىلەن تۇنۇشۇش، ھال مۇڭ بۇلۇش ھەتتا ئاكا ئۇكا بۇلۇش شەرىپىگە ئىرىشەلىدىم. مەن يەنە مۇنبەر ئاقىلىق قابىل تور يازغۇچىللىرى، شائىرلار بىلەن تۇنۇشتۇم ھەمدە يۈز كۈرۈشۈش ھەتتا دوسىت بۇلۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بۇلالىدىم. مەن مۇنبەر ئارقىلىق تاشپۇلات رۇزى، تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە، ئەركىن سىدىق قاتارلىق ئالىملىرىمىز بىلەن، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، قەيسەر مىجىت قاتارلىق ئوت يۈرەك ئوغلانلار بىلەن يۈز كۈرۈشۈش، تۇنۇشۇش شەرىپىگە نائىل بولالىدىم.......... شۇنداق مەن مۇنبەر ئارقىلىق ئىرىشكەنلىرىم بەكمۇ جىق . مۇنبەر مېنى ئۆزگەرىتتى، مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بىر دۇنياغا ئەكىلىپ قويدى. مەن ئىلىم دېڭىزى ئىچىدە توختىماي ئالغا قاراپ ئۈزەلىدىم..........
ئۈچ يىل ئۈتۈپ كەتتى، مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئىقتىساد كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم. مەن كۆز ئالدىمدا تۇلىمۇ جاپالىق ۋە مەسئۇلىيتى ئېغىر بولغان يەنە بىر دۇنيانىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ يەتتىم. مېنى مۇشۇ كۈنگە ئىگە قىلغان خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىم كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم. مەن شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى. مۇنبەر باشلىغان بۇ ھايات ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭغا چۈشلۇق بارلىق ئەزىزلەرگە جاۋاب قايتۇرشۇم كېرەك. مەن چوقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.....