مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 12

كىتاب قەدىناس دوستۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 02:09:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏كىتاب قەدىناس دوستۇم

‏دوس تۇتتۇم دۇنيادا تۈرلۈك تۈمەن خىل،
‏ھەممىسى ئۆزگىچە كۆڭلۈم بەكمۇ شاد.
‏شۇ دوستۇم ئىچىدە ماڭا بەك سادىق،
‏سۈيۈملۈك ھەمرايىم بولدى شۇ كىتاب.

‏سىردىشىپ، مۇڭدۇشۇپ تۆگىمەس سۆزۈم،
‏ئۇندا بار ھېكمەتلەر تۈمەن ھېكايە.
‏كىتاب ئۇ گۇۋاھچى تارىخقا مەڭگۈ،
‏بىباھا بايلىقتۇر تۈگىمەس خەزىنە.

‏جاھاندا كىتابتەك يار چىقماس ماڭا،
‏كىتابسىز كۈنلۈرۈم ماڭا قىيامەت.
‏«ئۇقۇ» دەپ باشلانغان مۇقەددەس كىتاب،
‏ئۇنۇتما، ئاڭا سەن قىلما خىيانەت.

‏كىتاب دەپ سۆزلىسەم يايرايدۇ دىلىم،
‏شۇ كىتاب دىلىمغا بەردى كۆپ ئىلىم.
‏ئۇقۇيمەن بىر ئۆمۈر « دوستنى» تاشلىماي،
‏يېشىلەر « كىتابتا» كۆپ سىرلار تىلسىم.

‏ئابدۇخېلىل مۇھەممەت قۇتتېكىن
‏2015-1-18 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 10:28 AM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 02:11:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇتتېكىن:پۇشايمان

‏پۇشايمان

‏«ئازغۇچى» ئىنساننىڭ سۈپىتى بولغاچ،
‏بار ئىشتا ئازاركەن توختىماي ئادەم.
‏ھەر قەدەم ئىزىنى بېسىپ ئاددىيلا،
‏شەيتانغا دوسىت بۇلۇپ قىلاركەن ياردەم.

‏ھېسسىيات ئەقىلدىن كەلگەچكە ئۈستۈن،
‏ياشلىق دەپ ھەريانغا چاپار شاش ئاتتەك.
‏چۈش كۈرۈپ ئويغاندى جاھان شۇ پېتى،
‏ۋە لېكىن ئەزرائىل كەلدى بۇراندەك.

‏قارىسا ئۆتمۈشكە بەتلىرى قۇرۇق،
‏ھەر باسقان ئىزىدىن ئۈنگەن شۇمبۇيا.
‏پۇشايمان ئىلكىدە تۆكسىمۇ زار ياش،
‏بەرمەسكەن ھاياتقا يېڭىدىن شوتا.

‏ئاھ ئېسسىت !
‏ئاھ ئۇراركەن ئىنسان شۇ چاغدا،
‏پۇشايمان قاچىسى تېپىلماس بىراق.
‏ياشلىقىم قەيەردە سورىدى ئىنسان،
‏ياشلىق ئۇ سېنىڭدىن كەتتى بەك يىراق.


‏ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن

‏2014-12-22

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:59:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 02:02:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ،كىتاپ ھەممىزنىڭ دوستى يامان يىرى دوسلۇقنى قەدىرلىمەيمىز.

ئادەم بىر ئىش قىلسا دۇنيا ھامان شۇنىڭغا لايىق بىرجاۋاپ بىرىدۇ ، مىدىرىمسا كىم بىلەن كىمنىڭ كارى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73216
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 02:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ھەقىقەتەن ياخشى دوست،كىتاپسىز بىر كۈنمۇ ئۇخلىيالمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 03:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ زور بايلىقى ،
گۈللىنەر ئۇ بىلەن دىلنىڭ سايلىقى .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 03:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ كىتابقا بەك ئامراق,لىكىن ئوقۇغىدەك ۋاقىت توق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 04:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى ئوغرى ئوغرىلاپ كەتسە ئىچىم ئاغرىمايدۇ, لىكىن كىتابلىرىمنى ئوغرىلاپ كەتسە ئىچىم ئاغرىيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32304
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3435 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 09:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ئىنسانىيەت ياراتقان مەدەنىيەتنى ھەم ساقلىغۇچى ھەم تارقاتقۇچى ۋاستىدۇر.شۇڭا ھەممىمىزنىڭ دوستى بولۇشقا مۇناسىپ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش