|
|
|
|
قەشقەر ئۇنىۋېرىستىتىدا ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار
مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى
2015- يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قەشقەر ئۇنىۋىرىستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى << قۇتادغۇبىلىك >> تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى پارلاق نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولغان چوڭ ھەجىملىك دىداكتىك داستان << قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى رىئال ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى توغرىسىدا كىتاپ ئوقۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى . يىغىنغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم ، ئابلاجان مۇھەممەت ئۈمۈديار ، مۇھەممەتتۇرسۇن داۋۇت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە << قۇتادغۇبىلىك >> تەتقىقات گورىپىسىدىكى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى .
بۇ قىتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مۇتەپپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىسى << قۇتادغۇبىلىك>> دىن ئىبارەت شاھانە ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ئون ئەسىردىن كىيىنكى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى رىئال ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىلدى . ئوقۇغۇچىلار ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەدەپ - ئەخلاق ، دۆلەتنى قانۇن بويىنچە ئىدارە قىلىش ، ئائىلە تەربىيەسى ، ئاياللار ئەخلاقى ، پەرزەنىت تەربىيەسى قاتارلىق تىمىلاردا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى ۋە مۇنازىرە ئېلىپ باردى .
بۇ قىتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا قىممەتلىك پىكىرلەر ۋە كىشىنى قايىل قىلارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن رىئال ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي قىممىتى زور بولدى .
خەۋەردە : مىھرىئاي . مۇھەممەتتۇرسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇبەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-27 12:21 AM
|
|
|
|
|
|