ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار مەزكۇر يازمامنى كۆرگەن ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن . كەمىنە مىھرىئاي مۇھەممەتتۇرسۇن (زۇبەييا)دىن ھەممىڭلارغا سېغىنىشلىق سالام ، ئالىي ئىھتىرام !!
$ m5 ?- ^5 @2 u
$ `% E4 p7 E5 |' ~ ھەش - پەش دىگۈچە مىسرانىم مۇنبىرىغا ئەزا بولۇپ جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئەسرارلىشىپ ، پىكىرلىرىمىزدە ئورتاقلىشىپ ، ئوخشىمىغان پىكىرلەردە مۇنازىرىلىشىپ كەلگىلىمۇ ئاز كەم بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ . ئالدىنقى قىتىم مۇنبەر يۈزىدە ‹‹ناتونۇش قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ›› ناملىق ھىكايەمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى داۋامىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىدىم . بىر مەزگىلدىن كىيىن مەن ئەسىرىمنىڭ داۋامىنى يوللاشقا تۇتۇش قىلغان چېغىمدا ئەسەرنىڭ ئىنكاس يىزىش قىسمى چەكلىنىپ كىتىپتۇ . شۇ سەۋەپتىن ئەسىرىمنىڭ داۋامىنى يوللىشىم تېخىمۇ كىيىنگە سۈرۈلۈپ كەتتى . بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزرە سورايمەن . بۇ قىتىم مىنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە بىر قەلەم ئىگىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز ئەسىرىمگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى مىنى يازمامنىڭ داۋامىنى تولۇق پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمغا قايتا قەلەم ئىلىشىمغا تۈرىتكە بولدى . ئىنشائاللاھ ئەسەرنى تولۇق تاماملاپ دەل ۋاقتىدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تېرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .
& N" r+ { D L9 }' V7 Y( Q
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى . قەشقەر شەھىرى .
5 l" t. l" C1 i3 S y& b) b- q8 t: ]6 g0 C- T* _
, _8 ?3 d4 r8 s' }2 l& a0 o
* k: H) w) ]1 N, `1 I- H- K, i$ M: L+ O2 D3 @
$ `! [) a. S x9 q* ~2 ^; a
/thread-132341-1-1.htmlمانا بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى .
T' a# x! J& k( S; j
! f& r% s5 x% U3 F- r5 j0 [
1 t+ b6 e6 w/ Z: ]% |: V. G8 y2 J
6 ~0 E2 y4 T) {
; q' `# N% _# ^: G. U. V1 x
# `2 w/ `/ z, I s( ]& G 2-بۆلەك
5 c y8 P! m6 g7 R8 a% V
Y+ N ~' H0 x# D
4 I, r9 s6 b, w1 |. k ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك خاتىرەم . مىنىڭ سىنى بۇنچە يۈزسىزلەرچە تاشلىۋەتكىنىمنى كەچۈر .
& q2 z& p3 b m5 s- Z* |2 Mئىشەنسەڭ بۇ ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئىختىيارىم ئەمەس . ئوڭ پۇتۇم تىزىمدىن ئوڭ قولۇم بېغىشىمدىن سۇنۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ۋە ئۆيدە دەم ئىلىپ دىگەندەك خۇددى قېرى كالىنىڭ سۆرەم تارتقىنىغا ئوخشاش ناھايىتى ئاستا ئۆتكەن بۇ ئۈچ يېرىم ئايدىن بېرى ئىشەنسەڭ سەندىن ئەنسىرەپ بىركۈنمۇ كاللامدا ئارامچىلىق بولمىدى . ئىسىڭدە بولسا مەن ساڭا ئىچ سىرىمنى دەسلەپتە تۆكۈشكە باشلىغاندا ‹‹ مەن بىر كۈنلەردە بۇ خاتىرىنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمەيمەن ›› دەپ يازغان ئىدىم . ئەمما نۇر شەپقەت توكلۇق موتىسكىلىت بىلەن مىنى سوقۇۋەتكەن شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ تاكى مەن بۈگۈن ئەتتىگەن سىنى قولۇمغا ئالغۇچە پۇت - قولۇم سۇنۇپ كىتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سىنى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا ئىرەنشىمەيلا تاشلاپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدە ئۆزۈمنى پەمسىزلىكتە ، ئەقىلسىزلىقتا ئەيىپلەپ ئۆز - ئۆزۈمنى تىللاپ يۈردۈم . مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھىس قىلدىمكى مەن سىنى باشقىلارنىڭ (مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر )، بولۇپمۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ كۆرۈپ قىلىشىن شۇ قەدەر قورقىدىكەنمەن . مانا شۇ قورقۇشلىرىم تۈپەيلى ئۈچ يېرىم ئايدىن بۇيان ئىچكىنىم زەھەر ، يىگىنىم يىڭنە بولۇپ يۈردۈم . لىكىن ئاللاھىمغا چەكسىز شۈكرىكىم سىنى بۈگۈن خۇددى ئۈچ يېرىم ئاي ئىلگىرى مەن قويۇپ قويغان پىتى ساڭا ھىچكىم چېقىلمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ قولۇمغا ئالغىنىمدا پۈتۈن ئەندىشىلىرىم يوقاپ ئاللاھىمغا چەكسىز ھەمدۇ - سانا ئېيىتتىم .
+ s5 K6 d; S1 S4 O: t/ b6 D' c
: i* @( d( `+ G3 n/ w0 ]
8 O. E, m' Q; n9 Q# E; r' o, Q
: h2 A9 F3 U: kداۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ...
- o: U. m" K% Q1 v* P+ ~& U" M2 Y
' ?: o9 H3 F5 g* O D2 w بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇبەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-23 01:00 AM
& W* W1 j( d7 M* |) Q: N( s3 `" |7 F3 q' r