ئاجراشقان ھەدەمنىڭ ماڭا ئېيتقان
يۈرەك سۆزلىرى
سۆيۈملۈك ئىنىم ، سەنمۇ يىقىندا توي قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتسەن .مەنمۇ سېنىڭ ماڭا ئوخشاش بەخىتسىز بولۇپ قىلشىڭنى خالىمايمەن شۇڭا مەن ساڭا تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ياشاش جەرياندىكى ئاچچىق ساۋاقلىرىمنى ساڭا سۆزلەپ بىرىشنى لايىق تاپتىم.
ئەر ئايال توي قىلدى دىگەن گەپ ئىككىلىسى بىر نىشانغا قاراپ يول ئالدى دىگەن گەپ شۇ نىشانغا يىتىش جەرياندا ھەر ئىككلى تەرەپتە بىر-بىرگە بولغان ئىشەنچ بۇلشى لازىم ،ئىشەنچ بولمىسا مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ مۇھەببەت بولمىغان ئائىلدە بەخىتنىڭ سىماسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ .
بىز ئاياللار بەك تومۇرچى كىلمىز،ئەگەر سەن ئايالىڭغا ئازراقلا تومۇرىڭنى تۇتقۇزۇپ قۇيدىكەنسەن ئايالىڭ سىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئائىلدە جىدەل-ماجرادىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ،ئاتا-ئاناڭ بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرە قىلشىڭنى ئۆمۈت قىلمەن ،بۇ ھەقتە مەن كۆپ سۆزلىمەيمەن، چۈنكى ئۇ ئىشلار توي قىلغاندىن كىيىنكى سىنىڭ ۋىجدانىڭغا باغلىق.
ئەگەر ئايالىڭ يامانلاپ كىتىپ قالسا ياكى جىدەللىشىپ قالغاندا كۆڭلىنى ئىلىش .ئۇچۈن پۇل- مال دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئايالىڭنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشقا بولمايدۇ .ئۇنداق بولدىكەن ئايالىڭ بۇ ئىشلارغا كۆنۈپ قىلىپ ساڭا داۋاملىق ئۇرۇش ئېلان قىلىشتىن يانمايدۇ .
ئايالىڭنىڭ رايىغا بەك بىرىپ كەتمىگىن ،توي قلىش بىلەنلا رايىغا بارغىلى تۇرساڭ بىر ئۆمۈر رايىغا بىرىپ ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ ،كىيىن ئۆزگەر تەي دىسەڭمۇ ئايالىڭ ئۇنىڭغا كۆنمەيدۇ .ئايالىڭنى باشتا قانداق كۆندۈرسەڭ كىيىنمۇ سەن سىزغان سىزىق بۇيىچە ماڭىدۇ .سەن ئاڭلىغان بولغۇيتىڭ:
‹‹ئاياللار ئەگرى قۇۋۇرغىدىن ياسالغان ،سەن ئۇنى تۈزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۋالسەن ،ئەگەر شۇ پىتى ئىشىلتمەن دىسەڭ ،بىر ئۆمۈر پايدىلنالايسەن›› .دۇنيادا كەمچىللىكى يوق ئادەم بولمايدۇ ،شۇڭا ئايالىڭنىڭ بەزى بىر كەمچىللىكلىرنى ئېغىر ئالمىغىن ، ئاخىردا دەيدىغىنىم،توي قىلغاندىن كىيىن بەخىتلىك بولۇپ ،ھازىرقى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئاجىرشىش دۇلقۇنىغا ئاۋاز قوشماسلىقىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنبە:رىئال تۇرمۇشتىن كەلگەن .
ئىلھام بۇ سۆزلەر پەقەت شەخسى كۆز قاراشقا ۋەكىللىك قىلدۇ، بەلكىم بۇ سۆزلەرگە قارتا ئويلىغانلىرىمىز بىردەك ئەمەس شۈڭا ھەممىمىز ئۆز كۆز قارشىمىزنى ئوتتۇرغا قويساق......