بىزئىچىپتۇق سۈزۈك سۇ
دەيتى بۇرۇن شەھەرلىك بىزنى،
لاي سۇ ئىچكەن سەھرالىقلار دەپ.
ھازىرئويلاپ كۆرسەم توغرىكەن،
بىزنى شۇنداق ئاتغان شۇ گەپ.
سۇ كىلەتتى دوغاپتەك لايلاپ،
ئۇنى كۆلگە ئاچاتتۇق باشلاپ.
ئېرىقتىكى ئەخلەت چاۋالار،
كۆل ئىچگە كىرەتتى تاشلاپ.
كۈزكۈنلىرى تۆكلىپ غازاڭ،
سۇلارسىسىپ كىتەتتى پۇراپ.
ئىچەرئىدۇق شۇ سىسىق سۇنى،
ھايۋان ئىچكەن پۇتنى چىلاپ.
قىمىرلاشقان نۈرغۈن قۇرۇتلار،
كۆل سۇيىدە تومۇز كۈنلەردە.
ئىچمەي ئۇنى بىزگە نە چارە،
يوق تۇربا ئۇ چاغ ئۆيلەردە.
بىزئىچىپتۇق سۈزۈك سۇ بۇگۈن،
بارتوربا ھەممە ئۆيلەردە.
لاي سۇ ئىچكەن ئەمەس بىز ئەمدى،
پاكىزسۇنى بەرگەچ پارتىيە.
ئاپتور مۇھەممەتئىلى ئۆمەر(پەرۋانى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-11 02:37 PM