بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى
سۆيۈملۈك دۇنيا:
ئوغلۇم بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپكە كىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇ بىر ياقتىن غېرىپسىنىپ قالسا،يەنە بىر ياقتىن يېڭىلىق ھېس قىلىدۇ. سېنىڭ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن بېقىشىڭنىئۈمۈد قىلىمەن.
بىلىسەنكى،تا ھازىرغا قەدەر، ئۇ ئائىلىمىزنىڭ شاھزادىسى، خوجايىنى ئىدى. مەن دائىم ئۇنىڭبىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇنىڭ يارىسىنى تازىلاپ، كۆڭلىنى ياساپ كەلگەنىدىم.
ئەمماھازىر ھەممە ئىش ئۆزگىرىدۇ.
بۈگۈنسەھەردىن باشلاپ، ئۇ ئىشىك بوسۇغۇسىدىن چىقىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇلۇغۋار ھەمخەتەرلىك مۇساپىگە ئاتلىنىدۇ، بۇ جەرياندا بەلكىم ئۇرۇش، تېرادىگىيە ياكى ئازابيۈز بېرىشى بولۇشى مومكىن. ئۇ ياشاۋاتقان دۇنيا تۇرمۇش ئېتقاد، مېھىر ۋە جاسارەتكەمۇھتاجدۇر.
شۇڭلاشقا،دۇنيا، سەن ئۇنىڭ يۇمران قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىئۈگەتكىن. (ئەگەر مۇمكىن بولسا) ئۇنىڭغا مۇلايىمراق بولۇشنى ئۈگەتكىن.
ئۇنىڭغادۇنيادا بىر مۇشتۇمزور بولسا، بىر قەھرىمان بولىدۇ؛ بىر ساختىپەز سىياسىيون بولسا،تەقدىم قىلىش روھىغا ئىگە داھى بولىدۇ؛ بىر دۈشمەن بولسا، بىر دوستبولىدىغانلىقىنى ئۈگەتكىن.
ئۇنىڭغا كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشنى ئۈگەتكىن. تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەڭگۈلۈك سېھىر:بوشلۇقتىكى قۇش، قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ھەرە، يېشىل تاغ ئۈستىدىكى گۈل-گىياھ ھەققىدەكۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىشقا ۋاقىت بەرگىن.
ئۇنىڭغامەغلۇبىيەتنىڭ ئالدامچىلىقتىن شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئۈگەتكىن. مەيلى باشقىلار ئىنكارقىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈگەتكىن. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭجىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمماقەلبى ۋە روھىنى ھەرگىزمۇ ساتماسلىقنى ئۈگەتكىن. ئۇنىڭغا زوراۋانلارنىڭ گۆكىرىشىگەقۇلاق سالماسلىقنى ئۈگەتكىن...
ھەمدە ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ قارىغاندا پۇتتېرەپ چىقىپ جەڭ قىلىشنى ئۈگەتكىن. ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن تەلىم بەر، دۇنيا،ئۇنى ئەركىلەتمىگىن، چۈنكى پەقەت شىددەتلىك يالقۇندىلا ئاندىن ھەقىقىي پولاتتاۋلىغىلى بولىدۇ.
بۇبەك يۇقىرى تەلەپ، ئەمما دۇنيا، چامىڭنىڭ يېتىشىچە تىرىشقىن. ئۇ تولىمۇ ئوماق بىريىگىت ئىدى.
مەنبە: «يېڭى ھەپتىلىك گېزىتى»دىن ئېھتىرام تەرجىمىسى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 P8 }+ H* I x! D5 K9 z. ?
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ihtiram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 04:17 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ F1 \, m- C9 ^5 u7 E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. F4 k$ L8 ?5 t! n: c- e5 \& ?7 B