|
|
|
|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2013-يىللىق ئاشكارا مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى يازما ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ۋە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشئىمتىھان بەرگۈچىلەر: تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2013-يىللىق ئاشكارا مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ يازما ئىمتىھانىنى 9-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى ئېلىش قارار قىلىندى. يازما ئىمتىھاننىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتىگە كىرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىجازەتنامىسىنى بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ (تور ئادرېسى:http://www.xjrsks.com.cn). ئىلگىرى بېكىتىلگەن يۈزتۇرانە ئىمتىھان قاتارلىقلارنىڭ ۋاقتىمۇ تەرتىپ بويىچە كەينىگە سۈرۈلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى يازما ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئورۇننى تەڭشىمەكچى بولسا، 31-ئىيۇلدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق، شۇنداقلا ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست)، شەھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېجىرسە بولىدۇ. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى
مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2013-07/09/content_290818.htm
|
|
|
|
|
|