ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار قاتناش سالۇنىمىز قۇرۇلغان قىسقىغىنە نەچچە ئاي مابەينىدە قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ماتېرىياللارنى رەتلەپ ، توپلاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى ، ھازىرغىچە سالۇنىمىزدا ئايرۇپىلان ۋە پويىزنىڭ قوزغىلىدىغان ، توختايدىغان بېكەت ، قوزغىلىش ،توختاش ۋاقتىنى ئەڭ توغرا ،ئەڭ ئېنىق سۈرۈشتە قىلغىلى بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرنى يارىتىپ كەلدى ھەمدە خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە بېلەت سېتىۋالسا كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى قوزغىدى .سالۇنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە قېرىنداشلارنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە سالۇنىمىز خىزمەتچىلىرى ئويلىشىپ خەلققە قۇلايلىق يەتكۈزگىلى بولىدىغان بىرقاتار پىلانلارنى تۈزۈپ چىقتۇق ، يەنى سالۇنىمىزغا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە،شۇنداقلا تىلفۇن رايۇن نۇمۇرى ۋە پوچتا نۇمۇرىنى يوللاش ئارقىلىق شۇ شەھەردىن ھەر قايسى رايۇنلارغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان ۋە شۇ شەھەردىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ۋاقىت جەدۋىلى، كىتابخانا ، مەسچىت، نوقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرى،گاز،ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئادىرسىنى ئۇيغۇرتىلىدا توغرا ، ئېنىق ھالدا سۈرۈشتە قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئويلاشتى. بۇنداق بولغاندا بىر يۇرتقا مۇساپىر بولۇپ بېرىپ قالسىڭىز سالۇنىمىز ئارقىلىقلا تۇرمۇشىڭىز توسالغۇسىز يۈرۈشلەشكىلى بولىشى مۇمكىن ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى قېرىنداشلاردىن ئۆزى تۇرغان شەھەر ياكى ئورۇندىكى بىرقەدەر چوڭراق مەسچىت ،كىتابخانا ،گاز،ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىنىڭ ئادرېسىنى بىزگە تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،ئىچكىر رايۇنلاردىكى مەسچىت،ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئادرېسى بىلەن تەمىنلىسىمۇ ناھايىتى رازى بولغان بولاتتۇق .
«كۆپ تۈكۈرسە كۆل تولۇر»،«ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە ».ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ ئۆزىنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
قىرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئاسان بولىشى ئۈچۈن،ئۇچۇرنىڭ چىن ۋە تەپسىلى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،سىزنىڭ شۇ ياردىمىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىن.
بىزگە كېرەك بولغان ئۇچۇرلار:1.شۇ شەھەردىكى جۈمە نامىزى ۋە بەش ۋاق نامازدا نۇرمال ئىشىك ئىچىلىدىغان مەسچىتلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئادىرسى(ئىمكان بولسا ئىمام،خاتىپلىرىنىڭ ئىسمى)؛
2.مەزكۇر رايۇندىكى ھەر قايسى كىتابخانىلارنىڭ ئىسمى،ئادىرسى،مۇمكىن بولسا كىتابخانىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى؛
3.گاز قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئادىرسى،شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان تەخمىنىي ئارلىقى،تىز سۈرئەتلىك تاشيول ۋە دۆلەت،ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيوللار بىلەن بولغان ئارلىقى؛
4.شۇ شەھەردىكى نوقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ نامى،ئادىرسى ۋە ئالاھېدىلىكى؛
كۆپچىلىكنىڭ ئادىرىسنى تەمىنلىگەندە تەپسىلى بولىشىنى،قايسى رايۇن،قايسى يول قانچىنچى نۇمۇر دىگەندەك نوقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى،ئەتراپىدىكى چوڭراق ئورۇنلارنى ئەسكەرتىپ قويىشىنى(مەسلەن ماۋۇ ئورۇننىڭ يىنىدا ياكى ئۇدۇلىدا دىگەندەك)تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا 24 سائەت تىجارەت قىلىدىغان مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ نامى ۋە ئادىرسىنى قوشۇشنى ئويلاشقان بولساقمۇ،دىيارىمىزدا بۇنداق تاماقخانىلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئىھتىياجنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەچكە ۋاقتىنچە قوشمىدۇق.قىرىنداشلار باشقا يۇرتقا بارغاندا ئىھتىياج بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىغان باشقا تۈرلەرنى ئوتتۇرغا قويسا مەسلەھەتلىشىپ يولغا قويساق بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەزكۇر تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىمۇ ياكى بىۋاستە خەت ساندۇقىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەم قىلىشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئۈندىدار نۇمۇرى:702376536
Email:702376536@qq.com
ئەگەر يۇقارقى مەزمۇندىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلنىشنى خالايدىغانلار قىرىنداشلار بولسا ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشىۋالساڭلار بولىدۇ.
Katnax :ئۈندىدار سۇپىمىز ئىزدەش نۇمۇرى
(باشقۇرغۇچى ئاخىردىكى بىر ئابزاسنى ئېلان خارەكتېرىنى ئالغان دەپ قارىسا تەھرىرلىگەندە ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ،قىلچىلىك رەنجىمەيمىز.)