ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كىتابخۇمار قىرىنداشلار،ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق تېنىمىزنى سالامەت قىلىشىنى تىلەيمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بىكىتىلگەندىن بىرى ھەر قايسى مۇنبەر،ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكى قاتارلىق ھەر قايسى ئالاقە ۋاستىلىرىدە كىتاب ھەققىدىكى قىزغىن بەس-مۇنازىرلەر بولۇپ ئۆتتى ۋە بولىۋاتىدۇ،بۇ ئىلىم قىزغىنلىقىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى بۇ بىر يىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي داۋاملىق مۇشۇ قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك شىركىتىمىز يىڭى يىلدىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا يىقىندىن ئاۋاز قوشۇش ۋە كونا يىڭى خېرىدارلارغا رەھمەت ئىيتىش يۈزىسىدىن شىركىتىمىزدىن ئايرۇپىلان بىلىتى ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سېتىۋالغان قىرىنداشلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيتى ئۇيۇشتۇرماقچى،پائالىيەت مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيۇشتۇرلىدىغان بولۇپ تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
شىركىتىمىز ئايرۇپىلان بىلىتى سېتىش بۆلۈمى ‹‹رېسىقىم بىلەتچىلىكى››دىن مۇشۇ بىر يىل (2015-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە)ئىچىدە مەيلى دۆلەت ئىچى ئايرۇپىلان بىلىتىدىن 5 تال ياكى خەلىقئارالىق ئايرۇپىلان بىلىتىدىن 3 تال سېتىۋالغان قېرىنداشلارغا 50يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب سوۋغا قىلىنىدۇ،پائالىيەتنىڭ تەلىپى تولىمۇ ئاددى بولۇپ،سىز مەيلى شىركىتىمىزنىڭ بىلەت سېتىش نوقتىسىدىن ياكى تېلفۇن ، ئۈندىدار ئارقىلىق بىلەت سېتىۋالغان بولۇڭ،شىركىتىمىزدىن سېتىۋالغان بىلەت سانىڭىز بەلگىلىك سانغا يەتكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرسىڭىزلا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ كىتابىڭىزنى تاپشۇرۋالسىڭىز بولىدۇ،5 تال بىلەتنىڭ پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ نامىدا بولىشى ياكى بىرلا قېتىمدا سېتىۋىلىنغان بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ،مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە سېتىۋالغان بىلەت سانىڭىز بەلگىلەنگەن سانغا يەتكەن بولسىلا كۇپايە.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە مەيلى ئۆزىڭىز 5 تال بىلەت سېتىۋالغان بولۇڭ،ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەر،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن بىللە سېتىۋالغان بىلەت سانى 5كە يەتكەن بولسۇن،مەيلى بىر قېتىمدا ياكى بىر قانچە قېتىمدا سېتىۋالغان بولۇڭ،بىزدىن سېتىۋالغان بىلەت سانى 5كە يەتكەن بولسا مۇكاپات بويۇمىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ،لىكىن بىرلا شەرت كىتابنى تاپشۇرۋالغۇچى چوقۇم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغۇچىلار ئىچىدىكى بىرسى بولىشى كىرەك،(بىر قانچە ئادەمنىڭ بىلىتىنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۋالماقچى بولسا باشقىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالغان بولىشى كىرەك).
سوۋغا قىلىنىدىغان كىتابلارنى ھەمكارلاشقۇچىمىز بولغان تاۋارىم سودا تورىدىكى ئۆزتۇغ تور كىتابخانىسىدىن تاللىسىڭىز بولىدۇ،توشۇش ھەققى ئىلىنمايدىغان بولۇپ،ئەگەر تاللىغان كىتابنىڭ باھاسى 50يۈندىن ئىشىپ كەتكەن بولسا ئاشقان قىسمىنى خېرىدار تولۇقلاپ تۆلەيدۇ،پائالىيەت داۋامىدا پەقەت كىتابلا سوۋغا قىلىنىدىغان بولۇپ باشقا مۇكاپات بويۇمى ياكى نەق پۇل تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ،بىلەت سانى بىكىتىلگەن سانغا يەتكەندىن كىيىن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ ياكى كۆپرەك يىغىلغاندا قىممىتى چوڭراق كىتابنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
شىركىتىمىز خېرىدارلارنىڭ بىلەت ئۇچۇرىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىتاستىكىلاپ چىقىپ،مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلمىغان لىكىن بىزدىن سىتىۋالغان بىلەت سانى بەلگىلىك سانغا يەتكەن خېرىدار بىلەن ئۆزىمىز ئالاقىلىشىپ كىتابنى يەتكۈزۈپ بىرىمىز.
كىتاب تاللاش ئادىرسىڭىز:http://oztugh.tawarim.com/
تورغا چىقىش شارائىتى بولمىغان قىرىنداشلار كىتاب ئۇچۇرىنى 0991-2500927 ياكى 13899941049ئارقىلىق سۈرۈشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
كىتابخانا ئادىرسى ئىتتىپاق يولى 6-ئوتتۇرا مەكتەپ يان ئۇدۇلىدا
بىلەت زاكاز قىلىش قىززىق لىنىيەسى:18129480101،18129480055
ئۈندىدار:18129480101،18129480055
بىلەت سېتىش نوقتىلىرى:جەنۇبى تىنىچلىق يولى 421-نۇمۇر(زەم-زەم ئاشخانىسىنىڭ يىنىدا)
جەنۇبى ئازاتلىق يولى 380-نۇمۇر جىلى ئاستانە 3-كورپۇس 1101-ئىشخانا
ئۈندىدار سالۇنى ئىزدەش نۇمۇرى katnax
پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىرىشمەكچى ياكى تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز بىۋاستە تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ تېلفۇن:0991-2338863
ئۈرۈمچى كارىنا ئېلىكتىرون پەن-تېخىكا چەكلىك شىركىتى رېسىقىم بىلەتچىلىگى