مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10047|ئىنكاس: 54
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياسىنجان قايدۇ،ئابابەكرى مىسرانىم كورلىدا لېكسىيە سۆزلىدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1366
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51402
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9968 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 09:51:04 AM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

باشئەگىم دىيارىدا ياسىنجان توختى قايدۇ ۋە ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم لېكسىيە سۆزلىدى


مارشال خەۋىرى




   2015-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە گۈزەل باشئەگىم دىيارىنىڭ كاڭچىڭ مېھمانسارىيى 5-قەۋەت مەرىكە زالىغا 300گە يېقىن ئادەم يىغىلغان بولۇپ،بۇ قېتىملىق يىغىلىشتا بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىن چىققان ئۇيغۇر كارخانىچى،‹‹قايدۇ›› يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان توختى بىلەن دىيارىمىزدا ‹‹مىسرانىم››نامى بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم ‹‹مەن قانداق ئىگىلىك تىكلىدىم؟››دېگەن مەزمۇندا ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىدى.
arachin7.jpg
  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى خەلىپە كاپىتالى تارمىقىدىكى ئاراچىن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،بۇيىل كىرگەندىن بۇيان تەربىۋى ئەھمىيتى زور،قاراتمىلىقى كۈچلۈك لېكسىيەنى 3-قېتىم ئورۇنلاشتۇرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئاراچىن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بۇ جەھەتتە ئىقتىساد چىقىرىپ جەمىيەتتىكى كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان تۆھپىكارلار،مائارىپ،ئىقتىساد كەسپىدىكى پىشقەدەم ئۇستازلار،چوڭ كارخانىچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق گۈزەل باشئەگىم دىيارىدىكى كىشىلەرنى  ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان،كىتاب ئوقۇيدىغان،شەھەرلىشىش دولقۇنىدا قانداق يولدا ماڭسا بۈگۈنكى خىرىس ۋە رىقابەت دەۋرىدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان،ئەتىگە ياخشى پىلان تۈزەپ ئىدىيەنى يېڭىلايدىغان،تەپەككۇرىنى يۈكسەلدۈردىغان،تىرىشىپ ئىشلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشنى باش مەقسەت قىلىپ كەلگەن.

arachin-1.jpg
arachin9.jpg
psbCASB5AOM.jpg
bash1.jpg
    ئاراچىن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىكى ئورۇنلاشتۇرىشى ئالاھىدە بولۇپ،ئۆز بېشىدىن نۇرغۇن رىيازەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىككى ئوغلاننىڭ ھاياتلىق كەچمىشلىرىنى سۆزلىتىپ لېكسىيەگە قاتناشقۇچىلارغا يېڭىچە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.ياسىنجان توختى قايدۇدەك مەكتەپتە ئوقۇمىغان،ئەمما جەمىيەت ئۇنۋىرسىنتىدا كۆپ ئوقۇغان،كۆپنى كۆرگەن،كۆپ ئىشنى قىلغان،كارخانا قۇرۇپ قاراشەھەر،باغراش،خېجىڭ،خۇشۇت قاتارلىق ناھىيلەردىن چىقىدىغان مۇچ،شوخلا،چامغۇر،زىرە...قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى پىشىقلاپ ئىشلەپ شۇ يەردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن،شۇ ناھىيلەردىكى دېھقانلارنى خۇشال قىلغان،300گە يېقىن خىزمەتچىنى ئۆز زاۋۇتىدا ئىشلىتىپ نۇرغۇن ئائىلىنى بېقىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىچىنى ھەمدە ‹‹مىسرانىم›› تورىدىن ئىبارەت بولغان چوڭ ئۇنۋىرسال تور بېكەتنى قۇرۇپ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى جەم قىلغان،مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاپ كىشىلەرگە بىلىم بېرىۋاتقان مۇنبەر تەييارلىغان،جەمىيەتتىكى ھەر ساھادىكى كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ جاھاننامە ئەينىكىدە بىر ئۇنۋىرسىنتنى بارلىققا كەلتۈرگەن،خۇسۇسىي ئېگىلىكتىكى تاراتقۇلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ ياخشى سۆھبەت،مۇھىم خەۋەرلەرنى تېز چىقىرىپ تورداشلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتۋاتقان ئابابەكرى مۇختارنى سۆزلىتىشى چىن ،قايىل قىلارلىق،تەربىۋى ئەھمىيتى زور،قاراتمىلىقى كۈچلۈك لېكسىيە بولۇپ قالدى.
arachin4.jpg
arachin-2.jpg arachin5.jpg
bash2.jpg bash3.jpg
chawakjj.jpg
   لېكسىيە باشلىنىشتىن بۇرۇن كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى،مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنجان سۇلايمان شەرارى رىياسەتلىك قىلدى.
arachin8.jpg
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەق مەيداندىكى قەلبى ئىلىمگە تەشنا،ۋۇجۇدى ھېكمەتكە شەيدا ئەزىز مېھمانلار،ھەممىڭلارغا كەمىنە تۇرسۇنجان سۇلايمان شەرارىدىن ئوتلۇق سالام،سەمىمىي ئېھتىرام.مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئمىن ‹‹رۇبائىيات››ناملىق توپلىمىدا  مۇنداق دەيدۇ:

تۇرمىغاي بوستاندا چىن يوللار ھامان سىزنى كۈتۈپ،

شەرىقى دەۋران بەزمە ئېتەر باغ ئۈستىگە قارلار تۆكۈپ.

كىم سانالايدۇ زېمىن ئاستىدا ياتقان تاجلىنى،

ئەنە تۇرماقتا مۇنارلار بوينىچە قۇمغا چۆكۈپ.


  توغرا،ھايات يولى -يىلان يولىدۇر،ئۇ تۈز چىۋىق ئەمەس.ھايات ئۆز پەرزەنتلىرىگە تۈرلۈك-تۈمەن مۇشەقەتلىك سىناقلارنى تەقدىم ئېتىدۇ.بەزى بىر ئىرادىسىز كىشىلەر بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىسە،يەنە بىر قىسىم قاتتىق يامغۇردىن كېيىن ھەسەن-ھۈسەننىڭ پارلاپ چىقىدىغانغا ئىشىنىدىغان،لاي سۇنىڭ ئىچدىكى ئالتۇن بېلىقنى كۆرەلەيدىغان ئەزىمەت كىشىلىرىمىز بۇ سىناقلاردىن مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتۈپلا قالماي،ئۆز ھايات قەدىر-قىممىتىنى تىكلىگەن بولىدۇ.  بۈگۈنكى خەلىپە كاپىتالى تارمىقىدىكى ئاراچىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان بۇ خاسىيەتلىك يىغىلىشتا ئەنە شۇنداق ھايات سەردارلىرىنىڭ قاتارىدىن ھېساپلانغان ئىككى نەپەر ئوغلانىمىزنىڭ ھايات قارىشى ھەم ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدىكى ھايات تەرمەچلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.مەقسىدىمىز ھەربىرىمىزگە ھايات ھېكمىتى،ياشلىرىمىزغا ئىلھام رىغبىتى ئېلىپ كېلىشتۇر.بۇلارنىڭ بىرى ئوبلاستىمىزدىن چىققان ئۇيغۇر كارخانىچى ياسىنجان توختى بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۆزگەن كۆرۈنگەن مىسرانىم تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختار مىسرانىمدۇر.قېنى ئەمىسە ھەممىمىز قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن   ئۇيغۇر كارخانىچى ياسىنجان توختى قايدۇنى  سۆزلەپ  بېرىشكە تەكلىپ ئېتەيلى.
41.jpg


  ياسىنجان توختى قايدۇ باشلىنىش سۆزىدە سورۇن ئەھلىگە ئوتلۇق سالىمىنى يوللىغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ تەۋەللۇت قىلغان يۇرتى،ھاياتىدىكى ئۇچرىغان رىيازەتلەر،مەكتەپتە ئوقۇيالماي قالغانلىقىدىن ئۆكۈندىغانلىقىنى،بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە قىزىقىشىنى،كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.كەينىدىن ياسىنجان توختى قايدۇ ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىدا ئارانلا ئالتە ئاي ئوقۇپلا قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالغانلىقى،مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ياغاچچىلىق،كۆكتاتچىلىق تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكەنلىكى،بۇرۇنقى تىجارەتلەردە ئۇچرىغان زىيانلىرى،سودا يولىدا نەچچە كۈنلەپ تاماق يېمىگەن كۈنلىرىنىڭ بولغان ئىكەنلىكىنى،ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قاراشەھەردە مۇچ،شوخلا تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹قايدۇ››نامى بىلەن زاۋۇت قۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ جان ئۈسىتدە نەچچە قېتىم كۆرەش قىلىپ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپ ھايات يۈرۋاتقانلىقىنى ،ساقايغانلىقىنى ھەمدە ھەربىر ئەقىل ئېگىسىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ،چەكلىك ھاياتتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ مەنىلىك ياشىشىنى تەكىتلىدى.ياسىنجان توختى قايدۇ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتتى:

qaydudu.jpg

   مەن ھايات تەجرىبەمدىن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى،ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بار.

   ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەركىنلىكتە چەكلەپ قويماسلىق كېرەك.بالىلارنى چەكلەپ بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ تۇرۋالسا بالىلارنى بىكار تەلەپ قىلىپ قويىدۇ.بالىلارنى مەنچە ئەركىن قۇيۇۋىتىش كېرەك.قانداق جېنىڭنى باقساڭ باققىن دەپ بالىلارنى سىرتقا ئىتتىرىپ بەرسەك ئاندىن شۇ بالا بىر يول تېپ ماڭالايدۇ.

    بالىلارنى تۇيۇق يول بولسا چەكلەش كېرەك.يۇرۇق يول بولسا ئەركىن قۇيۇۋىتىش كېرەك.

    بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە مەنپەتى يەتمىسە ياشىغانننىڭ ئەھمىيتى يوق.

    ئاتا-ئانىمىز بىزنى ئوغۇل دەپ تۇغقان.بىز ئوغۇل بالىنىڭ قىلدىغان نۇرغۇن مەجبۇرىيىتىمىز بار.ئاتا-ئانىنى،ئاچا-سىڭىللارنى باقىمىز.جەمىيەتتە ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان نۇرغۇن ئاجىزە ئاياللار،ياشانغانلار بار.شۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش،ئۇلارغا ئىنسانىي -مېھىر مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش بىزنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

    ‹‹قاغا بالام ئاپپاق،كىرپە بالام يۇمشاق››دەپ يۈرسەك بالىلارنى قەستلەپ قويغان بولىمىز.

    ھەر كۈنى قەرت،بېليارت ئويناپ قورسىقىم تويسىلا بولدى دەيدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بار.ئۇنداق كىشىلەردىن قەتئىيلا مەنپەئەت يەتمەيدۇ ھەم ئۆزىنىمۇ،ئۆزگىنىمۇ خۇش قىلالمايدۇ.مەن ئۇلارنى ئۆزى ھايات بولسىمۇ روھى ئۆلۈك ئادەملەرگە ئوخشاش دەپ قارايمەن.

    چەكلىك ھاياتنى قەدىرلىمەي ئۆزىنى قەدىرلىمەي ئۆزىنى خۇش قىلالمىسا،ئەتراپىدىكى قېرىنداشلارنى خۇش قىلالمىسا،ئەۋلادلارغا پايدىلىق بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمىسە ئۇنداق ياشىغاننىڭ ئەھمىيتى يوق.

    ھەر قانداق غورۇرى،ۋىجدانى بار ئەقىل ئېگىسى تىرىشىپ ئىشلىسە دېگەن مەقسەتكە چوقۇم يېتەلەيدۇ.

    ئۇرۇق-تۇققانلىرىم،دوست-بۇرادەرلىرىم ماڭا ھەر دائىم شۇنداق دەيدۇ:سېنىڭ ئىگىلىكىڭ،مۈلكۈڭ،پۇلۇڭ بار تۇرۇپ بىر ياردەم قىلمايمسەن.مەن شۇلارغا شۇنداق دەيمەن:ماڭا كىم ياردەم قىپتىكەن،ماڭا ئاتا-ئانامدىن باشقا ھېچكىم ياردەم قىلمىغان.بۇ ئىگىلىكىمنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن.سەنمۇ مەندەك بولاي دېسەڭ تىرىشقىن.ئۇخلاپ ياتما.ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسدۇر-دەپ جاۋاب بەردىم.

    بىر ئادەمگە زىيادە كۆپ ياردەم بەرسەڭ شۇ كىشىگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويغان بولدىكەنمىز.

    مېنىڭچە خەلقىمىز ئۆزى كۆرۈپ،زىيارەت قىلغاندىكى ئىشەنچ ھادىسىسى ‹‹قايدۇ››دېگەن ماركىنى تۇنۇتۇشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارايمەن.

    كىشىلەرنىڭ ماڭا خەت يېزىپ ‹‹قايدۇ››مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىۋاتلىقىنى ئاڭلىسام سۆيۈنۈپ كېتىمەن.مەندە تېخىمۇ زور ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن خەلقىمگە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بەرسەمكەن دەپ مەندە ئۈمىد پەيدا بولدىكەن.

    پۇل تاپمىساق كارخانا راۋاج تاپالمايدۇ.مەۋجۇت بولالمايدۇ.مېنىڭ مەقسىتىم پۇل تېپىش ئەمەس،كارخانىنى تەرەقىي قىلدۇرۇپ كېيىنكى ئەۋلادلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم،سىرتقا چىقىپلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلالايدىغان قىلىش.مەن بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

    نۇرغۇن كىشىلەر پۇل تاپتىڭ،كارخانا قۇردۇڭ،باي بولدۇڭ،ئەمدى ئارام ئالغىن دەيدۇ.ئەمما مەن يەنىلا داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەيمەن.قولۇمدىن كېلدىغان ئىش بولسىلا ياخشىلىق قىلدىغان يەرگە ياخشىلىق،ياردەم قىلدىغان يەرگە ياردەم قىلىمەن.مېنىڭ ئارزۇيۇم،ھازىرقى 80خىل مەھسۇلاتنى 200خىلغا يەتكۈزۈپ ،ئىشەنچ نىسبىتىنى %100قىلىپ خەلقىمگە نەپ يەتكۈزسەم دەيمەن.

    ھەمكارلاشقان چاغدا ئىشلارنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.كۈتۈلمىگەن ھادىسە بىلەن كارخانا قۇرغان ئادەم ئاغرىپ قالسا ياكى قازا كېلىپ تۈگەپ كەتسە زاۋۇت توختاپ كارخانا ۋەيران بولدىغان ئىشكەن.ھەمكارلاشقان چاغدا كارخانا نەچچە يۈز يىلغا بارالايدىكەن.مەن ئەرقال،شانئال قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇستازلارنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى 13ئادەم ئۆز ئارا ھەمكارلاشتۇق.

    بىر كارخانىنىڭ مەدەنىيىتى بولمىسا ئۇزۇنغا بارالمايدۇ.شۇڭا،مەن يېڭى زاۋۇتنى قۇرغاندا ئەڭ ئاۋال مۇزىيخانا قۇرۇشنى ئويلاشتىم ھەمدە قۇم سىزما رەسىمىگە بىر مىليۇن پۇل خەجلەپ قايدۇ دەرياسىنىڭ 3000يىللىق مەدەنىيىتىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچىدىم.بۇنىڭ ئەھمىيتى زور دەپ قارايمەن.

    جەنۇپ-شىمال ئارا ماڭغان خەلقىمىزنىڭ قاراشەھەردە‹‹قايدۇ››زاۋۇتى بار،بىر كۆرۈپ كېتەي دېگەن ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن مەن تىرىشىمەن.

    كىتاب ئوقۇسا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولدىكەن.بۇرۇن مەن ئوقۇيالمىغان بولساممۇ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىم كىتابتىن پايدىلانسۇن،ماڭا ئوخشاش بىلىمسىز قالمىسۇن دەپ ئويلاپ كۇتۇپخانا قۇرۇشنى ئويلاشتىم.

    كىتاب ئوقۇپ بەرسە گەپ قىلىشنى ئۆگىندىكەن،نۇتۇق قابىلىيىتى ئۆسىدىكەن،باشقۇرۇش سەنئىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولدىكەن.نەزەر-دائىرسى كېڭىيدىكەن.مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا قىينالمايدىكەنمىز.ساۋادىم چىققان مۇشۇ يېرىم يىلدىن بۇيان مەن ھەر كۈنى بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇۋاتىمەن.بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.

   بۇرۇنقى تىجارەتچىلەرنىڭ سەمىمىي ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن بولسام بۈگۈنكى ‹‹قايدۇ››بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.
قاراشەھەر-ئۆتەڭ يول.قانداقلا ئادەم  كەلسە، مەن ئۇلارنى تۇنىمىساممۇ زاۋۇت دەرۋازىسى 365كۈن ئوچۇق.ھەر قانداق ئادەمنى زىيارەت قىلىپ تۇنۇشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمەن.

arachin6.jpg


  كەينىدىن دىيارىمىزدىكى خەلقىمىزگە تۇنۇشلۇق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹مىسرانىم››تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم سۆزلىدى.ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم باشلىنىش سۆزىدە ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن سەھنىگە چىقمىغانلىقىنى،بىزنىڭ تىكلىگىنىمىزنىڭ كارخانا ئەمەس،روھ،ئىرادە ئىكەنلىكىنى،شۇڭا مۇشۇ مەيداندا بارلىق كىشىلەرنىڭ روھلۇق بولۇشى ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلىقىنى بايان ئەيلىدى.ئاندىن ئۇ بەخت چۈشەنچىسى توغۇرسىدا توختىلىپ ئىنساننىڭ گۇناھىسىز،بېغىشلاش روھى بىلەن ئۆتكەن كۈننىڭ بەخت بولدىغانلىقىغا تەبىر بەردى.ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق كەچمىشلىرىنى سۆزلىدى.توققۇز ئايلىق بولغاندا قىزىپ كېتىش سەۋەبلىك خاتا ئوكۇل سېلىنىپ قالغانلىقى ھەمدە ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي شۇ ئوكۇل سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى،نەچچە قېتىم ئوپراتسىيىگە چۈشكەنلىكىنى،ئالتە يېشىدىن باشلاپ ھاسىغا تايىنىپ ماڭغانلىقىنى ھەمدە تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە بولغان ھاياتلىق قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.ئابابەكرى مۇختار مىسرانىمنىڭ ھەربىر سۆزلىرى لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى تەسىرلەندۈردى،ئويلاندۇردى ھەمدە بۇ دۇنيانىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم سۆزلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتتى:

xulase7.jpg


  مېنىڭ سەھنىگە چىقىپ سۆزلىشىم  ھەممىنى بىلدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.تۆۋەندە ئولتۇرۋاتقانلار ئىچىدىمۇ مېنىڭ ئۇستازلىرىم ۋە مەندىنمۇ تەسىرلىك،جاپالىق تۇرمۇش سەزگۈرەشتىلىرى بار ئاكا-ئىنى،ھەدە-سىڭىلىرىمىز بار.سۆزلەش پۇرسىتى ماڭا بېرىلىپتۇ.سىلەر بىلەن سىردىشىش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ خوشال ئۆتكەن كۈننىڭ بىرى دەپ قارايمەن.
  باشقا ئىشلارغا تىرىشمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ۋاز كەچمەڭ.
  بىر ئادەمگە ئەڭ چوڭ ھەم زور تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ ئانىسى.
  چاۋاك ئىككى قولنىڭ ھەركىتى.ئەمما ئۇ يەنە قوللاشنىڭ،بىرلىكنىڭ،ئېتىراپنىڭ ئىپادىسى.
  ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ تەقدىم ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
  ئانا ئۇلۇغلىغان بالىنى پۈتۈن خەلق ئۇلۇغلايدۇ.بىر ئانىنىڭ باغرىدا ئۆتەلىگەن كىشى بىر خەلقنىڭ قوينىدا ئۆتەلەيدۇ.
  ئاپام ماڭا دائىم شۇنداق دەيتى:جېنىم بالام،سېنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىغان بولسام بۇنداق مېيىپ بولۇپ قالمايتىڭ.بالام،مەن سېنى چوقۇم داۋالاپ ساقايتىمەن.سەن چوقۇم ماڭالايسەن دەيتى.ئاپام يىغلىسا سەۋەبىنى بىلمەيتىم.ئاپام بىلەن مۇڭدىشىش،سىردىشىش جەريانىدا مېيىپ بولۇپ قالغىنىمدىن زارلانمانمايتىم،قاقشىمايتىم.شۇنداق قىلىپ ئاپامنىڭ پۇتى بىلەن مەن مۇھەببەت يولىدا مېڭىشنى ئۆگەندىم.
  مەكتەپتىكى چاغلاردا شۇنداق ئويلاردا ئىدىم:تەنەپۇس بىلەن تەنتەربىيە دەرسىنى كىم كەشىپ قىلغان بولغۇيتى دەپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى،ئەلەم چېكەتتىم.باشقىلار سىرتتا ئويناۋاتقان،مەن سىنىپتا ئولتۇرۋاتقان،پەقەتلا ياقتۇرمايتىم.
  يوقاتقان نەرسىنىڭ خوشاللىقى بولدىكەن،يوق نەرسىنىڭمۇ ھۇزۇرى بولدىكەن.
  جاھاننامە ئەينىكى ئولتۇرۇپ قىلدىغان ئىش ئىكەن.قەلبىم مېيىپ بولۇپ قالمىسىلا مېيىپلىقىمنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
  نىيەت قىلغان ئىشتا ئۇششاق ئىشلار بىزنى تارتىۋالماسلىق كېرەك.ئۆز ئارزۇيىمىزغا يېتىش ئۈچۈن كۆپلەپ بەدەل تۆلىشىمىز ،تىرىشىشىمىز،مەغلۇبىيەتكە باش ئەگمەسلىكىمىز كېرەك.
  ئامرېكىغا بارغۇچە بولغان چاغ كەلگۈچە مېنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلمىدى.بىلدۈرمىدىم.بىلدۈرۈشنى ئەسلا خالىمىدىم.باشقىلارنى روھىي جەھەتتە مېيىپ قىلىپ قويماي دېدىم.
  ئۈرۈمچى -رەھىمسىز بىر شەھەر.بىر كۈن ئۇخلاپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنى مۇھتاجلىق ئىچىگە تاشلايسىز.
  مېنىڭ يىغلايدىغان چاغلىرىممۇ بار،ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا نەچچە كۈنگىچە كۆزۈمدىن ياش قۇرۇمايدۇ.
  مېيىپ كىشىلەر كىشىلەرگە شۈكۈر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.
  ئىنسانىيەت دۇنياسى تەپەككۇر بىلەن ئىلگىرلەيدۇ.
  ھەر قېتىم كورلىغا كېلىپ چىلانباغدىكى مەدىكار بازىرىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم ئېزىلىدۇ.كۈچىنى سېتىپ ئىشلەۋاتقان روھىي سۇلغۇن چىرايلار ئەسلى ئەقلىنى سېلىپ پۇل تاپالىغان بولسا ياخشى بولغان بولاتتى.قانداقلا بولمىسۇن شۇ شۈكۈرگاھتىكى مەدىكارلار ھالال پۇل تېپىپ ئۆز جېنىنى باقالايدىكەن.تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىكەن.
  مېيىپلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
  مېيىپ كىشىلەر كىشىلەرگە شۈكۈر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.مېيىپلىق ياراتقۇچى ئاتا قىلغان نېئىمەت.
  ئامېركىنىڭ مېيىپلار قۇرۇلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن شۇنداق چۈشەنچىگە ئېرىشتىمكى،ھەممەيلەن قەلبىمىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇش كېرەك ئىكەن.
  بىز كۈلۈشنى كۈلگەنلەردىن ئۆگەنگەن.مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈممۇ مېھىردىن،بېغىشلاشتىن بولغان ھايات.
  تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن مېيىپ بولۇپ قالغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىقى بىلەن تۇنۇلۇشنى  ئۆزىڭىزگە نۇمۇس دەپ قاراڭ.سىزدە سوقۇپ تۇرغان يۈرەكلا بولدىكەن،مېيىپ،ئەما بولسىڭىزمۇ چامىڭىزنىڭ يېتىشچە كۆرەش قىلىپ ياشاشقا ھوقۇقلۇق.
  باشقىلار سىزنى كۆرۈپ مېيىپلىقىڭىزنى تىلغا ئېلىپ سۆزلىسە كۈلۈپ كېتىڭ.شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي مېيىپلىقىنى ھېس قىلىپ قالسۇن.
  مەن نورمال ئادەمدەك پەقەت پۇتتىلا ماڭالمىدىم.لېكىن باشقىلار باسقان يولنى ئارتۇق باسسام باستىمكى،ھەرگىز كەم باسمىدىم.
  نۇرغۇن مېيىپ ياشلىرىمىز جىق تەرەپتە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىدۇ،لېكىن بۇ بىزگە قىلىنغان ھاقارەت.

chektartmak.jpg

bash6.jpg

bash5.jpg


   لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئاراچىن مەدەنىيەت شىركىتى مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.تەلەيلىك ئورۇن ئېگىسى دەپ تاللانغان لېكسىيەگە ئىشىتراك قىلغان يەتتە كىشى بۈگۈنكى لېكسىيەنىڭ تەلەيلىك ئاڭلىغۇچىسى بولۇپ ھەر تۈرلۈك بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

xulasa6.jpg

xulase5.jpg xulasa8.jpg xulase3.jpg xulase1.jpg xulasa9.jpg

شۇنداق قىلىپ،گۈزەل باشئەگىم دىيارىدىكى بۇ لېكسىيە غەلبىلىك ئاياقلاشتى.پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلارنىڭمۇ ھەم لېكسىيە سۆزلىگەنلەرنىڭمۇ تارتقان جاپاسىغا چۇشلۇق ھاردۇقى چىقتى.ياسىنجان توختى قايدۇ،ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم سۆزلىگەن لېكسىيە بارچە دىللارنى سۆيۈندۈردى.ئىككىيلەننىڭ ھايات كەچمىشىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى.ئۇلار كورلىغا بۇ قېتىم پەخرى مەنسۇبىيەت،مۇستەھكەم مەسئۇلىيەت،پىداكىرانە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىزلەرگە چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ ئۆزىگە مۇسىبەت ئېنىرگىيە توپلاپ،ھاياتلىق يولىدا داغدام قەدەملەر بىلەن مېڭىشىغا تىلەكداشمەن!


  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە يېزىپ تاماملاندى.(مارشال)


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
.tuz. + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
iltebir + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4147
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31606
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9094 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-25
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:13:57 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتى زور بولغان بىر قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتى بوپتۇ.بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئاراچىن مەدەنىيەت شىركىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:18:16 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مىڭ ئالىمدىن بىر كارخانىچى ئەلا  ، قايدۇ شېركىتى ھەقىقەتەن كۆپ كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتتى ، اللاھدىن بۇ كارخانىچىللىرىمىزنىڭ يوللىرىنى ئوچۇق كىلەچىكىنى  تېخىمۇ پارلاق قىلىشىنى تىلەيمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HENRY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 10:40 AM  


مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7174
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1256 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-21
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:29:21 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مەزكۇر لىكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كىيىنكى ھاسىلاتلىرىم:

ياسىنجان توختى قايدۇ نىڭ بايانلىرىدىن:

*ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەت، توختىماي تىرىشىش، تىرىشىپ چىقىش يولى ئىزدەش ، ھەرىكەت قىلىش…
* ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم مەبلەغ بۇلىشى شەرت ئەمەس، ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەقسەت دەل مەبلەغ يىغىشتۇر…
*  مەكتەپتە ئوقىماسلىق ئادەمنىڭ ھاياتىدا ھىچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، ئەمما ئۇ ئادەم ھاياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ .
* ئىرىشىش ئۈچۈن چۇقۇم بەدەل تۆلەشكە  چىداش كېرەك .
* جاپاغا چىداپ كۈچلەنگەندىن كىيىنلا  ئاندىن ئادەم ئۆز كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بىمالال  قىلالايدۇ …



ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ بايانلىرىدىن:

* چاۋاك پەقەت ئىككى قولنىڭ ھەركىتى ئەمما ئۇ نۆۋىتىدە قوللاشنىڭ ، بىرلىكنىڭ ، ئىتىراپنىڭ ئىپادىسى.
* بىر ئادەمگە ئەڭ چوڭ ھەم زور  تەسىر كۆرسىتىدىغىنى دەل ئۇنىڭ ئانىسى.
* ياراتقۇچىنىڭ مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى بېرىشى بەلكىم سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەزىز نەزەرلىرىگە ئىلىندۇرماقتىكى سەۋەبىدۇر.
* ئاكتىپلىق ئۇ سىزنىڭ قىزىل پاچاقلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى روھىيىتڭىزدىكى ئۆزىڭىزنى يەڭگەندىكى غالىپلىقتۇر …ئەمما بۇ تەخسىكەشلىكتىن پەرىقلىنىدۇ…
* باشقا ئىشلارغا تىرىشمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ۋاز كەچمەڭ .
* ئادەم مەلۇم ئارزۇغا ئىگە بۇلىشى كېرەك ، ئەمما بۇ ئارزۇسى چۇقۇم ئۆز ئ‍ەمىلىيىتىگە ماس دائ‍ىرىدە بۇلىشى كېرەك .
* ئازغىنە قىيىنچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قاراپ ئالدىراپلا ۋاز كېچىش يولىنى تاللىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئەڭ چوڭ  ھوقۇق يەنىلا قولىڭىزدا ئۇ بولسىمۇ ياشاش ھوقۇقى …
* سىزنى ماڭغۇزالايدىغىنى يالغۇز ئىككى پۇتىڭىزلا ئەمەس.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaxmazulal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 10:30 AM  


بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6645 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:39:29 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مەن بۇ ئىككەيلەنگە قايىل. مىسرانىم ئەپەندىنىڭ بۈگۈنكىدەرەك ئىگىلىك تىكلىشى ئاسان قولغا كەلمىگەن. ئۇنىڭ خالىس نىيەت، بوشاشماس روھ، ئىزچىل تىرىشىش  ئىرادىسىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى مىسرانىمدىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك زور قوشۇن ۋە كۈچكە ئىگە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ سەركەردىسى، تور باشلامچىسىنى روياپقا كەلتۈردى. مىسرانىمنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.
ياسىنجان قايدۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنىمۇ رادىيودىن ئاڭلاپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا، مۈشكۈلات ئالدىدا بەل قويىۋەتمەس ئىرادىسىگە، ساخاۋىتىگە قول قويغانتىم.
   بۇلارنىڭ لېكسىيەسى قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ ھەزىم قىلالىغۇچىلار ئۈچۈن  ھاياتلىق دەستۇرى بولۇشقا مۇناسىپ!
  ئوغلانلار قەدرىنى قىلغان قېرىنداشلارغا تەشەككۇر. مىسرانىم، قايدۇلار تېخىمۇ نۇسرەت قۇچقاي.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6645 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:47:21 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئىرادىلىك ئەزىمەت ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەمىنە ئەركزات بۇنىڭدىن تۆت يىل مۇقەددەم  مىسرانىم ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقىچە سۆھبەت ۋە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن:

ئۇلىنىش ئادرېسى:

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-50469-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:08:36 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى لېكسىيە پائالىيىتى بولۇپتۇ. بولۇپمۇ ياسىنجان توختى ۋە ئابابەكرى مۇختارنىڭ سۆزلىرىدىن بەك تەسىرلەندىم.

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7705 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:19:55 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھەممىڭلارغا بەخت سائادەت يار بولسۇن.. مەن لېكسىيە ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ھەقىقەتەن ئىشنى سۆزگە ئايلاندۇرغاندىن، سۆزنى ئىشقا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق ھېس قىلدىم..  قوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:38:44 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
باشئەگىم نېمە دېگەن گەپ؟ مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:00:43 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھازىرقى ياشلىرىمىزغا بىر دەرىسلىك بولغىدەك ئىسىل تىما بولۇپتۇ. تىما ئىگىسى مارشال قېرىندىشىمىزغا رەھمەت! ياشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق مىسرانىم، ۋە ياسىنجان ئا كىمىزدەك نۇسرەت قازانغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا مۇھتاج!....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش