|
|
|
|
كۆنچى ۋادىسىدىكى نۇرۇز تەنتەنىسى
مارشال خەۋىرى
ئۇيغۇرلار-قەدىمدىن تارتىپلا ‹‹نۇرۇز››بايرىمىنى قۇتلۇق بايرام دەپ خاتىرلەپ كەلگەن.چۈنكى بۇ چاغ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بايرىمى بولۇپلا قالماستىن،ئۇمۇم خەلقىمىز زىمىستان قىشتىن خوشلىشىپ ئاپتاپنى ئارزۇلايدىغان،كۆكلەم باھارىنىڭ مۇقەدىمىسىنى كۈتۈۋالدىغان،ئۆز كەسىپ-ھۈنىرىنى،خىزمىتىنى راۋاج تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالغا ئىنتىلدىغان،ئەل-يۇرت ئارىسىدىكى ئىجىل-ئىناقلىقنى تەكىتلەيدىغان،بەختىيار ئەتىگە زور-ئۈمىد ئىشەنچ باغلايدىغان،ئېرىقلاردىكى باشلام سۈيى ئارقىلىق يېڭى يىللىق مايسىلار،گۈل-گىياھلار ئۈنۈپ چىقىدىغان ھالقىلىق پەيت. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەتىيازلىق كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن ۋاقىتنى ‹‹كۆكلەم پەسلى››باشلانغان كۈن دەپ قاراپ ‹‹نۇرۇز بايرىمى››دىن ئىبارەت كاتتا ئەنجۈمەن ئۇيۇشتۇرۇپ ئەل -يۇرتنىڭ ئىناقلىق،ئىتىپاقلىق،توقچىلىق،مەمۇرچىلىق ،تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۆتكۈزۈلدىغان چوڭ مەرىكىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شۇ ۋەجىدىن گۈزەل كۆنچى ۋادىسىدا 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمىيىتى،بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتى ،‹‹كىرۇران››ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تەشكىللەپ يېتەكلىشى بىلەن ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى تايانچ ئاپتۇرلار بولۇپ250كە يېقىن كىشى ‹‹ئاستانە چىمەنزارلىقى››غا جەم بولدى.
بۇ قېتىملىق كاتتا يىغىلىش ئۈچۈن دىيارىمىز باشئەگىمدە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىدا باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقان،800گە يېقىن ھەر مىللەتتىن بولغان ئىستۇدىنتلارنى ئوقۇتۇپ مائارىپنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇۋاتقان،دوڭشىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى پاتىگۈل خانىم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىغان بولۇپ،شىركەتتىكى ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى،ئادىلجان غېنى،‹‹كىرۇران››ژۇرنىلىدىكى ئەمەتجان مۇھەممەد كۆنچى،ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران قاتارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى،پۇختا تەييارلىق قىلىشى ئارقىلىق روياپقا چىققان پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئوبلاستىمىز تەۋەسىدە خەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيگەن،سۈيىدە ئاققان،مائارىپ ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان پىشقەدەم ئەدىب-ئۇستازلارنى مۇكاپاتلاش،2014-يىللىق ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن نامىدىكى ‹‹كىرۇران ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نى تارقىتىش،نۇرۇز بەزمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ تەربىۋى ئەھمىيتى زور،قاراتمىلىقى كۈچلۈك،ئەنجۈمەنگە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرگە ئويلىنىش ئېلىپ كەلگەن نۇرۇز تەنتەنىسى بولۇپ قالدى.بۇ قېتىملىق قۇتلۇق ئەنجۈمەنگە ئوبلاستىمىزدىكى قەلەمكەشلەردىن باشقا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەسقەر ياسىن،‹‹تەڭرىتاغ››ژۇرنىلىنىڭ مۇھەرىرى ئىمىر ھەسەن مەخسۇت،يازغۇچى-شائىرلاردىن ئابدۇۋەلى ئەلى،پەرھات تۇرسۇن،شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ،ئوبلاستىمىدىن چىققان ئۇيغۇر كارخانىچى ياسىنجان توختى قايدۇ،سەنئەتچىلەردىن زاھىر بۇرھان،تۇرسۇن شەيخ قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت زېرىش ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلىپ ئۆتتى.
پائالىيەتنىڭ 1-كۈن تەرتىپىدە دوڭشىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى پاتىگۈل خانىم بايىنغولىن ئوبلاست تەۋەسىدە پۈتۈن ئۆمرىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئەدىب-ئۇستازلاردىن مويدىن سايىت بوستانى،ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى،ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى،مەريەم ئەھەت،ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى،ئابدۇرشىد سابىت،پەرھات ئابدۇرېھىم،ئەخمەتجان ھەسەن دىنارى،سېتىۋالدى قادىر يېڭسارى،خالىدەم ئاتىك،ئايشەم سادىر قاتارلىق تۆھپىكارلارغا تەييارلىغان كۆڭۈل سوۋغىسىنى ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ بەردى.
پائالىيەتنىڭ 2-كۈن تەرتىپىدە ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن نامىدىكى 2014-يىللىق ‹‹كىرۇران ئەدەبىيات مۇكاپاتى››تارقىتىلدى.مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ھەم تارقىتىش جەريانى ھەققىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،‹‹كىرۇران ››ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى،شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
«كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئەدەبىيات-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئەزىز ئاتاۋۇللار سارتېكىن تەسىس قىلغان، ھەر يىلى 10000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش قارار قىلىنغان ئىدى. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گۇما ناھىيەسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن قاتنىشالمىدى. بۇ قېتىم 7 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 2000 يۈەندىن، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 1500 يۈەندىن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 1000 يۈەندىن مۇكاپات پۇلى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى نەق مەيدانغا تارقىتىپ بېرىلدى.
ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن نامىدىكى «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەر
1-دەرىجىلىك ئەسەر: 2 پارچە
دىلخۇمار ئىمىنجان غېرىب ھاياجان (شېئىر)
ئىلھام ئابدۇرەھىم قارا تۆش قوچقار (ھېكايە)
2-دەرىجىلىك ئەسەر: 2 پارچە
ھەلىمە تۇردى دەردىمگە دەۋا بارمۇ؟ (ھېكايە)
ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ «تارىم قەدىمىيەتلىرى»نىڭ ژانىرلىق خۇسۇسىيىتى ۋە بايان ئالاھىدىلىكى (ماقالە)
3-دەرىجىلىك ئەسەر: 3 پارچە
مۇھەممەت بارات تەشنائىي «مۆجىزى» رومانىنى قانداق يازدىم؟(ماقالە)
غەيرەت ئابىت قەشقەردىن قايتىش (شېئىر)
مەمتمىن تۇرسۇن ئىككى ساتىرا
پائالىيەتنىڭ 3-كۈن تەرتىپىدە ئوبلاستىمىزدىكى قەلەمكەشلەر ئۆزى تەييارلاپ كەلگەن شېئىر،مۇشائىرە-چاقچاق،نەسىرلەرنى نەق مەيداندا ئوقۇپ ئۆتتى.
بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان،دوڭشىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان يېتىلۋاتقان ياش شائىر ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى ‹‹قوي مەيلىمگە جان دادا››ناملىق شېئىرىنى ئوقۇدى ھەم خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى،دوڭشىڭ ئۆي مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى پاتىگۈل خانىمغا ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىققان ھۆسنىخەت ئەسىرىنى خىزمەتداش دوستى ئادىلجان غېنى بىلەن بىرلىكتە تەقدىم ئەتتى ھەمدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كۆڭۈل سۆزىنى ئىپادىلىدى.
قوي مەيلىمگە جان دادا
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
قوي مەيلىمگە جان دادا ياشاپ باقاي مەنمۇ بىر،
تۇرمۇش ئاتلىق قازاندا قايناپ باقاي مەنمۇ بىر.
يىگىت دېگەن جاپالاردا تاۋلانماستىن ئەر بولماس،
ئۆز-ئۆزۈمنى ئەر كەبى ساناپ باقاي مەنمۇ بىر.
نادانلىقتا يېگەن ئېشىم،ھېچ لەرزەتلىك تېتىماس،
ئىلىم ئىشقىدا تۈنلەردە،تۈنەپ باقاي مەنمۇ بىر.
ھېچ ئەجىرسىز يېشىممۇ يېتىپ قاپتۇ ئوتتۇزغا،
ئۆز ئورنۇمنى قايتىدىن تىكلەپ باقاي مەنمۇ بىر.
بىلىم دېگەن تۈگىمەس بايلىقكەن ئىنساننىڭ،
ئۇل بىلمىدىن ئۇچامغا تون ئارتىپ باقاي مەنمۇ بىر.
ساداق بولسۇن بىلگەنلىرىم خاتا باسقان قەدەمگە،
ئەۋلاد ئۈچۈن نەتىجە يارتىپ باقاي مەنمۇ بىر.
ئاتا سېنىڭ ئەجرىڭگە ئەل ئالدىدا مەردانە،
مەيدەڭگە شۇ گۈلللەرنى تاقاپ باقاي مەنمۇ بىر.
ھەق ئوغلاننى ئەل دېگەن قوللاپ قۇۋەت ئىتەركەن،
ئىجادىمنى خەلقىمگە ئاتاپ باقاي مەنمۇ بىر.
كەينىدىن ئۈرۈمچىدىن بۇ قېتىملىق قۇتلۇق نۇرۇز تەنتەنىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كەلگەن ئەل سۆيگەن خەلق سەنئەتچىلىرىمىزدىن زاھىر بۇرھان،تۇرسۇن شەيخ قاتارلىق ناخشىچىلار نەق مەيداندا ناخشا ئېيتىپ سورۇن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.نەق مەيداندا تەييارلانغان بارلىق نۇمۇرلار بارلىق سورۇن ئەھلىنى سۆيۈندۈردى.
ئاخىردا نۇرۇزلۇق ئەنجۈمەنگە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە 2015-يىللىق ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››غا ئاتاپ بىر پارچىدىن كىتاب،ئىككى پارچە ژۇرنال تەقدىم قىلىندى.بۇ قېتىملىق قۇتلۇق ئەنجۈمەنگە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ بولسۇن ھەم ئون نەچچە كۈن بۇ نۇرۇز تەنتەنىسىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ،زېھنىنى تەقدىم ئەتكەن ‹‹كىرۇران››ژۇرنىلىدىكى جاپاكەش مۇھەررىرلەر،دوڭشىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ تارتقان جاپاسىغا ھاردۇقى چىقتى.ئۆمرىدە نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چېكىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندەزور نەتىجە،ئۇتۇقلارنى قازانغان پاتىگۈل خانىمنىڭ كۆپنى ئويلىيالايدىغان،يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن نۇرۇز بايرىمىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ بۈگۈنكى كاتتا ئەنجۈمەننىڭ غەلبىلىك بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان خالىس پىداكارلىق روھىغا بارلىق سورۇن ئەھلى چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.ئىقتىسادنى مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلىشى،ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئەزىز يۇرتىنىڭ ئەتىسىگە تەقدىم قىلالىغان بۇ جەسۇر ئايالنىڭ ئىش-ھەركىتى جەمىيتىمىزدە روناق تاپقان ھەم روناق تېپىۋاتقان نۇرغۇن كارخانىچىلارغا ۋەزنى ئېغىر سوئالدىن بىرنى تاشلاپ قويدى،ئەلۋەتتە!...
شۇنداق قىلىپ كۆنچى ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام،ئەمگەكچىلەر بايرىمى،دوستلۇق-ئىناقلىق بايرىمى،ساۋابلىق بايرىمى،ئامانلىق بايرىمى،ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى كۆكلەم باھارى بايرىمى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە يېزىپ تاماملاندى(مارشال)
|
|
|
|
|
|