ئۈمىد غەنى زادى نېمە دېمەكچى؟!
ئويكار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئەزىز تورداشلار، پېقىر ئويكاردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام . ھەممىمىزگە ئايان يېقىنداتور ۋە ئۈندىداردا «ئۈمىد پاراڭلىرى» پىروگىراممىسى كەڭ تارقىلىشى بىلەن، كىشىلەرئۈمىد غەنى ۋە ئۇنىڭ لىكسىيەسى ھەققىدە قىزغىن بەس – مۇنازىرىگە ۋە تالاش –تارتىشقا چۈشتى . مەنمۇ بۇنىڭغا ئىزچىل دىققەت قىلدىم ھەم تولىمۇ قىزىقتىم . شۇڭا بۇ يەردە دوستلار بىلەن بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن .
مەن ئون يىل ئىلگىرىلا ئۈمىد غەنى ئەپەندىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدىكى سۆزلەش ئۇسلۇبى ۋە پىكىر – مۇلاھىزىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغانىدىم . ئۇيغۇرتېلېۋىزىيە ئېكرانىدا تەپەككۇرى مۇنداق ئۆتكۈر رىياسەتچىنىڭ چىققانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنىدىم. ئەنە شۇندىن ئېتىبارەن مەن ئۈمىد غەنى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم . بەش – ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا پىروففىسور ئابدۇرۇپ پولات سەنئەت ژورنىلىغا ماقالە يېزىپ، ماقالىسىدا ئۇنىڭغا «مۇتەپپەككۇر رىياسەتچى ئۈمىد غەنى»دەپ باھا بەرگەنىدى . مەن يەنە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۈمىد غەنىنىڭ مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارلىرىدا ئېلان قىلىنغان چوڭقۇر پىكىرلىك مۇلاھىزىلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن . ھەم مېنىڭ ئۈمىد غەنى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان دوستۇمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈمىد غەنى ئەپەندى بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . يېقىندا چىققان «ئۈمىد پاراڭلىرى» پىروگىراممىسىنىڭ ھەممە سانىنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم، ھەم تورداشلار يازغان ھەر خىل تالاش – تارتىشلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم .
مەن ئۈمىدغەنى ئەپەندى بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىدىن شۇنى ھېسقىلدىمكى، مەنچە ئۈمىد غەنى پەلسەپە، مەدەنىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بىر شەخىس . بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ، ئۈمىد غەنىنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە روسسلنىڭ «دۇنيا پەلسەپە تارىخى» دېگەن كىتاب ئۇنىڭ دائىملىق ئوقۇشلۇقى ئىكەن . ئاندىن ئۇ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدا 14 يىل ئىشلەش جەريانىدا مىڭغا يېقىن ئىجتىمائىي تېمىلاردا، ھەر بىر تېمىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلىرى بىلەن ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پۈتكۈل قاتلاملىرى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ۋە بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئىگە بولغان . بۇ ئەمەلىيىتى ئاساسىدا بېيجىڭغا بېرىپ مەخسۇس جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىۋىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئەمەلىي تونۇشى ئەڭ مول بىر جەمئىيەتشۇناس بولۇپ قالغان .
ئۈمىد غەنىبىر قېتىم ماڭا «ئويلاپ باقسام سانسىزلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئەڭ ئاخىرى بېرىپ مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە نەزەرىيەلىرىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن» دېگەنىدى . ئۇنداقتابۇنداق چوڭقۇر تونۇشقا كەلگەن بىر شەخىس ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۈمىد غەنى بۇھەقتە توختۇلۇپ ماڭا مۇنداق دېگەنىدى:«مەن 10 نەچچە يىلنىڭ ياقى خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىكى ياخشى ئىشلارنى سۆلەپ، ماختاپ بېرىپ ئالقىشقا ئېرىشىپتىمەن . ئەمدى مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نىگىزلىك نۇقسانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسئۇلىيىتىمنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن . بۇنداق قىلسام ماڭا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكىرى چىقىدىغانلىقى ئېنىق . بۇنى مەن ھېس قىلىپ تۇرىمەن . لېكىن مەن شۇ كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان ياخشى ھېسىياتىنى قۇربان قىلساممۇ، مەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسام بولمايدىكەن . ھازىرچە نۇرغۇن ئەل – ئاغىنە، دوست - بۇرادەر ھەتتا ئۇرۇق – تۇققانلىرىممۇ مېنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار مېنى كەلگۈسىدە چوقۇم چۈشىنىدۇ» دېگەنىدى . ئۇنىڭ لېكسىيەسى چىققاندىن كېيىن ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر خاتا چۈشەندى . ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئارقىدىن ھەر خىل سۆز – چۆچەكلەرنىمۇ قىلىشتى . ئۇنى بۇ ئىشلارنى نام چىقىرىش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ دېگەنلەرمۇ بولدى .
لېكىن مەنچە، بەزىلەر قەستەن گەپ تارقىتىپ خەقنىڭ ئىدىيىسىنى بۇراش ئۈچۈن ئېيتقاندەك، ئۈمىد غەنى ئارىمىزدىكى بىر قىسىم مەشھۇرسىراپ كەتكەن ياشلاردەك ئۇنداق تونۇلمايۋاتقان ئادەم ئەمەس . ھەم ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق نام قازىنىش خىيالىمۇ يوق . چۈنكى، ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇ 29 يېشىدىلا «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدىكى چوڭقۇر پىكىرلىك، يۇمۇرىستىك رىياسەتچىلىكى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا غۇلغۇلا قوزغاپ داڭ چىقارغان بىر رىياسەتچى . 14 يىلنىڭ ياقى ئىزچىل خەلقنىڭ ھۆرمەت ئالقىشى ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر شەخىس . ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە ئۇ ھەتتا نام – ئاتاقتىن زېرىكىپمۇ قالغان .
ئۇنداقتا ئۈمىد غەنى ئۆز لىكسىيەسىدە زادى نېمە دېمەكچى؟! مەن ئۇنىڭ «ئۈمىد پاراڭلىرى»پىروگىراممىسىدىكى لىكسىيەلىرىنى قايتا – قايتا ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۈپ ئىدىيەلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم . مەنچە ئۇ جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلىرىمىزنى، باللىرىمىزنى ھازىرقى دۇنيادا ئاساسىي يۈزلىنىش بولىۋاتقان يەرشالىشىشىش، دۇنياۋىلىشىش،زامانىۋىلىشىشقا چاقىرىق قىلماقتا . ئۈمىد غەنى يەنە ماڭا «مەن ياشاپ بولغانلارئۈچۈن ئەمەس، كەلگۈسىدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن گەپ قىلىمەن . بىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقىمىقىمىز ئاسان ئەمەس، ماڭا ئۇچرىغان نۇرغۇن ياشلىرىمىز 25 ياشتىن 30 ياشقىچە بىزنىڭ كىتابلىرىمىز ۋە جەمئىيەت تەربىيىىمزدە يوقتۇرىۋالغان تار رايون پىسخىكىسى ۋە ئىدىيە قاتماللىقى تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ، زامانىۋى جەمئىيەتكە ۋە ياكى كەسىپكە ھەقىقىي كىرىشەلمەي دەرھاللا قايتىپ كېلىپ نام چىقىرىشقا بېرىلىپ، ياخشى ئوقۇش پۇرسەتلىرى ۋە ياشلىق ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ . ئېينىشتىنمۇ ئىسرائىلىيەدە ئەمەس بەلكى گىرمانىيەدە ياشاپ، يەھۇدىلارنى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ئويلىيالىغاچقا بىر ئەسىر ياراتقان» دېگەنىدى . راست دېگەندەك، بىزنىڭ نۇرغۇن ياش - ئۆسمۈرلىرىمىز ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇش ۋە ياخشى تەرەققىيات شارائىتلىرىغا ئېرىشىۋاتىدۇ . ئەگەر ئۇلار كىچىكىدىنلا پۈتكۈل مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، پۈتكۈل مەدەنىيەتلەر بىرباغنىڭ گۈللىرى دېگەن تونۇشقا ئىگە بولمىسا كەلگۈسىدە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار ۋە شاللىنىشلارغا ئۇچۇرۇشى مۇمكىن . نېمە ئۈچۈن ئامىرىكىدا ئۈچۈنچى سىنىپنىڭ بىرئوقۇغۇچىسى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاشلىق مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە يازالايدۇ . مېنىڭچە ئۈمىد غەنىنىڭ ھازىرقى كاللىسى قاتمال، پاسسىپ رامكىلارنىڭ ئىچىدە قالغان زىيالىلار بىلەن ئىشى يوق . شۇڭا ئۇ ياشلارغا «ئۆزلۈك ۋە كىملىك دەۋالغان، كىشىلەرگە زامانىۋى گەپتەك تۇيۇلىدىغان تار ۋە قاتمال بۇ خىل ئىدىيەلەردىن قۇتۇلۇڭلار» دېمەكچى .
پۈتۈن يەرشارى بىر ئائىلە . شۇڭا قايسى يەردە يېڭىلىق يارالسا، مەدەنىيەت گۈللەنسە شۇيەردىن ئۈگىنىش بىر قانۇنىيەت . ئەينى چاغدا ئەرەپ پارىس رايونلىرى گۈللەنگەن شۇڭا بىز ھەممە نەرسىنى شۇلاردىن ئۈگەنگەن . شۇڭا ھازىر ٪70 سۆزىمىز ئەرەپ ۋە پارىسچە . 16 – ئەسىردە دەۋىر بۆلگۈچ ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ياۋروپادا بولغىنى راست . 18 – ئەسىردە دەۋىر بۆلگۈچ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ياۋروپادا بولغىنى راست . ھازىرقى پۈتكۈل تېخنىكىنىڭ غەرىپتىن كېلىۋاتقانلىقىمۇ راست . ئەمىسە بىزنېمىشقا ئۇلاردىن ئۈگەنمەيمىز؟ قارسام بەزىلەر ئۈمىد غەنىنى غەرىپپەرەس دەپتۇ، مەنچە شۇ گەپنى قىلغۇچىلار سېپى ئۆزىدىن جاھالەتپەرەسلەر، كاستۇم بۇرۇلكىنى كىيىۋىلىپ ئوتتۇرا ئەسىر ئىدىيىسىدە ياشىغۇچىلاردۇر . بىز تارىختاجاھالەتپەرەسلىكنىڭ زىينىنى ئاز تارتتىقمۇ؟ شۇڭا بىز ئىدىيىمىزنى توغۇرلىمايدىغان بولساق، ئۇ چاغدا مۇشۇ گەپنى قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشالماي ئۇلاردىنمۇ ئېغىر جاپالارنى تارتىشى مۇمكىن .
شۇڭا بارلىق دوستلاردىن كۈتىدىغىنىم، ئۈمىد غەنى ئەپەندىنىڭ تۈپ ئىدىيىسىنى توغرا چۈشىنەيلى . ئۇ «ئۈمىد پاراڭلىرى» پىروگىراممىسىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۇرغۇن تىل –ئاھانەتلەرگە قېلىشىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەنىلا خەلقىمىزگە چىن كۆڭلىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان مۇھەببىتى بىلەن ئاچچىق ئەمما بىزگە تولىمۇ پايدىلىق بولغان بۇ دورىنى بېرىۋاتىدۇ . شۇڭا مېنىڭ ئاخىرقى خۇلاسەم شۇكى، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ شارائىت پىسخىكىسى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۈمىد غەنىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىشىپ تاش ئېتىش، كەلگۈسى ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ ھاماقەتلىك، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىقتۇر !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 12:15 AM