مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11420|ئىنكاس: 105

شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدىكى يېڭى نۇرلىنىشلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98362
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 495
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 12:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدىكى يېڭى نۇرلىنىشلار


كىچىك سابىرى


ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار، سىلەر بىلەن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم پىكىرلىشىش پۇرسىتىگەئېرىشكىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن . ئۆزۈم تېلېۋىزىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقاچقىمۇ ۋە ياكى بۇ كەسىپكە بەك ئىشتىياقىم بارلىقىدىنمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ تېلېۋىزىيە ئىشلىرىغا ئائىت پاراڭ بولسا، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايمەن . بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدە يۈز بېرىۋاتقان يېڭىلىقلار مېنى يەنە بۇھەقتە ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى بايان قىلىشقا مەجبۇر قىلدى . شۇڭا ئويلىغانلىرىمنىدادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، دوستلار بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلەشسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن .
ھەممىمىزگەمەلۇم 1970 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى قۇرۇلغاندىن بۈگۈنگەقەدەر، بۇ ئورگان خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەشۋىقات ۋاستىسى بولۇپ كەلمەكتە . شىنجاڭ تېلېۋىزىيەئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلىمۇ ئەڭ دەسلەپ ھەپتىدە بىر قېتىم ئىككى سائەت ئەتراپىدائۇنۋېرسال پىروگىرامما كۆرسىتىشتىن، بۈگۈنكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى .مەن ئېسىمنى بىلسەم (1995-يىللىرىغۇ دەيمەن) كىشىلەر بەكرەك ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسى «سەنئەت ئەلبومى» پىروگىراممىسى ئىكەنتۇق . ياش تالانتلىق رىياسەتچى مۇنىرە غوپۇر ھەدىمىزنىمۇ ئەينى چاغدا مەن دەل ئەنە شۇ پىروگىراممىدىن تونىغان ۋە قايىل بولغان .  
ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يولغا قويۇلغان «تېلېۋىزوركۆرگۈچىلەر دوستى»، «كېلەر ھەپتىلىك ئېكراندا»، «تەڭرىتاغ گۈلزارى»، «ئالتۇنكۆزنەك»، «مۇنبەت تۇپراق»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «قانۇن ۋە پۇقرا»، «پەن ۋە مائارىپ»،«ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار»، «سەنئەت گۈلزارى»، «مەشرەپ»،  «شادلىق سەيناسى»، «تەلەي يۇلتۇزى»، «مەدەنىيەت بوستانى»، «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، «ناۋا» ... قاتارلىق پىروگىراممىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ مەيدانغا كېلىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى . يېقىنقى بىر قانچەيىلدىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يولغا قويۇلغان «بىر كىتاب بىرئالەم»، «ئېكران»، «يېڭى ناۋا»، «ھايات جىلۋىسى»، «ئىستىمال ۋە ساغلاملىق»، «ئىستىقبال سەھنىسى»، «گۈزەللىك سىزدە»، «دېھقانلار شادلىقى»، «ئېچىل داستىخىنىم»، «يېپەك يولى ساداسى» قاتارلىق بىر قىسىم ئۆزگىچە يېڭى پىروگىراممىلار كىشىنى تېخىمۇ خوشالقىلىدۇ . گەرچە بۇ پىروگىراممىلار يەنىلا دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، پىروگىراممىدايەنە بىر قىسىم چوڭ – كىچىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما، دادىللىق بىلەنبېسىلغان بۇ قەدەملەر ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئۆزىگە مۇناسىپ يېڭى سەھىپەئاچتى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇ پىروگىراممىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئاپتونومرايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىكومىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ۋە كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە .
ھەممىمىزگەمەلۇم ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە قانالدىن 6 سى بار . بىزدائىم كۆرىدىغانلىرى 2 -، 5 -، 9 – قاناللار . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى بۇ ئۈچ غوللۇق قانالدا ھازىر رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىۋاتىدۇ . رىقابەت قانچە كەسكىنلەشكەنسېرى ھەر قايسى قاناللار ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يېڭى – يېڭىنادىر تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە . بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئىقتىساد - تۇرمۇش قانىلىنىڭ (9-قانال) قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك . دېمىسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ھازىر «9-قانال كۆرۈش قىزغىنلىقى» يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . بۇ قىزغىنلىق 2013 – يىلى 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 9 –قانىلىدا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلۇشى بىلەن باشلانغان ئىدى . كېيىن ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلغان «ئىستىقبال سەھنىسى»، «گۈزەللىك سىزدە»، «ئېچىل داستىخىنىم»، «يېپەك يولى ساداسى» قاتارلىق نادىر پىروگىراممىلار ھەم تېخى يېقىندىلا قويۇلۇشقا باشلىغان ئابدۇكېرىم ئابلىز، خاسىيەت قۇربان قاتارلىق داڭلىق ئاكتىيورلار رول ئالغان «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» ناملىق ئۇيغۇرچە چوڭ تىپتىكى كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن بۇ قىزغىنلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد – تۇرمۇش قانلىنىڭ (9-قانال) ئىناۋىتى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى (2 – قانال) «بىر كىتاب بىر ئالەم» (ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، «كۆزنەكتىن كۆڭۈللەرگە» (ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، «مائارىپ» (ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، «بايقاش» ۋە «دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسىنى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو-تېلېۋىزىيە-تىياتىر قانىلى (5-قانال) بولسا «ئېكران» ۋە«جەلىپكار شىنجاڭ» پىروگىراممىسىنى ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يېڭىدىن تەسىس قىلىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نەتىجىلەر ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى(9-قانال) قولغاكەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا تۇراتتى .
ئۇنداقتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى (9-قانال) قانداق قىلىپ بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىدى؟ ئىگىلىشىمچە،  ئىقتىساد– تۇرمۇش قانىلىدا يولغا قويۇلغان بۇ پىروگىراممىلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى2012 – يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» ۋە «كىنو –تېلېۋىزىيە خىزمىتى ئىشخانىسى» تەسسىس قىلىپ، بازارلىشىش يولىغا ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويۇلغانىكەن . دېمەك بۇ ئەمەلىيەت بىزگە بازارلىشىش يولىغا مېڭىشنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم بىر يول ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى . چۈنكى بۈگۈنكى بازار دەۋىردە تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلرىنى سەۋىيىلىك ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ كۆرگۈدەك قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد ۋە ئىقتىساسلىقلار كېرەك . ھازىرقى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدابار بولغان چەكلىك مەبلەغ ۋە ئاز بىر قىسىم ئىقتىساسلىقلار بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ- ئەلۋەتتە . شۇڭا چوقۇم بازارلىشىش يولىغا مېڭىش ھەم جەمئىيەتتىكى ئىقتىساسلىقلارنى قېزىش كېرەك . ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ئاللىبۇرۇن بۇ يولغا مېڭىپ بولدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە يارىتىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمى ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى بولىۋاتىدۇ . بۇ تەرىپىنى تونۇپ يەتكەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتكومىدىكى رەھبەرلەر 2012 –يىلى بايا مەن دەپ ئۆتكەندەك تەدبىر قوللىنىپ، ئەڭ مۇھىمى بازارغا يۈزلىنىپ مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مېۋىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ . بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدە بارلىققا كېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى تازا دېگەندەك جارى قىلدۇرۇپ كېتەلمەيۋاتقان بىر قىسىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركەتلىرى باشقىدىن جانلىنىپ، بۇ جەھەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى (9-قانال) ئىستانسىسا رەھبەرلىرى بىلەن ماسلىشىپ بۇ خىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركەتلىرىگە ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى . يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد –تۇرمۇش قانىلى (9-قانال) شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى باشقا ئۇيقا ھالىتىدە ياتقان ئۇيغۇرچە قاناللارغا بۇ جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى چالدى . ئەنە شۇسەۋەپتىن يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى(2–قانال) ئۈرۈمچى LB مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پىلانلاپ ئىشلەۋاتقان، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسى «شېرىن چۈش»پىروگىراممىسىغا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو-تېلېۋىزىيە-تىياتىر قانىلى(5-قانال) بولسا شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى پىلانلاپ ئىشلەۋاتقان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسى «تالانت سەھنىسى» پىروگىراممىسىغا ئورۇن بېرىشكە مەجبۇربولدى . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئىككى قانالنىڭ كۆرۈش نىسپىتى تەسىرگە ئۇچىراپ، كۆرۈرمەنلەر توپىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. «شېرىن چۈش»، «تالانت سەھنىسى» قاتارلىق بۇ يېڭى پىروگىراممىلارمۇ پات يېقىندا كەڭ كۆرۈرمەن دوستلاربىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددى ئىشلەنمەكتە.
ئىشقىلىپ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدىكى ھازىرقى ئادىل رىقابەت، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىستانسىسا رەھبەرلىرىنىڭ دانا تەدبىرلىرى ئۇيغۇرتېلېۋىزىيە ئىشلىرى تەرەققىيارتىغا ئۆچمەس ئىزلارنى، يېڭى نۇرلىنىشلارنى ئېلىپ كەلمەكتە . بۇنى يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە . شۇڭا ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى بولسا يەنىلا قوللاش ۋە مەدەت بېرىش ! ئاخىرىدا بارلىق دوستلاردىن كۈتىدىغىنىم، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى پىروگىراممىلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايلى ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى ! ئۇلارمۇمەدەت ۋە قوللاشلىرىمىز ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، جەمئىيىتىمىزگە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشسۇن ۋە كەڭ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرسۇن !

2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

مەنبە : ئۆزۈم



(ئەسكەرتىش : ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا سالون ۋە تور بەتلەر قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ !)


http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 01:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ياڭرىتالىسا ئاندىن خەلىق قەلىب تۈرىدىن ھەقىقى ئۇرۇن ئالىدۇ،ھازىر پىرۇگىراممىلار بىرىدىن بىرى سارخىل بولسىمۇ خەلىقنىڭ كۈتكەن يىرىدىن خېلىلا يىراق،مەن ھازىرغىچە ئەسلىدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلىۋىزىيەسىنى سېغىنىمەن ، سەۋەپ ئېلاندىن مۇستەسنا قاناللىرىنىڭ بولغانلىقىدا،مانا مۇشۇنداق كەسىپلەشكەن،ئېلاندىن خالى قاناللارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ئەلۋەتتە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 01:46 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gvldvr + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
tuntaxvixi + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 01:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ۋائەلەيكۇم ئەسسالام

بۇ شۇئارىڭىزغا قوشىلىمىز ...شۇنداقلا سىلەرنىڭ ھەم ئۇيغۇر تىلىۋزىيىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئامانلىقىنى ،ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.

تېمىدا خەتنىڭ چوڭلىقى يەنى قۇر ئارلىقىنىڭ يىقىن بولىشى  تېمىنى ئۇقۇشقا سەل قولايسىزلىق ئىلىپ كەپتۇ ،كىلەر قىتىم دىققەت قىلغايسىز .

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 01:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام
دىمىسىمۇ ئىلان بەك كۆپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 01:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى تەھرىرلىدىڭلامۇ قانداق ،ئەمدى قولايلىق بوپتۇ

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93705
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 02:12:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىتاب بىر ئالەم پروگراممىسىنى يوقاتمايدىغان ئىش ئىدى.   

بىز سەنئەتچى خەق بولغانكىنغۇ توغرا چۈشەنمەيمىزمۇ ئەمدى.

ئەركيۇرت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 02:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسى ۋەزىپە ئورۇندايتتى .مانا ھازىر ھەرقايسى قانال گورۇپپىللىرى رىقابەتكە چۈشۈپتۇ .دىمەك ،رىقابەت تەرەققىياتقا ،خىرىسقا ئىرىشتۇرىدۇ .خىرىس قانچە كۈچلۈك بولسا ،پۇرسەت تىخمۇ كۆپ بولىدۇ .ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن پايدىغا ئىرىشىدىغانلار تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان كىرىمى ۋە شۆھرەتكە،ئىشەنچكە ئىرىشسە دىيارىمىز ئۇيغۇرچە قانال كۆرىدىغانلار مەنىۋى زوققا ئىرىشىدۇ .تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېلان توغرۇلۇق ئۇچراۋاتقان بىسىمىمۇ ئاز ئەمەس .ئەلۋەتتە دىيارىمىز،چۈملىدىن ئۇيغۇرچە قاناللاردىكى ئېلانلارغا بولغان قاخشاش بەك ئىغىر .مەنچە ئېلاننىڭ جىقلىقىدىن رەنجىمەيلى .رەنجىشكە توغرا كەلسە ،ئېلان ۋاختىنىڭ قويۇلۇش ۋاختىغا رەنجىسەك پىكىر بەرسەك بولىدۇ .
مىسال:
دىيارىمىز ۋاقتى:5:30---8:30گىچە بولغان ۋاقىتتا ،تەنتەربىيە،مائارىپ ،تەربىيىلەش ،كۈندىلىك تورمۇشقا ئائىت بولغان پاكىز ئېلانلار قويۇلسا بولىدۇ .چۈنكى بۇ ۋاقىت بالىلار چوڭلار  بىرلىكتە تىلىۋىزور كۆرۈش ئومۇملاشقان ۋاقىت .ئەمدى كەچ سائەت 10دىن كىيىن تىبابەت ،بىرقىسىم ساغلاملىق ،دوختۇرخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر توپىغا ماس كىلىدىغان ئېلانلار قويۇلسا .ئېلانلاردىن قىلىنغان كىرىم شۇ قانالنىڭ فىلىم سىتىۋىلىش كۈچىنى بەلگىلەيدۇ .دىمەك ،ئەگەر ئېلانلار مۇۋاپىق ھالدا كۆپەيسە ،ئېلمىي يوسۇندا قويۇلۇش ۋاقتى بىكىتىلسە .ئۇيغۇر تىلىۋىزىيەچىلىقىمۇ كۈچىيىدۇ .بۇنداق بولغان ،ئۆز تىلىمىزدىكى تىلىۋىزىيە تىياتىرىلىرى،كىنولار ئىشلەنسە تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ سىتىۋىلىپ تارقىتىش ئىشلىرىمۇ ياخشى بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 02:31 PM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 704 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 02:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تىلۋىزيە تىياتىردىن ئىلان بەك ئىسىل ، شۇنداق قىزىقىپ ئىلان كۆرىۋاتقاندا كىنو چىقىۋىلىپ ئادەمنىڭ پەيزىنى ئۇچىردۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3518
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 02:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ    ئادەتتە      ئۇدۇل   بېرىپلا      9-قانالنى  ئاچىمەن   ...     بەك  ياخشى    تىلۋىزىيە    تىيارتىرلىرىنى      بىرىدۇ  ..  لىكىن  شۇ        ئېلان  بەك  جىق   ....................

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1812
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 02:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تىلىۋىزىيە ئىستانىسىدا تۇرۇپ قاناللار ئارامۇ رىقابەتلىشىپ كىتىدىغان ئىش باركەن دىسە
مەنمۇ ‹‹يىپەك يۇلى ساداسى›› ئەمدى قۇيۇلىشغا  ‹‹تالانىت سەھىنىسى››،‹‹شىرىن چۈش››قاتارلىقلارپىروگىراممىلار قويۇلىدۇ دىگەن ئىلاننى كۆرگەندىن كىىيىن ‹‹ناۋا››،‹‹ئىستقبال سەھنىسى ››دىگەندەك شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈپ قۇيۇلغان پىروگىراممىلارنىڭ پايدىسى خېلى چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم،دىگەندەك تېما ئىگىسى بازارلىشىشنىڭ ئۆنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى دەپتۇ.ئەمەليەتتە بۇ خىل پىروگىراممىلار  ئىچىكىرى ئۆلىكلەرنىڭ ياكى چەتئەللەرنىڭ قاناللىرىدا مودا بولغان پىروگىراممىلار،ئۇيغۇرچىدە بۇنداق پىروگىراممىلار يولغا قۇيۇلسا ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق پىروگىراممىسى بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كۆرىدۇ دە لىكىن سەنئەت تۈرىدىكى پىروگىراممىلار بەك كۆپ بوپ كەتسىمۇ كىشلەر ھەزىم قىلىپ بۇلالماسلىقى مۇمكىن،مېنىڭچە  پەن مائارىىپ تۈرىدىكى پىروگىراممىلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ شۇخىلدىكى پىروگىراممىلارنىڭمۇ كۆرۈلۈش نىسپتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە ئىزدىنىپ باقسا بۇلاتتى.
يەنە تەرجىمە فىلىملەرنىڭ تاينى قالمىغاندەك ھىس قىلۋاتمەن،بولمىسا ئىچىكىرىنىڭ قاناللىرىدا شۇنداق ياخشى فىلملەر قۇيۇلىدىكەن،بىلمىدىم رادىئۇ تىلۋېىزىيە تەرجىمە مەركىزىمىزنىڭ ئىش پىرىنىسپى قانداقكىن،نەدە ئادەم كۆرمىگەن فىلىملەرنى قۇيىدىغان بوپ قاپتۇ،2012،2013ئىچىكرىنىڭ قاناللىرىدا بەس بەستە قايتلاپ قۇيۇلۇپ باشقا تېلۋېزىيە تىياتىرلىرىغا ئۇرۇن بەرمىگەن،ئائىلە ئاياللىرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرشىگە ئىرىشكەن چىڭ سۇلالسى فىلمى ‹‹جىن خۇەن ھەققىدە قىسسە››دىگەن فىلم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ، مەنمۇ ھەر تەتىلدە ئۆيگە بارغاندا ئاپام خەنچە قانالنى ئېچىۋېىلىپ شۇ فىلمى تۇلۇق چۈشەنمسىمۇ كۆرۈپ چۈشەنمىگەن يېرىنى مىنى تەرجىمە قىلغۇزۇپ مەن يە بەزى ئاتالغۇلارنى بىلمەي قاچان ئۇيغۇرچىدا قۇيۇپ مىنى بىر ئازاد قىلىۋىتە دەپ كەتكەنتىم،ئاڭلىشمچە كىيىن ئۇيغۇرچىسدە بىرىپتۇ لىكىن مۇشتاق بىر فىلمىنى شىنجاڭ تېىلۋزىيە تەرجىمە مەركىزنىڭ يەكەن ناھىيىلىك تىلىۋىزيە ئىستانىسغا تاشلاپ بەرگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم،يەكەن ناھىيلىك تىلىۋىزىيە ئىستانىسى راسىت يامانكەن،شۇنداق پىرسۇناژلىرى كۆپ،قسىىم سانى ئۇزۇن فىلمىنى ئۆزىنىڭ ناھىيلىك تىلىۋزىيە ئىستانسىلىقىغا باقماي خېلى يامان ئەمس تەرجىمە قىپتۇ،بىلمدىم بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسنىڭ كۆرۈلۈشى قانداق بۇلدىكىن، شىنجاڭ تىلىۋىزيىسى ئۆزى تەرجىمە قىلىپ ئىشلگەن بولسا سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بۇلۇشى مۇمكىنىتى لىكىن ‹‹بۇ ئائىلىگە قاراڭ››دىگەن فىلىم راىست ياخشى ئىشىلنىپتۇ،گەرچە شىنجاڭ تىلىۋىزىيسى فىلىم ئارسىغا ئىلان قىستۇرماسىلىق دىگەن پەرمانغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ ئۆزىمزنىڭ فىلمى ئىشىلنىپ قۇيۇلىدىغان ئىش بولسا ئىلان قستۇرسىمۇ ھېچقىسى يوق

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش