سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارىنىڭ داۋالىنىش سەپىرى
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى- بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى،رولىنى يوقىتىش، قاتارلىق بۆرەك مەنبەلىك كېسەللىك بولۇپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ئەخلەت ماددىلارنىڭ بۆرەكنىڭ تازىلىشى ئارقىلىق چىقىپ كېتەلمىگەن سەۋەبلىك, يېنىك بولغاندا پۈتۈن بەدەن سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، ئېغىر بولغاندا بىمار ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان، داۋالاش بىرقەدەر قىيىن بولغان كېسەللىك.
غەرب تېبابىتىدە بۇ خىل كېسەللەرنى قاننى تازىلاش ئارقىلىق قاندىكى زەھەر سۈزۈپ تازىلىنىپ خەتەردە قالغان بىمارنىڭ ھاياتى ۋاقتىنچەقوغداپ قىلىنىدۇ. ئۈنۈملۈك دورىسى يوق. قان تازىلاش دەماللىققا بىمارنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالالىغان بىلەن ئۇنى داۋاملاشتۇرغاندا بىمار ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز. چۈنكى ھەر قېتىملىق قان تازىلاشتا قاندىكى پايدىلىق تەركىبلەر زەھەر بىلەن بىرگەتازىلىنىپ چىقىرىۋېتىلگەندىن سىرت قان بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىغان بولغاچقا سوۋۇغان قان بۆرەكنى سوۋۇتۇپ بۆرەكنى تېخىمۇ زەئىپلەشتۈرۋېتىدۇ.
شىنجاڭ ئەلدوست بىيوتېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ جەھەتتە ئوزۇقلۇق بىلەن ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، تۆۋەندەبىمارنىڭ داۋالىنىش جەريانىدىكى كۆرۈلگەن ئەمىلى ئەھۋاللار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇۋە بىمارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر، نەتىجەقانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈلىدۇ. بىمارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇش بىمارنىڭ رازىلىقى بىلەن بولغان شۇڭا ئىسمى، سۈرەت، ئادرېسلىرى ھەقىقىي.
دىل مەمەت غوجەھمەت،32ياش غۇلجا توققۇزتاراناھىيە تاشتۆپە يېزا يېڭى تام كەنت 2-گۇرۇپپا ئەزاسى
بىمار 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 10- كۈنلىرىدىن باشلاپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 12-كۈنىدىن باشلاپ قان تازىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ 2015-يىل 1- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە جەمى 15 قېتىم قان تازىلاتقان. 30-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركىتىمىزگە كېلىپ داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلغان.
2015-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بىمار شىركىتىمىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىدىكى ( ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇدۇلىدىكى) ئەرلەرساغلاملىق مەركىزىدە داۋالاشنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان.
بىمارنىڭ 31- چېسلا داۋالىنىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى:بوي ئېگىزلىكى 170 سانتىمېتىر،
ئېغىرلىقى 66 كىلوگىرام. ئۆلچەنگەن قان بېسىمى215-135 . 31- كۈنىگىچە سۈيدۈك كەلمىگىلى ئۈچ كۈن بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىداتەكشۈرتكەن قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى
شۇ كۈنىبىمار داۋالىنىپ چىققاندىن كىيىن ئېغىرلىقى 67 كىلو گىرام كەلگەن بىمار خېلى كۆپ تەرلىگەنبولسىمۇ سۈيدۈك كەلمىگەن. ئىچكەن ئوزۇقلۇقچايلىقى كۆپ بولغاچقا ئېغىرلىقى ئاشقان. قان بېسىمى 170-100 . قان بېسىمى روشەن چۈشكەن.
بىمارنىڭ كىيىنكى ئەمىلى ئەھۋالى نەتىجىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر مۇنبەرگە مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئەينەن يوللىنىپ تۇرىلىدۇ.
ئەۋىلى ئاللا ئاندىن قالسا كۆرسەتكەن سەۋەپلەر باناسىدا بىمار ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئاللاھتىن بۇ بىمارغا شىپاھلىق تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KURAX.JAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 11:35 AM