ئاددى سۈرەت تەھرىرلەش ئۇسۇلى
بىلىدىغىنىم كۆپ بولمىسىمۇ، بىلگىنىم بويىچە بەزى ئاددى بولغان، سۈرەت تەھرىرلەش ئۇسۇلىىنى تونۇشتۇرغۇم كىلىپ قالدى. يېڭى ئۇگەنچىلەر ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپلىرى يىتىپ قالار.
تارتىلغان مەنزىرە سۈرەتلىرىنى ئەڭ ياخشىسى تەھرىرلىمىگەن تۈزۈك، ئەمما ھەرخىل سەۋەپ تۇپەيلى بەزى سۈرەتلەر تۇتۇق چىقىپ قالىدۇ. بىر جاپالارنى تاتىپ تارتقان سۈرەت مۇشۇنداق چىقىپ قالسا ئۆچۈرۈشكە كۆڭلىڭىز قىيمايدۇ، ئىشلىتەي دىسىڭىز ئەسلى. مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ‹‹ياخشى ئىدى›› دەپ قارىغان سۈرەتلەرنى ئاز-پاز تەھرىرلەپ قويسىڭىز، بەلكىم بىر ياخشى ئەسەر بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.
تۆۋەندە ئاددى بولغان ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. photoshop نىڭ سۈرەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى بولۇپ، ھەر تۇرلۇك ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆزلىگەن ئۇنىمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا قىزىققۇچىلار ئۆگۈنىپ قويۇشقا تېگىشلىك.
بۇ سۈرەتكە ئوبدان قاراڭلار ۋە كىيىنكى ئۈنىمىگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار.



مۇشۇ كۆزنەك ئېچىلغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن قارا شۈمۈرگۈچنى تاللاپ، سۇرەتتىكى ئەڭ قارا بولغان جاينى تېپىپ مائۇسنى بىر چىكىڭ، ئاندىن كىيىن ئاق شۈمۈرگۈچنى تاللاپ سۈرەتكە نىسبەتەن ئاق بولغان جاينى تېپىپ، مائۇسنى بىر چىكىڭ ۋە مۇقىملىسىڭىز ئاستىدىكى سۈرەت ئۈنىمىگە ئىرىشىسىز.


ياكى بولمىسا يۇملاق قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئېلىنغان ئاق ۋە قارا سۈرگۈچ ئارقىلىق مۇۋاپىق دەپ قارىغان نوقتىدا توختۇتۇپ مۇقىملىسىڭىزمۇ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئىرىشەلەيسىز. ئەمما رەڭ ئۇنۇملىرى ئالدىنقىسىغا يەتمەيدۇ.

بۇ ئاپتوماتىك نۇر تەڭشەش كونۇپكىسى بولۇپ، بۇ كونۇپكىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
يەنىلا ئالدىنقى تەڭشەش ئۇسۇلىغا قارىغاندا بىرىدىغان ئۈنىمى سەل توۋەن.


دىنا توي گىرىم توي سۇرەتچىلىگىدىن. ئۇيغۇن.