ئىزلەپ كەلدىم قەبرەڭگە ئانا 
ئاپتۇرى : مەرىپەت ئوغلى
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،    
پۇرىۋالاي،سۆيىۋالاي ئوتلۇق ھېدىڭنى.  
قىنىۋالاي،باغرىم ياقاي مېھرىڭگە ئانا،    
ئوغلۇڭ كەلدى،ئاچ قوينۇڭنى،ئىللىق بېغىڭنى.  
ئىزلەپ كەلدىم سېغىنىشتا قەبرەڭگە ئانا ،  
دىدارىڭغا مېھىر بىرىپ سىنى كۆرەي دەپ.   
ئانا كەتتىڭ،ئۆيىمىزدىن جەننەتمۇ كەتتى،   
بەختىم ئىدىڭ،جۇدا بولدۇم سىنىڭدىن ئەجەپ.
  
ئىزلەپ كەلدىم باغرىڭسىراپ قەبرەڭگە ئانا ،  
قۇچاقىڭدا ئەللىيىڭنى يەنە ئاڭلاي دەپ . 
چۇقان باستى ئالەمنى ھەم قەلبىمنى پىغان،   
جەننەت كەبى مېھرىڭنى سېغىندىم ئەجەپ.    
ئىزلەپ كەلدىم سىمايىڭنى قەبرەڭگە ئانا ،   
غەمسىز كۈنۈم بىر چۈش كەبى بولدى ئۆتمۈشلەر.    
ئانا دىدىم،سەن يوق لىكىن ئاڭلاندى ئۆيدىن،    
تۆت تام ئارا ئاۋازىڭ ھەم ئىللىق كۈلۈشلەر.    
ئىزلەپ كەلدىم ھىجرانىڭدا قەبرەڭگە ئانا ،  
جۇدالىقتا كۆيدى قەلىبىم ،دىلىمدا  يارا.  
ئۆزۈڭ <<يۈسۈپ>> دەپ ئىسمىنى تەۋەررۈك قىلغان ،   
نەۋرەڭ كەلدى،كۆزۈڭنى ئاچ جانىجان ئانا.
    
ئىزلەپ كەلدىم دۇئا قىلاي قەبرەڭگە ئانا ،    
مېھرىڭ بىلەن قەلبىم گۈللەر-ئۈنچىگە تولسۇن.    
ھەر دەم سۆزۈڭ سۆيگۈڭ بىلەن ھەمرادۇر ماڭا.  
جانىم ئانا،ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن.   
ئاپتۇر خوتەن قاراقاش ناھىيە ئۇرچى يىزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە.
/thread-100960-1-1.html    
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 01:29 PM