ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا.
مەرىپەت ئوغلى.
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،
پۇرىۋالاي،سۆيىۋالاي ئوتلۇق ھىدىڭنى.
قىنىۋالاي،باغرىم ياقاي مېھرىڭگە ئانا،
ئوغلۇڭ كەلدى،ئاچ قوينۇڭنى،ئىللىق بىغىڭنى.
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،
دىدارىڭغا مېھىر بىرىپ سىنى كۆرەي دەپ.
ئانا كەتتىڭ،ئۆيىمىزدىن جەننەتمۇ كەتتى،
بەختىم ئىدىڭ،جۇدا بولدۇم سىنىڭدىن ئەجەپ.
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،
قۇچاقىڭدا ئەللىيىڭنى يەنە ئاڭلاي دەپ .
چۇقان باستى ئالەمنى ھەم قەلبىمنى پىغان،
ئوغلۇم دىگەن سۆزۈڭنى مەن ئاڭلىماي ئەجەپ.
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،
چۈشتەك غەمسىز ئۆتكەن كۈنۈم بولدى ئۆتمۈشلەر.
ئانا دىدىم،سەن يوق لىكىن ئاڭلاندى ئۆيدىن،
تۆت تام ئارا ئاۋازىڭ ھەم ئىللىق كۈلۈشلەر.
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،
سىغىنىشتا كۆيدى قەلىبىم ،دىلىمدا يارا.
ئۆزۈڭ يۈسۈپ دەپ ئىسمىنى تەۋەررۈك قىلغان ،
نەۋرەڭ كەلدى،كۆزۈڭنى ئاچ جانىجان ئانا.
ئىزلەپ كەلدىم بۈگۈن يەنە قەبرەڭگە ئانا ،
مېھرىڭ بىلەن قەلبىم گۈللەر-ئۈنچىگە تولسۇن.
ھەر دەم سۆزۈڭ سۆيگۈڭ بىلەن ھەمرادۇر ماڭا.
ئەلۋىدا ،ئانا ئورنىڭىز جەننەتتە بولسۇن.
ئاپتۇر خوتەن قاراقاش ناھىيە ئۇرچى يىزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە.
2013-يىلى.10-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-10 07:57 PM