مېنى سەن بىۋاپا دەيسەن، ئۆزەڭ قانچە ۋاپا قىلدىڭ،
ئەجەپ گەپقۇ، نىمىشقا بۇ ئاھانەتنى ماڭا قىلدىڭ.
لىۋىمدىن مەي بېرەي، گۈلدەك ئېچىلغىن دەپ مېنى ئالداپ،
سېلىپ جىسمىمغا تەشنالىق، يۈزۈمنى كەھرىۋا قىلدىڭ.
ماڭا سەن گۈل تاقايمەن دەپ ۋەلىكىن ئاتتىڭ ئازغاننى،
بۇ قانداق گۈل تاقاش بولدىكى، باغرىمنى يارا قىلدىڭ.
كۆتەرگەيمەن بېشىمدا دەپ لاپ ئۇرغانتىڭ(كۆتەرمەي قوي)
مىنىپ گەجگەمگە ئەكسىچە "ئىلىپ"قەددىمنى"يا"قىلدىڭ.
مۇھەببەتنىڭ موھىم شەرتى ئەمەسمۇ تەڭ-باراۋەرلىك،
مېنى نىچۈن ساناپ داڭگال، ئۆزۈڭنى بىباھا قىلدىڭ.
ۋاپانىڭ مەنىسى تەتۈر ئىكەن سەن ئوقۇغان باپتا،
ئەمەس بولسا، نىمىشقا مەن ۋاپا قىلسام، جاپا قىلدىڭ.
جاھاندا تۇتىيانى ھىچ كىشى كۆرمەپتىكەن زادى،
گويا سەنمۇ ۋۇجۇدۇڭدا ۋاپانى تۇتىيا قىلدىڭ.
ساڭا ياغدۇرسا ئەل نەپرەت تېشىنى، ماڭا دۆڭگەمسەن،
مۇھەببەت رەسمى ئالدىدا ئۆزەڭ سانسىز گۇنا قىلدىڭ.
سېنىڭدىن شۇنچە بىزار بولغۇنۇمنى كۆرمىگىن مەندىن،
ئامالىم يوق، بۇ ئەھۋالغا مېنى سەن مۇپتىلا قىلدىڭ.