تېيىپجان ئېلىيۇپ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى بايراقدار ئۇستاز شائىرلىرىرىمىزدىن بىرى بولۇپ ‹‹تۈگىمەس ناخشا››،‹‹مەيلىمۇ››،‹‹زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار››،‹‹ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى››ناملىق بىر تۈركۈم داڭلىق شېئىرلىرى بار.شائىرنىڭ بۇ شېئىرى مەن 1987-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئەدەبىيات دەرسىمىزدە بار ئېدى.بىز ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى ئۆگەنگەندە ئۇنى ئۈلگە قىلغان ئېدۇق.ئەپسۇسكى بۇ ئۇلۇغ شائىرىمىز ئىككى يىلدىن كېيىن(1989-يىلى )قازا قىلىپ كەتتى.مەن شۇندىن بېرى بۇ غەزەلنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن يېرىمى دېگۈدەك ئېسىمدە قالغان بولۇپ گۈزەل پاساھىتى بىلەن شائىرغا بولغان ھۆرمىتىمنى،ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىمنى قوزغاپ تۇراتتى.يېقىندا ياشلارغا سۆزلەيدىغان بىر تەشۋىقات لېكسىيەرىمدە بۇ غەزەل كېرەك بولۇپ قېلىپ ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىدىم.توردىنمۇ تېپىلمىدى.كىتاپلاردىنمۇ تېپىلمىدى.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ‹‹ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىكى››(كېيىن تۈزۈتۈلۈپ ھازىر يولغا قويۇلغان نۇسخا)دىمۇ يوق ئىكەن.مەن مائارىپچى دوستلار كىيۇ كىيۇ توپىدىكى دوستلاردىن بۇ شېئىرنى تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ‹‹تەشنا›› ناملىق توردىشىم ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ،كومپىيۇتېردا ۋورد ھۆججىتى قىلىپ ئۇرۇپ ماڭا ئەۋەتىپ بەردى.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ دوستىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
‹‹ئىزدە››تورىدىن شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە تەرجىمىھالىنى ئىزدەش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى تېيىپجان ئېلىيۇف ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تور دۇنياسىدا ھەقىقەتەن ئاز ئىكەن.شائىرنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى تەۋەرۈك قىلىپ ساقلىغان دوستلار بولسا بوش ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن.ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە نامىنى ئۆزلىرى ئەجىر قىلىپ ساقلاپ قالمىسا باشقا كىشىلەر ساقلىشىپ بەرمەيدۇ.
ۋەتەنھەققىدە غەزەل
تىيىپجان ئېلىيوف
ۋەتىنىم،تۇققان ئېلىم، جۇڭگو- ئۇنىڭ پەرزەنتىمەن،
مېھرىگە جىسمىم بىلەن، ئىشقىم بىلەن پەيۋەندىمەن.
مەشئىلىمىز پارتىيەم- رولچىم مېنىڭ يولچىم مېنىڭ ،
توي بىلىپ ئات سالىمەن ئۇ باشلىغان ھەر جەڭگە مەن.
شۇ قۇياشلىق دەۋرىمىزدىن تاپتى ئەل، چوڭ شان- شەرەپ،
ئىپتىخارىم: شۇ زامانغا كۈيچىمەن،سازەندىمەن.
شۇ مۇھەببەت، شۇ مەشئەلسىز،شەرەپسىزدۇر بىر مىنۇت ــ
ياشىسام جەننەتتىمۇ دەيمەن: «دوزاققا بەندىمەن».
تارىخىم بار شان- شەۋكەتلىك، ئانا تۇپراق قامۇسى،
مىڭ كىتابلىق دەرس ئالارمەن ھەر ۋاراق كۆرگەندىمەن.
شۇ ئۇلۇغ تارىخقا ۋارىس، بولمىسام ئۆمرۈم بويى،
ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى، بولسام تىرىك، شەرمەندىمەن.
بۇ ئۇلۇغ تۇپراق چېڭى، گويا كۆزۈمگە تۇتىيا،
چۆلىدە يۈرسەم ئۆزۈمنى سېزىمەن گۈلشەندە مەن.
سۇلىرى ئابىھايات، كەۋسەر خىجالەت ئالدىدا،
نە ئۈچۈن موھتاج بولاي، خۇشتار بولاي زەمزەمگە مەن.
نەگە بارسام ئۆز ئانام قوينىدا مەن، ئۆگەي ئەمەس،
مەيلى خوتەن، مەيلى يەكەن، مەيلى تەيخاڭشەندە مەن.
ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم،
ئۆز ئېلىمدە يايرىغاي كىيسەم كۇلاھى جەندەمەن.
مەنىداش- قەھرىگە قەھرىم، كۈلكىسى كۈلكەم مېنىڭ،
قايسى غەمدە بولسا ئۇ، مەنمۇ ھامان شۇ غەمدە مەن.
سانچىلارمەن تىغ بولۇپ،كىم ئۇنىڭغا قىلسا قەست،
دوستىغا دوستلارچە ھەردەم، بولىمەن ھەمدەمدە مەن.
راھىتى تۇرماق، مۇشەققەت، پەيتىمۇراھەت ماڭا،
دادلىسام راھەتئارا، تۇزكور بولۇپ ئۆلمەمدىمەن!
كويىقاپقا قارشى ماڭغان پەھلىۋان ئوغلى تۇرۇپ،
قۇترىغان تەتۈر قۇيۇنلار نوقۇسا تەۋرەمدىمەن.
بەختى كۈلمەكتە ۋەتەننىڭ، ئەتىمىز ئاندىن گۈزەل،
تۇرسا ئۇ بەرگەن كۆزۈم، شۇ ئەتىنى كۆرمەمدىمەن.
ئۆز نەسىۋەمدەك قۇچاقلايمەن شۇ بەخت رەناسىنى،
ئاسرىغاچقا مەنمۇ جۇتلاردىن ئۇنى مەيدەمدە مەن.
شۇ ۋىسالدىن رىشتە ئۈزگەنلەرنى ئۇچراتسام شۇ چاغ،
نېمە دەر ئىغۋاسىنى سالسام يۈزىگە شۇندا مەن.
بەختىيارمەن «مېھرىبانئوغلۇم» دېسە مېنى ئانام،
تاپقۇدەكمەن بۇندىنئارتۇق قايسى بەختنى ئەمدى مەن.
بىر ئۆمۈر قوينىدا تەر تۆكسەم، ئۇنى قىلسام رىزا،
نە ئىمىشتۇر بىر ئۆمۈر، مىليون ئۆمۈر خۇرسەندە مەن.
ئۆلمىدى دەڭلار مېنى، ئۆلسەممۇ ياتسام كۆز يۇمۇپ،
شۇ ئانا تۇپراقتا قېزىلغان ئەزىز قەۋرەمدە مەن.
يۈكلىگىن يۈكنى ئانا، مەن تاڭشۇرۇلغان تۇلپىرىڭ،
سەن ئۈچۈن يۈكلەشكە رازى تاغنىمۇ يەلكەمدە مەن.
بار ئۈچۈن سەن مەنمۇ بار، سەنسىز ھاياتىم يوق مېنىڭ،
چۈنكى مەن سېنىڭ بىلەن بىر جاندا مەن، بىر تەندە مەن.
1962-يىل، ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 10:43 PM