بۈگۈن 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى
ناھىيە بىلەن 25 كىلومىتىر كىلىدىغان قاقاسلىقتا ، ئېتىز تۈزلەپ ، قىر ياساپ ، دىگەندەك 70 كە يېقىن خىزمەتداشلىرىم بىلەن ، كالىدەك ئىشلەۋەتساق ، تۇيۇقسىز جۇباجى كەلگەندەك توپا بېسىپلا ، توپا ،چاڭ -توزانلار ئەدەپ كەتتى . باشلىقنىڭ كۆزىگە قۇم كىرىپ كەتكەن چېغى چىدىماي ئارام ئارام دەپ ۋارقىرىۋەتتى ، باللارغا كەتمەن چېپىش ئېغىر كەلگەن چېغى ، ئارام دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ھامانلا، ھۇررا ساداسى بىلەن بىر بىرىمىزگە پۇتلۇشۇپ ، كىم كىمنى دەسسىدى بىلمەيلا ، موتونىڭ يېنىغا يۈگۈردۇق . ئۈچ مىتىر نېرىدىكى يولنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، مەنمۇ يولنى كۆرەلمەي سېزىمغا تايىنىپ موتونىڭ سۈرىتىنى ، 60 تا ھەيدەپ ھېندىستان ھېكايە فىلىمى ، قانلىق ئېنتىقام دىكى شانكار ئوبرازىنى شۇنچىلىك چىرايلىق يارىتىۋەتتىم .
.gif)
دۆڭلەردىن ئۇچۇر ھالقىپ ، ماشىنلارنى يانداپ ئاخسا مېڭىپ
.gif)
مانا ھازىر ئارامغا قۇيۇپ بەرگەچ ، تالاغا چىقسام ما يالغان چېچىم ئۇچۇپ كىتىپ ئەتە ئىشقا بارغۇچە تازلارغا خاس بوپ قالماي دەپ قوقتۇم ، شۇڭا ئۆيدىن تالاغا چىقماي كومپىيۇتېردا ئويۇن ئويناپ ،مۇنبەر ئارلاپ ، كىنو كۆرۈپ دىگەندەك ئۆرە تۇردۇم . گىلەمدىلا ئولتۇراي دىسەم تېخى ، ئۆيدە لىق مىھمان بار ئورۇندۇق يىتىشمەي ، ياتاق ئۆيۈمدىكى ئورۇندۇقنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپ يامان بولدىغۇ ماڭا .