|
|
|
|
دوكتۇر بىلگەجان بېيجىڭدىكى ئىستۇدىنتلار بىلەن سۆھبەتتە
ئادىتىم بويىچە ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنى ئارىلاۋېتىپ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئاكىنىڭ بەكتۇر تورىدا قالدۇرغان ئۇچۇرىنى ئۇچراتتىم ۋە بەكلا خۇش بولدۇم. خېلى ئۇزۇندىن بېرى بۇ ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىنى تورلاردا كۆرۈپ ،قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن سۆيۈنۈپ ھەم كۆپ ئىلھام - رىغبەتكە ئېرىشكەن بولسام ،بەكتۇر تورىدىكى بۇ ئۇچۇر ئەمدى يۈز-تۇرانە ئۇچرىشىش مۇمكىنلىكدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. لېكىن ئاكىمىزنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاقتى بەك قىس، لېكسىيە،زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلار بەك كۆپ .شۇنداق بولسىمۇ يازغان ئىلختىمگە جاۋاپ قايتۇرۇپ ،رەت قىلماي كەلگەنلىكى مېنى ۋە باشقا بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتقان قېرىنداشلارنى كۆپ خۇشال قىلدى.
ئەسلى بۇ دىدار-غەنىمەت دەملەرنى چىڭ تۇتۇپ،30-40تەك سۇئال تەييارلاپ ،بۇ ئاكىمىز توغرىسىدا ئىمكانقەدەر كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى،كۆپ نەرسىلەرنى سورىۋېلىشنى ھەم پۈتكۈل جەرياننى سىنغا ئېلىپ خاتىرە قالدۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن.لېكىن مەۋسۇم بېشىدا مەكتەپ ئەمدىلەتىن ئوقۇش باشلىغان ،ئاكىمىزنىڭ ۋاقتى جىددىي ھەم قىس ،مەكتەپنىڭ ياخشىراق يىغىن زالىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرەر ھەپتە بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلگەچكە ،ئاخىرى ئاددى بىر دەرسخانىغىلا ئورۇنلاشتۇردۇق.ئىلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان ۋاقىت پەيشەنبە(9-ئاينىڭ 11-كۈنى)،9-ئاينىڭ 12-كۈنى(جۈمە) چۈشتىن كېيىن ئاكىمىز بېيجىڭغا چۈشتى .ئاندىن كېيىن تېلىڧۇندا ۋاقىت ۋە ئورۇننى كېلىشتۇق . ئاكىمىز دەم ئېلىپ
شەنبەكۈنى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش -ئۇچرىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولدى.ئەتىسى ،يەنى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتىپىمىزگە كەلدى. بىر كۈن ئىچىدە بىزمۇ بەك كۆڭۈلدىكىدەك تەييارلىق قىلىپ بولالمىدۇق.مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش،ئاپپارات(تېلكامرا) تېپىش،تونۇش -بىلىش بالىلار ئۆز-ئارا خەۋەر قىلىشىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئاران ئۈلگۈردۇق.ئوبيكتىپ شارائىت-ئىمكانىيەت،ۋاقىتقا كۆرە خەۋىرىنى ئالالىغان قوشنا مەكتەپلەردىكى قېرىنداشلار بولۇپ 60-80ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئاكا بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق.بۇ جەرياندا ئاكىمىزنىڭ ئوچۇق-يورۇق خۇشخۇي مىجەزى، ئاپتاپپەرەستەك تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان چىرايى،جانغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم ئۇچۇر بىلىملەرنى ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە كەچۈرمىشىگە باغلاپ ،ئاددىي يۇمۇرىستىك تىلدا قىزىقارلىق قىلىپ يەتكۈزۈشى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
خەلقئارا ئىلىم مۇنبەرلىرىگە چىققان،تايلور تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ ئاكىمىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر دەرسخانىسىدا ،ناھايىتى ئاددىي بىر مۇنبەر ئالدىدا ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن شۇ قەدەر يېقىن ،كىبىرسىز ھالەتتە مۇلاقەتتە بولىشى ؛سورىغان سوئاللارغا ئەتراپلىق ،قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر مەنبەسىنى قىستۇرما قىلىشى سورۇن ئەھلىگە بەكمۇ ياقتى.ئەپسۇس،ۋاقىت قىس،تەييارلىق پۇختا بولماسلىق، تەجرىبىسىزلىك تۈپەيلى تولۇق جەريان سۈرەتكە ئېلىنالماي قالدى. سۈرەتكە ئېلىنغان قىسمىمۇ سۈزۈك،ئۇچۇق چىقالمىدى،ئەپۇ قىلغايسىلەر. تۇرسۇنجان بىلگە ئاكىمىزغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت.ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش، زىيالىيلىق بۇرچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىدە ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرەلىگەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.يازمىلىرىنى سېغىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز،لېكسىيەلىرىنى يەنە كۆپلەپ ئاڭلاشقا تەقەززامىز! يەنە بىر قېتىم كۆپ رەھمەت
تەييارلىغۇچى:ئىسمائىل مۇھەممەت
1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا كەلگەن ۋاقىتتا،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى<<مەدەنىيەت بوستانى>>پىرۇگراممىسىدا زىيارەت قىلىنغان فىلىم:
|
|
|
|
|
|