ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئارقىسىدىكى چوڭ دۆلەتلەر قورشاۋ شاھمىتى
يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-13
5-نۆۋەتلىك «دۇنيا مۇنبىرى» خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يىغىنى 8-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى ياۋروپا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى -جاڭ سۈيخۇڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ماھىيەتتە، چوڭ دۆلەتلەر ئوينىغان قورشاۋ شاھمات ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. مۇلاھىزىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
بىر يىلدىن بۇيان ئۇكرائىنا كىرىزىسى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى. بۇنىڭ سەۋەبى -دەل كىرىزىسىنىڭ ماھىيەتتە چوڭ دۆلەتلەر ئوينىغان قورشاۋ شاھمات بولغانلىقىدا. يارىنى ساقايتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل-يىرىڭنى سىقىپ چىقىرىۋېتىشتۇر، قان چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھازىرقى مەسىلە يىرىڭ چىقىپ بولغاندىن كېيىن قاننىڭ داۋاملىق ئېقىشى بولۇپ، قاناش توختىمايۋاتىدۇ، بۇ دەل ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى تۈگۈن.
يەنە بىر جەھەتتىن ، ئەگەر ئۇكرائىنا قانسىراۋاتىدۇ، دېسەك، كېيىنچە روسىيەدىنمۇ قانسىراش بولامدۇ؟ روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رافلوف ئىلگىرى: غەرب ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبلىك روسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، لېكىن بۇ قورشاۋ شاھماتتا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىنمۇ قانسىراش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇ قورشاۋ شاھمات ئوينىغان ھەر قايسى تەرەپنىڭ ھېسقايسىسى چېكىنەلمەسلىكى مۇمكىن، دېگەنىدى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئوينىغان قورشاۋ شاھمات ئىكەنلىكىدە ئىككى ئالاھىدىلىك بار: بىرى، قورشاۋ شاھمات ئىزچىل تۈردە كۈچ دائىرىسى ۋە ئاجىز رايوننى ئايلىنىپ ئوينىلىۋاتىدۇ. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، كىرىزىس ئالدىدىكى ئۇكرائىنا مەيلى ئىچكى سىياسەت، مەيلى دىپلوماتىيە جەھەتتە بولسۇن، ئاساسىي جەھەتتىن بىر خىل تەكشىلىكنى ساقلاپ كەلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇكرئىنا غەرب بىلەن روسىيە ئارىسىدىكى بىر ئاجىز رايون.
يەنە بىرى، بۇ بىر مەيدان سىممېتىرىك بولمىغان، تەكشى بولمىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋ شاھمىتى. نۆۋەتتە ئۇكرائىنا كىرىزىسى رايون مەسىلىسى بولسىمۇ، تەرەپلەر ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشنى خالمايدۇ، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭدا ئومۇمىي تەسىر مەۋجۇت.
ھازىر روسىيە بىلەن غەربنىڭ قورشاۋ شاھمىتىدا غەرب روسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ كۈچىدە تەكشىسىزلىك كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ تېگىپلا كەتسە، ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ دەل قورشاۋ شاھماتنىڭ سىممېتىرىك بولمىغانلىقى، تەكشىسزلىكنىڭ ھەمدە قورشاۋ شاھماتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب.
بۇ بىر مەيدان قورشاۋ شاھماتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئومۇمىيلىققا ئىگە. روسىيەگە نىسبەتەن، مەيلى مانېۋىر، مەيلى ئۇچۇر، ئاخبارات، مۇلاھىزە ئۇرۇشى بولسۇن، ھەممىسىنى بىر خىل ئىستېرىئولۇق، ئومۇمىيلىققا ئىگە قورشاۋ شاھمات شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قورشاۋ شاھماتتا بىر قىسىم يېڭى قائىدىلەرمۇ پەيدا بولدى، بولۇپمۇ يەر شارىلاشقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بار.
ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسىگە قارايدىغان بولساق، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى خىل ئاقىۋەت مەۋجۇت: بىرى، مەنپەئەتكە ئېرىشىپ مەيداندىن ئايرىلىش . يەنە بىرى، ئويۇننى ئوينىماسلىق. لېكىن ئۇكرائىنانىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىپ ئويۇندىن چېكىنىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئامېرىكا قورشاۋ شاھماتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت، ئىستراتېگىيەلىك ئىنكاسى ئىنتايىن تېز، ھەرىكەت ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئامېرىكا مەنپەئەتكە ئېرىشىپ مەيداندىن ئايرىلسا، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەر ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئارىسدىلا ئايلىنىپ، يېڭى ئوت پىلتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.