ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى
جاڭ ۋېيشىڭ
نۆۋەتتىكى يەر شارى جەمئىيىتى «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى»دا تۇرماقتا، بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشى بۇرۇنقى توپ-زەمبىرەك ۋە ئىسسىق ئادەم قېنى بىلەن تولغان ئەنئەنىۋى ئۇرۇشقا ئۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ، يەنى بىرىنچى قېتىملىق يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە ئىقتىساد ئۇرۇشىدۇر!
ئۇرۇش قوزغىغۇچى: ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى شېرىكلىرى.
ئۇرۇش ئوبيېكتى: رۇسىيەگە زەربە بېرىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى باستۇرۇش!
ئۇرۇش نىشانى: رۇسىيەنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىش ھەمدە پۇتىننى تەختتىن چۈشۈرۈش! بىرلا ۋاقىتتا، يېڭىدىن گۈللەنگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پەيدا قىلىشتۇر.
ئۇرۇش ۋاسىتىسى: بۇ قېتىم ئۇلار يېڭى ساھە: ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلىنى تاللىدى!
ئۇرۇش مەيدانى: يەر شارى پۇل-مۇئامىلە بازىرى (تاشقى پېرېۋوت، ئالتۇن، نېفىت، پاي چېكى، چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار)
ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇرۇشىتىكى ئىستراتېگىيەلىك لايىھەسى ۋە تاكتىكا مەشغۇلاتى ھەققىدە تەھلىل:
ئامېرىكا بۇ قېتىم رۇسىيەگە، يېڭىدىن گۈللەنگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، 2010-يىلى ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان، 2012-يىلى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇش باسقۇچىنى باشلىغان، 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ ئۇرۇش يۇقىرى باسقۇچقا كىرگەن...2015، 2016-يىلى يەرشارى كەسكىن ئۇرۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ...
كونكرېت قەدەم-باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى قەدەم: ئالدى بىلەن ئالتۇنغا زەربە بېرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى مەبلەغ سېلىش بانكىسى گولدمان بانكىسى ئەڭ ئالدىدا ماڭماقتا.
ئۇرۇش نىشانى: دۇنياغا نەزەر سېلىپ باقساق، ئامېرىكا دوللىرى جاھاننى سورىماقتا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنى كۆزگە ئىلىپ قويمايدۇ، ئالتۇنلا ئۇنىڭ بىردىنبىر دۈشمىنى.
ئالتۇننى بوغۇش! پەقەت ئالدى بىلەن ئالتۇننى بوغۇپ تۇرالىسا ئاندىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
شۇڭا، بىرىنچى قەدەمدە ئالتۇننى باستۇرۇش ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئالتۇن باھاسى ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدا بولمىسا، ئامېرىكا دوللىرى كۈچلىنەلمەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ باشقا كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىمۇ يولغا قويغىلى بولمايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئالتۇنغا زەربە بېرىشتەك بۇ بىرىنچى قەدىمىگە ھازىر باھا بەرسەك نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، 2012-يىلدىن باشلاپ ئالتۇننى تۆكمە قىلىپ ساتتى، 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ قىزىقتۇرۇش شەكلىدىكى تۆكمە قىلىپ سېتىش تاكتىكىسىنى قوزغاتتى، مەقسىتى يەر شارىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە قارىتا ۋەھىمە پەيدا قىلىش.... 2013-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جامائەت پىكىرى قورالىدىن پايدىلىنىپ يەر شارى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يەر شارى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى ئالتۇنغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلىدى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تاكتىكا يۈرگۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
بىردىنبىر كەتكۈزۈپ قويغان يېرى ئۇلار 2013-يىلى ئەمەلىي ئالتۇننى ساتقاندا، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچلۈك توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى! ئامېرىكا، ياۋروپا ساتقان ئەمەلىي ئالتۇننى جۇڭگولۇقلار سېتىۋالدى...
ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ تاشلاپ، ئاندىن تۆۋەن باھادا قايتۇرۇۋېلىش ئىدى...
بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيە خاتالىقىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە كاشىلىسىنى كۈچلۈك قوزغاتتى (يەنى ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسىدىكى زور مىقداردىكى ئالتۇن باھاسى كەلگۈسىگە ئالاقىدار ناچار جامائەت پىكىرى تەشۋىقاتى)، ئەمما بۇ چاغدا ئۇلار زور مىقداردىكى ئەمەلىي ئالتۇن ئارقىلىق زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، شۇڭا ئۇلار خۈدۈكسىرەپ قالدى، ئالتۇن زاپىسى كۆپ ئەمەس.
ئامېرىكىنىڭ «ھاۋا ئارمىيە» تەشۋىقاتى تاكتىكىسى 2013-3014 يىلى ئارىسىدا يەنىلا نىسبەتەن ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتى، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىساد پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ئۇلارنىڭ يېتەكلىشىدە ئالتۇنغا ئومۇميۈزلۈك يامان كۆزدە قاراشقا باشلىدى...
ئامېرىكا پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئامېرىكا دوللىرىنى كۈچلەندۈرۈش تاكتىكىلىق ھەرىكىتىنى باشلىدى، ئالتۇننىڭ كاشىلىسى بولمىغانلىقتىن، بۇ نىسبەتەن ئاسان يولغا قويۇلدى.
بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئادەم ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرگەن ئامېرىكا پاي بازىرى ھازىرمۇ پۈن دۇنيا مىقياسىدا يۇقىرى مەرتىۋىدىكى ۋارىسنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا موھتاج...، تاكتىكىلىق ئۇسۇلى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى ئۆرلىتىدىغان ئامال بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتۇن قوبۇل قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كاپىتالنى ئامېرىكا دوللىرى ئىچىگە سۈمۈرۈپ كىرىپ، ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېتىپ، ئامېرىكا پاي بازىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتۇر...!
بۇ چاغدا، كۈچلۈك ئاشقان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۆلىشىدە ماس قەدەم تېخىمۇ چوڭ دۆلەت ئىستراتېگىيە نىشانى: رۇسىيە رۇبلىسىغا زەربە بېرىش! نېفىتكە زەربە بېرىش! رۇسىيە ئىقتىسادىنى تەلتۆكۈس يىقىتىش! پۇتىننى تەختتىن چۈشۈرۈش! نى يولغا قويغىلى بولىدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا 2013-2014 يىللىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ئېكسپورتىنى تېزلەتتى، ئامېرىكىنىڭ 2014-يىلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيادىكى ئەسلىدىكى بىرىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئېشىپ كەتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ئەسلىدە بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلار بولۇپ، ئۇلارپ پەقەت ئامېرىكىغا ئەگىشىپلا ماڭىدۇ. شۇڭا 2014-يىلى 11-ئايدىكى OPEC يىغىنىدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئولتۇرۇپمۇ «مەھسۇلاتنى ئازايتىپ باھاغا كاپالەتلىك قىلىش» پىكىرىدە بىرلىككە كېلەلمەسلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
ئامېرىكا ئۇلارنى «مەھسۇلاتنى ئازايتىپ باھاغا كاپالەتلىك قىلىش»تا بىرلىككە كېلىشىگە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس! بولمىسا رۇسىيە ئىقتىسادىغا قانداق زەربە بېرىدۇ؟ پۇتىنغا قانداق زەربە بېرىدۇ؟
بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا بۇ قېتىم مال-مۈلكى ۋە دەسمايىسى بىلەن رۇسىيەگە، پۇتىنغا زەربە بەردى! قانداقسىغا OPEC تىكى بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويسۇن؟
نېفىت باھاسىغا زەربە بېرىشنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق: دەل رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپ، سىرتقى قىسىمدىن رۇسىيە ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ جان تومۇرىنى قىسىشتۇر!
بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا باشقا جەھەتلەردىن يەنە ئاز دېگەندە ئۈچ شېرىكىنى ياردەمگە چاقىردى:
بىرىنچىسى گېرمانىيە: گېرمانىيە ئەسلىدە ئۈچ يىل ئىلگىرىلا ئامېرىكىدا ساقلىغان ئالتۇن زاپىسىنى قايتۇرۇۋالماقچى ئىدى.
ئەمما بۈگۈنگە قەدەر گېرمانىيە پەقەت %5 ئالتۇن زاپىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ شەخسىي كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، ئۇ ئالتۇنلارنى ئامېرىكا ئالتۇن باھاسىنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتمەكچى...
ئىككىنچىسى فرانسىيە: ئەسلىدە رۇسىيە بىلەن توختام تۈزگەن، ياساپ بولغان ھەربىي پاراخوتنىمۇ رۇسىيەگە بەرمىدى! بۇ رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈندۇر...
ئۈچىنچىسى ياپونىيە: ئۇرۇشنىىڭ ئەڭ ھەل قىغلۇچ پەيتىدە، يەنى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ياپونىيە يېنىنى زور دەرىجىدە كۇرسىنى چۈشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى، ياپونىيە يېنىنىڭ كۇرسىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ زور دەرىدە ئېشىشى ئارقىلىق رۇسىيە رۇبلىسىغا زەربە بېرىدۇ. ياپونىيە دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ يامىنى، ئامېرىكا نېمە دېسە شۇنى قىلىدۇ!
ئامېرىكا ئىستراتېگىيە خاتالىقىدا تۇرماقتا، تۆۋەندىكىدەك كۆپلىگەن يوچۇقلار مەۋجۇت:
بىرىنچى: گوللاندىيە پېشقەدەم كاپىتالىزم دۆلىتى، پۇل-مۇئامىلە سەزگۈسى يۇقىرى، بۇ ئۇرۇشتا كىمنىڭ ئۇتۇپ كىمنىڭ ئۇتتۇرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتقۇسى يوق. شۇڭا ئۇلار ئامېرىكىدا ساقلىغان 122 توننا ئالتۇنىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ كېتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن ئۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى!
ئىككىنچى: رۇسىيە كۈچلۈك جەڭچى، پۇتىن سالماق تاقابىل تۇرىدۇ! ئالتۇننى ئەسەبىيلەرچە سېتىۋېلىشقا باشلىدى، سەن مېنىڭ رۇبلىيىمغا زەربە بەرسەڭ، مەن ئالتۇن سېتىۋېلىپ سېنىڭ ئامېرىكا دوللىرىڭغا زەربە بېرىمەن! دېگەندەك قىلماقتا.
پۇتىن ئاساسىي جەھەتتىن ئىرادىگە كەلدى: رۇسىيە بۇ قېتىم ئۆز دۆلىتىنىڭ ئازراققىنە ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىمۇ كېرەك قىلمىدى، ھېچنېمىنى ئايىمىدى! پەقەت ئالتۇن بولسىلا بولدى، ئالتۇننى چەتئەلگە قارىتا ھەل تۆلەشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھازىر زىيادە كۆپ ئامېرىكا دوللىرى ساقلىسا، مۇبادا ئامېرىكا جازالاپ توڭلىتىپ قويسا، ئېھتىمال چاتاق تېخىمۇ چوڭلاپ كېتىشى مۇمكىن!...
بىرلا ۋاقىتتا، رۇسىيە ئىسيانچى ئۇكرائىنانىڭ كانىيىنى سىقتى! بىر تەرەپتىن قورال، پۇل، ماددىي ئەشيا چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە ئاممىسىنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشىنى قوللىدى، بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنانىڭ ئىلگىرى تۆلىمىگەن تەبىئىي گاز پۇلىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، «ئامېرىكا دوللىرى بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ، بىۋاسىتە ئالتۇن بەرسەڭ بولىدۇ!» دېدى.
بولمىسا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا قىشتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن تەبىئىي گاز بەرمەيدۇ! پۈتكۈل ئۇكرائىنالىقنى قىش پەسلىدە توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ!
ئۇكرائىنا ئەجەل دوقمۇشىدا مەجبۇرلاندى، ھازىر ئۇكرائىنانىڭ ئالتۇنىنى رۇسىيەگە بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
ئۈچىنچى: ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر يوچۇقى بار، مىننەتدارلىق بايرىمىدىن ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە كرىزىس كۆرۈلدى، نىگېرلار ئىش تېرىدى! غەيرىي يېزا ئىگىلىگىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى! ئامېرىكا دۆلەت ئىچى ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئىچكى مالىمانچىلىقتىن ئەڭ قورقىدىغانلىقىنى ھەممە كىم بىلىدۇ!
تۆتىنچى: ھاۋارايىمۇ ئامېرىكىغا ياردەم قىلمايدۇ، ھاۋانىڭ شىددەتلىك ئۆزگىرىشى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسىمدا مەسىلىنى چوڭايتىۋېتىدۇ، ئاتالمىش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ تەسلىشىدۇ...!
بەشىنچى: ئامېرىكا لايىھەلىگەن پۈتكۈل ئىستراتېگىيەدە تۇيۇقسىز بىر تاكتىكىلىق قاراقۇ يوچۇقى كۆرۈلدى:
يەنى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى شۋېتسارىيە ئالتۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويدى، ئەگەر شۋېتسارىيە ئالتۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش ماقۇللانسا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇ ھامان پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلەتتى!
ئامېرىكا مىننەتدارلىق بايرىمىدىن كېيىن پەقەت يېرىم كۈنلۈك سودا ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسىنى كونترول قىلىشنىڭ ۋاقتى، تەننەرخىنىڭ ئەڭ كىچىك بولىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلدى! شۇڭا، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇن ئوقىنى ئىشلىتىپ، ئالتۇن باھاسىنى چۈشۈردى!
ئامېرىكا ئالتۇن باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشۈشى ئارقىلىق شۋېتسارىيەنىڭ ئالتۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولدى، 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشنىڭ شىددەتلىك چۈشۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلار تاكتىكىدا يەنە غەلىبە قىلدى!
ئالتۇن-كۆمۈش باھاسى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، شۋېتسارىيەدە ئالتۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشنى قوللايدىغان ئامما بېرىپ بېلەت تاشلاشقا خىجىل بولدى، لېكىن، ئالتۇنغا قارشى تۇرىدىغانلار خۇشال ھالدا بېرىپ بېلەت تاشلىدى...شۇڭا بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇنقى خەلق رايى تەكشۈرۈشتىن كۆپ چوڭ بولدى.
ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە پىسخىك ئۇرۇشى تاكتىكىسىنى قوللىشى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!
ئالتىنچى: ئەمەلىيەتتە شۋېتسارىيەنىڭ ئالتۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشى مەيلى ماقۇللانسۇن ماقۇللانمىسۇن، شۋېتسارىيە ئالتۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويغاندىن كېيىنكى تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ...
ئالدى بىلەن: گېرمانىيەدە پەيدىنپەي تەۋرىنىش كۆرۈلۈپ، گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ خەلق رايى ئامېرىكىدىكى ئالتۇننى قايتۇرۇپ كېلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.
فرانسىيەدىمۇ دەرھال ئوخشاش خىلدىكى پىكىر ئېقىمى كۆرۈلۈپ، سىياسىي پارتىيە ئالتۇننى فرانسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش تەكلپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەگەشكۈچىسى ئەنگلىيەمۇ ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ...
يەتتىنچى: ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ئىستراتىيەگلىك يوچۇقى بولسا ئۇلار رۇس مىللىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالدى، پۇتىننىڭ كۈچلۈك ئىرادىسىنى سەل چاغلاپ قالدى.
رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى ك گ ب دىن بولغان پرېزىدېنت پۇتىن ئاسانلىقچە يېڭىلىپ قالمايدۇ...ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شېرىكلىرى ئۇنى سەل چاغلاپ قالدى...
سەككىزىنچى: ئەمەلىيەتتە، ئەڭ مۇھىم ئەجەللىك يوچۇق بولسا: ئامېرىكىغا ئامراق بولغىلى 100 نەچچە يىل بولغان تەڭرى بۇ قېتىم ئامېرىكا تەرەپتە تۇرمايدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ئىپلاس ئىشلارنى بەك كۆپ قىلىپ كەتتى!
قىززىقمىكەن، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشى يۈز بەرمەكتە...
جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى سىياسىئونلار، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كاللىسى بۇرۇنلا ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىقتىساد بىلىمى ۋە نەزەرىيەسى تەرىپىدىن تەلتۆكۈس يۇيۇلۇپ كەتكەن، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلىسى ھامان ئۇلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدۇ.
بۇ چاغدا توغرا ئۇسۇل بولسا: قولدىكى ئامېرىكا زايومىنى زور مىقداردا سېتىۋېتىش، بىرلا ۋاقىتتا زور مىقداردا ئالتۇن سېتىۋېلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا زەربە بېرىشىنى قوللاش، ئامېرىكىنى ئاجىزلىتىش كېرەك!
ئۇلارنىڭ كاللىسىغا سۇ كىرىپ كەتكەن، كىم دۈشمەن، كىم دوست ئېنىق ئايرىيالمايدۇ...ئۇلار تۈزگەن بارلىق ئىقتىسادىي سىياسەت ئاساسىي جەھەتتىن چەتئەل مەبلىغىنى چېكىندۈرۈۋەتتى، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىغا ياردەم قىلىپ ئىقتىساد ئۇرۇشى، پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە زەربە بەرمەكتە!
شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بولسا، بۇ قېتىمقى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە ئىقتىساد دۇنيا ئۇرۇشىدا 2015 ۋە 2016-يىلى ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
مەنبەسى: مالىيە-ئىقتىساد ئىچكى ماتېرىياللىرىدىن ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى.