مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Erqal-Media

ئىران نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى توسماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19964
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 10:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مادۇرو نېفىت باھاسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ۋەزخانلىق قىلدى
خەلقئارادا نېفىت باھاسى سىجىل چۈشۈۋاتقاندا، ۋېنېسۇئېلانىڭ زۇڭتۇڭى مادۇرو يېقىندا ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق نېفىت ئېكسپورت ئەللىرى تەشكىلاتى (OPEK)نىڭ ئەزا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىشىنى ئۆتۈنگەن. مادۇرو يەنە بۇ يىلنىىڭ 1-پەسلىدە ئېچىلغان OPEK باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا، نېفىت باھاسىنىڭ ھەر بىر تۇڭىنى 100 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدىگە قارىغاندا، مادۇرو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شاھزادىسى سالمان بىلەن 11-يانۋار سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان. مادۇرو OPEK تىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىپ، ماي باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.
مادۇرو سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى ئىراندا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئىككى تەرەپ دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈپ كېتىشنى توسۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. روھانى مۇنداق دېگەن:« نېفىت باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز تەۋرىنىپ كېتىشى پۈتكۈل دۇنيا بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى، شۇڭا بىز نېفىت باھاسىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك». مادۇرو مۇنداق دېگەن: «ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئىران OPEK ۋە روسىيە ئۈچۈن نېفىت باھاسىنى كونترول قىلىش كېلىشىمىنى تۈزۈپ بېرىشى كېرەك».
روسىيەدىكى «كومسومول ھەقىقىتى گېزىتى» نىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋرىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:[ بۇلتۇر ئىيۇندىن باشلاپ، نېفىت باھاسى %55 چۈشۈپ كەتتى. بۇ ۋېنېسۇئېلا،ئىران قاتارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەرگە ئېغىر زەربە بولدى». تەھلىلچىلەر مۇنداق دېگەن:« ئالجىرىيە، ۋېنېسۇئېلا ۋە ئىران ھازىر بىر تەرەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنە بىر تەرەپ بولغاچقا، نېفىت مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان مەيدان تۇتۇۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پۇل زاپىسى مول، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئازايتسا، باشقا ئەللەرنىڭ ئۆزىنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشنى خالىمايۋاتىدۇ».
ۋېنېسۇئېلادىكى ئالىم كېننېت رامىرېس مۇنداق دېگەن:« يەر شارى نېفىت ئېھتىياجى ھالسىزلاندى. مادۇرونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىشى نەتىجە بەرمەيدۇ، چۈنكى ھازىرقى ۋەزىيەتتە تەمىنات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن. ۋېنېسۇئېلادىكى ئۆكتىچى پارتىيەمۇ مادۇرونىڭ ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى «ھەشەمەتلىك ساياھەت»، ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن دۆلەت ئىچىدىكى بازار تەمىناتى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسە بولمامدۇ، دەپ تەنقىدلىدى».
مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.

ھايات - كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19964
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 10:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ يېڭى خەۋەر : خەلقئارا نىفىت باھاسى يەنە چۈشۈپتۇ:
http://news.bashlan.com/finance/23969.html

ھايات - كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش