|
|
|
|
ئىران بىلەن ۋېنېزۇئېلا بىرلىشىپ نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى توسماقچى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
بۇ ھەپتە خەلقئارا نېفىت باھاسى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە بىر قېتىم چوڭ ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە ئىران بىلەن ۋېنېزۇئېلا بىرلىشىپ OPEC نى نېفىت باھاسى چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ئۆتكەن ئالتە ھەپتىدە OPEC قا ئەزا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيت قاتارلىق ئۈچ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، ئىران بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ بۇ قېتىملىق پوزىتسىيەسى يۇقىرىقى دۆلەتلەر بىلەن ئىنتايىن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى.
ئىراننىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئالىي رەھبىرى ھامېنىي (Khamenei) ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو (Nicholas Maduro) بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۈشمەن» لەرنىڭ نېفىت باھاسىنى سىياسىي قورال قىلىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى دۈشمەن كۈچلەر پىلانلىغان سىياسىي قىلتاق» دەپ كۆرسەتكەن.
غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ OPEC قا ئەزا بىر قانچە دۆلەتنى زىيارەت قىلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى—بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مادۇرو «بىز OPEC قا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، باھا مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نېفىت باھاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان سەۋىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن.
مەنبە : سىنا تورى
|
|
|
|
|
|