Ay.sadap يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 01:31 AM 
كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن، سىز ھەقىقەتەن ۋاپادار ...
مەن ئۇزۇن يىللىق كۆپلىگەن ياشانغان ئانىلارنىڭ تۇرمىشنى ئىنچىكلىك بىلەن كۈزتۈش ۋە ئۇلاردا ساقلانغان ئىغىر بىر ھادىسنى ھىس قىلدىم ۋە كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ۋە كىلىنلەرنىڭ بىشىدىن ئۆتۈدىغان ئومۇلاشقان بىر ھادىسنى تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەپ چىقتىم .
............ئانامنىڭ بىرگە چوڭ بولغان . بىرگە ئوقۇغان ....دەپ ئادىشىم دەپ ئۆتشىدىغان بىر نەچچە سىرداش ‹‹ تىجمەل ›› موماي دوسلىرى بار ، بۇ مومايلار پات-پات بىزنىڭ ئۆي مەركەز بولغاچقىمۇ تاڭ ! بۇنىسىنى بىلمەيمەن ياكى بىزنىڭ ئۆيدە ئادەم ئاز بولغاچقا ‹‹ غەيۋەت ›، قىلىشقا تولىمۇ مۇناسىپ دەپ قارامدۇ ئىشقىلىپ بىزنىڭ قورۇغا يىغىلىپ ، ئالدىغا بىر پەتنۇس گازىر بىلەن ئازىراق تاتلىق-تۇرملەرنى قويۋىلىپ ئىغىز تەككەچ ، مۇشۇ بالا ، كىلىن . نەۋىرلەر ،كۈي ئوغۇللار ...... ھەققىدە ئۇزۇندن-ئۇزۇنغا ھېكىمەتلىك غەيۋەتلرىنى بىر باشلىسا نامازنىڭ ۋاقتى كىتىپ كۈن ئولتۇرۇپ شامغا ئەزان چىققاندا ھەرە چىقىۋالغان كىچىك بالىدەك چىقىراشىقانچە ، ۋاي ئاللاھ ! بىردەم پاراڭلىشىپ بولغۇچە مانا ، كۈن ئولتۇرۇپ بوپتۇ ئەمەسمۇ ؟ ئاياغلىرىنىڭ تاپىنىغا دەسسىگەنچە پۇتقا شىپقاپ كىيىپ ئۆيلىرىگە چىپىشىدۇ ، پات-پات ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا دىققەت قىلسام ئۇلارنىڭ مۇشۇ بالا ، نەۋرە ، كىلىن . كۈيئوغۇللاردىن .....رازى بولغانلىرىدىن رەنجىيدىغان يەرلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدىن تولا . ئىغىزىدكى گەپ-سۆزلەرگە قارسام بىزلەر بالا ئەمەس بەلىكى بىر با لا .
‹‹ غەيۋەت ›› قىلىش گۈرۈپىسى ئىچىدىكى بىر موماي ئوقۇتقۇچىلىقتىن شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىققان موماي . باللىرى ئۈچ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى شەھەردىن سېتىۋالغان بىنادىكى ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىپ ئۆزلىرىگە ‹‹ شەيىخ ›› قىلىپ تىكلىۋالغان . بىراق بۇ بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە قوشۇمچە مىللەتنىڭ مائارىپ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 30 نەچچە يىلدىن ئارتۇقراق ئائىلىسىگە ، ئۆزىگە ۋە مىللىتىگە خىزمەت قىلغان بۇ سۆيۈملۇك ئوقۇتقۇچى موماي ئۇ شەھەردىكى ئۆلچەملەشكەن بىنا ئۆينى تاشلاپ ، كىندىگىم سەھراغا جايلاشقان ، سەھرادىن ئايرىلسام بەدىنىمنى كىسەل چاقىدۇ دەپ سەھراغا چىقىۋالغان . ئۇنىڭ قارشىچە شەھەرگە چاشلىرى بوستان . بەدەنلىرى ئەۋىرشىم . ئاۋازى ياڭراق ...پۈتۈن جىسمى تومۇچۇقتەك ۋاقىتىدا ياشىسا بولارمىش . قىرغانسىرى ياش ۋاقتىدا بىتخوۋىننىڭ ‹‹ ئايدىڭ ›› مۇزىكىسىدەك ئاڭلىندىغان ۋاراڭ-چۇراڭلار . ساكىسنىڭ يۈرەكنى يىغلىتىدىغان مۇزكىسىدەك ئاڭلىندىغان ماشىنا-موتوسىلىكىلتلارنىڭ ھەر قەدەمدە بىر چىلىپ قويدىغان سىگىناللىرى ،قۇلىقىغا شال تىلىدىغان زاۋۇتنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنارمىش . سەھرادا ھەممە نەرسە ساپمىش . .....يەنە بىر موماي بار ، پات-پات ‹‹ غەيۋەت›› نورمال قىلىنىۋىتىپ غەيۋەتنىڭ سائەتلىك سۈرەت تېزلىگى ئاشمىسا ‹‹ غەيۋەت›› كە ماي دەسسەپ ‹‹ غەيۋەت››نىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلدىغان، بۇ موماينىڭ ئىككى بالىسى ئوقۇتقۇچى .
باشقىلارنى دوراشقا ئالامەت ئۇستا بىر موماي بار ھوللىۋوتنىڭ كىنو ئارتىسلىرىمۇ بۇ موماي بىلەن رول ئىلىشتا بەسلىىشمەن دىسە يىڭىلىپ مات بولۇپ قالماسىلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى كەچ كۇرۇستا ئۈچ-تۆت سائەت بىلىم ئىگىللەپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ . بۇ موماينىڭ باللىرى ئۆي زىننەتلەيدۇ . مۇشۇ بىر توپ مومايلارنىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەم كۈلكىسى ، يۈزىنىڭ تىگى-تىگىدىن چىقىپ تۇرغان ئىللىق بىر خىل نۇر ۋە مىھرىلىك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەم . بۇ مومايلارنىڭ پەرزەنتىللىرنىڭ بۇ مومايلارغا ناھايتى ياخشى كۆينىۋاتقانلىقىنى بىقىۋاتقانلىقىنى ئاسانلا ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ .
يۇقارقى مومايلارنىڭ باللىرنىڭ مىجەز-خاراكتىرلىرىنى بەش قولدەك ئىنىق بىلىمەن ، ئۇلار ۋە مەن باشچىلىقىتىكى بالىلار ھەمىمىز بۇ تىجمەل ئانىللىرمىزغا يامان كۆينىمىز . بىراق بۇلارنىڭ گىپىچە بولغاندا بىزدىن رازى ئەمەس زادىلا . ھىلىقى ئوقۇتقۇچى موماينى باللىرى ھەر ھەپتىدە بىر چىقىپ ، شەھەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەققىدە لىكىسيە سۆزلەپ ئانىسىنى شەھەرگە سۆرەپ كىتەلمەي ئاۋارە . موماي شەھەرگە كىرمەسىلىكتىكى باھانلىرى بولسا شەھەرگە كىرسەم سىسىق ھاۋادا دىمىم سىقىلىپ قالدىكەن . كىلىن لەڭمەننىڭ جىزىسىنى ياغدا مايلايدىكەن . پات-پات قوناق ئۇننىڭ تامىقىنى ئەتكىلى ئۇنمايدىكەن ، مايلىق تاماقنى يىسەم ئىغىزمغا تىتىمايدكەن ... دەي دىسەم ، زادى مۇشۇ قىيىن ئانامنىڭ كۆزى كىچىك ، گىپى جىق ، ئىتىپ بەرگەن تاماقنى يەپ شۈكۈر قىلىپ ئولتۇرسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالارمىكن دەپ ئويلاپ قالىمەن ، كىلىن بولغۇچىغا يا نۇمۇس قىلىپ دىگىلى بولمايدىكەن . نەچچە دەي دەپمۇ ئويلىدىم ، شۇ دىسەم بىچارە كىلىن بىر ئۆزى يالغۇز قانچە بىر ئىشنى قىلىپ بولار .... شۇ كىلىنىمنى ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا تىلىنى قىسماي دەپ شۇڭا شەھەرگە كىرمەيمەن دەيدىكەن . ھىلىقى ئىككى بالىسى ئوقۇتقۇچى تىجمەل موماينىڭ ھىكايسى ئاندىن قىزىق . شەھەردىكى ئۆي بولمايمىش . كەڭرى ئەمەسمىش . ئاپتاپقا قاقلانغىلى . توخۇ-تۇمان باققىلى ، نەۋىرلەرگە بەش-ئالتە موچەن تەڭلىگىلى ، ئۆز ئۆيىدەك قورۇنماي خاتىرجەم ياتقىلى . ئىشىپ-تىشىپ قالغان تۇخۇملىرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ساتقىلى ...بولمايمىش .
يۇقارقى گەپلەرمۇ ئەمدى شۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەئۇللۇق ھىكايلىرى بولغاچقا قۇلۇقىمغا كىرىپ قالسا پەرۋايىم پەلەكقۇ ! بىراق ، گەپ ھازىرقى زامان باللىرنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىپ ھازىرقى بالىلار لىڭتاسما . ھورن، بەغەرەز ..... بىزلەر ئون بالىنى باققان بىلەن ھازىرقى باللىرىمىز بىر ئاتا-ئانىنى باقالمايدۇ ....دىگەن يەرلەرگە كەلگەندە ، شۇ ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار بولغاقچا قوسقۇم ئازدۇ-كۆپتۇر كۆپدىكەن .
مەن دەيمەن ئەسلى ئاتا-ئانا بولماق ئەڭ ئاسان ۋاقىتلار شۇ بۇرۇنقى 70~60 -يىللار ئىكەندۇق ! . ئۇ ۋاقىتىكى بالىلارنى باقدىغانغا ھازىرقىدەك پۇللۇق زاكا قەغىزى كىتەمتى ؟ قىمەت پۇللۇق كىيىم كىتەمتى ؟ مەكتەپكە بىرىپ-كىلشىتە ۋەلسپىت كىتەمتى ؟ ھەر كۈنى مەكتەپ ئالدىكى دۇكاندىن شۇمۇدىغان ، چاينايدىغان ، ئوينايدىغانغا ... پۇل كىتەمتى ؟ قىممەت پۇللۇق تېلېفۇن كىتەمتى...دىمەك ھازىرقى بالىلار ئىچىدە بىرەدىبىرسى ئاتا-ئانىسنىڭ تەلىي كىلىپ قىلىپ ئۆيدە بىكارلىق تۇغۇلۇپ قالمىسا ، قالغان كۆپ سانلىق بالىلار ئانىسنىڭ قوسقىن چۈشمەي تۇرۇپلا ئانىسنىڭ بىر چىرايلىق قوسقىنى دوختۇرغا ياردۇرۇپ ، بىر چىرايلىق قوساقىڭ ئۈستىنى سومكىنىڭ سىرىتمىسىدەك قاتار-قاتار 20~15 يىپلىق تارتۇق قىلغىنى يەتمىگەندەك ، بىسمىللاھ دىمىستە دادىسنىڭ يانجۇقىدىن كىمى 500 يۈۋەن يۇقۇرىسى بىرە-ئىككى مىڭ يۈۋەننىڭ بىشىغا سۇ قۇيۋىتىپ بىسمىللاھ دىمىستە يەرگە ئىڭەلەپ چۈششسە يەرگە. شۇ يەرگە چۈشكەن سائەتتىن باشلاپ كۈندىن سىيگەن-چېچقاندىن تارتىپ . ھەممە نەرسىسى پۇل بىلەن ئەمىللىشىپ چوڭ بولىدۇ . دىمەڭ ھەر كۈنى بىمار ئوكسىگىن تۇڭىدىن نەپەس ئالغاندەك پۇلدىن نەپەس ئالىدۇ . بۇ باىلارغا ئۈچ-تۆت يىل ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل بىرىپ كىلۋىتىپ يىنىمىز پۇلدىن ئۈزۈلۈپ قالغان كۈنلەردە ئوبدان بىر ھەپتە پۇل بەرمەي باقايلى قىنى بىرىنجى كۈنى جىم ! ئىككىنجى كۈنى ئاز-تولا چۈشكۈنلىشىپ تاماق يىگەن قاچىسنى بىزگە پۇقۇسلاپ تامغا ئىتىپ. ئىشتان-چاپانلىرنى يىرتىپ بىرىدۇ . تېخىى نىرۋىللىرى ئىتتىكرەك بالىلار ، باقالمىغان نىمەڭگە جاپا تارتىپ تىپىپ تۇققۇچە تۇغۇشمىساڭ بولمامدۇ . كىم سىنى تۇغسۇن دەپتىكەن ؟ ھالىڭغا بىقىپ ھال تارىت خالتاڭغا بىقىپ ئۇن تارت دەپتىكەن . مۇنداق كۈنلۇك چىقىمىنى بىرىپ باقالمايدىغان ئادەم مەن تۇغۇلۇپ قالغاندا يەرنى چوڭقۇر كولاپ كۆمۋاتىدىغان ! مۇنە ! ..... ئى ئىت جىندىمۇ سۆڭەك يىسىچۇ ؟! كۆتى بىلەن كىڭىشىپ يەيدۇ ...دەپ ئاتا-ئانا بولغۇچىغا ئادۇكاتتىن ئۆتەر داۋلى بىلەن قائىيدە سۆزلىشى بار . ئىچ -مىجەز بولۇپ قالغانلىرى قوسقۇمدىكىنى تاپە دىگەندەك ئىككى-ئۈچ كۈن ھىچنىمە دىمەي يۈرۈپ باقىدۇ . ھە بۇ بالام ھەجەپ غەلۋە قىلماي يۈرۋاتىدۇ . قارىغاندا مۇشۇ بالام ياخشى ئادەم بولدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مۆرىمەس بالا ئۈن-تۈنسىز ئۆيىدىن چىقىپ كىتىش بار ،ياكى ئۆزىنى ئارغامچىغا ئىسىپ ،ئۆزىنى ئارغامچىغا ئاسالمسا سۇغا تاشلاپ بىزلەر بىلەن خوشلىشىپ ،پۇل-پىچەكلەرنى ئۇ دۇنياغا كەينىمدىن پىرۋۇت قىلىپ ئەۋەتىپ بىرىڭلار دىيشىتىن يانمايدىكەن .
بىراق بىزغۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا-ئانىمىز نىمە بەرسە ھازىرقى بالىلاردەك تۈركىيەنىڭ ئەمەسكەن جۇڭگۇنىڭكىكەن ، مالايشىيانىڭ ئەمەسكەن ۋېتنامنىڭكىكەن دىمەي ...بەرگىنى يەپ ، نىمە كەيگۈزۈپ قويسا ئاكامنىڭ كونا ئىشتىكىنكەن . ھەدەمنىڭ ئالدىنكى يىلى كىيىپ قويغان كۆينىكىكەن ...دىمەي كىيىپ چوڭ بولۇپ قالدىكەنمىز . بىراق ئاتا-ئانىلارغا سىللەرمۇ ئەينى ۋاقتىڭلاردا ماڭا مۇنداق قىلغان دەپ بىز ئاتا-ئانىمىزغا قىلغاننى قىلغىلى بولمايدىكەن . ئەلمىساقتىن قانداق بىر ئائىلە بولسۇن ، شۇ ئائىلدىكى بالىلارنىڭ چوڭى توي قىلىپ بىر ئىككى يىل چوڭ ئائىلىدە يىڭى قازاننى كونارتىپ ، يىڭى يوتقان-كۆرپىلەردە ئىشەكتەك ئىغىناپ يىتىشىپ . ماڭقا شۇملىرنى سىيدۇرۇپ-چىشىتۇرۇپ ئولىمپىك مۇسابىقسىدە مەشئەل قىلشىتن ياكى قىش پەسلىدە ئوت ئالمىغان ئەسكى قول تىراكتۇرنىڭ ماتورىنى ئىستىشتىن باشقا ئىشقا يارىمغۇدەك گادا مازغا ئايلاندۇرۇپ بولغاندا . قازاننىڭ يىڭىسنى ، ساغلىقنىڭ چوڭىنى . يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ يىڭسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كىتىدىكەن . قانات-قۇيرۇقلىرنى تەڭشەپ ئۆي تۇتۇشنىڭ ئىپىنى ئۈگۈنىۋىلىپ ئۆي ئايرىپ كەتكەندىن كىيىن بىر نەچچە يىلغان قالماي چاپسانلا كۆتۈرلۈپ تۇرمۇشلىرى ياخشى ماڭىدىكەن . ئايرۇپلانمۇ يۈگۈرۈش سۇپىسىدا تازا يۈگۈرۈپ ئىتىلىپ كەتكەن تىشلىىپ كەتكەن ئەسكى بالۇن . كىرەكتىن چىققان تاراق-تۇرۇق ، غەلۋە-غۇۋاسىنى ئايرۇدۇمدىكى تازلىق ئىشىچىغا قالدۇرۇپ قويۇپ قانات-قۇيرۇقلىرنى تەڭشەپ ھاۋاغا كۆتۈرلىۋالسا ھاۋادا ئۇچمىقى ناھايتى ئاسان بولغاندەك بىر ئىش ئىكەن بۇ ئۆي ئايرىش دىگەن . شۇنداق قىلىپ ياش ۋاقتىدىكى كۈچىنى چوڭ بالىغا چىقىرىپ خوراپ، يىغى تۈگۈگەن جىن چىراقنىڭ يورۇقىدەك جىنى ئاران پىلدىرلاپ قالغان ئاتا-ئانا بىلەن جۇلدۇر-كىپەن ئەسكى ئۆي ، پۇتى ناكا ئىككى-ئۈچ ئوغلاق ، تۆت-بەش قوتۇر ساغلىق ، تۇغماس كالا ، كاكىلماس توخۇ ۋە ئالدىنقى يىلى بالىنىڭ چوڭىنى ئۆيلەيدىغانغا بانكىدىن ئالغان يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرىز ...ھەممىسى بالىنىڭ كىچىگىگە قالدىكەن . بەزىدە مۇشۇ ئادالەتسىزلىك توغۇرسىدا ئۆزىمىزدىن چوڭ كۆرۈپ تەسەللىر بىرەمكىن دەپ پىشقەدەم مويسىپىتلارغا دەردىمىزنى تۆكسەك . دەردىمىزگە دەرمان بولدىغان گەپ-سۆز ئون تاغنىڭ نىرىدا . ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ. ۋاي ئاتا-ئانا سىزگە قالدىمۇ ئۇكام ؟! بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز ! ئۆيۈمدە كەئبە بەيتۇللاھ بار دەپ بىلىڭ . ئانا زارى مۇستاپا مۇھەممەت رازى . مۇستافا مۇھەممەت رازى ئىككى ئالەمنىڭ ئىگىسى خۇدا رازى دەپتىكەن ! دەپ بىزگە قەسىدە ئوقۇپ بىردىكەن .
.....ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگمەيدۇ . ئىشنىڭ كەينى قىزىق ، شۇنداق ھىيت-بايرام كەلدىمۇ ، ئانىمىز چىققان ئۆينى سىغىنىپ كەلدۇق ! ۋاي دادىمىز چىققان ئۆينى سىغىنىپ كەلدۇق دەپ ، چەرەندە-پەرەندىللىرىنى 8- ئارمىينىڭ چەڭچىللىردەك بويسىرى قاتار قىلىپ ، تاللا بازىرىدا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تاتلىق-تۈرۈملەردىن ئالقاندەك بىر خالتىنى سومكىسىدىن چىقرىپ ....بولسىغۇ كۆپ ئەكەسلەممۇ ئارتۇقلۇق قىلمايىتتى جىنىم ئۇكام . ئەمدى مۇشۇ ئائىلە تىرەكچىلىكتە كۆپكە چىقىنىپ بولالماي قالدۇق ، ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل قىلارسەن دەپ داستىخانغا پاققىدە تاشلاپ قويۇپ، كۆرپىنىڭ قىلىن يىرىگە جايىلىشىپ ئولتۇرۋىلىپ ، .... ئانامنىڭ پۇتىدىكى ئاياغ كونىراق قاپتىمۇ نىمە ئۇكام ھە ؟! يىڭىراق ئاياغدىن بىرنى ئىلىپ بەرسەڭ بولمامدۇ ؟! ئالدىنقى يىلى كەيگەن جىلىتكىسى تىخىغۇچە ئۇچىسىدا ئىكەنغۇ ؟ شەھەر يىراق ئەمەسمۇ . ئىككى مىتىر رەختىنى 100 يۈۋەن پۇل بىلەن تىككۇچىگە تاشلاپ بەرسەڭ تۆت-بەش كۈندە ئانامنىڭ ئۇچۇسىغا چىقىرىپ قوياتتى ئەمەسمۇ ! دادامنىڭ دوپپىسى كىرلىشىپ قاپتۇ . ئەلۋەتتە بىر دوپپا دىگەن دۇنيانىڭ خۇنى ئەمەسقۇ ؟ 20~15 يۈۋەنلەرگە بىرىدىغۇ ،يىڭدىن بىرنى ئىلىپ بەرسەڭ بولمامدۇ ! قارىغنە ھاسىسنىى بەش-ئالتە يىل توكۇسلىتىپ ئىشلىتىرىۋىرىپ ئۇپۇراپ كىتىپتۇ ، كۈندە بىكار-بىكار نەچچە سائەت قۇرۇق نان چىقماس تېلېۋۇزرنى كۆرۈپ ئولتۇرساڭمۇ-ئولتۇرسەن ئەلۋەتتە ! ئازىراق ۋاقتىڭىنى چىقرىپ قۇرۇپ قالغان شاپتۇل ياغىچىدىن بىرنى گاچچىدە كىسىپ يونۇپ-يونۇپ ھاسىدىن بىرنى ياساپ بەرسەڭ بولمامدۇ ....دەپ ھەربىي ئىشلار مۇشاۋىرى جۇگىلىياڭغا ئوخشاش بىزلەرگە بىر مۇنچە تەدبىرلەرنى كۆرسۈتۈپ داستىخانغا تاماق تارتىلغاندا بىسىقماي سۆزلەۋاتقان زۇۋانى توختىدىغان . داستىخان ئاخىرلاشقاندا كىچىك بالام ئۆيدە ناشتىسز قاپتى . چوڭ بالام موتۇندىن يىقىلىپ بىشنى يەپتى دەپ ، خۇددى ئۆيلىرنى ساقلايدىغان ئامانلىق ساقلاش خادىملىرنىڭ قوسقىنىمۇ بىز ھۆددە ئالغاندەك داستىخاندىكى قالدى-قۇتتى نەرسىلەرنى سۈپۈرۈپ ئىلىپ سومكىسىغا تىقىپ ، پاتمىغىننى سۇلىياۋ خالتىغا سالغاچ، - خەپ ئۇكام ئاتا-ئانامنىڭ كۆزىدىن ياش ئىقىپ قالمىسۇن ! دىلىنى رەنجىتىپ قويما ! كىر-قاتلرىنى پات-پات يۇيۇپ بەر. كۈندە بىر رەت دادا-ئانا كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ؟ - دەپ سوراپ تۇر . يىگۈسى بار نەرسىنى دىسە بويۇن تولغاپ تۇرماي لىككىدەك ئەكىلىپ بەر. تۆت كۈلىگى قالدى بۇ قىرىلارنىڭ ... دەپ بىر تالاي نەسىھەتلەرنى بىرىپ ئاران تۇققىلى سائىتى قالغان ئۆردەكتەك ئىغاڭشىپ ئۆيىسىگە كەتكەن .
ئاڭلىدىڭمۇ ئانا ؟! ھەممە بالاڭ ۋە كۆرگەن بىلگەنلەر بالىسى قىلىپ بەرمەپتۇ . ئىلىپ بەرمەپتۇ دەپ ئويلاپ قىلىپ مانا مەندىن كۆردىكەن ، مەن ئىلىپ بەرگەن كىيىم-كىچىكلىرىڭنى ساندۇقتا ساقلاپ ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلاندۇرۋەتمەي ئاللاھ بەرگەن تەنلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىبادەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن پاكىز ، چىرايلىق كىيىملەر بىلەن سەيئى ھەركەت قىلسا ۋە ئىبادەت قىلسا ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر خىل ئىللىپ روھى كۆتۈرەڭگۇ قەلبى يورۇق ۋە ئازادە بولۇپ قالىدۇ . قاچانلارغىچە كەيمەيدىغانسەن ئۇ كىيىملىرىڭنى ؟! ئۇ ئالەمگە بارغاندا ئاللاھ كىرلەشمەيدىغان ، رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ھىندى ئاياللىرنىڭكىنىدەك چىرايلىق سارىلارنى بىرىدۇ شۇنى كىيسەن ! ئۇنداق قىلماي كىيىپب قوي .... دىسە ، - بالام سىلەر شۇنداق دىگەن بىلەن ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلاپ قالدى ئۆلگەندە مىيتىمىزنى يۇيدىغان ئاياللارغا قويغىلى لازىم بولىدۇ دەيدىكەن ، ئۇلارغا شۇ كىيىملەرنىڭ ئورنىغا پۇل قويساق بولىدىغۇ دىسەك .بالام سىلەر كىچىك چۈشەنمەيسىلەر پۇل بىلەن كيىم ئوخشىمايدۇ . كىيىمنى بىزنى كۆرگەن كۆزىدە كىيدۇ ئەمەسمۇ ، شۇڭا كىيمەي يىڭى ساقلاۋاتىمەن دەيكەن ، تېخىمۇ تىكلەشسەك ، ھە مەندىن نۇمۇس قىلدىڭلار دەيدىكەن . بىزنىڭ ئۈستىمىز پولات قوشۇقنىڭ قوسقۇدەك پال-پال پاقىراپ تۇرسا ، ئاتا-ئانىمىز كونا كىيمىلىرى بىلەن رىۋاندانىڭ مۇساپىرىدەك ۋەتىۋەرەك يۈرسە ئادەمنىڭ بەدىنى شۇ پار-پار كىيىمىدىمۇ چىمىلداپ بەدەننى قورۇپ قەلبىمىزنى بىئارام قىلىپ قويدىكەن . بىرەدىبىر ئەقلى بار ئىنساندىن بىرەسى توختاپ تۇرە ! ئاتا-ئانىلاردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر باردۇ دىمەي پۇستانىىڭ قول-ئىلكىدە خىلى بار بولمسا ئۆزىنى ياساڭ دىسە ئەنگىلىيەنىڭ شاھزادىسىدەك ياساپ يۈرۈيدۇ . ئانىسىغا بولسا ئون يۈۋەنگە نىلۇڭ ياغلىقتىن بىرنى بولسىمۇ ئارتىپ قويۇشقا بىخىللىق قىلىپ كارى يوق تاشلاپ قويدۇ دەپ كەينىمىزدىن گەپ تىپىۋاتقان 。 شۇ ئانىمىزنى باقماپسىلەر . دادىمىزغا كۆيۈنمەپسىلەر دىگەن بايقۇشلارغا مەن باقالمىغان بولسام ئەمىسە ئىلىپ كىتىپ سىللەر بىقىڭلار دىسە . كىمنىڭ شۇنداق قىلغۇسى يوق دەيسەن . بۇنى سەن دىمىسەڭمۇ بىزمۇ ئويلاشقان ,بىراق ماۋۇ چوڭ ئۆي دىگەن ئاتا-ئانىمىزنىڭ تىنىقى سىڭگەن ، مىھرى-قەلبى باغلىنىپ كەتكەن ئۆي بولغاچقا ,بىز ھەر قانچە ياخشى باقساقمۇ بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرغىلى ئۇنمايدىكەن . قانداق قىلىمىز ؟ ئۇكام ! ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ ! نىمە قوغلۇق ئازىراق جاپا تارتىپ قىلسىەن شۇ ! جەننەت ئانىلارنىڭ ئاستىدا دەپتىكەن ئاللاھ ئەجرىڭنى بىرىدۇ ، قىيامەتتە كۆپ ساۋاپ ئالىسەن دەپ قويۇپ كىتىدىكەن .يەنە شۇ غەلۋىسى كۆپ تەرسا ئاتا-ئانىلار بىز بىلەن قالدىكەن . بىز دىگەن ئۆز بالىسىغۇ ئەمدى ؟! لىكىن ئائىلەرگە كىلىن بولۇپ كىرگەن قىزلار ئۈستىدە گەپ جىققكەن . ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستى-بىشى ئۇ قىز كىلىن بولۇپ كىرمەستە ئايلاپ-يىللاپ كىر-قاسماقتىن ئاجىرماي يۈرسە ھىچگەپ يوق . شۇنداق كىلىندىن بىرسى كىردىمۇ . كىلىن بولغاندىن كىيىن ئۇنمىسا ئۇنماي ئۇچۇسىدىن سالدۇرۇپ ئىككى كۈندە بىر قىتىم يۇيۇپ بەرسە بولمامدۇ ؟ كۈندە ئۈچ ۋاق يۇمشاق-يۇمشاق ئىتىپ بەرسە بولمامدۇ ؟ پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قويسا بىر يەرلىرى كەملەپ قالامدىكەن ؟ ...دەپ كوتۇلدۇشۇپ ، بار يامان ئاتاققا كىلىن بولغۇچى قالدىكەن. بىشىڭنى يەيدىغان شۇ كىلىن بولغۇچى قىزلارمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيدىكى بىكارلىق ئاش-تاماق . بىكارلىق كىيىم-كىچەك . بىكارلىق تور ...بولغاندىن كىيىن . ئەرگە تەگسە بىشىدىن ئىسكەندەرنىڭ مۇڭگۇز كۆكلەپ چىقىدىغاندەك قىلىپ بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئەرگە تىگىۋاتقان . ئۆي ئايرىۋالغانلارنىڭ يىغى ،ئۇنى تۈگۈسە يەڭگە بولغۇچىلار ئاكىللىرىمىزنى ، ئۇكىللىرىمىزنى كىرگۈزۈپ قويۇپ چۆمۈچ ، بىلەن تەلەنگىسىنى تاراڭشىتىپ قاچان ماي ، قاچان ئۇن ئەكىرەكىن دەپ ساقلاپ ئىڭىكى چۈشۈپ كىتىدىكەن . بىزنىڭ ئۆيدە تۈگۈگەن كۈنى جىددى لازىم بوپ قىلىپ چىقساق . ھە بارلىق ۋەج-ئوقەتلەرنى تاشلاپ بىرىپ يىنىپ چىقساق يەنە بىزنى يوناي دەمسىلەر ؟ دەپ جار سالدىكەن ..........
ئەسلى بۇ ‹‹ كەچمىش ›› دەپ يىزىۋاتقان ھىكايەمنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى ، قارسام يۇقارقى بۆلەك مۇشۇ ئاتا-ئانا ئۈستىدە بولۇپ قاپتىكەن .شۇڭا بۈگۈن ئازىراق كىسىپ ئىنكاس تەرەقىسىدە يوللاپ قويدۇم .