ئانام ‹‹چاكار››،قېينانام ‹‹خوجايىن›› بولسا دۇرۇس بولۇرمۇ؟
‹‹ھېكايە››)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم,ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن. ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت،ئىشلىرىڭىلارنى ئوڭۇشلۇق،كۈنلىرىڭلارنى تىنىچ- ئامان ۋە خۇشال-خورام ئۆتكىلى نېسىپ قىلسۇن!
كەمىنە مۇنبەرگە يېڭى تېما يوللاپ باقمىغانغا خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى.بۈگۈن سىلەر بىلەن يېڭى يىللىق دىدارلاشقاچ چۈشتىن بۇرۇن ئىلھامىمنى قوزغىغان بىرنەچچە ئىشنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ بىر مۇنازىرە تېتۈسىنى ئالغان بىر ھېكايە يوللاپ باققىم كەلدى.
بىزنىڭ بۇ خىلۋەت يېزىدا خېلى ياخشى ئاشخانىلار ئاز ئەمەس.شۇنداقتىمۇ كاتتا بېزەلگەن، بۆلۈمچىلەرگە ئاجرىتىلغان،تاماق يېگىلى كىرگەن كىشى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ پاكىز، ئازادە ئولتۇرۇپ چىققۇدەك تاماقخانا تېخى يوق دېيەرلىك ئېدى. بۇلتۇر كۈزدە سەمەتجان ئىسىملىك ياش ئاشپەز يىگىت ئەنە شۇنداق ئاشخانىدىن بىرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ بۇ بوشلۇقنىمۇ تولدۇردى. بۇ ئاشخانىنىڭ داڭقىنى خېلىدىن بېرى ئاڭلاپ يۈرگەن بولساممۇ كىرىش پۇرسىتى بولماي كېلىۋاتاتتى.مەلۇم بىر بازار كۈنى دوستۇمنىڭ دەۋىتى بىلەن بۇ ئاشخانىغا ئاخىر تاماق يېگىلى كىردۇق.ئاشخانا يېزا بازىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان بولۇپ كىشى تېخى ئىچىگە كىرمەي تۇرۇپلا چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ۋېۋىسكىسى،تۈۋرۈكلىرىدىن تارتىپ خە ۋە جەگىلىرىگىچە پۈتۈنلەي گۈل نەقىشلىك،پولات تۆمۈر،قەلەيلەردىن قىلىنغان كەڭرى ۋە ئازادە پىشايۋانغا قاراپلا ئاشخانىنىڭ بېزىلىشىگە قانچىلىك كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلگەنلكىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايتتى.
بىز ئاشخانا ئالدىغا قەدەم قويۇشىمىزغا ئوتتۇرا بوي ،قارا كۆز، قارا چاچ كەلگەن، قاپقارا بۇرۇتى خويمۇ ياراشقان،ئىللىق چىراي بىر يىگىت تەبەسسۈم بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى گەپدانلىق قىزغىن قارشى ئالدى:
-خوش كېلىشىپلا مېھمانلا.قېنى ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلىشقايلا، ئاشخانىمىز كەڭرى، ئازادە، چايلىرىمىز تاتلىق. چۈنكى خۇرۇچى زەپە، ناۋاتلىق. كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇشسىلا بېغىشلار ئاراملىق شادلىق....
مەن يىگىتنىڭ سۆزمەنلىكىگە زوقۇم كەلگەچ دوستۇم بىلەن ئىچكىرىگە قەدەم باستىم. ئاشخانا ئىچىدىكى ھەشەمەتلىك تاماقخانا چوڭ زالىدىن باشقا ئايرىخانىلارمۇ 4-5تىن ئاشىدىغان بولۇپ ھەر بىرى ئوخشىمىشان شەكىل ئۇسلۇب بىلەن كۆڭۈل قويۇپ زىننەتلىنىپ ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ تەڭداشسىز سېھرى كۈچىنى بىر ئوبدان نامايەن قىلىپ بېرەلەيتتى.مەخسىدىم بۇ ئاشخانىنىڭ بېزىلىشىنى ماختاش بولمىغاچ بۇ ھەقتە بۇندىن ئارتۇق توختالمايمەن.بىز ئىچكىرىدىرەك بىر ئايرىمخانىغا كىرىپئولتۇرۇپ ، زەپە چاي ئىچىپ تاماق ساقلىغاچ بۇ ئاشخانىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىش تارىخى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق.(دوستۇم باش ئاشپەز بىلەن بىر مەھەللىلىك بولغاچ ئۇ ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلەتتى)
سەمەتجان بۇرۇن ئاشپەز ئەمەس مەزگىلىدە مەلۇم بىرشەھەرگە يىتىمچى بولۇپ چىقىپ كېتىپ شۇ شەھەردىكى خېلى چوڭ بىر ئاشخانىغا شاگىرت ئىشچى بولۇپ كىرگەن ئىكەن.ئۇ بۇ ئاشخانىدا 4-5 يىل تۇرۇش جەريانىدا دەسلەپكى ئاددىي بىر ئوت قالىغۇچىدىن ئاخىرىدا ھۈنەردە كۆزگە كۆرۈنگەن،تامىقنى يېگەن ھەربىر كىشى تەمىندىن سۆيۈنگەن كاتتا بىر ئاشپەز بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ.ئاشخانا خوجايىنى ئۇنى قولىدىن چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭغا بېرىپ ئىچ كۈيوغۇل قىلىۋاپتۇ.سەمەتجان بىر –ئىككى يىلچە تۇرغاندىن كېيىن ئاتا ئانىسىنى سېغىندىمۇ ياكى يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈسى كەلدىمۇ ئاخىر خوتۇنىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ.‹‹سەھرادا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ›› دېگەننىڭ تەتۈرىچە ‹‹شەھەردە پارنىكتا ئاينىغان گۈل سەھرادا ئاينىيالماپتۇ.›› دېگەندەك سەمەتجاننىڭ شەھەرلىك خوتۇنى سەھراغا كېلىپ نەچچە ئايمۇ تۇرالماپتۇ.شەھەرگە كېتەيلى دېسە ئېرى ئۇنىماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى خېتىنى ئېلىپ ئۆز ‹‹جەننىتى››گە كېتىۋاپتۇ. سەمەتجان يۇرتقا كەلگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن ھۈنىرى بويىچە ئاشخانا ئېچىپ پۇل تاپماقچى بوپتۇ.لېكىن ئاتا- ئانىسى ئۆيى بازارغا يىراقراق نامرات دېھقانلاردىن بولغاچقا بازاردا زېمىن بىساتى يوق ئىكەن.ئامالسىز باشىلارنىڭ دۇكان ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئادىيرراق بولسىمۇ ئاشخانا ئېچىۋاپتۇ.ئاشخانا دېگەننىڭ داڭقىنى چىقىرىدىغىنى تامىقىنىڭ تەمى بىلەن خوجايىن نىڭ پەمى.شۇندىن بېرى سەمەتجان مېزىلىك تاماقلىرى بىلەن يېزىدا شۆھرەت تېپىپ كەتتى.بۇ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى،بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ چېچىنى سۈپۈرگە،قولىنى كۆسەي قىلىپ كېچە-كۈندۈز ‹‹ئىشلەمچى چاكار›› بولۇپ ئوغلى ئۈچۈن جان ئاتقىنىدىنمۇ ئايرىلالمىدى.
بۇ بازاردىكى ئەڭ ئاۋات جايدا ئۆي،دۇكان سارايلىرى بار، پۇل-مېلىمۇ كۆپ ساۋۇتاخۇن ئىسىملىك باينىڭ بۇ يىگىتكە كۆزى چۈشتى.ئۇنىڭمۇ قاش كۆزلىرى كېلىشكەن،ھۆسۈن- جامالدا يىگانە يېتىشكەن ئەتىۋارلىق بىر قىزى بار ئېدى.ئۇ سەمەتجانغا كىشى قويۇپ،ئۆزى ئېغىز ئېچىپ يۈرۈپ، ئاخىر مۇراتتېپىپ، ھېلىقى قىزى بىلەن سەمەتجاننىڭبېشىنى قېتىپ ،قولىنى چېتىپ ئۆزىگە باغلىۋالدى.باي دۇكان ئۆيلىرىنىڭ بىر قىسمىنىئۇلارغا ئاجرىتىپ ،نەچچە يۈزمىڭ خەشلەپ بىز باشتا تەرىپلىگەنچىلىك مۇشۇنداقبېزىتىپ ئۇلارغا ئالىي دەرىجىلىك تېز تاماقخانا قىلىپ بەردى.شۇندىن بېرى ئاشخانىڭئىشلىرى تېز يۈرۈشتى.تاماق تەلىپىدە تەم قوغلىشىشتىن ھەشەم قوغلىشىشقا يۈزلەنگەن خېرىدارلىرىمىزمۇ بۇ ئاشخانىغا ئېقىن سۇ كەبى ئېقىشقا باشلىدى.ھەممىگە مەلۇم ‹‹خېرىدارنىڭ ئاققىنى، مۇلازىمەتنىڭ ياققىنى.شۇنداق كەلسە ئىش- ئېپى، خوجامنىڭ پۇل تاپقىنى››.ساۋۇت خوجايىن سەمەتجاننىڭ ساداقىتىنى تىلىدىمۇ ياكى خېرىدارنىڭمۇ ئىشقىلىپ ئاشخانا نامىنى ‹‹ساداقەت تېز تاماقخانىسى››دەپ قويۇپتۇ. قويۇپلا قويماي رەڭلىك پولات بىلەن يوغغان تاختىغا چوڭ قىلىپ ئويۇپتۇ.
پارىڭىمىز ئۈزۈلمەي تۇرۇپ بۇيرىغان تامىقىمىز كىردى.تاماق ھەقىقەتەن ئوخشىغان ئېدى. تاماق يەۋېتىپ كۆزۈم بىر ئايالغا چۈشۈپ قالدى.ئۇ ھېلى يەر سۈپۈرۈپ،ھېلى تاماقشىرەسىنىڭ ئۈستىنى سۈرتۈپ،ھېلى بىكار بولغان قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۈرگەن ئېدى. ياداڭغۇ چىراي، كىيىملىرى كونا،چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان، ھالسىرىغاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ يۈرگەن بۇ ئايالغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.دوستۇمدىن سورۇدۇم:
-بۇ ئايالنى چاكارلىققا ياللىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟ تۇرقىدىن ئاغرىقچاندەك قىلىدۇ.بىچارىگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
-ياق چاكىرى ئەمەس،بەلكى سەمەتجاننىڭ ئۆز ئانىسى،بۇ ئايال بالامغا خىزمەتچى چااكارلارنىڭ ئىش ھەققىنى تېجەپ بېرىمەن دەپ بۇرۇندىن تارتىپ مانا مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلەيدۇ.يەر سۈپۈرۈش،قاچا-قۇچا يۇيۇش،ئوت قالاش،چىنە تەخسىلەرنى يىغىشتۇرۇشتىن تارتىپ ئەڭ تەس،ئەڭ مەيمەت،ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى ھاردىم-تالدىم دېمەي، كېچە-كۈندۈزنى بىلمەي قىلىدۇ.ئادەم دېگەن تۆمۈر ئەمەستە ئىشلەۋەرسە،ئىشلەۋەرسە چارچىمامتى،ئاغرىپ قالمامتى؟ لېكىن ئاغرىسىمۇ،ھارسىمۇ بىر ئېغىز زارى يوق مانا شۇندداق ئىشلەيدۇ.بۇئايالنىڭ تۇرقى ۋەيرانە بولغان بىلەن قەلبى ئالتۇن!
-بۇئايالغۇ شۇنداق جاپاكەش ئىكەن،ئەمىسە سەمەتجاننىڭ ئايالى بىلەن قېينانىسىچۇ؟ ئۇلار نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
-ئۇلارمۇ؟ئۇلار دېگەن ئۆزلىرىنى خوجايىن ھېساپلايدۇ.بۇنداق يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا ھەرگىز يېقىن كەلمەيدۇ.ئۇلار ئىسىل پاكىز، كىيىنىپ پۇكەيدە ئولتۇرۇدۇ. كۈندىلىك ھېساباتقا مەلەك بولغاچ خېرىدارلاردىن غەلە پۇل يىغىدۇ.تېخى شۇنىمۇ جاپا ھېساپلاپ چۇشتىن بۇرۇن بىرى،چۈشتىن كېيىن يەنە بىرى نۆۋەتلىشىپ ئولتۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرقى بەك كاتتا دەيمەن...
بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.تېخى بايىلا ئاغزىمغا بىر ئوبدان تېتىۋاتقان تاماق ئەمدى بەتتام تېتىماقتا،ئەتراپىمدىكى ھەشەمەتچىلىك غۇۋالاشماقتا ئېدى.
تاماقتىن كېيىن قايتىپ چىقىۋېتىپ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئىسىل پۇكەيگە سەپسالدىم. پۇكەي ئىچىدىكى قىممىتى نەچچە يۈز يۈئەنگە ئەرزىگۈدەك ھەشەمەتلىك ئورۇندۇقتا 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ چاچلىرى تېخىچە قاپقارا تۇرغان،يۈزلىرى مۇزدەك سۈزۈك،ياغلىق قاپاقتەك سىلىق ھەم پارقىراق،كىيىملىرىنىڭ ئېسىللىكىدىنمۇ ياكى كېبىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىنمۇ ئەيتاۋۇر تاياقتەك قېتىپ،ھورۇندەك ئېغىناپ يېتىپ، پۇل يىغىۋاتقانتەكەببۇر ئايالغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.بۇ ئايال ھەقىقەتەنمۇ ھېلىقى ‹‹چاكار››ئايال بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما ئېدى.
قايتىپ چىقىۋېتىپ سورۇدۇم:
-بۇئايال كىم؟
-سەمەتجاننىڭ قېينانىسى شۇ!
....
شۇ كۈنكى ئىش ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ئېدى.شۇندىن بېرى بازاردا قانچە قېتىملاپ تاماق يېگەن بولساممۇ ھېلىقى ئىسمى ‹‹ساداقەت ››بولسىمۇئىسمىغا ماس كەلمەي قالغان ئەشۇ ئاشخانىغا قايتا كىرىپ باقمىغان ئېدىم. بۈگۈن يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئامبولاتۇرىيە بىناسى ئۇكۇل ئاستۇرغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش زالىدا سەمەتجان ئەر خوتۇننى كۆرۈپ قېلىپ يۇقارقى كەچمىشلەر ئېسىمدىن كەچتى.ئايالى ئىككى ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالىنى قۇچاقلاپ تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.بالىنىڭ پىشانىسىگە ئاسما ئوكۇلنىڭ يىڭنىسى سانچىلىپ بېنىتلاپ قويۇلغان بولۇپ ئوكۇل سۇيۇقلىقى ئاستا چۈشۈۋاتاتتى.بالا قەغىشلىك قىلىپ جىم ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدىمۇ قانداق سەمەتجان ئايالىنىڭ ئالدىدىلا يەردە، قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە يەكتىز بولۇپ ئولتۇرۇپ بالىسىنى تۇتۇشۇپ بەرگەچ ئۇنى-بۇنى دەپ ئۇنى بەزلىمەكتە ئېدى.ئۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە ‹‹سەمەتجان كىچىك ۋاقتىدىمۇ ئاتا-ئانسى ئەنە شۇنداق سەكپارە بولۇپ يۈرۈپ مىڭبىر تەستە بېقىپ چوڭ قىلغان بولغىيتى ھە؟!›› دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.تىلىم دىلىمدىكىنى دەۋەتمەي تۇرالمىدى. شۇنداقتىمۇ سىلىق ھەم يوشۇرۇنراق ئېغىز ئاچتىم:
-قانداق سەمەتجان ئۇستام،بالا باقماق ئاسانمىكەن؟ ئاتا-ئانا مانا سىلەردەك ئۇلۇغ ۋە جاپاكەش جۇمۇ؟!
ئۇ گېپىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىمۇ ياكى چۈشەنمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئېغىز ئېچىپ جاۋاپ بەرمىدى. مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېجىيىشقىمۇ،يالغان كۈلكىگىمۇ ئوخشىمايدىغان ‹‹ خى..خى.. خى.. ››قىلغان يېقىمسىز بىر تاۋۇشنى غۇۋا ئاڭلىدىم.لېكىن يۈزىنىڭ ئاستا- ئاستا قىزىرىپ ئوڭايسىزلانغاندەك بىر ھالەتتە بولغىنىنى ئېنىق سەزدىم.
ئەمدى يۇقارقى ھېكايىنى تۈگىتىپ بۇ زالدىكى ئىككى كۈنلۈك تەسىراتىمدىن ئازراق قوشۇپ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.
يۇرتىمىزدا قىش كېچىكىپ كېلىدۇ.كۈز پەسلىلا ئەمەس،11-12-ئايلارمۇ كۆپىنچە ئىللىق ئاپتاپلىق كېلىدۇ.دېھقانلار 12-ئايدىمۇ تام تۈۋىدە، يۇمشاق كۆرپىدە ئېغىناپ يېتىپ كۈندۈزى ئىللىق ئاپتاپ لەززىتىدىن بەھرە ئالالايدۇ.بەزى يىللىرى 1-ئاي چىقىپ كەتكىچىمۇ قار ياغمايدۇ.لېكىن 2-ئاي كىرىپ ‹‹باھارغا ئازقالدى›› دەپ ئۈمىد بىلەن يۈرگەنلىرىمىزدە بىردىنلا ھاۋانىڭ پەيلى بۇزۇلىدۇ.بىر كۈن قارىساڭ جۇدۇن بولۇۋاتقان،بىر كۈن قارىساڭ قار يېغىۋاتقان، كۆڭۈلنى غەش قىلىپ ھەپتىلەپ توپا يېغىشلارچۇ تېخى؟!
يېڭى يىلغا ئاز قېلىۋىدىيۇرتىمىزدا كېسەللەر كۆپىيىپ كەتتى.مەنمۇ خىزمەتكە بېرىپ كېلىش جەريانىدا ئۆپكەمگە سوغاق تەككۈزىۋېلىپ يۆتەل بولۇپ قالدىم.دوختۇرغا كۆرۈنسەم نەچچە كۈن ئاسما ئوكۇل ئاستۇرۇۋېتىشنى جېكىپ بىر بوخچا كەلگۈدەك دورا -ئوكۇلنى قولتۇقلىتىپ قويدى.ئامبۇلاتۇرىيەنىڭ ئوكۇل ئاستۇرغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان چوڭ زالىغا كىرسەم تام ياقىلىتىپ قويۇلغان 30غايېقىن تۆمۈر ئورۇندۇق مەندەك ھاجەتمەنلەر بىلەن لىق تولۇپتۇ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئادىتىم بويىچە ئىشىكتىن كىرىپلا كۆپچىلىككە سالام بەجا كەلتۈردۈم.مېنى تونۇيدىغان ئەرلەردىن بىرقانچىسى ئالايىتەن ئورندىن تۇرۇشۇپ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاپ سالام قايتۇردى.بىر قىسىم ئاياللار بولسا ئالدىغا ئازراقلا پۈكۈلۈپ قويۇپ جىم ئولتۇرۇشتى.تونۇيدىغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىللىق چىراي بىر يىگىت ئورندىن تۇرۇپ ئۆز ئورنىنى ماڭا بوشىتىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى:
-قېنى مۇئەللىم،بۇ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرسىلا،ساقسىز بولۇپ قالغان ئوخشىماملا؟
مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەچ بوشاتقان ئورنىغا رەھمەت ئېيتىپ سىلىق سۆز بىلەن رەت قىلدىم. لېكىن ئۇ ئۇنىماستىن قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى.كېسەللەر ۋە قارىغۇچىلىرىىنىڭ كۆپلىكىدىن بوش ئورۇن قالمىغان،بىر كىم بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغۇچە ئولتۇرغانلار ئورۇندىقىنىڭ تارتىۋېلىنىشىدىن قىزغىنىپ بەس بەستە ئالىيىپ قارىشىدىغان بۇ سورۇن مېنىڭ داۋاملىق رەت قىلىۋېرىشىمگە ئىمكانىيەت بەرمىدى.مەن ئۇئورۇندا ئولتۇرۇپ نۆۋەت ساقلاشقا باشلىدىم.مەندىن بۇرۇن كىرىپ نۆۋەت ساقلاۋاتقانلارمۇ خېلى بولغاچقا ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كېيىن ئاران تەستە نۆۋەت ئالالىدىم.كېسەل كۆپ لېكىن نۆۋەتچى سېستىرا پەقەت بىرلا بولغاچقا ئۇ تازىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئېدى.بىرەر ئىككى مىنۇت ئۇھ دەپ ئولتۇرغۇدەك پۇرسەتكىمۇ ئېرشەلمەي زال بىلەن ئىچىدىن توسۇلغان ئەينەكلىك ئوكۇل بۆلۈمى ئارىسدا موكىدەك قاتناپ ئوكۇل ئاسماقتا ۋە ئوكۇل بوتۇلكىسى ئالماشتۇرماقتا ئېدى.بۇئالدىراش مەنزىرىنى كۆرۈپ سېستىرالارنىڭ نەقەددەر ئۇلۇغ،نەقەدەر جاپاكەش ئىكەنلكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم.
بۇ زال خىېلىلا چوڭ،سەپلەنگەن ئۈسكىنىلەر خىېلىلا كۆپ بولسىمۇ ،لېكىن مەن بۇ يەرنىڭ بىر خەتەرلىك مۇھىت ئىكەنلكىنى تېزلا تونۇپ يەتتىم.كىرگەنلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك زۇكام ۋە قىزىتما،قالغان يېرىمى بولسا مېنىڭدەك يۆتەل سەۋەبى بىلەن كىرگەنلەر بولۇپ ھەممەيلەن خۇددى بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك توختىماستىن يۆتىلەتتى. ماسكا تاقىۋالغانلار يوق دېيەرلىك ئېدى. بۇنداق مۇھىتتا يۆتەلگەن يۆتەللەر تۈكرۈك چاچرىتىدۇ.بۇ تۈكرۈكلەردە مول يۇقۇملۇق ۋىرۇسلار بولىدۇ.ئۇ ھاۋا بىلەن ئارلىشىپ نەپەس يوللىرىمىزغا كىرىپ بىزگە ئەسلىدە يوق كېسەل؛لەرنى يۇقتۇرۇپ ئۈلگۈرىدۇ.مەنمۇ يۆتەل بىلەن كىرىپ(ماسكىنى بىر سائەت كېچىكىپ تاقىغاچقا زۇكام يۇقتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم ) .كېسەللەر ئارقىمۇ-ئارقا كەلمەكتە . ئامبۇلاتۇريەدىكى نۆۋەتچى دوختۇر ئىشخانىسىدىمۇ ئەتىگەن سەھەر كەلگەندىن بېرى چۈش بولۇپ ئاشسىمۇ تېخىچە نۆۋەت ئالالماي ساقلاپ تۇرۇۋاتقان كېسەللەر بىلەن تىقما-تىقماق بولۇپ كەتكەن ئېدى.دوختۇر چۈشلۈك تامىقنى 15 مىنۇتتىلا ئاددىي يەپ كىرىپ پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتىۋېتىپ كېسەل كۆرۈشكە تۇتۇندى. ئاڭلىساق بالنىستنىڭ كېسەللەر ياتاقلىرىمۇ كېسەللەر بىلەن تولۇپ كارىدۇرلارمۇ كۆپەيتمە كارۋاتلار بىلەن تولۇپتۇ. سوغاقنىڭ كۈچىيىشى كېسەللەرنىڭ سانىنى شىددەت بىلەن ئاۋۇتىۋەتكەندەك قىلاتتى.
ئىككى كۈنلۈك ئۇكۇل ئاستۇرۇش جەريانىدا يەنە مۇنداق ئىككى ئىش ماڭا قاتىق تەسىر قىلدى. بىرسى ئىجابى تەسىر،يەنە بىرى بولسا سەلبى تەسىر.
قىزىتما بولۇپ قېلىپ كىرىپ ئوكۇل ئاستۇرۇۋاتقان 4ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىۋىدى.ئانسى قاتتىق يىغلاپ ئېچىنىشلىق ئۈن بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشقا باشلىدى:
-سەبىرە،...جېنىم قىزىم سەبىرە،...نېمە بولدۇڭ؟ كۆزۈڭنى ئاچقىنە! قىزىم... مېنى قورقۇتمىساڭچۇ؟...
ئوكۇل ئالماشتۇرۇۋاتقان سېستىرا بوتۇلكىنى كېسەلنىڭ قارىغۇچىسغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ چېپىپ چىقىپ كېتىپ ھېلىقى ئالدىراش كېسەل كۆرۈۋاتقان ياش دوختۇر يىگىتنى باشلاپ كىردى.ئولتۇرغانلارمۇ پات-پاراق بولۇشۇپ كەتتى.دوختۇر قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتمەي چاققانلىق ۋە سالماقلىق بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى.ئالدى بىلەن ئوكسىگىن تۇڭىنى سۆرەپ كېلىپ تېزلىكتە قوزغىتىپ نەپەسلىنىش نەيچىسىنى قىزنىڭ بۇرنىغا كىرگۈزدى.ئاندىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك نامى تىلىمىزغا ئاسان كەلمەيدىغان ئاللىقانداق ئوكۇللارنى سېستىرالارغا بۇيرۇشقا باشلىدى.
-پالانچى ئوكۇلدىن 5مىللى،....پۇستانچى ئوكۇلدىن 10 مىللى سۈمۈرۈپ چىقىڭ،پۇكۇنچى ئوكۇلدىن20 مىللى تەييارلاپ بىلەكتىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇڭ.
نۆۋەتچى سېستىرا ۋە كېيىن ياردەمگە كىرگەن يەنە بىر سېستىرا ئىككىسى دوختۇرغا زىچ ماسلىشىپ يۈگۈرشىپ يۈرۈپ بۇيرىغان دورا- ئوكۇللار بىلەن كېسەل قۇتقۇزدى.
جىددىي قۇتقۇزۇش تەرتىپلىك داۋاملاشماقتا،بۇ يەر بەئەينى باشقىچە بىر جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قالدى.دوختۇر سېستىرالار بۇ جەڭدە بەئەينى شەپقەت پەرىشتىلىرىدەك ئۆم ئىناق بولۇپ ئەزرائىلنىڭ قولىدىن كىچىك قىزنىڭ جېنىنى تالىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. كۈرەش ئاخىر ئۈنۈم بەردى. كىچىك قىزنىڭ تارتىشىپ قالغان پۇت قوللىرى ئاستا-ئاستا مىدىرلاپ كۆكىرىپ كەتكەن يۈزىدە قان ۋە نۇر پەيدا بولدى...دوختۇر ۋە سېستىرالار ئاخىر يىنىك تىن ئالدى.قىزنىڭ ئانىسىنىڭمۇ يىغىسى توختىدى.باشقىلارمۇ ئابايا تەڭ جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ ھىسداشلىق نەزىرى بىلەن قىزنىڭ ئانىسغا،چەكسىز قايىللىق ۋە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن ياش، قارىقاش دوختۇر ۋە سېتىرالارغا قاراشتى....
ماڭا تەسىر قىلغان ئىككىنچى ئىش سالامسىز چوكاننىڭ قىلمىشى.ئۆرۈپ ئادىتىمىزدە يالغۇز ئادەم كۆپچىلىككە،ئۆرە تۇرغان ياكى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئولتۇرغانلارغا،كىچىك چوڭغا،ئۇلاغ مىنگەن پىيادە ماڭغانلارغا: ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ››دەپ ئاۋال سالام بېرىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن زالنىڭ ئىشىكىدىن بويىنىڭ ئورۇق زىلۋىلىقى ۋە ئېگىزلىكىدىن بەئەينى ئىككى مېتىرلىق بامبۇك خادىسىغىلا ئوخشايدىغان بىر چوكان سالام سائەتسىزلا كىرىپ ئولتۇغان شۇنچە كۆپ كىشىلەرگە چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇرغىلى بوش ئورۇن ئىزدەپ ئۇياق-بۇياققا قاراشتۇردى.ئولتۇرغانلارمۇ بىمەھەل كەلگەن بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانغا ئېرەن قىلماي ئۆز ئىشلىرى ۋە پاراڭلىرى بىلەن بولۇشىۋەردى.بۇ چوكان تولىمۇ ھاكاۋۇر بولۇپلا قالماي يەنە خېلى ياسانچۇق بولۇپ قىش بولۇشىغا قارىماي چىپپىدە تار قىلىپ كىيىۋالغان ئىسىل كىيىملىرى ئۇزۇن تاياققا يۆگىشىپ قالغان رەڭگارەڭ لاتاپۇرۇچلارنى ئەسلىتەتتى. ئۇنى كۆرۈپلا ئېسمگە كەلگىنى ‹‹ ئۇزۇن تاياق›› دېگەن ئۇقۇم بولدى.بۇ ‹‹ئۇزۇن تاياق››نىڭ ئاستى سېركولنىڭ جۈپ تۆمۈر پاچىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ ئىككى پۇتىدىكى بويىنى تېخىمۇ ئىگىز كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىۋالغان ئىگىز پاشنىلىق،ئۇزۇن قونچىلىق خىروم ئۆتۈكىنىڭ تاپىنىدىكى ئىككى ئۇزۇن قوزۇق دەممۇ دەم ئالمىشىپ يەرگە ‹‹توق ..توق..توق..›› قىلىپ تېگىپ ، زالنىڭ شىبەن تاش باسقان ئاستىنقى قىسمىنى تېشىۋېتىشكە ئۇرۇنىۋاتقاندەك قىلىپ توكۇلدايتتى.ئۇ كىرىپ قاياققا بېرىشنى بىلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى،ئاڭغىچە بىر تونۇشى ئۇنى يېنىغا چاقىرىۋېلىپ يېنىدىن ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىپ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇۋالدى.
شۇ پەيتتىكى ھەجۋىيلىك بىلەن تويۇنغان شېئىرىئ ىلھاملىم ھازىر بۇ يازمىنى يېزىۋاتقىنىمدا ئاللىقاچان سۇسلىشىپ بولغان ئېدى.شۇنداقتىمۇ بىر زورۇقۇپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.
ئىشىكتىن كىرىپلا شۇ ‹‹ئۇزۇن تاياق››،
ئۈستىبىر ،ئاستى جۈپ سېركولدەك ياياق.
سالامسىز گۆلەيدى ئولتۇرغانلارغا ،
گويا ئۇ تەربىيسىز، يۈگەنسىز ساياق.
تۇرقىلا تاياقكەن دەپمۇ قالمىغىن،
قاتىيىپ مېڭىشى ،تۇرۇشى تاياق.
تاياققا يۆگەلگەن شۇ تاۋار دۇردۇن،
ئەدەپسىز بەندىنىڭ مەنزىلى قاياق؟!
مەنبەسى:ئۆزقەلىمىم
2015-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 10:03 PM