kulpat يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 03:38 PM 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىنكا ئۇلۇغ جۈمە كۈنىنى تاللا ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام kulpat ئۇكام!
مېنىڭچە كىتاب ئوقۇش، ۋە كىتاب ئوقۇشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش بىلىمنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان توغرا تونۇش، مىللەتكە بولغان مۇھەببەت، ۋە كۈچلۇك ئېتىقادنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمدە ئاشۇ ئۈچ نەرسە بار بولىدىكەن، ھەرگىزمۇ كىتاب ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇكىمىز ماڭا «2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلساق، سىزچە قانداق بولار؟» دەپ ئېلخەت يېزىپتۇ. مەن بۇنداق پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنى پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى بىر ئويلۇنۇپ باققان بولسا. ئەگەر بۇ ئىشنى ھەممەيلەن مۇۋاپىق كۆرسە، ئۇنى ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىپ، 2015-يىلى ئاشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئېڭىنى ئۆستۈرگەن بولساق.