مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7192|ئىنكاس: 54

بىلىمخۇمار: گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:00:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى


مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىندا تەييارلىغان «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق ـــ بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» [1] دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدىم:

--«گېرمانىيە» بىلەن «ئىنژېنېرلىق» نىڭ مەنىداش سۆز بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى. 1945-يىلى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ بېسىۋېلىنغان قىسمى 4 پارچە زېمىنغا بۆلىۋېتىلگەن، ھەمدە 1950-يىلىغا كەلگۈچە ئۇنىڭ قايتا كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىر سانائىتى بىرلەشمە كۈچلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. لېكىن گېرمانىيە يەنە كۈچەيدى. ھازىر ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولغان قالغان ئەللەرنى يۆلەۋاتىدۇ.

--ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گېرمانلار دىننى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان. بولۇپمۇ ئەنگلىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گېرمانلار ھەقىقىي دىنچىلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارغا قاراتقان. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانلاردىمۇ دىن جەھەتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسىمۇ «خۇداغا ئىشىنىدىغان، ئەمما دىنچى ئەمەس» (spiritual but not religious) كىشىلەرگە ئايلاندى. گېرمانلارمۇ ئىنتايىن قاتتىق ئىشلەيدۇ. ۋەزىپىنى ناھايىتى يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلايدۇ، ھەمدە ناھايىتى ئىجادچان. ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئىشلىتىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانلار ئىجات قىلغانلىرى ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 1762-1814-يىللىرى ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ فىختې (Johann Gottlieb Fichte) مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانلارنىڭ روھى بىر بۈركۈتكە ئوخشاش. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە مەخسۇس چېنىقتۇرغان قانىتىنى قېقىپ، ئۆزىنىڭ ئېغىر بەدىنىنى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە مەجبۇرى قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى چوڭقۇر تەپەككۇرلار ئارقىلىق ئۆزىگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان بىر قۇياشقا ئوخشاش مەنبەگە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت.» مەن بۇ سۆزنى گېرمانلارنىڭ روھىنى ناھايىتى ئىخچام ۋە ناھايىتى جانلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم.

خۇددى يۇقىرىقىدەك، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى خېلى كۆپ ماقالىلىرىدە ياپونلار، گېرمانلار ۋە يەھۇدىيلارنى تىلغا ئالدىم. يەنى مەن ئۇلارنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۈتۈنلەي ۋەيرانلىققا ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 70 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلىپ، ھەمدە ئىشلارنى توغرا قىلىپ، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ھازىر يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئالدىم. شۇنداقلا ياپونلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نېمىگە تايىنىپ ئاشۇنداق قىلالىغانلىقىنى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى 4 پارچە ماقالىسىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. ئەمما گېرمانلار ئۈستىدە ھازىرغىچە توختىلىپ باقمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، مېنىڭ گېرمانلار ھەققىدىكى تونۇشۇم ئانچە تولۇق ئەمەس بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ئۇلار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەمدە ئۇلارنى قانداق تونۇشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىپ كەلدىم.

ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 18-نويابىر كۈنى، ئامېرىكىدىكى مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلارنىڭ ھەممىسى كەچلىك مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر ۋاقتىدا مۇنداق بىر ئىشنى خەۋەر قىلدى: گېرمانىيە يېقىندا «دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دۆلىتى» (World’s favorite country) بولۇپ باھالانغان. ئاشۇ خەۋەر مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىشىمغا سەۋەبچى بولدى. مەن يالغۇز ئاشۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىنىلا بىر ماقالە قىلىپ يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ئۇنىڭغا گېرمانلارنىڭ ئەڭ روشەن 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرىنى قوشۇپ بايان قىلىشنى قارار قىلدىم.

يۇقىرىدىكى خەۋەر ئەسلىدە مۇنداق بىر ئىش ئىكەن: ئىنگلىزچە «Anholt Gfk Nations Brand Index» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆرسەتكۈچ بار بولۇپ، ئاشۇ كۆرسەتكۈچكە مەسئۇل تەشكىلات دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان 50 دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ ئېلان قىلىدىكەن. ئاشۇ باھالاشتا ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان 1-ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى گېرمانىيە ئېلىپتۇ. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ 23 ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئۇلار 6 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمنى تەشكىل قىلىدىكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە [2]، بۇ يىل گېرمانىيىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنتەربىيە ساھەلىرىدە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى پۇختا ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن ياۋروپانى يېتەكلەپ مېڭىشى، شۇنداقلا ئۇلار ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىقلار بار ئىكەن.

بۇ باھالاشقا دانىيىگە جايلاشقان «Anholt-Gfk» دېگەن ئورگان مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار 20 دۆلەتتىكى 20125 (20 مىڭ 125) نەپەر ئادەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھېلىقى 50 دۆلەتنى دەرىجىگە ئايرىپ چىقىدىكەن.

ئامېرىكا بۇ باھالاشتا 2009-يىلىدىن باشلاپ بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قۇرۇلمىلىرى جەھەتتە ھازىرمۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، بۇ قېتىم ئامېرىكا دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتلەردە بىر ئاز زىيان تارتىپ، بۇ جەھەتتە ئۇ 19-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان [3].

بۇ يىلقى باھالاشتا رۇسىيەنىڭ ئورنى 3 دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 25-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتكىنى 22-دۆلەت ئارگېنتىنا، 23-دۆلەت جۇڭگو، ۋە 24-دۆلەت سىنگاپورلاردۇر. بۇ قېتىمقى باھالاشتا ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن دۆلەتلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

(1) گېرمانىيە
(2) ئامېرىكا
(3) ئەنگلىيە
(4) فىرانسىيە
(5) كانادا
(6) ياپونىيە
(7) ئىتالىيە
(8) شۋېتسارىيە
(9) ئاۋسترالىيە
(10) شۋېتسىيە

گېرمانلارنىڭ بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەن ئۇلار ھەققىدە بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا تونۇشتۇرۇشنى ئويلىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ئاشۇنداق بىر مەقسەتتە مەن گىتلېر يازغان بىر قېلىن ئىنگلىزچە كىتابنىمۇ سېتىۋالدىم. ئەمما ئۇنى تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم. تورلارنى ئىزدەپ، گېرمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىدىغان ئىلمىي ماقالە ياكى بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن بىرەرنى تېخىچە تاپالمىدىم. نېمىشقىكىن بۇنداق مەزمۇندىكى ماتېرىياللار تورلاردىن ئانچە تېپىلمايدىكەن.

مەن بۇ قېتىم گېرمانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشىغان بىر ئادەم يازغان، گېرمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى (personality traits) ھەققىدە بىر پارچە ماقالە تاپتىم [4]. توردىكى بۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا نۇرغۇن ئىنكاسلارمۇ چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ئىنكاسلارمۇ ئەسلىدىكى ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەكۈنلەرنى جەزملەشتۈرىدىكەن، ياكى بولمىسا تولۇقلايدىكەن. ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ توردىكى ئىسمى «شنىتزېل رەپابلىك» (Schnitzel Republic) بولۇپ، ئۇ بىر ئامېرىكىلىق ئىكەن. ئەمما ئۇ بىر ئەسكەر بولۇپ، گېرمانىيىدە 20 يىل ياشاپتۇ، ھەمدە بىر گېرمانلىق قىز بىلەن توي قىلىپتۇ. ئۇنىڭ بىر تور بلوگى بار بولۇپ، بۇ بلوگدا ئۇ پۈتۈنلەي گېرمانىيە ۋە گېرمانلار ھەققىدىكى نەرسىلەرنى يازىدىكەن. مەسىلەن، گېرمانىيە، گېرمانلىقلار، گېرمان تەتقىقاتى، گېرماندىكى سىياسىي ئەربابلار، گېرمان تېلېۋىزورى، گېرمان يېمەكلىرى، گېرمان چاقچاقلىرى (ياكى گېرماندا چاقچاقنىڭ كەمچىللىكى)، گېرمان ئادەتلىرى، گېرمانىيە خەۋەرلىرى، گېرمانىيە ماشىنىلىرى ۋە گېرمان تارىخى قاتارلىقلار.

تۆۋەندىكىسى شنىتزېل رەپابلىك تەييارلىغان «بىر گېرماننىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى» دېگەن ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى. مېنىڭچە بۇ ئاپتور تىلغا ئالغان 7 خاراكتېر بىر تولۇق تىزىملىك بولماستىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان 7 خاراكتېر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، گېرمانلارنىڭ بىر ئىشنى قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە پۇختىلىقىمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەمما شنىتزېل گېرمانلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى ھېلىقى 7 خىل خاراكتېرگە قوشماپتۇ.


1. گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى

(1) جاھىللىق

بۇ بىزگە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئايان. بۇ بىزگە 1950-يىللاردىكى ئىشلاردىن، ھەمدە گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىدىن ئايان. نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئىقتىسادى تەۋرەپ قالدى. بولۇپمۇ گىرېتسىيە يىراقنى كۆرۈش جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە خاتالىشىپ، نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى. ئەمما گېرمانىيە بولسا بىر ئىدىيىگە چىڭ ئېسىلىپ، ئۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. گېرمانلار ئۆز پىكىرلىرىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتىمۇ چوقۇم مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئاشۇنداق بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىدۇ.

(2) ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش

ئەگەر بىر گېرمانلىق بىر ئەنئەنىنى باشلىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى «ئوكتوبەرفەست» (Octoberfest) دەپ ئاتىلىدىغان بايرامدىن ئىبارەت. بۇ بايرام ھەر يىلى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنىگىچە 16 كۈن داۋاملىشىدۇ. ئۇ 1810-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ [5]. گېرمانىيىدە مۇشۇنداق بايراملاردىن بىر قانچە مىليونلىرى بار. مەسىلەن، بەزى جايلاردا ھەر يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى «كۈزلۈك ھويلا تازىلاش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەر يىلنىڭ شۇ كۈنى ھەممە ئادەم ئاڭلىق ھالدا ھويلا تازىلايدۇ. بەزى جايلاردا بىر يازلىق بايرام كۈنى داۋام ئېتىۋاتقىلى 60 يىلدىن ئاشقان بولىدۇ. ئەگەر بىرەر سۇ ئاپىتىگە ئوخشاش چوڭ ئىشلار يۈز بەرمىگەنلا بولىدىكەن، كىشىلەر ئاشۇنداق بايرام كۈنىنى زادىلا ئۆزگەرتمەيدۇ.

بۇ خىل ئەھۋال ئايرىم-ئايرىم كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مەسىلەن، بەزىلەر ئۆمۈر بويى «ئوپېل» (Opel) دىن ئىبارەت بىرلا ماركىلىق ماشىنا ھەيدەيدۇ. بەزى ئاياللار ئۆزلىرى ئايرىم دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرلىن (گېرمانىيىنىڭ پايتەختى) گە كېتىدۇ. بەزىلەر ئۆيىنى بىر خىل سىرلىۋالغان بولسا، ئۇنى 45 يىلغىچە ئۆزگەرتمەيدۇ. بەزىلەر بىرلا ماشىنا رېمونت قىلىدىغان مېخانىكنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئىش بىر ئەنئەنىگە ئايلانغاندىن كېيىن، بۇنى ئاشۇ مېخانىك پېنسىيىگە چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

(3) تېجەشچانلىق

ئادەتتە بۇنى «ئەرزان ماللار بىلەنلا ياشاش» دەپ ئاتىساقمۇ بولاتتى، ئەمما ئۇنداق دېسەك يۈزدە-يۈز ئادىللىق قىلغان بولماي قېلىشىمىز مۇمكىن. كۆپىنچە گېرمانلار ھەر يىلى يازدا 10 كۈن تەتىل قىلىپ، بىر يەرلەرگە بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 دوللار پۇل بار بولۇشى بىر ناھايىتى نورمال ئىش. ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئاشۇ 300 دوللار پۇلنى 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا يەتكۈزەلەيدۇ.

ئەگەر پېنسىيىگە چىققان گېرمانلارغا قاراپ باقسىڭىز، ئۇلار 65 ياشقا كىرگەندە ھەر ئايدا خەجلەيدىغان پۇلى بىر مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئاشۇنچىلىك ئاز پۇلنى يەتكۈزۈپ خەجلىيەلەيدۇ.

ھازىر گېرمانلار گېرمانىيىدىكى ئۆي رېمونت قىلىدىغان ماتېرىياللارنى ساتىدىغان «ھورنباخ» (Hornbach) دېگەن چوڭ دۇكانلاردىن ناھايىتىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئۆي بېزەشكە بىرەر كەسپىي شىركەتنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا پولشالىق ئىشلەمچىلەردىن بىرەرنى بىر ھەپتىلىك ياللىۋېلىپ، ھەممە ماتېرىياللارنى بازاردىن ئۆزلىرى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، ئۆينى سىرلاش ۋە ئۆينى بېزەش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى قىلىدۇ.

(4) بەس-مۇنازىرىگە ئامراق كېلىش

گېرمانلار بەس-مۇنازىرە قىلىشىدىغان ئىشلار ناھايىتىمۇ كۆپ. بىرى ھويلىسىغا بىر خىل دەرەخ تىكسە، قوشنىسى ئۇنى ياقتۇرماي مۇنازىرىلىشىشى مۇمكىن. بىرى قىش كۈنى ماشىنىسىنى ئىككى مىنۇت ئىسسىتسا، ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋاز ھەققىدە قوشنىسى مۇنازىرىلىشىشى مۇمكىن. قوشنىسى بىر مىنۇتقا چىدايدۇ، ئەمما ۋاقىت ئىككى مىنۇتقا ئۇزىراپ كېتىدىكەن، قوشنىسى چىقىپ بۇ كىشى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ.

مۇشۇنداق بىر خىل شەكىلدە بىر گېرمانلىق سىزنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا سىز ماقۇل بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، بەس-مۇنازىرە ياكى تالاش-تارتىش باشلىنىدۇ.

(5) يۇمۇر جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك

ئامېرىكىدىكى روبىن ۋىللىيەمز (Robin Williams) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق يۇمۇرچىلارنىڭ چاقچاقلىرى گېرمانىيىدە ئازراقمۇ قارشى ئېلىنمايدۇ ياكى ئاقمايدۇ. ئەمما گېرمانلار باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدىغان يۇمۇرلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي سىستېمىسى قاۋاقخانىدىكى بىر مەستتىنمۇ بەكرەك بۇزۇلۇپ كەتتى، دېگەندەك گەپلەر گېرمانلارنى ناھايىتىمۇ قاتتىق كۈلدۈرۈۋېتەلەيدۇ.

گېرمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي مۇھىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ئىشخانا يۇمۇرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بىر قاسساپخانا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بيۇروكراتلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرگە ناھايىتىمۇ بەك كۈلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق ئىشلارنى ھەر كۈنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ.

ئىلاۋە: مەن بۇلاردىن گېرمانلار ئويدۇرۇپ چىققان، ياكى ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپلەرگە زادىلا كۈلمەيدىكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى ئۇيغۇر زاتلارنىڭ ئېچىنىشلىق ياكى نەپرەتلىنىدىغان ئەھۋاللارنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد تۆكۈش يىغىلىشلىرىنى ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىنىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم.  ئۇيغۇر ئىتوت سورۇنلىرىدىمۇ چوڭلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن مەيداندا ئولتۇرغان كىچىك بالىلارنى قىلچىمۇ ئويلىشىپ قويمايدىغان مەزمۇنلارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. بىز داۋاملىق كۈلۈپ-يايراپ ياشىيالىشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. كۈلىدىغان ئىشلار بار، نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارمۇ بار. نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزلەش نورمال ئىنسانغا خاس ئىش ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار خېلى بەك تىرىشمىسا بولمايدۇ.

(6) كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى سوغۇقلۇق

سىز بىر يېڭى جايغا كۆچۈپ كەلسىڭىز، قوشنىڭىز بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن 10 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز قوشنىڭىز بىلەن «ئەڭ كۆپ ئارىلاشتىم» دېگەندىمۇ، ماشىنا بىلەن ھويلىڭىزدىكى ئوتلارنى ئورغاندا، قوشنىڭىز بىلەن بىر قېتىم بىر قۇتا پىۋىنى بىللە ئىچكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.

بىر گېرمانلىق قىز بىر گېرمانلىق يىگىت بىلەن تونۇشۇپ، ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغان ئىشنى سىز ھەرگىزمۇ ئۇچرىتالمايسىز.

گېرمانلار ئۆزىنى قوغداشتىكى بىر خىل تاكتىكا سۈپىتىدە مۇشۇنداق سوغۇقلۇقنى ساقلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق تاكتىكا بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يېقىنلىرىنى قوغداپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خىل بىخەتەر شارائىتنى ھازىرلايدۇ.

(7) يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر كېلىش

گېرمانلار يېڭىلىق يارىتىشقا ناھايىتى قادىر كېلىدۇ. يامغۇر ياغقاندا بەزى قىممەت باھالىق ئاپتوموبىللاردىكى يامغۇر سەزگۈچ ئۇنى بىلىپ، ئاپتوموبىل ئەينىكىدىكى سۇ ئېيتقۇچنى ئاپتوماتىك ھالدا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇنى گېرمانلار كەشىپ قىلغان. ئاپتوموبىللاردىكى ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ گېرمانلار كەشىپ قىلغان. ئۇلار كەشىپ قىلغان نەرسىلەردىن يەنە ئىسسىتقۇچ، قەلەم، خەت بېسىش ماشىنىسى، ماشىنىنىڭ رېزىنكە چاقى، يەر ئاستى پويىز، ھەتتا ئېغىزى ھىم ئېتىلىدىغان پلاستىك خالتا قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇلار بىر يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر دەمدىلا بىر يېڭى نەرسىنى ئويلاپ تاپالايدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ كەشپىياتىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ.


2. كىتاب ئوقۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش

ئادەتتە بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر كېلىش-كەلمەسلىكى ئۇلارنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇش-ئوقۇماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كېلىدۇ. ئەنگلىيەدىكى خەلقئارا مېدىيە شىركىتى بېرتېلسمەن (Bertelsmann) يېقىندا بىر قانچە تەتقىقات شىركەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى ئۈستىدە بىر قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاشۇ تەكشۈرۈشنىڭ دوكلاتى 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىندى [6]. ئاشۇ دوكلاتتا دېيىلىشىچە، گېرمانلارنىڭ 70 پىرسەنتى، فىرانسۇزلارنىڭ 65 پىرسەنتى، ۋە ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ 72 پىرسەنتى ئۆزلىرىنى «يېڭىلىق يارىتىدىغان كىشىلەر» دەپ ھېسابلايدىكەن. يېڭىلىق يارىتىلىدىغان كەسپىي ساھەلەرنىڭ ئىچىدە رەسساملىق، ناخشىچىلىق ياكى مۇزىكانتلىق قاتارلىق 3 سەنئەتچىلىك ساھەسى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن.

بۇ 3 دۆلەتتىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى 392000 (392 مىڭ) بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى 128 مىليارد ياۋرۇلۇق كىرىم قىلىدىكەن، ھەمدە 3.3 مىليون ئادەمنى خىزمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ جەھەتتە گېرمانىيە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، گېرمانىيىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كاتېگورىيىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 49 مىليارد ياۋرۇ، ئەنگلىيىنىڭ 44 مىليارد ياۋرۇ، ۋە فىرانسىيىنىڭ بولسا 35 مىليارد ياۋرۇ ئىكەن.

ھەر خىل مېدىيەلەردىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قىلىش جەھەتتە دۆلەتلەر ئارا ۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەر ئارا پەرقلەر بار ئىكەن. پۈتۈن گېرمانلارنىڭ ئىچىدە ھەر بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە چوقۇم ژۇرنال ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 65 پىرسەنت، فىرانسۇزلارنىڭ 45 پىرسەنت، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ بولسا 40 پىرسەنت ئىكەن. گېرمانلارنىڭ ئىچىدە 47 پىرسەنت كىشى كەم دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم كىتاب ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيىلىكلەر 52 پىرسەنت، فىرانسۇزلار بولسا 36 پىرسەنت ئىكەن. ژۇرنالنى ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغانلار 40 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىشىلەر بولۇپ، 40 ياشتىن كىچىكلەر بولسا تېلېۋىزورنى چوڭلاردىن كۆپرەك كۆرىدىكەن.

مەن ئوقۇرمەنلەردىن مۇشۇ يەردە توختاپ، بىر ئاز ئويلىنىپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىمەن: ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر ھەپتىنىڭ ئىچىدە چوقۇم ژۇرنال، گېزىت ياكى كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ ئۇلار 5 پىرسەنتكە بارامدۇ؟ ئۆيىدە كىتاب ساقلايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ ئۆيىدە مەخسۇس بىر «كىچىك كۇتۇپخانا» ئورنى بار ئۇيغۇرلارچۇ؟

مەن ئادەتتە ئۆزىمىزنىڭ سەلبىي ئىشلىرىنى بەك تەكىتلەپ كېتىشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن. سەۋەبى، بىزنىڭ دەردىمىز ھازىر خېلى يېتىپ ئاشىدىغان بولۇپ، كەچكىچە سەلبىي نەرسىلەرنى سۆزلەۋەرسەك، خەلقىمىز ئەمدى ئۇلارنى كۆتۈرەلمەي قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، مىللەتنىڭ قۇدرەت تاپالماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئىنتايىن روشەن ئامىللارنى تىلغا ئالمايمۇ بولمايدىكەن. بىزنىڭ سەنئەت مەدەنىيىتىمىز ۋە سورۇن مەدەنىيىتىمىز بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ بەزى يازمىلىرىدا ئۇلارنىڭ بەزى جەھەتتە ھازىرغىچە ئوينىغان رولىنى دىننىڭ رولى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويدۇم. ئەمما، نىسبەت توغرا بولۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا نىسبەت توغرا بولۇشقا يېقىنراق بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىز بىر جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى، پۈتۈن جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، يەنە بىر جەھەتتە، بولۇپمۇ كىتاب ئوقۇش جەھەتتە نۆلگە يېقىن بولساق، ئىشىمىز ئاقمايدۇ.

مەن ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دېگەن ماقالىسىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن [7]. مەن ئۇ ماقالىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قويدۇم.


3. ئاخىرقى سۆز: باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى ۋە مەركەزلەشتۈرۈش

مەن مەزكۇر ماقالىدە گېرمانلارنىڭ 7 خىل ئاساسلىق كىشىلىك خاراكتېرىنى تونۇشتۇردۇم. گەرچە مەزكۇر ماقالىدا ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، گېرمانلار ناھايىتى يۇقىرى ساپاغا ئىگە بولۇپ، بۇنداق ساپانى ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئىچىدە يولغا قويۇپ كەلگەن ناھايىتى پۇختا مائارىپ پروگراممىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. گېرمانلاردىكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قىسىم ياخشى كىشىلىك خاراكتېر ئاشۇنداق يۇقىرى ساپانىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. گېرمانلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ئۇلاردىكى ئېتىقاد بىرلىكى، ئىدىيە بىرلىكى، ئاڭلىقلىقتىكى تەكشىلىك ۋە ئۈستۈنلۈك، ۋە ھەرىكەت بىرلىكىدىن ئىبارەت. گېرمانلاردىكى بۇ خىل ساپا دۇنياغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر قېتىم نامايان بولدى. يەنى، ھازىر گېرمانىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا باشقا نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ ئىشلارنى قىلغان باش جىنايەتچى سۈپىتىدە گىتلېرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئاساسى بار. ئەمما، بىر ئەلدىكى ھەممە خەلق بىر ئادەمگە ئەگەشمىگەن بولسا، ئۇنچىۋالا ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ياپونلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان گېرمانلارنىڭ 2-خاراكتېرى «ئەنئەنىنى ساقلاش» تىن ئىبارەت. ئەمما ئاشۇ قىسىمنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر نەرسە بار: ئەگەر گېرمانىيىنىڭ بىر مەھەللىسىدە ياشايدىغان كىشىلەر «ھەر يىلى مانچىنچى ئاينىڭ مانچىنچى كۈنى ھەممىمىز ھويلا تازىلايمىز» دەپ قارار قىلسا، ئاشۇ مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم ھەر يىلى ئاشۇ كۈندە ھويلا تازىلايدۇ. بىر كىم ئۇلارغا ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشقاندا ئايرىم چاقىرىق قىلمايدۇ، ئايرىم ئەسكەرتىپ قويمايدۇ، ئۇ كۈنى ھېچ كىمنىڭ ئىشى چىقىپ قالمايدۇ، ھەمدە ئۇ كۈنى ھېچ كىم ئاغرىپ قالمايدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا، ياپوندا ياشاپ باققان قېرىنداشلارنىڭ ئېسىگە دەرھاللا مۇنداق بىر ئىش كېلىدۇ: بۇ جەھەتتە ياپونلارمۇ گېرمانلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش.

مەن ھازىرغىچە خىزمەت ۋە ساياھەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە بېرىپ باقتىم. شۇلارنىڭ ئىچىدە شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس ۋە پويىزلاردا بېلەت تەكشۈرمەيدىغان دۆلەتلەردىن بىر قانچىنى ئۇچراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى گېرمانىيىدىن ئىبارەت. يەنى، ئەگەر سىز گېرمانىيىدە يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇرماقچى بولىدىكەنسىز، سىز بېلەتنى يەر ئۈستىدىكى كوچىدىكى بىر ماشىنىدىن ئالىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز پويىزنىڭ ئىچىگە كىرگۈچە بىرەر ئىشىكتىن، بىرەر بېلەت تەكشۈرىدىغان ماشىنىدىن، ياكى بىرەر بېلەت تەكشۈرىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەيسىز. يەنى، سىز بېلەتنى ئېلىپ يانچۇقىڭىزغا سېلىپ قويۇپ، يەر ئۈستىدىن يەر ئاستىدىكى پويىزغا خۇددى بىر دۇكانغا كىرگەندەك كىرىپ كېتىسىز. بىزدەك ئۆمۈر بويى بېلەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ياشاپ كۆنۈپ قالغان كىشىلەرگە بۇنداق ئەھۋال بىر ئاز نورمالسىزلىقتەك تۇيۇلىدىكەن. ئەمما، ھازىرقى زامان گېرمانلارنىڭ ئاڭلىقلىق دەرىجىسى ئەنە شۇ سەۋىيىگە يەتكەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر پارچە ماقالىسىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بەدرى ۋە ئوھۇد ئۇرۇشلىرى ھەققىدىكى مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايان قىلدىم: بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلاردا ئىدىيە بىرلىكى، مەقسەت بىرلىكى، ۋە ھەرىكەت بىرلىكى بار بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئوھۇد ئۇرۇشىدا بولسا ئۇرۇشقا قاتناشقان مۇسۇلمانلاردا ئىدىيە بىرلىكى، مەقسەت بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكى ساقلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەدرى ئۇرۇشىدىكىدەك ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەي، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغىلىمۇ تاس قالغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەن «تاشتەك ئۇيۇشۇش» نىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتىم. بۇ «تاشتەك ئۇيۇشۇش» نىڭ رولىنىڭ ئىسلام نۇقتىسىدا تۇرۇپ بايان قىلىنىشىدۇر.

«تاشتەك ئۇيۇشۇش» نىڭ رولىنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم نەزەرىيىلەر «ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن داڭلىق ئىنگلىزچە كىتابتا «باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى» دېگەن تېما ئاستىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىسىدە ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم [8]. بۇ ئۇقۇم يالغۇز گېرمانىيە ياكى ياپونىيىدەك بىر ئەلگە، ياكى گېرمانلار ياكى ياپونلارغا ئوخشاش بىر قەۋمغا ماس كېلىپلا قالماستىن، ئۇ ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن توپلانغان ھەر بىر گۇرۇپپا كىشىلىرىگە، مەسىلەن، بىر شىركەت ياكى بىر كارخانا كىشىلىرىگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەرگە «باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى» نى گېرمانلار ۋە ياپونلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىسىدىكى «باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى» دېگەن مەزمۇننى مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىنىمۇ ئاشۇ مەزمۇن بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

مەن گېرمانلار ھەققىدە يازىدىغان مەزمۇنلار تېخى ئاخىرلاشمىدى. مەن بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، بىزگە بىر ئاز پايدىسى بار نەرسىلەرنى بايقىغاندا، ئۇلارنى يەنە ئايرىم ماقالە قىلىپ يوللاشقا تىرىشىمەن.

باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى

(ئەگەر تېخىچە ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، سىز تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى 8-مەنبەدىكى ماقالىنىڭ ھېچ بولمىغاندا كىرىش سۆز قىسمىنى بىر قېتىم ئوقۇۋېتىڭ.)

«ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن بىر داڭلىق كىتاب بار بولۇپ، ئۇ كىتاب ئىنگلىزچە «The secret law of attraction as explained by Napoleon Hill» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇنىيەت، يەنى ئىنسانلار ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسىلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە تارتىپ ئەكېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب 2008-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ناپولىيون خىل 1928-يىلى يازغان 8 توملۇق «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» (Law of Success) دېگەن كىتاب بىلەن 1937-يىلى يازغان «ئويلاپ باي بولۇش» (Think and Grow Rich) دېگەن 2 كىتابقا ئاساسەن تۈزۈلگەن. «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ بىر كىتاب بولۇپ يېزىپ چىقىلىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن تۈرتكە بولغان كىشى ئەندرۇ كارنىگىدىن ئىبارەت. بۇ كىتابتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى زاماندا كەڭ تارالغان مەدەنىيەتكە ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى ئاشۇ قانۇنىيەت بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامانغىچە ئۆتكەن مەشھۇر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بۇ «سىرى» نى بىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇلار باشقىلاردىن قىزغىنىپ، بۇ سىرنى ئاشكارىلىماي قوغداپ كەلگەن ئىكەن (ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىندى).

ناپولىيون خىل تۇنجى قېتىم ئەندرۇ كارنىگى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئەندرۇنىڭ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئەندرۇ ئۇنىڭغا ئۆز شىركىتىدە بىر «باش كۆڭۈل» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «باش كۆڭۈل» دېگەن بىر پسىخولوگىيە پرىنسىپىنى بايقىغان.

بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Master Mind» بولۇپ، بۇ يەردىكى «master» دېگەن سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «ئىگە، خوجايىن، ياللىغۇچى ، باشقۇرغۇچى، مۇئەللىم، ئۇستاز، ئۇستا، پىر، بەگزادە، مۇدىر» دەپ تەرىپلەنگەن. لېكىن مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن، بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچە «باش كۆڭۈل»، دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

باش كۆڭۈل دېگەن ئۇقۇمغا «بىر ئېنىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ماسلىشىش روھى بىلەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا بىلىم ۋە تىرىشچانلىقنى ماسلاشتۇرۇش»، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

ئەندرۇ كارنىگىنىڭ ئادەملىرى ئاشۇنداق بىر باش كۆڭۈلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈل ئىنتايىن ياخشى تەشكىللەنگەن، ۋە ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەممىگە قادىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار پولات سانائىتىدىن باشقا ھەر قانداق سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، خۇددى پولات سانائىتىدىكىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولار ئىدى.

يۇقىرىقى قۇرلارنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر باش كۆڭۈلنىڭ بېرىدىغان پايدىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ۋە كۈچنى بىر يەرگە توپلاپ بىللە ئىشلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىدىن ئانچە پەرقى يوقتەك ھېسسىياتتا بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە باش كۆڭۈلنىڭ يەتكۈزىدىغان پايدىسى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكى ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

سىزنىڭ خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، سىز كۆڭلىڭىزنى مەلۇم بىر ئىدىيىگە يىغسىڭىز، ئۇ ئىدىيە خۇددى بىر ماگنىتتەك رول ئويناپ، ئۆزىگە باشقا ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. بىر باش كۆڭۈل ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بىر يەرگە كېلىپ، كۆڭلىنى ئوخشاش بىر نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەندە ئاندىن بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىجادىي ئىدىيىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. باش كۆڭۈلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، باش كۆڭۈلنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئوخشاش بىر پەلسەپىگە ئاتىغان بولىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر ئورتاق، ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، ھەمدە بارلىق ئەزالار ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق چەكسىز ئەقىل مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ بىرلەشكەن كۆڭۈل ھەر بىر شەخس ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشقاندا، ھەر بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسى ئۆزىگە يەنە بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قوشۇۋالىدۇ.

ئىنسان مېڭىسىنى بىر ئېلېكتر باتارېيىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆپ ساندىكى باتارېيىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىلەر بىر ئايرىم باتارېيىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر باتارېيە چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئۇنىڭدىكى تارماق باتارېيىنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ. ئىنسان مېڭىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ. يەنى، بىر قىسىم مېڭىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يەنە بىر قىسىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بىر توپ مېڭىنى ئۆز-ئارا تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا، ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان تەپەككۇر بىلەن ئېنېرگىيە بىر ئايرىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا زور بولىدۇ. يەنى، باش كۆڭۈل سىزنىڭ ئىجادچانلىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا بىر بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر باش كۆڭۈل ئىتتىپاقداشلىقىنى ھاسىل قىلىشتىكى مەقسەت، مەركەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىنىشتىن ئىبارەت. يەنى، باش كۆڭۈل پرىنسىپى بىر توپ ئادەم كۆڭلىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسىي مەقسەتكە توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مەركەزلەشتۈرۈش

ناپولىيون خىل مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك شەكىلدە مۇناسىۋەتلىك بولغان پرىنسىپلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى» دەپ ئاتىغان. بۇرۇنقى كىشىلەر مۇشۇ سېھرىي ئاچقۇچنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ مەخپىي ئىشىكىنى ئاچقان. ھەمدە بۇرۇنقى بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە تالانتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئاچقۇچنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېتىلدۈرۈلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ مۇقىم ئادەت ۋە ئەمەلىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر نەرسىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ بولغۇچە، كۆڭلىڭىزنى ئاشۇ نەرسىگە يىغىپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز دىققىتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەسىلىگە ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغۇچە مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىز تاشلىۋېتىشنى ئىستەيدىغان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش ئىقتىدارىڭىز بىلەن يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كۈچ-قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەلتۆكۈس تىزگىنلەش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ئويلاش ئىقتىدارىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-تەپەككۇرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتكە توغرىلاش ئىقتىدارىنى، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىملىرىنى بىر ساغلام ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت پىلانى قىلىپ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىكىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى زىچ باغلانغان باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان ئاساسىي نەرسىنى تاماملىشىڭىز كېرەك. چوڭ پىلان (ambition) بىلەن ئىستەك ئوڭۇشلۇق مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئاساسىي ئامىلدۇر. بۇ ئامىللار بولمايدىكەن، سېھرىي ئاچقۇچمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بۇ ئاچقۇچتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چوڭ پىلانى يوق بولۇپ، ھاياتىدا بىرەر ئالاھىدە نەرسىنىمۇ ئىستىمەيدۇ.

سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلالايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىستەك قىلىپ تاللىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدىكەن، مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېھرىي ئاچقۇچ ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىم ۋە پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈچى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىنسانلار بەرپا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىستەك ئارقىلىق تەسەۋۋۇردا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش سېھرىي ئاچقۇچىدىن پايدىلىنىشتا، سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزدىكى گۇمانىي قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىڭىز كېرەك. ھازىرغىچە بۇ ئاچقۇچتىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنالىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسىدە بولغانلاردىن بىرسىمۇ يوق.


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق--بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم
http://bbs.izdinix.com/thread-60487-1-1.html

[2] Achtung! Germany named world's favorite country
<http://www.usatoday.com/story/ne ... -says/19221047/>

[3] The world’s favourite country named
<http://www.news.com.au/travel/tr ... 0-1227122927343>

[4] The Seven Personality Traits of a German
<http://schnitzelrepublic.blogspo ... -of-german.html>

[5] Oktoberfest
<http://en.wikipedia.org/wiki/Oktoberfest>

[6] Survey says: Europeans Are Creative
<http://www.bertelsmann.com/media ... tivity-engl.pdf>

[7] يالقۇن روزى: « بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟ »
http://www.alkuyi.com/m/show.php?hid=37181

[8] بىلىمخۇمار: « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى»
<https://uyghur-archive.com/misranim/thread-90186-1-1.html>

d01_berlin.jpg

1-رەسىم: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بېرلىننىڭ بىر كۆرۈنۈشى

d02_berlin_wall.jpg

2-رەسىم: 1989-يىلى 9-نويابىر كۈنى بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى


3-رەسىم: بۈگۈنكى بېرلىننىڭ بىر كۆرۈنۈشى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 04:01 AM  


alsoy705 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 09:59:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 10:19:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىپ تەپەككۇر قىساق ئۇيقىدىن ئويغۇنۇشقا يىتەكچى ماقالىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1888 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 10:30:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلىم-تەربىيە مائارىپنى گىرماندىن ،ياشاش ۋە سودىنى يەھۇدىدىن ،مېللەت ۋە مېللى ئىتىقادنى ياپوندىن ،ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئىنگىلىزلاردىن ،ئىش قىلىشنى روسلاردىن ئۆگەنگەن مېللەت ئالەمگە باش بولىدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:02:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېرمانلار ئىنتايىن قاتتىق ئىشلەيدۇ. ۋەزىپىنى ناھايىتى يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلايدۇ، ھەمدە ناھايىتى ئىجادچان. ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئىشلىتىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانلار ئىجات قىلغانلىرى ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 1762-1814-يىللىرى ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ فىختې (Johann Gottlieb Fichte) مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانلارنىڭ روھى بىر بۈركۈتكە ئوخشاش. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە مەخسۇس چېنىقتۇرغان قانىتىنى قېقىپ، ئۆزىنىڭ ئېغىر بەدىنىنى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە مەجبۇرى قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى چوڭقۇر تەپەككۇرلار ئارقىلىق ئۆزىگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان بىر قۇياشقا ئوخشاش مەنبەگە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت.»
————————————
يۇقارقى قۇرلاردىكى سۆزلەر گېرمانلارنىڭ بىر پۈتۈن ھالىتىنى ناھايىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بەرگەن .
‹... ناھايىتى قاتتىق ئىشلەيدۇ ... › ، مانا بۇ سۆزدىن ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش  تۈرىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق روھىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولۇدۇ . مەيلى ئادەتتىكى كىچىك ئىش بولسۇن ياكى موھىم بولغان ، يۇقۇرى سەۋيە تەلەپ قىلىدىغان چوڭ ئىش تۈرلىرى بولسۇن ئۇنۇڭغا قاتتىق مەسئۇليەتچانلىق روھى بويىچە مۇئامىلە ( شۇ ئىش تۈرىگە ) قىلىنىدىكەن ، ئۇ ئىشنىڭ نەتىجىلىك بولۇش نىسبىتى %90 تىن يۇقۇرى بولۇدۇ .
ئەمگەك دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ ، دىگەن بۇ بۈيۈك سۆزگە ئەمەل قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئەل ، بۈگۈنمۇ ، ئەتىمۇ ... يىراق كەلگۈسىدىمۇ بۇ دۇنيادىكى تېگىشلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەم تېخىمۇ تاكاماللاشتۇرۇپ ماڭىدۇ .
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر !

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1242 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:07:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېرمانلارنىڭ ماللىرى ئەزەلدىن ناچار چىقىپ قالمايدۇ ، ئامرىكىنىمۇ تېخنىكغا ئىگە قىپ قويغان مۇشۇ گىرمانلار شۇ . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6886
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1915 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:16:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش.. نىمىشقىكىن مەن  بىر سائەت كىتاپ ئوقۇساملا  مۈگدەك باسىدۇ ...  بەلكىم    كۈندىزى چارچاپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كىرەك  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:29:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغان ئادەمگە نەپ بېرىدىغان ياخشى ماقالىكەن،رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111194
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 164
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2014-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:30:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقلى ئىقتىدارلىق قولفۇنلارنىڭ كىرشى
كىتاپلىرمىزنىڭ بېسىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ
بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلامايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 616 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:44:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كىشىلەر يەھۇدىلارنى ئەڭ ئەقىللىق مىللەت دەپ ھېساپلايدۇ،چۈنكى يەھۇدىلارنىڭ ئىچىدىن چىققان مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ نىسبىتى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن.بۇ ھەقىقەتەنمۇ پاكىت،كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.لېكىن،بۇ ئەمىلىيەتتە بىر تەلەپلىمە قاراش ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى ،دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يەھۇدىلار ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەمەس،بەلكى ئازغىنا بىر قانچە دۆلەتتىكى يەھۇدىلارلا ئەشۇنداق مۇنەۋۋەر.دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە يەھۇدىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە سەھنە بولغان ئاساسلىق دۆلەت دەل گېرمانىيە.مەيلى ئىلىم-پەن ساھەسىدە بولسۇن،ئىقتىساد جەھەتتە بولسۇن ياكى پەلسەپە ۋە باشقا ئخجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە بولسۇن،باش كۆتۈرۈپ تونۇلغان يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيىدىن (ھېچ بولمىغاندا گېرمان مەدىنىيىتى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئوتتۇرا ياۋروپا ئەلىرىدىن) چىققان.باشقا دۆلەتلەردە بولسا،ئۇلار قەد كۆتۈرۈش ئەمەس،نورمالنى ياشاش شارائىتىغىمۇ ئېرىشەلمەي كەلگەن.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەھۇدىلارنىڭ مەركىزى ئاندىن ھازىرقى ئامېرىكىغا يۆتكەلدى.ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىمۇ يەنىلا گېرمانىيىدىن كۆچۈپ بارغان يەھۇدىلار ئەڭ ساپالىق.دىمەك يەھۇدىلارنى ئۇششاق تىجارەتچىدىن ئىنسانلارنىڭ تۆھپىكارىغا ئايلاندۇرغىنى گېرمان مەدەنىيىتى.
  ھازىرقى ياۋروپاغا قارايدىغان بولساق،پۈتكۈل ياۋروپا گېرمانىيەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى،يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخدا ناپالىئوندىن تارتىپ گىتلېرغىچە بولغان ھۆكۈمرانلار نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان «بىرلىك»نى،بۈگۈنكى گېرمانىيىلىكلەر بىر پاي ئوق چىقارمايلا ئەمەلگە ئاشۇردى.
  گەرچە روسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانلارنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار دۇنيادا گېرمانىيەنى ئەڭ ھۆرمەت قىلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى،بىرچىدىن روسىيەنى ئاجىز دۆلەتتىن قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىگە ئايلاندۇرغان ئايال پادىشاھى دەل گېرمانىيە پۇشتىدىن،ئىككىنچى سەۋەپ،ئۇرۇش مەزگىلىدە بەلكىم نېمىسلارنىڭ قانچىلىك مۇنەۋۋەر خەلىق ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن بولسا كېرەك،ئۈچىنچىدىن روسىيە بايلىق بېرىپ ياكى قورال كۈچى بىلەن تەھدىد سېلىپمۇ تۇتۇپ تۇرالمايۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى قەتئىيلىك بىلەن گېرمانىيىگە ئېغىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
  
  گېرمان مەدەنىيىتىدە ھەقىقەتەنمۇ چەكسىز سېھرى كۈچ مەۋجۇت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 11:52 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش