kudiratjan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 05:31 PM
پوقنى ئوتتۇردىن بۈلەلمەي خەخ بۆلسە ياراتماي قۇسۇر تې ...
توغرا دەيسىز ، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان كىشىلەرنى بىز كۆتۈرمىسەك كىم كۆتۈرۈپ قويار ھە . ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ئىنسان، ئىنسان بولغانىكەن خاتالىق ئۆتكۈزىشى مۇقەررەر . بىر ئىككى ئېغىز خاتا گېپىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى تىللاپ سۆكۈپ يىقىتىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنگە يا بىزنىڭ كاللىمىزغا مۈڭگۈز چىقىپ قالمايدۇ ياكى ئەلىنىڭ بىر نېنى كەملەپ قالمايدۇ. كىشىنىڭ كەينىدىن غەيۋىتىنى قىلىشنىڭ قانچىلىك قەبىھ قىلمىش ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان . ئۇنىڭ كەينىدىن تىللاپ يۈرگىچە ئالدىغا بېرىپ مۇئەللىم ماۋۇ گېپىڭىز توغرا بولمىدى دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلغان ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن .